ئۆتمىشىمدە بىر ئۇستازىم بولغان ئىدى. ئۆزى ئاددى، كۆپ كىشى تونۇپ كەتمەيدىغان، توختىماي ماتېرىيال يىغىدىغان بۇ كىشى تارىخىمىز ۋە ئۆتمىشىمىز ھەققىدە تىرىك قامۇس ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ، ئۇستاز شاگىرت بولۇپ قىلىشىمىزغىمۇ چاپانلىرى قالمىغان، ئىچى يىرتىلىپ، ساق يېرى قالمىغان بىر كىتاب سەۋەبچى ئىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ Y: ^5 p4 ^% y) c- Cئۇ يىللاردا مەن تېخى 23 ياشلارغا كىرگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى. بىر كۈنى ئىشخانامغا بىر يازغۇچى ئاكىمىز بۇ كىشىنى باشلاپ كىردى. قولىدا يىرتىلىپ كەتكەن بىر قەدىمى كىتابنى كۆتۈرۋالغان بۇ ئاكىمىز 55 تىن ھالقىغان ئىدى. ماتېرىيالنى بىر نۇسقا كۆپەيتىپ، تۈپلەپ بېرشىم كىرەك ئىكەن. كىتاب دىسە سەۋدالىقىم تۇتىدىغان شۇ ۋاقىتلىرىمدا ئۇ كىشىنىڭ بۇ كىتابىنى بىر نۇسقا كۆپەيتىۋىلىشنى ئۆتۈندۇم. پارىڭمىز شۇنداق باشلاندى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, I0 L5 k$ O/ w
-كىتابنى بىر نۇسقا كۆپەيتىۋالسام بولامدۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 j. k7 ~4 I& E- ^8 l' d/ S3 d; u, ?! O
-بولىدۇ، بولىدۇ، نمىشقا بولمىغىدەك-دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ-قىممەتلىك گۆھەرنىڭ قىممىتىنى تونۇيدىغان ئادەمنىڭ قولىدا بولغىنى ياخشى، ساقلاپ قويۇڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' d# r( r+ {7 S2 }9 R. `. S7 t$ L- _
شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ دوسلىقىمىز باشلاندى. ئائىلىمىزنىڭ تەربىيسى سىڭدۇرۋەتكەن ئادەت بويىچە چوڭلارنىڭ گېپىنى يىرمايتتىم، چوڭلار گەپ قىلغاندا پۈتۈن دىققىتىم بىلەن قۇلاق سىلىپ ئاڭلايتتىم. بۇ ئادىتىم ماڭا شۇنداق گۈزەل ئۇستازلارنى قازاندۇرغان ئىدى. شۇندىن كىيىن بۇ بۇۋاي ھەر ئىككى، ئۈچ كۈندە ئىشخانامغا كىرىپ تۇراتتى. مەنمۇ ھەرقانداق موھىم ئىشىم بولىشىدىن قەتئىي ئىشلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بۇ كىشى بىلەن پاراڭلىشاتتىم. دائىم تارىخ ۋە ئۆتمۇش ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىز قىززىپ كىتەتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( f4 g q% \# d% U-تارىخنى ئۈگىنىش شۇنچە موھىممۇ؟ - دەپ سورىدىم بىر قىتىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' j- ^3 ~8 D" Z5 |- سىز قۇرئان ئوقىغانمۇ؟ - دەپ ياندۇرۇپ سورىدى ئۇستاز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( m0 }6 s. n% N* o4 X
- شۇنداق، بىر قىتىم باشتىن - ئاخىر تەرجىمىسىنى كۆرۇپ چىقتىم، مىنىڭچە قۇسۇرسىز، نوقسانسىز، شەكسىز كىتاب دىيىلىشى توغرا.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! @9 T+ }0 f- a3 [# o- نىمىلەر دىققىتىڭىزنى ئۆزىگە تارتتى؟ - دەپ سورىدى كۈلۈپ - قانداق يەكۈنلەرگە كەلدىڭىز؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. _8 K1 c" D7 n, a7 w
- تېخى بىرەر يەكۈن يەكۈنلىگىدەك بىلىم قابىلىيىتىم يوق. ئەمما ئوقۇغان كىشىنىڭ قەلبى سۆيۇنىدۇ. تەرجىمىسىمۇ شۇنداق پاساھەتلىك تىل بىلەن تەرجىمە قىلىنىپتۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; D' g+ g) {" y' Q/ X+ k) r- قۇرئان - دەپ باشلىدى ئۇستاز - بىر ساماۋى كېتاب، ئاللاھ تەرپىدىن كەلگەن دەپ ئىشىنىمىز ۋە شەكسىز دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ئۇنداقتا ئاللاھ شۇنداق گۈزەل بىر كىتاب ئىچىدە نىمە دەپ دائىم ئۆتكەنكىلەرنىڭ قىسسەلىرى ھەققىدە سۆزلەيدۇ؟ ئاللاھ نىڭ قىسسە سۆزلەشكە خۇمارى بار دەپ ئويلاپ قالمىغانسىز ھەرقانچە بولسىمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ s. l$ g3 v% S1 ^4 P( Q4 w' b
بۇ سۆزگە ھەر ئىككىمىز كۇلۇشتۇق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئويلىمىغان ئىدىم. ھەتتا نىمە ئۈچۈن قىسسە سۆزلەيدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئويلاشمىغان ئىدىم. پەقەت كىتاب تەرجىمىسىدە ئىشلىتىلگەن پاساھەتلىك تىل، گۈزەل ئىبارىلەر، ھىچ بىر قۇسۇر تاپقىلى بولمايدىغان گۈزەل ئەخلاق ھەققىدە سۆز بولۇنغانلىقى ھەققىدە ئويلاشقان ئىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 S+ L$ X9 P' `! o: y0 ]-تارىخ بىر ئۆرنەكتۇر، كىيىنكىلەر ئۈچۈن بىر ئىبرەتتۇر، ئۇ ئاللاھ تىن كەلگەن ئىلىمدۇر، ئەلۋەتتە يالغۇز تارىخلا ئەمەس ھەرقانداق بىر ئىلىم بىز ئۈچۈن ئاللاھ تىن كەلگەن ئىلىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم ئىگىللىرى ھۆرمەتلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ساھىبى ھۆرمەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن - دىدى چۈشەندۇرۇپ - شۇنچە كۆپ قىسسەلەر ئارانلا 618 بەتلىك بولغان بۇ كىتابتا يەر ئالغان، سىزچە مۇسانىڭ، ئىسانىڭ، نوھنىڭ ۋە شۇ قەۋىملارنىڭ ھىكايىسنى سۆزلەش ئاللاھ ئۈچۈن زۆرۇرمىدى، ياق، ئاللاھ ئۈچۈن دىسەك بۇ ھىچ زۆرۇر ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇ بەندە ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كىلەچەكتە ئېزىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن زۆرۇر ئىدى . . .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ r& Y3 e; S( ]3 N0 n
- ئۇنداقتا موللىلار نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە سۆزلىمەيدۇ؟-دىدىم ئەجەبلىنىپ - ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا بۇ مەسلىلەرگە ۋاقىت ئاجرىتىش ئىمكانىيىتىمىز يوق.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; x7 [+ A1 z- B% B2 m+ E! G- ئۇلار ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاپ، ئاللاھ نىڭ ياخشى قۇلى بولۇشنىڭ پىشىگە چۈشتى، ئۇلاردا بىر قورقۇنىچ بار. بۇ قورقۇنىچ ئۇلارنى توغرا يولدىن ئاستا - ئاستا يىراقلاشتۇرۇپ كىتىۋاتىدۇ. ئاندىن نەپسى خاھىشى ئۇلارنى سۆزلىيەلمەس قىلىپ قويدى، ئاز نەرسىلەرنى سۆزلەيدۇ ئەمما ئۆزى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ، باشقىلارنى سۆزىمگە ئەمەل قىلشى كىرەك دەيدۇ، ئۆزى ئەمەل قىلمايدۇ، ئىلىم ئۆزى ئەمەل قىلمىغان ئادەمگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 A* h% z' g7 [! w. K' s5 d-ئۇنداقتا ئۇلار كىتابنى توغرا يۇسۇندا ئوقۇپ باقمىغانمۇ؟ ياكى ئوقۇغانلىرىنى توغرا چۈشىنەلمىگەنمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ h, ^+ U/ E" A2 ^; K0 {- E-ھەر ئىككىسى بولىشى مۇمكىن. سىز كىتاب ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، بولۇپمۇ قورئان ئوقىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا بۇ مەسلىگە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. a5 t0 n# Z6 |( b4 }4 z5 b- باشقا كىتاپلاردا دىققەت قىلماسلىقىم ئۇنچە موھىم ئەمەس دىمەكچىمۇ قانداق؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 J- i) f% T! f- Q0 I H- مەسلە مۇشۇ يەردە- دىدى ئۇ چۈشەندۇرۇپ - ساماۋى كىتاب ئۈچۈن ساماۋى ئۆلچەم تۇتۇلىدۇ. ئۇنى ئوقۇسىڭىزمۇ، يادىغا ئالسىڭىزمۇ، باشقىلارغا ئوقۇپ بەرسىڭىزمۇ، ھەتتا مەنىسىنى ھىچ چۈشەنمەي تۇرۇپ ئاڭلىسىڭىزمۇ گۈزەللىك بار. چۈنكى ئۇ سىز سۆيگەننىڭ مەۋجۇتلىقىدىن كەلگەن. مەنبە دەل سىزنىڭ يۈركىڭىز تەلپۈنگەن، ئاشىق بولغان ئاللاھىڭىز، ئەمما ئۇنى خاتا چۈشىنىپ، نەپىسى-خاھىشىغا بويسۇندۇرۇش خاتالارنىڭ ئەڭ چوڭى، ئۇنى پەقەت قەلبى ئۆلگەنلەرلا شۇنداق خاتا چۈشنىدۇ، بۇ كىتابنىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ پاك يەردىن كەلگەن پاك كەلىمە، زەررىچە ناپاكلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ. باشقا كىتابلارغا كەلگەنچە مەسلە ئوخشىمايدۇ. باشقا كىتابلاردا ئاپتۇر يالغاننى، راسنى ئارلاشتۇرۇپ يازدۇ. دىققەت قىلمىسىڭىز ئۇ كىتابلار سىزنى بۇلغايدۇ. كۆزىڭىزدىن كىرگەن بۇ مەينەت قەلبىڭىزنى، روھىڭىزنى بۇلغايدۇ. شۇڭا باشقا كىتابلارنى ئوقىغاندا ئىچىگە كىرىشنى ئەمەس. ئۈستىدىن كۈزتىشنى ئاساس قىلىمىز. يەنى كىتابنى ئوقىۋاتقان ۋاقتىدا پىرسۇناژلار بىلەن تەڭ يىغلاپ، تەڭ كۈلمەستىن ئۇلارنىڭ يىغىسى بىلەن كۈلكىسىنى كۈزتۈپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; h% u; Q0 \/ ~- بۇ ئىشلار ھەققىدە سۆزلەشمەيلى - دىدىم مەن-ياخشى بىر ئادەم بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 q3 T( j) H4 O* ~% p
-ياخشى بىر ئادەم بولۇش كىرەك - دىدى كۇلۇپ - مەسلە سىز كىمنىڭ نەزىرىدە ياخشى ئىكەنلىكىڭىز. ئەتراپىڭىزغا شۇنداق بىر قارسىڭىز كىشلەر سىزنى باھالاش بىلەن بولۇپ كىتىۋاتقان، بىرى ياخشى دىگەن، بىرى يامان دىگەن. سىز بۈگۈن بىرىگە ياخشى بولسىز، ئەتە بىر كۈن ئۇ سىزنى يامانغا چىقىرىدۇ، بۇ يەردىكى مەسلە سىز ئۇنىڭغا نەپ بېرىپ بەرمىگەنلىكىڭىز، مىنىڭچە سىز باشقىلارغا ياخشى كۆرنىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، قەلبىڭىزگە ياخشىسى بولۇڭ. ئۇ سىزنى ھىچ خىجىل بولماستىن، ۋىجدان ئازابى چەكمەستىن ياخشى دەپ باھالايدىكەن، ئاللاھ نىڭ ياخشى بەندىسى ۋە كىشىلەرنىڭ ياخشىسى بولىسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 f" k' t/ \; \; I: W5 \پاراڭلىرىمىز مۇشۇنداق داۋاملىشاتتى. بەزىدە ئۆيىگە باراتتىم. پۈتۈن ئۆيدە كىتاب، بەئەينى كىتابخاننىڭ ئۆزى ئىدى. ھەرقانداق بىر كىتابنى تاپقىلى بولاتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 k# O& S3 e; }% r
-بۇ كىتابلارنى قانداق يىغىپ بولغانسىز؟ بىر كىرۋالسام بىر يىل سىرىتقا چىققۇم كەلمەيدۇ بۇ ئۆيدىن، نىمە دىگەن ئىسىل كىتابلار بۇ، كۆپ پۇل كەتتىمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ G K0 g* C/ N9 ^' R5 D! g- بىردىن، ئىككىدىن يىغىلىپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى - دىدى ئۇ- بىر قانچە قىتىم كىتابلىرىمنى قانۇنسىز دەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەنمۇ بولدى. ئەمما توختاپ قالمىدىم. بەلكىم بۇنىمۇ يىغىپ ئېلىپ چىقىپ كىتىشى مۇمكىن. ئىمكانىيەت بولسا ھەممىنى كومپيۇتېرغا قاچىلىۋەتكەن بولساق ياخشى بولاتتى، ئەمما مەن قېرىپ قالدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 s& v5 A. X! H6 K5 O
- باللارچۇ؟ باللار بۇ ئىشلارنى ياختۇرمامدۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" E5 _' A# j0 S2 s% d" F# |- قىزىمنىڭ ئايرىم ماكانى بار. ئىككى بالىسىنىڭ غىمىدە - دىدى خۇرسىنىپ - ئۇغلۇم بۇ ئىشلارغا ئەزەلدىن قىززىقمايدۇ، نەچچە قىتىم دىدىم، ئۆلۇپ كېتىپ قالسام بۇ كىتابلارنى ساتساڭمۇ ئون - يىگىرمە يىل يەپ يېتىشىڭغا يېتىدۇ. سەنمۇ بۇ ئىشلارغا كۆڭۇل بولۇپ قويغىن دەپ. كاشكى ئاللاھ سىزدەك بىر پەرزەنىت بەرگەن بولسا، شۇنداقتىمۇ ئاللاھ قا شۇكىرى، مانا تونۇشۇپ قالدۇق، خالىغاندا كېلىپ كىتاپ ئوقۇپ كېتىڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& y+ _* `. g+ E/ \3 Rھەرقانداق كىتابلارنى تاپقىلى بولدىكەن - دىدىم گەپنىڭ تىمىسىنى يۆتكەپ - سىز كىتاب يىققاندا كىتابلارنى قانداق تاللايسىز؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' j0 |9 b8 e) o
- ھا ھا ھا- كۇلۇپ كەتكەن ئىدى بۇۋاي- «ئەڭ ناچار كىتاب بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. قەغەز يۈزىگە چۈشكەن نەرسىنىڭ ئۆزىلا بىر پاكىت، بىر كۈنلەردە ئۇ سىز ئويلىمىغان يەردە ئەس قاتىدۇ، مەسلە سىزنىڭ يۈركىڭىزدە، سىز كىتابنىڭ ياخشىسى بىلەن يامىنىنى، مەزمۇننىڭ ناچىرى بىلەن ياخشىسىنى ئايرىۋالالىسىڭىز شۇ يىتەرلىك».
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 P5 H4 K3 s8 {, M$ J+ Dبۇ گەپ كىيىنكى ھاياتىمغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ دەۋىرلەردە مەن قايسى كىتابنىڭ ياخشى مەزمۇندىكى كىتاب، قايسى كىتابنىڭ ناچار مەزمۇندىكى كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. تىجارەت، شىركەت، مەكتەپ . . . دەپ چىپىپ يۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتتىم. ئاردىن خېلى كۆپ يىللار ئۆتۇپ كەتتى. ئارلىقتا يۇرتۇمغا قايتىدىغان ئىش چىقىپ قىلىپ ئۇ بۇۋاي بىلەن شۇ خوشلاشقانچە قايتا كۆرشىش نىسىپ بولمىدى. ئەمما قەيەردە بىر چاپنى يىرتىلغان، چىرايى زەپىران بولۇپ قالغان كىتابنى كۆرسەم شۇ بۇۋاينىڭ ئىللىق چىرايى كۆز ئالدىمغا كىلىۋالاتتى. قۇلىقىمغا «ئەڭ كاتتا بايلىقنى تېپۋالدىڭىز. ھەرگىز ئۇنى تاشلاپ قويماڭ» دەپ پىچىرلىغاندەك بولاتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 F+ l1 X; M7 _- b, w2 Q1 C, X. V( I
مۇشۇ كۈنلەردە مىسىردىكى ئۆيۇمدە ھىچ بىر كىتاب يوق. ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابتىن ئەسەرمۇ يوق. كاشكى ساقلاپ قويغان «ناچار» كىتابلاردىن بولغان بولسا، بىر ئاز ئوقۇپ كۆزۇمنىڭ ئاچچىقىنى چىقارسام دەپ ئويلاپ قالىمەن. بۇۋاينىڭ «ئەڭ ناچار كىتاب بولغان تەقدىردىمۇ ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ . . . » دىگەن سۆزىنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك سۆز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, u2 N/ R) Z$ t. r3 U4 s" ?* q/ z) Iبۇ كىتاب مىللىتى ۋە قېرىنداشلىرى ئۈچۈن جاپادىن قورقمايدىغان خالىس ئۇستاز مۇختار روزىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي ھېكايىسى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 q1 E* ?/ i# {% e7 M
مۇختار روزى ئۇستازنىڭ شەخسى بېتىنى زىيارەت قىلىڭ:
http://muhtarrozi.com
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 b5 s4 Y- b2 [7 y: _4 _; o- P+ M