يۇمۇرلار
بىر كۈنى بىر كالا بىلەن توخۇ ئۆز ئارا مۇنازىرلىشىپ قاپتۇدە ..
توخۇ؛بۇئېنسانلاربەكلا رەھىمسىزكەن ،ئۇلار ئۆزلىرى نەدىلار بولسا پىلانلىق تۇغۇت سىيا سىتىنى تەشۋېق قىلىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلپ يۈرىدۇ. لېكىن بىزنى بولسا بار ئاممالارنى ئىشلىتىپ مەجبۇر تۇغدۇرىدۇ.كالا؛ مەنچۇ؟ مەن باللىرىمغىمۇ دېگەندەك سۈت بىرەلمەيۋاتىمەن، لېكىن ئۇلار ھەر ئاماللىنى قىلىپ مېنىڭ سۈتۈمنى ئىچىدۇ
ا مۇشۋاققىچە بىرەسى مېنى ئانا دەپ باققىنى يوق......
************************************************
ئوقۇتقۇچى بىز ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ؛سىز ھازىر تاق سان بىلەن جۈپ ساننى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان بولدىڭىزمۇ؟؟
ئوقۇغۇچى؛ ھەئە.
ئوقۇتقۇچى؛ ئۇنداق بولسا بىر ئىشتان دېسەك ، بو تاق سانغا كىرەمدۇ ، جۈپ سانغىمۇ؟
ئوقۇغۇچى؛ بۇ ناھايىتى ئاسان گەپقۇ ، ئىشتاننىڭ ئۈستى تاق سان ، ئاستى جۈپ سان.
***************************************************
ئىككى ئادەم خوتۇندىن قۇرقمايدىغانلىق ھەققىدە پو ئېتىپ قاپتۇ. ئۇلار نىڭ بىرسى مۇنداق دەپتۇ؛
تۈنۈگۈن ئايالىم بىلەن سوقۇشۇپ قىلىپ ئۇنى كارىۋاتنىڭ يېنىدا بىشىنى ئېگىپ يەرگە تەگكۈدەك قىلۋەتتىم.
نېمە؟ ئۇ نېمىشقا بىشىنى ئېگىدۇ؟
چۈنكى، مەن كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قىچىپ كىرىۋالغانىدىم...
**************************************************
بىر ياش ئوۋچى قېرى ئوۋچىدىن ئېيىقنى قانداق ئوۋلاش ھەققىدە مەسلىھەت سۇراپتۇ.
قىرى ئوۋچى ياش ئوۋچىغا ؛ سەن تاغ ئۆڭكۈرنى تىپىپ، ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ باقىسەن ، ئەگەر ئۆڭكۈردىن گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ئاڭلانسا، ئۇ يەردە چۇقۇم ئېيىق بولىدۇ. سەن ئۆڭكۈر ئاغزىدا تۇرۇپ، تەييار بولۇپ تۇرساڭ ئېيىق ئۆزى چىقىدۇ،شۇ چاغدا ئېتۋالساڭلا بولىدۇ. دەپتۇ.
بىرنەچچە كۈندىن كىيىن قىرى ئوۋچى ياش ئوۋچىنىڭ دۇختۇرخانىدا باش كۆزى تىڭلىپ ياتقالىقىنى كۆرۈپ نېمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ.
مەن سىزدېگەندەك قىلغانىدىم. بىراق، مەن ئوق چىقىرىپ بولغۇچە ،ئۆڭكۈردىن ئېيىق ئەمەس، پويىز چىقىپ مېنى سوقۇۋەتتى،دەپتۇ ياش ئوۋچى.
**************************************************
نجى قېتىم مەكتەپكە مۇئەللىم بولۇپ كىرسەم يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن بالىلارغا مەسئۇل قىلىپ قويدى، دەم ئېلىش قوڭغىرىقى چېلىنغاندا سىرتقا چىقىپ ئويناپ كېلىسىلەر دەپ قويۇۋىتىپتىمەن، دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىنغاندا ئەللىك نەچچە بالامدىن ئاران ئون نەچچىسى قايتىپ كىرىپتۇ، ساقلىسام كىرمىدى، ۋاي بۇ بالىلار نەگە كەتكەندۇ ؟ دەپ ئەنسىرەپ سىرتقا چىقسام،بىر خىلدا مەكتەپتىكى تىرەك-سۆگەتلەرنىڭ سايىسىدا ئاغچايلام( مىھماندارچىلىق )ئويناپ كېتىپتۇ ،"سىنىپقا كىرىڭلار،ئارام ۋاقتى توشتى" دىسەم، " مۇئەللىم ،توختاپ تۇرۇڭ، تاماق پىشمىغان تېخى"دەيدۇ .
ئالداپ يۈرۈپ سىنىپقا ئەكىردىم، دەم ئېلىش قوڭغىرىقى چېلىنغاندا سىرتقا چىققىلى قويمىدىم، يەنە بالا ئىزدەيدىغان ئەخمەق بولمىسام مەن ھە...ھې ھې ھې.....بۇ خوشاللىقىم ئۇزۇنغا بارمىدى، بۇ لايقونچاقلار شەرت قويدى.." تالاغا چىققىلى قويمىسىڭىز ئەتە مەكتەپكە كەلمەيمىز" ...ئاران تەستە يالۋۇرۇپ ،يىغىسىنى توختىتىپ ئەكەلگەن بالىلار تۇرسا بۇ...خەپ!!!!"
**************************************************
بالىلارغا خەنزۇچە ئۆگەتمەكچى بولدۇم،
__ ماۋۇ بەك ئاسان خەت ، ئاغزى دىگەن گەپ، كوۋ دەپ ئوقۇيمىز، يېزىپ بېقىڭلارچۇ ؟
__ مۇئەللىم ،ئۇ خەتنىڭ چىشى يوقكەنغۇ؟ چىشىنى يېزىپ بېرىڭ،،،،
سىلەرچە مېنىڭ قولۇمدىن كېلەما ؟؟؟
*************************************************
مەۋلان ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ قېشىنىڭ ئۈستىگە يارا چىقىپ قاپتۇ ، ئۇنى كۆرۈپ سورىدىم:
___ مەۋلان، ئاۋۇ يەرگە نىمە بولدى؟
يېنىدىكى ئوماق شەۋكەت شۇھامان : " مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئوق تەگكەن" دېۋىدى. يېنىدا تۇرغان ئېھسان " دۈشمەنلەر ئېتىۋەتكەن ئۇنى " دەيدۇ.
شۇنچە تىرىشساقمۇ مۇنبەردە ئۇلاردەك تەسەۋۋۇر قىلالايدىغانلار يوق .ئىشىنەمسىز؟
*************************************************
2-يىللىققا خەنزۇتىلى بېرىشكە باشلىدىم، بۇ سىنىپتا رۈي رۈي ئىسىملىك بىر خەنزۇ قىزچاق ئوقۇيتتى،ئۇيغۇرچىسى خەنزۇچىسىدىن ياخشى، باشقىلار ئۇيغۇر瓦.دەپ ،بۇ خەتنى چۈشەندۈردۈم، ۋا پىيەن بولسا كاھىش دىگەن گەپ بولىدۇ، يەنە قانداق سۆز ياسىغىلى بولىدۇ؟ كىم دەپ باقىدۇ دىسەم، پەقەت شۇ رۈيرۈي قول كۆتۈرۈپتۇ.
__ ھە،رۈي رۈي، سەن دىگىنە .
__ كاۋا
__ كاۋا؟ نىمە گەپ بۇ ؟ خەنزۇچىدا بۇنداق گەپ يوقتۇ؟
__ ۋىيەي مۇئەللىم، يەيدىغان كاۋىچۇ؟
__ كاۋىنى نەن گۇا دەيمىز، قوشتىلدا ئوقۇپ سەنمۇ ئۇماچ بوپ كېتىپسەنغۇ ؟
ھازىرمۇ رۈي رۈي نىڭ "خۇدايىم توۋۋا، يۈزمىڭ توۋۋا، ھەي قاباقباش،مۇشۇنىمۇ بىلمەمسەن ؟ " دىگەن ئۇيغۇرچە گەپلىرىنى ئەسلەپ قالىمەن.+
*************************************************** l
بالىلارغا ئويۇن چۇقلىرىنى تۆكۈپ بېرىپ ،ئۇلارنى كۈزىتىشكە باشلىدىم:
___ ئابدۇسالام، كەچتە سېنى دادام ئەكەتسۇنمۇ ؟
ئابدۇسالام ئادىشىنىڭ سۇئالغا جاۋاپ بەرمەي ئۇيۇنچۇق تاپانچىدا ئۇنى ئېتىشقا باشلىدى.
