ناتونۇش قىزدىن كەلگەن ئۇچۇر
(خەنجىرى)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 O) I+ e( U. ?$ b& a, s: b
بىرىنچى باب
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& Y; h) G: @! @- [4 j j8 U
كىچىكىمدىن تارتىپ نامراتلىقتا چوڭ بولغان ئىدىم.باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىزا چىققاندا،ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە ‹‹نامراتلىقتىن››ئىبارەت بۇ داۋاسى بار كىسەل بىلەن خوشلىشىپ ياخشى كۈنلەرگە ئىرىشكەنىدۇق.ئۇ چاغلاردا ئەھۋالىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشىلانغان بولغاچقا، ئۆيدىكىلەرگە قاچان پۇل دىسەك شۇ چاغدا بىرەتتى.ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ بىر كىچىك دۇكىنىمىز بار بولۇپ، كۈندە دىگۈدەك سودا بولۇپ تۇراتتى.گاھىدا پۇل لازىم بوپ قېلىپ ئۆيىدىكىلىرىمىزگە دىيەلمەي قالساق ئۇلارغا ئۇقتۇرماي ئانچە-مۇنچە غەللىدىن‹‹قايرىيتۇق››. دۇكاننىڭ سودىسى ياخشى بولغان كۈنلىرى ‹‹قايرىساق›› ئانچە بىلىنىپمۇ كەتمەيتتى. بولمىسا غەللە ئاز-تولا كام چىقىپ قېلىپ، ئۆيدىكىلەردىن تىل-دەشنام ئاڭلايتتۇق . ئۆيدىكىلەرنىڭ بىزنىڭ پۇل ئېلىشىمىزغا ئاچچىقى كەلمەيتتى،ئەمما شۇ سەۋەبلىك يامان كىرىپ قېلىشىمىزدىن ئەنسرەيتتى. دۇكاندىن پۇل ئېلىشىمىزغا ئامراق بولغىنىمىز بىلەن دۇكانغا قاراشقۇمىز كەلمەيتتى.بىچارە ئاتا-ئانىمىز ئامالسىز دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۆزلىرى قارىشاتتى.دۇكان بولسا بىزنىڭ سېغىن كالىمىزغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.مەن بەزىدە ئاتا-ئانامدىن پۇل سورىسام- ئۇلار ساۋاقداشلىرىڭ ئالدىدا بويۇن قسىپ قالما،دەپ كۆپرەك پۇل بىرەتتى.مەن ئۆيدىكىلەر بەرگەن شۇ پۇللارنىڭ بىر قىسىىملىرىنى خەجلەپ، يەنە بىر قىسمىغا كىتاب ئېلىپ ئوقۇيتۇم. چۈنكى مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىپ قالغان بولۇپ،ھازىرغىچە بىر قىسىم كىتابلارنى ئوقۇپ چىقىپ خاتىرە قالدۇرغان ئىدىم.مىنىڭ ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ئەلگە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىش، جۈملىدىن ئەلگە تونۇلغان داڭلىق يازغۇچى بولۇش نىيتىم بولغاچقا،مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنەتتتىم. بولۇپمۇ ئەدەبىيات دەرسىنى باشقا دەرسلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنەتتىم،تاپشۇرۇقنى شۇنداق ئەستايىدىل ئىشلەيتتىم.دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بىر نەرسىلەرنى يېزىپ مۇئەللىملەرگە تۈزەتكۈزگەندىن كىيىن گېزىت- ژۇرناللارغا ئەۋەتەتتىم.تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈشكە بىر ئاي ۋاقىت قالغاندا بىر پارچە ئەسرىم ژۇرنالدا ئىلان قىلىنىپ شۇنداق خۇش بوپكەتكەن ئىدىم.ساۋاقداشلىرىممۇ تەبرىكلەشكەن ئىدى.شۇ ژۇرنالنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىكىلەرگە ھەم باشقىلارغا كۆرسەتكەنلىرىم غۇۋا ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا پۇرسەت بولمىدى. چۈنكى ئۇ چاغلاردا مەن كىتاب،گېزىت-ژۇرناللارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئوقۇغاچقا كۆزۈم سەل ئاجىزلاپ قالغان ئىدى.ئۆيدىكىلەر بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن سالامەتلىكىمدىن ئەنسىرەپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشۇمغا يول قويمىدى.شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم.گەرچە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا مۇمكىن بولماي كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولغان بولسىمۇ،لىكىن ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىم سۇسلاپ قالمىدى.ئۆي ئىشلىرىدىن بىكار بولغان ۋاقىتلىرىمدا ئۆيدىكىلەردىن يوشۇرۇن كىتاب ئوقۇيتۇم، بىر نەرسىلەرنى يېزىپ مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتەتتىم.ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشكەچ ئىككى- ئۈچ يىلىنى ئەنە شۇنداق ئۆتكۈزدۈم.بۇ جەرياندا ئوقۇش ئىستىكىم قايتىدىن يالقۇنجاشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانامغا يالۋۇرۇشقا باشلىدىم.كىيىن ئۆيدىكىلەر مىنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي قىلىۋاتقان نالىلىرىمگە چىداپ تۇرالماي ئاخىرى بىر كەسپىي مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى.مەن ئۇ يەردە ھەرخىل كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە ئۈچ يىل تەربىيلىنىپ قايتىپ كەلدىم. مانا ئەمدى يېشىممۇ بىر يەرگە بارغان ئىدى.ئەمدىلىكتە بولسا ئۆيدىكىلەرنىڭ بېشىغا باش تارتىپ بولمايدىغان قىيامەتلىك قەرز- چوڭ بولغاندا ئوغۇلنى ئۆيلەش، قىزنى ياتلىق قىلىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بىر ئىشنىڭ غېمى چۈشكەن ئىدى. ئاتا-ئانام مىنى ئۆيلەش ئۈچۈن يىراق- يېقىنغا قاتراشقا باشلىدى. شۇ كۈنلەردە مەن تورخانىغا ئۆگىنىۋالدىم.ئەمما بۇنى ئاتا-ئانام ئۇقمايتتى بىچارە ئاتا-ئانام ياخشىراق يەردىن لايىق تاپالماي يەنە باشقا يەردىن لايىق ئۇقۇشاتتى.ئارلىقنى يىراق كۆرمەي ئۆزلىرى باراتتى.،باشقىلاردىن ئۇقۇشاتتى. بەزى يەرلەر بىزگە ماس كەلمىسە، يەنە بەزى يەرگە بىز ئېسىلىپ قالاتتۇق.بۇنداق ئەھۋال بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كىيىن مەن ئاتا-ئانامغا ھازىرچە ئۆيلەنمەسلىكىمنى، كىيىنچە ياخشىراق يەردىن لايىق چىقسا ئاندىن ئۆيلىنىشىمنى ئېيتتىم. ئۇلار بولسا ئامالسىز رازىلىق بەردى.ئۇلار مىنىڭ بالدۇرراق ئۆيلىنىپ بالىلىق بولۇپ، جەمەتىمىزمنىڭ نەسەبنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئويلايتتى. ئاكام توي قىلغىلى توققۇز يىل بولغان بولسىمۇ ئايالى تۇغمىغان بولغاچقا ئۆيدىكىلەر ئۈمىدىنى ماڭا باغلىغان ئىدى.ئۇلار ئاغزىدا ‹‹ماقۇل›› دىگەن بىلەن زادى قاچانغىچە ‹‹ ماقۇل›› دىيىشىنى بىلگىلى بولمايتتى.كۈنلەرنىڭ كۈنلەرنى، ئايلارنىڭ ئايلارنى تىز سۈرئەتتە سۈرئەتتە قوغلاپ ئۆتۈشى بىلەن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ياخشى بىر يەردىن لايىق چىقىپ قېلىپ ئوتتۇرىغا ئەلچى قويۇپ سۆزلىشىش ۋە كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئاخىرى تويۇمنى قىلىۋالدىم.بىر كۈنى ئىچىم پۇشۇپ تورخانىغا كىردىم.ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندە تېلىفۇنۇم جىرىڭشىدى.قارىسام بۇ تېلىفۇننى ئاچام ئالغان بولۇپ، مىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىمنى سورىدى.مەن ئۆزۈمنىڭ تورخانىدا ئىكەنلىكىمنى،ھىلىراقتا ئۆيگە كىرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ تېلىفۇننى قويۇۋەتتىم.يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندە سىڭلىممۇ تېلىفۇن قىلىپ ئۆيگە كىرىشىمنى ئېيتتى.مەن شۇ زامات ئۆيگە كىرىپ تاماق يىيىشكە باشلىدىم.تۇيۇقسىز مەن تونۇمايدىغان بىر نومۇردىن ئۇچۇر كەلدى:
-كىم؟
