مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1295|ئىنكاس: 8

ئائىلەمدىكىلەردىن كەلگەن خەت ۋە جاۋاب خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63570
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 09:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئائىلەمدىكىلەردىن كەلگەن خەت ۋە جاۋاب خەت

(يېڭى ئەسكەر ۋاقتىمدىكى ئەسلىمە)

ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن، ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس مۇنۇ بىر پارچە خەت بىلەن جاۋاب خېتىمنى تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇندۇم.

   ئوغلۇم، ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ئەھۋالىڭ قانداقراق؟ قىسىم تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالدىڭمۇ؟ بىزنى سورىساڭ، بىز ناھايىتى ياخشى. شۇ سېنى سېغىنغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياخشى تۇرۇۋاتىمىز. سەن قىسىمغا كەتكەندىن كېيىن، پۈتكۈل ئۈرۈمچى خەلقى ناھايىتى خۇشال بولغاندەك بولدى. بولۇپمۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەر. چۈنكى سەن كەتكەن بېرى، مەھەللە ئىچى ناھايىتىمۇ جىمجىت بولۇپ قالدى. دەرىزىلەرمۇ چېقىلمايدىغان بولۇپ كەتتى، (مەن پۇتبولغا ئامراق بولغاچقا، دەزىلەرنى تولىراق چېقىۋېتەتتىم) گىتارنىڭ ئاۋازلىرى، سەت يېقىمسىز ناخشىلار، ھەممىسى يوقاپ كەتتى. (شۇ چاغدا، مەھەللىدىكى ئاغىنىلەر بىلەن يېغىلىشىپ، گىتار چېلىپ، ناخشا ئېيتاتتۇق) بەكرەك، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىڭ بەك خوش بولۇپ كەتتى (ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆگىنىش نەتىجەم سىنىپ بويىچە ئەڭ كەينىدە بولغاندىن سىرت ، مۇئەللىملەرنى شۇنداق قاقشىتاتتىم، مۇئەللىملەر مېنى ‹بالا-قازا› دەيتتى) يەنە بىر خوش خەۋەر، سەن قىسىمغا كەتكەندىن كېيىن، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتتىن كادىرلار بىزنى ھەربىي ئائىلىسى دەپ يوقلىدى. بىزمۇ سەندەك ياراملىق ھەربىي بالىمىز بولغىنىدىن خوش بولدۇق. ئاكاڭ مۇئەللىم بولدى، سەن بولساڭ ھەربىي بولدۇڭ، بىز بەكلا خۇشال . بىز تېخى سەندىن بەكرەك ئەنسىرىگەن ئىدۇق، ئەمدى سېنىڭ غىمىڭدىنمۇ قۇتۇلدۇق. ياخشى ئىشلە! ئۈمىدىمىز سەندە قالدى. كوماندىرىڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا! ھەربىي تۈزۈمىگە رىئايە قىل! ھەرگىز بوشاڭلىق قىلما! ئەسلىدە توي قىل دېسەك، مەن كىچىك، توي قىلسام، ئايالىمنى قانداق باقىمەن، ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقىمەن، ئۇ قىز بىلەن ئېپىم تازا كېلىشمەيدۇ دەپ قىسىمغا ماڭغان ئىدىڭ، ئەمدى خوپ بولدىمۇ؟ تويە تازا قىسىمغا! توي قىلساڭ، ئۆيمۇ تەييار ئىدى، قېيىنئاتاڭ بىلەن تەڭ تىجارەت قىلاتتىڭ. لېكىن سەن ئۇنىمىدىڭ! (چۈنكى مەن تىجارەتكە قىزىقمايتتىم، يەنە كېلىپ، ئۇلارنىڭ قىزىنى ئېلىڭ! تىجارىتىنى قىلىڭ! تىجارەت ياخشى بولسىغۇ مەيلى، ياخشى بولمىسا ئالە شەرىڭنى، خوتۇننىڭ قولىغا قاراپ، قېيىنئاتامدىن تىل-دەشنام يەپ ئولتۇرامدىم، خۇدايىم ساقلىسۇن قېرىنداشلىرىم) ئۆزۈڭنى مەن ئوغۇلبالا، جاپا تارتساممۇ مەيلى، ئىشقىلىپ ھەربىي بولىمەن دېدىڭ، شۇنداق قىلىپ سېنى قىسىمغا ماڭدۇردۇق، ھازىر سەن قانداقراق؟ تاماقتىن قېيىنلاندىڭمۇ؟ ئۇ يەردە موما يەپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ دەيدۇ، بىر كۈندە قانچە موما يەيسەن. كوماندىرىڭ ئەدىپىڭنى بەرگەندۇ سەن ياغاچ قۇلاقنىڭ (ئەمەلىيەتتە، مەن كوماندىر بىلەن ياخشى ئەل-ئاغىنە بولۇپ بولغان) قىسىمدا ياخشى ئىشلە! ئادەم بولۇشنى ئۆگەن ، دائىم كىيىملىرىڭنى بىزلەر يۇيۇپ بېرەتتۇق، سېنى بەك ئەركە چوڭ قىلغان، ئەمدى كىيىملىرىڭنى ئۆزۈڭ يۇيۇۋاتقانسەن؟ ناۋادا يويالمىساڭ، پوچتىغا سېلىپ قوي، بىز يۇيۇپ بېرىمىز ( ۋاي ئاللاھ، ماۋۇ سېسىق گەپنى). ئىشقىلىپ، سەن بىزنىڭ ئۈمىد چېرىقىمىز! ئۈمىدىمىزنى يەردە قويمىغىن، قەتئىي قىسىمدىن قاچىدىغان ئىشنى قىلما! بولمىسا سېنىڭدەك قاچاق ئەسكەر ئوغلىمىز يوق! ياخشى ئادەم بول، ئائىلىنىڭ ۋە بىزنىڭ قەدرىمىزگە يەت.