___ چۇۋ چۇۋ چۇۋ
___ ئابدۇسالام، كەچتە سېنى مېنىڭ دادام ئەكەتسۇنمۇ؟
___ چۇۋ چۇۋ چۇۋ
___ ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن، كەچتە سېنى دادام ئەكەتسۇنمۇ؟
___ چۇۋ چۇۋ چۇۋ
___ ئاتمىغىنا ۋاي،ئېتىۋىرەمسەن؟؟
ھا ھا ھا.....ئابدۇسالامنىڭ ئادىشىنىڭ قانچىلىك جېلە بوپ كەتكىنى بىلمەيسىلەر ...ھا ھا ھا ھا [
*************************************************
بىر كۈنى مەكتەپتە ئېگىز باشنىلىق ئايىغىمنى كېيىپ كەلدىم. ئالدىنقى ئىككى سائەتتە باغچا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىللىرىم ئايىغىمنى كۆرگەن ئوخشايدۇ. 3-سائەتتە كىچىك بالىلارنىڭ ئۇششاق ھەرىكىتى جىق، پاكار پاشنىلىق ئاياغ كېيەي دەپ خىزمەتدىشىم بىلەن ئاياغ ئالماشتۇرۇپ دەرسكە كىردىم.دەرس ئارلىقىدا ئېرپان ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچۇم يېنىمغا كېلىپ دېدى :
____ مۇئەللىم،سىزنىڭ ئايىغىڭىز ئۆزگىرەلەمدۇ؟
____ ياق بالام ،ھېچكىمنىڭ ئايىغى ئۆزگىرەلمەيدۇ،
____ياق،ئالداۋاتىسىز، سىز ئەتىگەندە ئېگىز پاشنىسى بار ئاياغ كېيىۋالغان。
**************************************************
بىر ئەر بار ئىكەن.كۈندە قولىدىن گېزىت چۈشمەيدىكەن.بىر كۈنى خوتۇنى غودۇڭىشىپ:
-مەنمۇ گېزىت بولۇپ قالغان بولسام،كۈندە قولىڭىزدىن چۈشۈرمەي يۈرگەن بولسىڭىز،-دەپتىكەن .ئېرى دەرھال:
-مەنمۇ شۇنداق بولسىكەن دەيمەن،شۇنداق بولغان بولسا كۈندە ئالماشتۇرۇپ تۇرماسمىدىم...........
**************************************************
بىر پىخسىق يىگىت تۇنجى قېتىم قىز دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ ۋە ئىشىكتىن كىرىپلاشۇنداق دەپتۇ:-بۈگۈن مېنى نەس باستى.سىزگە سوۋغا قىلاي دەپ
يېڭى بېر سائەت سېتىۋالغانتىم،ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى ئاپتۇبۇستا ئوغرى ئېلىۋالدى.
-بۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىيات قىلىڭ،-دەپتۇ قىز ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا،
_كېلەر قېتىم كەلسەم، دەپتۇ يىگىت دەرھاللا،-ھېچ نەرسە ئالماي كېلىمەن،ئوغىرى نېمىنى ئوغۇرلايدىكىن قېنى......
**************************************************
بېر يىگىتنىڭ قىز تونۇشى كۆرەڭلىگەن ھالدا كېچە كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ:
-ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىكەن،سىز مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ ،ماڭا مۇھەببەت تەلىوى قۇيۇپسىز،-دەپتۇ،
-ئۇ چاغدا مەسمىكەنمەن؟
-قاندا دەيسىز؟
-مان شۇ چاغدا مەس بولمىسام،ئالي مەكتەپتە باشقا قىز چىقمىغاندەك ، سىزگە تەلەپ قويۇپ يۈرمەستىم.
**************************************************
مەنبەسى :ساقلانما
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلچۈشى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-28 06:01 PM