ئۇنىڭ ‹‹ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم›› دەپ بولسىمۇ سالاملاشمايلا-‹‹كىم››دەپ سورىشى دىلىمغا تەگدى بولغاي، جاۋاب قايتۇرماي تامىقىمنى يەۋەردىم.خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇنىڭدىن يەنە بايىقىدەك ئۇچۇر كەلدى:
- كىم؟
ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ھار كىلىپ ئۇچۇر قايتۇردۇم:
- سىز سەل ئەدەبسىزمۇ نىمە، ياكى ئىش ئۇقمامسىز ۋە ياكى مەكتەپتە ئوقۇمىغانمۇ؟ ‹‹ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم›› دەپ بولسىمۇ سالام قىلماي-‹‹كىم؟›› دەپ سورايسىزغۇ؟ شۇنچىلىك ئەقەللىي قائىدىنىمۇ بىلمەمسىز؟ ئۆيدىكىلەر ياكى چوڭلار ئىش ئۆگەتمىگەنمۇ؟
بىر ھازا ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇچۇر كەلدى:
- كەچۈرۈڭ،مەن خاتا قىپتىمەن،دىگىنىڭىز توغرا، ئەپۇ قىلىڭ!
- ھېچقىسى يوق، دەپ جاۋاب قايتۇردۇم ئۇنىڭغا
- ئىسمىڭىز نىمە، قەيەردىن بولىسىز،بىلسەم بولامدۇ؟
- ئىسمىم ئەركىن...ۋىلايىتىنىڭ...ناھىيسىدىن بولىمەن،سىزچۇ؟
- ئىسمىم خانقىز.مەنمۇ ...ۋىلايىتىنىڭ ...ناھىيسىدىن بولىمەن. ھەراست نىمە ئىش قىلىسىز؟
-بىكار، سىزچۇ؟
مەن ناھىيىلىك بىكەتتە ئىشلەيمەن، دەپ ئۇچۇر كەلدى قىزدىن.
ماڭا بۇ نومۇرنى ئاكام تېخى يېقىندىلا بىجىرىپ بەرگەن بولۇپ، باشقىلار ئانچە ئۇقۇپ كەتمىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ سورىدىم:
-سىزدىن بىر گەپنى سوراپ باقاي، بۇ نومۇرنى يېقىندىلا ئاكام بىجىرىپ ماڭا بەرگەن ئىدى.باشقىلار تېخى تۈزۈك ئۇقۇپ كەتمەيتتى.سىز ئەجەبا...؟
- سىزنىڭ بۇ نومۇرىڭىز خىيالىمغا كىلىپ قاپتىكەن، ئۇقمايلا ئۇچۇر يوللاپ ساپتىمەن، كەچۈرۈڭ!
شۇ چاغدا ئايالىم ئۇشتۇمتۇت چاقىرىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ھازىر جىددىي ئىشىم چىقىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇچۇر يوللىۋىتپ تېلىفۇننى ئەتتىم.ئەتىسى ئەتتىگەندە بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشكىلى باردىم. قايتىپ كەلسەم ئۆيدىكىلەر...ناھيىسدە ئىشلەيدىغان ئىش ئۇقۇشۇپ قويغانلىقىنى، يەنە ئىككى كۈن ئىچىدە ماڭىدىغانلىقىمنى ئېيتتى.مەن تەييارلىقىنى جىددىي قىلىشقا باشلىدىم.ئۈچىنچى كۈنى ئەتتىگەندە ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن يۈك-تاقلىرىمنى ئېلىپ ئىشلەيدىغان ئورۇنغا.... ناھىيىسىگە ماڭدىم،ئەمدى كۈنلىرىم شۇ يەردە ئۆتۈشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ئۆيدىكىلەر بىلەن، جۈملىدىن ‹‹چىشى يولۋاس›› بىلەن تېلىفۇن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇردۇم.بىر كۈنى ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ قالدىم. تۇيۇقسىز ھېلىقى قىز ئىسىمگە كىلىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىدىم:
-ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز؟
قىزدىن خېلى ئۇزۇندا ئۇچۇر كەلدى:
- ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام، مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن،سىزچۇ؟ مەن ھازىر بىكەتتە ئىشلەۋاتىمەن.سىز نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
- مەنمۇ بىر يەردە ئىشلەۋاتىمەن.بەك ئالدىراش بولمىسىڭىز بىر دەم پاراڭلاشساق؟
- كەچۈرۈڭ، ھازىر ئىشىم سەل ئالدىراش ئىدى، خاپا بولمىسىڭىز كىيىنچە كۆرۈشسەك، دەپ ئۇچۇر كەلدى قىزدىن
مەن ماقۇل بولۇپ كىيىنچە ئۇچۇر ئارقىلىق كۆرۈشۈشنى ئېيتتىم.مانا شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بىز كۈندە ئۆز-ئارا ئۇچۇر يوللىشىپ تۇرۇشتۇق.بەزىدە ئانچە- مۇنچە چاقچاق تەرىقىسىدە:‹‹ساراڭ، دۆت››دەپ تىللىشاتتۇق.‹‹تاماق يىدىڭىزمۇ، نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟›› دەپ بىكار تۇرماي سورىشاتتۇق.ھەتتا بەزى كۈنلىرى كىچە سائەت بىر ئىككىلەرگىچە ئۇچۇر يېزىشقان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولغان ئىدى.كىيىن ئوتتۇرىمىزدا ياش پەرقى ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىپ،مەن ياشتا چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا-‹‹ئاكا››، ئۇ ياشتا كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ماڭا-‹‹سىڭىل ›› بولدى.بىزنىڭ ئۇچۇر ئارقىلىق پاراڭلىشىشىمز مەلۇم ۋاقىت داۋاملاشقاندا مەن ئۇنىڭ بىلەن تېلىفۇندا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم.ئۇ ماڭا باشقا كۈنى تېلىفۇن ئارقىلىق كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولدى. بىركۈنى ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ كۆرۈشتۈم. قىزنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق ھەم نازۇك ئىدى.كىيىن ئۇنىڭغا پات-پات تېلىفۇن قىلىپ تۇردۇم. ئەمما بۇ ئىشنى ئۆيدىكىلەرگە، بولۇپمۇ ‹‹چىشى يولۋاس››قا ئۇقتۇرمايتتىم. ھەش-پەش دىگۈچە قىز بىلەن كۆرۈشۈۋاتقىنىمغا يېرىم يىل بوپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئايالىمنىڭ بارلىقىنى دىگەن بولۇپ، شۇنداقتىمۇ يەنە داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرىشىمىزنى ئېيتتىم، ئۇمۇ ماقۇل بولدى. ئۇنىڭ مەندەك بىر ئايالى بار ئادەم بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا ماقۇل بولۇشى مىنى ئەجەپلەندۈردى.چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئەرگە تەگمىگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ قىز مەن بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ ئۇچۇر يوللىدى. مەن ھازىرچە كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىمنى، كىيىنچە پۇرسەت بولسا چوقۇم كۆرۈشىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۇچۇر يوللىدىم. ئارىلىقتا يەنە ئىككى ئاي ئۆتكەندە مەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. تەلەيلىك بولسام كىرەك، مەن ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ھېچقانچە ئۆتمەيلا بىر ئىدارىگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ شۇ يەردە ئىشلەشكە باشلىدىم. بۇ يەردىكى كۈنلىرىم بىر خىل ئۆتۈشكە باشلىدى.ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئىلگىرىكىگە قارىغاندا قويۇقلاشتى. چۈنكى ئۇ چاغلاردا ئۆيدىكىلەر بىلەن ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن ئازارلىشىپ قالغان ئىدىم. مەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ ئۈچ ئاي ئۆتكەندە ئۇ قىز مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ تېلىفۇن قىلدى. مەن پات ئارىدا بېرىشىم مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ قىز بىلەن خوشلاشتىم، ھەمدە ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق قىز بىلەن كۆرۈشۈشنى قارار قىلىپ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم.
(داۋامى بار)
ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت)دىنبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' U( n$ H5 Q$ {+ O
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-30 01:35 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# K/ Q9 Q& Y2 G1 |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 K2 `5 s# E5 R% z! ^