دەپ: ئۆيدىكىلىرىڭ.

ئۆيدىكىلەرگە جاۋاب خەت

   ئاپا، دادا، بارلىق ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلار، ھەممىڭلار ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟ ئەھۋالىمنى سورىساڭلار، مەن ئىنتايىن ياخشى، پەقەتلا ئۆينى ۋە سىلەرنى سېغىندىم، ھە راست ! ئالدىنقى قېتىمدا يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم ۋە شۇنداق بىئارام بولۇپ كەتتىم، راست گەپنى دېسەم، مەن بەك شوخ ھەم قۇلاق كەستى ئىكەنمەن، گىپىڭلارنى ئاڭلىماپتىمەن، راستنى دېسەم، غىتنى چىڭ قىسىپ ياخشى ئوقۇسامچۇ دەپمۇ قالدىم، بۇ يەردە ئادەم لاتا قوزۇقنىمۇ يەرگە قاقىدىكەن. بېشىدا شۇنداق قېيىنلىنىپ كەتتىم، ھازىر بولسا سەل كۆنۈپ قالدىم، ئىنسان بالىسى ھەممە ئىشقا كۆنىدىكەن. بورۇن يوتقان يېغىشقىمۇ شۇنچە ھۇرۇنلۇق قىلاتتىم. ھازىر قاتۇرۇپ يىغىدىغان بولۇپ كەتتىم، بەش-ئالتە قېتىم يوتقىنىمنى ھاجەتخانىغا، ئەخلەتخانىغا چۆرىۋەتكەنىدى، بىراق، ھازىر رۇتا بويىچە 1-ئورۇندىكى يوتقان بولدى. ئىشقىلىپ ناھايىتىمۇ ياخشى تۈزۈلۈپ كەتتىم. يۈگۈرەلمىسەم، 4500 ماركىلىق ماشىنا ماڭا ناھايىتىمۇ ياخشى مۇئەللىم بولدى. (شۇ چاغلاردا، يۈگۈرەلمەي، ئەڭ كەينىدە كەلگەن بىچارىلەرنى بېلىنى تانىغا باغلىتىپ شۇ ماشىنىغا سۆرىتەتتى، بىراق ئاستا سۆرەيتتى، لېكىن كۆزىمىزدىن يۇلتۇزلار چاقنايتتى) ھەربىي مەشىقتە، قارنىڭ ئۈستىدە دومىلاتتى ھەم ئۆمەللەتتى. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ سىمايىڭلار كۆز ئالدىمغا كېلىپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى. سىلەرنى بەك سېغىندىم ھەم قەدرىڭلارغا يەتتىم. ھە راست ! مەن كەتكەندىن كېيىن، پۈتۈن ئۈرۈمچى خەلقى خوش بولغان بولسا، ئۇلۇغ رەببىم ئاللاھقا، ھەمدۇ سانا ئېيتسۇن. مۇئەللىملەرنىڭ ئاغزى قولىقىغا يەتكەن بولسا، ئۇلارمۇ شۈكرى ئېيتسۇن. ئىشقىلىپ، ھامان كېتىمەن بۇ يەردىن. مەن بۇ يەردە شۇنى چۈشۈنۈپ يەتتىم، ئوغۇلبالا ھەممە ئىشتا چىدايدىكەن. ئوغۇلبالىنىڭ بېشىغا ھەممە ئىش كېلىدىكەن. ھېلىقى ئۈچ پەدە دېگەن ناخشىدىكى «دەرد -ئەلەملەر كىلەدۇ ئوغۇل بالىلارنىڭ باشىگە، سايدا تۈگمەن چۆرگۈلەر كۆزدىن ئاققان يېشىغا » دېگىنىنى ئەمدى چۈشەندىم. راستتىنلا ئوغۇلبالا شۇنداق چىداملىق كېلىدىكەن. بەلنى باغلىسا، دۇنيانى يورىتالايدىكەن. مەن ئەمدى بۇرۇنقى رىشاتجان ئەمەس. ھازىر مەن چىداملىق بىر خەلق ئەسكىرى، ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقىي ئەركىكى بولۇش سالاھىيەتكە ئىگە ئەركەك بولدۇم. قايتىپ كەتسەم، ئۆز ئالدىمغا بىرەر ئىش قىلىمەن. خوتۇن ئالىمەن، بالىلىق بولىمەن، بالىلىق بولۇپ، بىر ئۆينىڭ يىقىلماس تۆۋرۈكى بولىمەن، پەرزەنتىمگە ياخشى دادا بولىمەن. بىراق ھەرگىز ئەسكەر قىلمايمەن، ( ھا ھا .. بۇ يەرنى ئۆزۈمچە قوشۇپ قويدۇم. ئوغلۇم بولسا، چوقۇم ئەسكەر قىلىمەن.)  ئاتا بوۋامنىڭ روھى خوش بولغۇدەك ئەۋلاد بولىمەن، ئۆز نېنىمنى ئۆزۈم تېپىپ يېگۈدەك ئادەم بولىمەن. ئىشقىلىپ سىلەرگە جاپا سالمايمەن، ئەكسىچە، سىلەرگە ۋاپادارلىق يەتكۈزىمەن. سىلەرنى سېغىنىپ. ئوغلۇڭلار: رىشاتتىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghostuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-27 09:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 04:49:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرمۇ ھەربىي ئائىلىسى دەپ يوقلايدىغان ئىش باما ؟؟ھەجەپ غەلىتىىلك ھېس قىلۋاتىمەن دىسە

خىيالچان مەلىكە!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90969
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 804
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-2-1
ئاخىرقى: 2014-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 05:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھەربى بولماق بەك تەس جۇمۇ ،مىنىڭ نەۋرە ئىنىم بولىدىغان ئۇنىمۇ ھەربىلىككە ماڭغۇزغان ئىدۇق ،لېكىن ئەپسۇس بىر يىل بولغاندىلا چىدىماي يېنىپ كەلدى ،ئۇنىڭ دىگەن بەزى گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاتا  ـ ئانا بولغۇچىنىڭ سىرىلىپلا كەتتى .

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزەڭگە ئۆمۈر تىلە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63570
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 05:20:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alenur يوللىغان ۋاقتى  2013-8-28 04:49 PM
ھازىرمۇ ھەربىي ئائىلىسى دەپ يوقلايدىغان ئىش باما ؟؟ھە ...

شۇ چاغدا بىر قېتىم يوقلىغىلى كىرگەن. ھازىرمۇ يوقلىغىلى كىرىدۇ. مىنىڭ ئىنىمنىمۇ ئەسكەرگە ماڭدۇرۇپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن مەھەللە كومىتېتىدىكى كادىرلار يوقلاپ كىرگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63570
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 05:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلچۈشى يوللىغان ۋاقتى  2013-8-28 05:17 PM
ھەي ھەربى بولماق بەك تەس جۇمۇ ،مىنىڭ نەۋرە ئىنىم بولىد ...

ھەربىي بولماق تەسمۇ ئەمەس، شۇ چىدامچانلىققا باغلىق، ھەربىيلىك بەزى ئادەمنىڭ مىزاجىغا ياقىدۇ، بەزى ئادەمگە ياقمايدۇ، نەۋرە ئىنىڭىزنىڭ بەلكىم ھاۋا-شارائىتىغا كۈنەلمىگەن بولسا كىرەك، ھىچقىسى يوق، ھەربىي بولمىسا، ئانداق بولىدۇ دېگەن گەپ يوق، دىمەك بىر كۆرۈپ كەپتۇ، بىلىپتۇ، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. بىرلا بالا ئوخشايدۇ قارىغاندا ئۇ.  بالىنى چىدىسۇن دەپ زورلىسىمۇ بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى شۇ جاپانىڭ تەمىنى بىر تېتىپ باققانغا يەتمەيدۇ. ئىنىڭىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن ئىنشا ئاللاھ.

خىيالچان مەلىكە!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90969
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 804
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-2-1
ئاخىرقى: 2014-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 06:04:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ghostuy يوللىغان ۋاقتى  2013-8-28 05:37 PM
ھەربىي بولماق تەسمۇ ئەمەس، شۇ چىدامچانلىققا باغلىق،  ...

بىر بالىغۇ ئەمەس لېكىن بىر ئوغۇل دەڭا ،كىچىكىدىن تاترىپ ئەرتىۋالاپ چوڭ قىلغان ،ھەربىلىككە مېڭىشتىن بۇرۇن ئېخىراق ئىشقىمۇ سېلىپ باقمىغان ئىدى ،شۇڭا چىدىمىغان ئوخشايدۇ ..رەھمەت سىزگە ،دىگىنىڭىز كەلسۇن!

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزەڭگە ئۆمۈر تىلە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 06:30:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7487
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 12:59:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەر=ئەسكى  ئەر

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 ھا ھا ماۋۇ گەپنى قارا

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63570
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 12:48:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amanturk يوللىغان ۋاقتى  2013-8-31 12:59 PM
ئەسكەر=ئەسكى  ئەر

راسىت دېدىڭىز. ئەسكەر ئەمەس (ئەسكى ئەر)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش