مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3407|ئىنكاس: 18

30-يىللار چوڭ داۋالغۇش مەزگىلىدىكى مەكىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74477
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3139
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 01:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   1932-يىلنىڭ ئاخىرى،1933-يىلنىڭ باشلىرىدا پارتىلغان تۇرپان قوزغىلىنىڭ بىۋاستە تەسىرى بىلەن، كۇچادا تۆمۈر ئېلى (تۆمۈر سىجاڭ) باشچىلىقىدا بارلىققا كەلگەن قوراللىق كۈچلەر ناھايىتى تىزلا جەنۇبى شىنجاڭغا يۈزلىنىپ، كۇچا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،قەشقەرگە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان قەشقەر ئامبىلى مادوتەي ھەربى قوماندان ياڭ تۇئەنجاڭ (ياڭ چىڭمىن) نىڭ باشچىلىقىدا بىر بۆلەك ئەسكەرنى مارالبېشى تۇمشۇققا تۆمۈر سىجاڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇشقا ئەۋەتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا بىر ئايدىن كۆپرەك ئۇرۇش بولغاندىن كېيىن، ياڭ تۇئەنجاڭ قىسىملىرى بەرداشلىق بىرەلمەي، ئاۋۋال مارالبېشىغا ،كېيىن مارالبېشىنىڭ غەربى جەنۇبى بىلەن يەكەن دەرياسىنى بويلاپ قەشقەرگە چېكىنىشكە باشلايدۇ.
  ئەينى ۋاقىتتا، مەكىتتە <قۇمۇل-تۇرپانلاردىن غۇجاملار ئىسلام ئاچقىلى كېلىۋېتىپتۇ> دېگەن خەۋەر كەڭ تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ، خەلق نوپۇزلۇق يۇرت چوڭلىرىدىن تۆرىخان غۇجام باشچىلىغىدا قوزغىلىپ،  ئاۋال ناھىيە بازىرىدىكى گۆرۈكەش خەنزۇلارنىڭ گۆرۈخانلىرىنى بۇلاپ، داڭزىلىرىنى (ئالدى-بەردىسىنى تىزىملايدىغان دەپتىرى) نى كۆيدۈرىدۇ. ئۇلار يەنە < قۇمۇل-تۇپاندىن كەلگەن غۇجاملار تۇمشۇقتا كۇپار (دىنسىز) لار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋېتىپتۇ> دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، قوللىرىغا يەرلىك ئوۋ مىلتىقى، قىلىچ، نەيزە، چۇماق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ،<غۇجاملارنىڭ ئالدىغا بارىمىز >  دېيشىپ، تەخمىنەن 3-4مىڭ كىشى يۈسۈپ خان غۇجام، سايىم بەگ قاتارلىق يۇرت چوڭلىرىنىڭ باشلىشى بىلەن مارالبېشىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار ئوقالىق (مارالبېشى تەۋەسىدە) دېگەن جايغا كەلگەندە، تۇمشۇقدىن چىكىنىپ ماڭغان ياڭ تۇئەنجاڭ قىسىملىرىغا يولۇقىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇش باشلىنىدۇ.ياڭ تۇئەنجاڭنىڭ زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان قوشۇنى ئاددى، يەرلىك قوراللار بىلەن قوراللانغان خەلقنى ئېغىر پىلمۇت بىلەن ئوققا تۇتىدۇ.لېكىن، خەلق بىرى يىقىلسا برى ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق جىددى پەيىتتە، سايىم بەگ ئوۋ مىلتىقى بىلەن پىلمۇتچىكنى ئېتىۋىتىدۇ. خەلق شۇئان ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، <دوست، دوست> دېيىشىپ، ئاتلىق ۋە پىيادە دۈشمەنگە ئېتىلىدۇ. نەتىجىدە ياڭ تۇئەنجاڭ قوشۇنى بەرداشلىق بېرەلمەي قاچىدۇ. شۇ مالىمانچىلىقتا سايىم بەگ بىلەن نۇرغۇن كىشى ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ. ئۇلار مەكىتكە قايتۇرۇپ كېلىنىپ چوڭ داغدۇغا بىلەن يەرلىككە قويىلىدۇ. ئۇرۇش جەريانىدا ياڭ تۇئەنجاڭ قىسىملىرىدىن خېلى كۆپ قورال ئولجا ئېلىنغانلىقتىن، زامانىۋى ۋە  يەرلىك قوراللار بىلەن قوراللانغان بىر قوشۇن بارلىققا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەم سانى 200ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، يۈسۈپخان غۇجام تۇئەنجاڭ بولىدۇ.
   1934-يىلى ،ماجۇڭيىڭ شېڭشىسەي بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ،ئۈرۈمچىدىن چىكىنىپ جەنۇپقا يۈزلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خوجىنىياز ھاجى بىلەن ماجۇڭيىڭنىڭ ئىتتىپاقى ئاللىقاچان بۇزۇلۇپ ،ئۇلارمۇ ئۆز ئارا ئۇرۇشۇش ھالىتىگە كىلىپ قالغان ئىدى.شۇڭا، ما جۇڭيىڭنىڭ بۇ قېتىمقى چېكىنىشى ،قارىماققا خوجىنىياز ھاجىنى ماجۇڭيىڭ قوغلاۋاتقان، ماجۇڭيىڭنى شېڭ شىسەي قوغلاۋاتقاندەك ھالەتتە ئىدى. شۇ يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ،خوجىنىياز ھاجى قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ. لېكىن،ئۇ قەشقەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ،مافۇيۇئەن قىسىملىرىنىڭ قەشقەرگە قىلغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالماي، يېڭىسار، يەركەن قاتارلىق جايلارغا چىكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەسلىدە قەشقەر يېڭىشەر مۇھاسىرسىدە قامىلىپ قالغان ما جەنساڭمۇ قەشقەرگە كېلىپلا ھەدەپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا باشلىغانىدى. خوجىنىياز ھاجى ۋە مامۇت سىجاڭلار مەكىتكە كېلىپ تۇرىشىغا ،ما جەنساڭمۇ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن ۋە ئىككى تەرپ ئوتتۇرىسىدا يەكەن دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقى بويدىكى ياخۇمدان دېگەن يەردە قاتتىق ئۇرۇش بولغان ئىدى.خوجىنىياز ھاجى يېڭىلىپ، مارالبېشى ئارقىلىق ئاقسۇغا كېتىدۇ.مەكىت بولسا ئۇرۇش پاراكەنچىلىكى ئىچىدە قالىدۇ.ماجەنساڭ قۇشۇنلىرى يەرلىك ئاممىنى بۇلاپ ۋە ئاياق ئاستى قىلىپ، مىنىشكە يارايدىغانلىكى ئات ۋە ئەسكەرلىككە يارايدىغانلىكى ئەرلەرنى ئېلىپ كېتىدۇ.
   1934-يىلى، ماجۇڭيىڭ ئەركەشتام ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قۇشۇنى ماخۇسەننىڭ باشچىلىقىدا خۇتەنگە بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ.خوجىنىياز ھاجى مەكىت ئارقىلىق ئاقسۇغا بارغاندىن كېيىن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ ئۈرۈمچىگە قايتىدۇ.مامۇت سىجاڭ بولسا، جەنۇبى شىنجاڭ گارنىزۇننىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ ، قەشقەرگە ئورۇنلىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ،شىنجاڭدا نسبى تىنىچ ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ.
   1937-يىلى، مامۇت سىجاڭنىڭ ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا لاداخ ئارقىلىق ھىندىستانغا چىقىپ كېتىشى شىنجاڭنىڭ ،جۈملىدىن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدە يەنە بىر قېتىم چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، مامۇت سىجاڭ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇنىياز سىجاڭ بولىدۇ. ئۇ شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭ گارنىزۇنغا بېقىنماي، يەكەندە ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارىدۇ.بۇ ۋاقىتتا، مەكىت، يەكەن، پوسكام قاتارلىق جايلار شۇنىڭغا قاراشلىق ئىدى.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئابدۇنىياز سىجاڭ خۇتەندىكى ما خۇسەن بىلەن شىڭ شىسەيگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ ،ئاۋال قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئاندىن شىڭ شىسەي قۇشۇنلىرىنى كۇچاغىچە قىستاپ بارىدۇ.
   ئەمما ، شىڭ شىسەينىڭ زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان قىسىملارنى كۆپلەپ يۆتكەن كېلىشى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەۋەتىلگەن <ئالتايىسكى> ناملىق رۇس قىسىملىرىنىڭ بىرلىكتە باستۇرۇپ كېلىشى بىلەن، ئابدۇنىياز سىجاڭ قىسىملىرى يېڭىلىپ، يەكەن دەرياسىنى بويلاپ غەرىپكە، يەنى مەكىتكە چېكىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ،مەكىت ئابدۇنىياز سىجاڭ بىلەن ماخۇسەن <ئىتتىپاقى>نىڭ ئاقسۇغا يۈرۈش باشلىغان چاغدىكى ئارقا سەپ ھەربى بازىسى بولۇپ قالىدۇ.بۇ يەرگە ئاساسەن تۇڭگان قوشۇنلىرى ئورۇنلىشىپ، مەكىت ۋەزيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىدۇ. ئابدۇنىياز سىجاڭمۇ مەكىتكە كېلىپ ئۇزاق تۇرالمايدۇ.چۈنكى، شىڭ شىسەينىڭ تەلىپى بويىنچە ، سوۋېت ھۆكۈمىتى تورغات ئارقىلىق كىرگۈزگەن قوشۇننىڭ ئاتلىق قىسىملىرى مارالۋېشى ئارقىلىق ئابدۇنىياز سىجاڭنى قوغلاپ مەكىتكە كېلىدۇ. كېيىن يەنە يەكەن ئارقىلىق تانكا قىسىملىرىمۇ مەكىتكە كېلىدۇ.
   رۇس ۋە قىرغىزلاردىن تەشكىللەنگەن سوۋېت قۇشۇنى مەكىتكە شۇ يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا كېلىپ ئورۇنلىشىپ، 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە تۇرىدۇ. ئۇلار ئىككى پوللىك بولۇپ، رۇس پوللىكى ئوغۇللار مەكتىپى (ھازىرقى تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ ئورنى) گە ئورۇنلىشىدۇ. ئۇلاردا زامانىۋى قوراللاردىن بەش دانە بىرۇنىۋېك، 20نەچچە زەمبىرەك، 30 غا يېقىن ئېغىر پىلمۇت بىلەن تاچانكا ھارۋىسى بار ئىدى. سوۋېت قوشۇنى بۇ جايدا تۇرۇش جەريانىدا ، تۇڭگانلار توپلىغان بېدە، ئوتۇن قاتارلىق ئۇلار ئۈچۈن مول تەمىنات مەنبەسى بولىدۇ. ئۇلار ئابدۇنىياز سىجاڭ ۋە ماخۇسەن قوشۇنلىرىدىن تارتىۋالغان ھەر خىل قوراللارنى بۇزۇپ كېرەكسىز تۆمۈرگە ئايلاندۇرۇپ، يەرلىك تۆمۈرچىلەرگە سېتىپ پۇل توپلايدۇ. تىزناپ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ سازلىققا ئايدۇرۇم ياساپ، ھەربى ئايرۇپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرىدۇ. 40قا يېقىن بەگ، ئاخۇن ۋە يۇرت چوڭلىرىنى قولغا ئېلىپ، شىڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ پۇل ئۈندۈرىدۇ. شۇنداقلا ئۇرۇش جەريانىدا ئولجا ئالغان 2-3يۈزگە يېقىن ياخشى ئاتنى ئېلىپ قايتىدۇ.
   1937-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئابدۇنىياز سىجاڭ ۋە ماخۇسەنلەرنىڭ تىنجىتىلشى بىلەن ۋەزىيەتتىكى داۋالغۇش پەسىيىپ، شىڭ شىسەينىڭ سىياسى ھېساپ ئېلىشى باشلىنىدۇ. ئابدۇنىياز سىجاڭ ، ماخۇسەنلەرنىڭ شىڭ شىسەيگە قارشى كۈرىشى  مەكىت خەلقىنىڭ ۋە شۇ ۋاقىتتىكى مەكىت ھاكىملىرىنىڭ (ئىككى ھاكىم ئۆتكەن) قوللىشىغا، قىزغىن ياردەم بىرىشىگە ئىرىشكەن ئىدى. ۋەقە جىممىقاندىن كېيىن ، شىڭ شىسەي مەكىت خەلقىدىن ھېساپ ئېلىپ، 1938-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككى ھاكىم باشلىق 72 كىشىنى تۇتۇپ، ھېمىتنىڭ سېيىدا توك سوقتۇرۇش يولى بىلەن ئۆلتۈرۋېتىدۇ. بۇ پاجىئەلىك ۋەقە خەلقنىڭ يادىدىن مەڭگۈ كۆتۈرۈلمەيدۇ.


   مەنبە: ئادىل مۇھەممەت تۇراننىڭ < مەكىت تارىخ -مەدەنىيىتى> ناملىق كىتابىنىڭ 1-قىسىمى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 02:29:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تۇڭگان دېگەن لومودىلادا پەقەت يۈز يوقكەن دەپ قالدىم ..... ئاشۇ رومانلارنى ئوقۇپ ..
شەخسى كۆز قارشىم ئەمدى ..  تالىۋەتمىسۇن مۇنبەر غالجىرلىرى .

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 03:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇڭگانلارنىڭ تىلى، چىرايى خەنزۇ بىلەن قىلچە پەرىقلەنمەيدىغان تۇرسا،

توي قىلسىمۇ خەنزۇلار بىلەن توي قىلىدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلغىنىنى كۆرۆپ باقمىدىم.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23689
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3739 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 04:00:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇڭگانلارنىڭ مىللىتىمىزگە قىلغانلىرى ئاز ئەمەس ، تارىختا قىززىتىلغان مايغا ئادەم تاشلاپ ئۆلتۈرگەنلەرمۇ دەل مۇشۇلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qiqakkiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-26 08:00 PM  


بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7163
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 803 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 04:59:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەتتە مەنمۇ  چىڭخەيگە دائىم دىگۈدەك تىجارەت ئىشلىرى بىلەن چىقىمەن ......   تۇڭگانلار بىلەن سودا قىلىمەن .......  لىكىن ئۇششا تۇرمىسا سودىدا   ئاللا-ئاللادەپ تۇرۇپ ئاران تۇرىدۇ  سودىدا قويغىلى  

ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7484
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 06:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوش تىل بىلگەننىڭ نىمە پايدىسى بار --دەپ سوراپتۇ قوش تىل مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى بىر ئوقۇغۇچىدىن.
---------تۇڭگانلارغا ئوخشاش  سېرىق ئاش سېتىپ نام چىقارغىلى بولىدۇ.--دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئوقۇغۇچى.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7571
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7692 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 06:57:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچچىق تارىخىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96575
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 07:25:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۈگۈنگىچە بىزلەرنىڭ ئوقۇۋاتقىنىمىز يېزىلغان، ئاشكارىلانغان تارىخ، تېخى بىز بىلمەيدىغان تارىخلار قانچىلىك؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 08:35:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوقۇم ئىبرەت ئېلىشىمىز كىرەك . چوقۇم . كۇنلەر تخى ئالدىمىزدا !!!

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 11:00:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركيار يوللىغان ۋاقتى  2013-8-27 02:29 PM
مۇشۇ تۇڭگان دېگەن لومودىلادا پەقەت يۈز يوقكەن دەپ قالد ...

اللەرەھمەت قىلسۇن،مۇشۇنداق جىدەلگەسەۋەب بولىدىغان گەپنى قىلمىسىڭىزكەن قېرىندىشىم،سىزمۇشۇنداق گەپتىن بىرنى قىلىسىزئارقىدىن بىرىسى سىزگەقارىتابىرگەپ قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن جىدەل باشلىنىدۇ.خاتاچۈشىنىپ قالمىغايسىز،ئاخىرىقى بىرئېغىزگېپىڭىزنى كۆزدەتۇتتۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   awatbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-27 11:01 PM  


ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش