مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2056|ئىنكاس: 12

ئۆزقۇت ‹‹ئاداشقان بۇلاڭچى››بىرىنىچى مىكرو ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92689
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 09:47:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت

ئاداشقان بۇلاڭچى

مىكىرو ھېكايە {1}

ئاي قاراڭغۇسىدا يولىنى تەسىتە پەرق قىلىپ كېتۋاتقان قادىر ئاغېرىق ئازابىدا ئىڭىراپ ئۆيدە ياتقان قىزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش غېمىدە ئۆيگە قاراپ قەدىمنى تېزلەتتى.

ئۇ نەچچە كۈنىدىن بېرى قىزىنى پۇل بولمغانلىق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرالمىغان ئىدى.مانا بۈگۈن بىر كۈن ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەستە تۇرالغۇ ئۆينى رەنىگە قويۇپ، پۇل مەسىلىنى ھەل قىلغانىدى.

قادىر چوڭ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلغاندا ئالدىنى يوچۇن بىر كشى توستى.

-توختا!

بۇ قوپال ئاۋازدىن ئاللىقانداق بىر شۇملۇقنى سەزگەن قادىرنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلدى.

-يېنىڭىدىكى پۇلنى چىقار!

-يېنىمىدا پۇل يوق،-دېدى قادىر تترەڭگۈ ئاۋازدا.

-يالغان سۆزلمە،ھېلى بىكار پۇلىنى دەپ جېنىڭىدىن ئايىرىلسەن!- بۇلاڭچى شۇنداق دېدى-دە،قادىرنىڭ گېلىغا خەنجەرنى تىرىدى.قورقۇنۇشتىن ئېسنى يۇقاتقان قادىرنىڭ پۇت-قولدا جان قالمىدى.

-مەن...مەن...مەندە راستىنلا پۇل يوق.

-تولا ۋالاقلىماي پۇلىنى چىقار!-دېدى بولاڭچى خەنجەرنى قادىرنىڭ گېلغا كۈچەپ تىرەپ.

-مانا،پۇلىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ،-دېدى قادىر يانچۇقدىكى پۇللارنى ئېلىپ.قادىر قورقۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇ يەنە يالغان سۆزلىسە بۇلاڭچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋىتىدىغانلىقنى ھېس قىلغانىدى.

بۇلاڭچى قادىرنىڭ تىتىرەپ تۇرغان قولىدىكى پۇلىنى چاققانلىق  بىلەن ئالدى-دە،قانداق تىز پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تىز كۆزدىن غايىب بولدى. قادىر خۇددىي بىر قاباھەتلىك چۈش كۆرگەندەك تەستە ئېسىنى يىغىدى-دە،دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغلى يۇرۇپ كەتتى.

ئۇ دېلو مەلۇم قىلىپ قويۇپ ئۆيگە كەلگىندە ئايالى قىزنىڭ بېشىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرەتتى.قادىرنىڭ سۇلغۇن چىرايغا قاراپ يۈرىكى بىرەر شۇملۇقنى سەزگەن ئايالى ئېغىز ئاچىتى:

-نېمە بولدى قادىرئاخۇن؟قەرىز ئالالمغان ئوخشىمامىسز؟

قادىر ئېغىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن بولغان ئەھۋالىنى ئايالىغا سۆزلەپ بەردى.قادىرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلغان ئايالى ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككى ساقچى ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

-سىز قادىر بولامىسز؟

-شۇنداق،نېمە ئىش ؟-دېدى قادىر ياشاڭغۇرغان كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ.

-يېرىم سائەت بۇرۇن پۇلىڭىزنى بولىغان بۇلاڭچى قولغا چۈشتى.دەرھال بىز بىلەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە كىرىپ جىنايەتچىنى تونۇپ بېرىڭ؟!

-ئۇ چاغدا جىنايەتچى يۇزنى نىقلابلۋالغان ئىكەن.مەن تونۇيالماسلىقىم مۇمكىن،-دېدى قادىر شۇ چاغدىكى قاباھەتنى ئەسلەپ.

-شۇنداق بولسىمۇ بىز بىلەن بېرىپ تونۇپ بېقىڭ.

قادىر ساقچىلار بىلەن شەھەرگە يۇرۇپ كەتتى.

-جىنايەتچىنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىڭلار!-دېدى ساقچى باشلىقى قول ئاستىدىكى بىر ساقچنى بۇيرۇپ. ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا كويزا سېلىغان 25ياشلار چامىسىدىكى ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسەكلەڭ كەلگەن،ئادەملىك سىياقنى يوقاتقان بىر جىنايەتچى ئەينەكلىك ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدى.جىنايەتچىى بىر كېچە سوراق جەرياندا بارلىق جىنايەتلىرىنى تولۇق تاپشۇرغان بولسىمۇ ئۆزنىڭ يۇرتى،ئائىلىسىنى ئىقرار قىلىمغانىدى.

-قادىرئاخۇن،سېنچلاپ قاراپ باقسلا سىزنى بۇلىغان بۇلاڭچى شۇمۇ؟-دېدى ساقچى باشلىقى تونۇتۇش ئۆينىڭ ئالدىغا قادىرئاخۇننى ئېلىپ كېلىپ.

قادىر سېىنچلاپ قارىدى.جىنايەتچىنىڭ ئۆسەڭلەڭ ساقال-بۇرۇتلار ئاستىدىكى تونۇش چىراينى كۆرۈپ يۈرىكى ‹‹قارت›› قىلىپ قالدى.جىنايەتچى باشقا بىرى بولماستىن سەككىز-ئون يىلىنىڭ ئالدىدا يوقلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن ئۆزىدىن رەنجىپ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاپاسىز ئوغلى مۇرات ئىدى...


(ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇتنىڭ 100مىكرو ھېكايىسى {1})

2013-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى شەھىرى يەكەننىڭ تاغ تۇراسى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-27 11:11 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 11:46:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادسىنىڭ پۇلنى بالسى بۇلاپتۇ دىسە ھەجەپ قىزقارلىق تۇيۇلىكىدىنا
بېقىپ چوڭ قىپ قويغان گۇناھىغا دادسىنىڭ پۇلنى ئوغۇرلاپتۇ دە
ئاللا ئىگەم كۆڭلىگە ئىنساپ بىرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95945
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 12:33:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەس بوپتۇ بۇ ئادەمگە  بۇلاڭچى شۇ دىسە ئوغلىنى قۇتقىزالمايدۇ..ياق ئەمەس دىسە قىزنى دەپ قەرز ئالغان تۇرسا

نۇرچى بىز ھىدايەتنى  قوللايمىز  قاراڭغۇلۇقتىن تىڭىرقاشتىن يورۇقلنى ۋە يول تىپىشنى تاللايمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 12:49:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن بىرقېتىم ئوقۇغاندەك قىلىمەنغۇ بۇ ھىكايىنى؟

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.
cayram بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 01:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 01:36:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادىسىنىڭ پۇلىنى ئۈزىنىڭ ئوغلى بۇلىدى دىسە قىززىق تۇيىلىدۇ بىراق ئۈيىدىكى پۇللارنى بۇزۇپ چاچسا بۇلاڭچى دىمەيىزمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95938
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2014-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 01:49:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي خۇدايىم ،بۇنداق كۇنلەردىن خۇدانىي ساقلىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95938
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2014-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 01:50:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۇرۇڭلار خاتا بوپ قاپتۇ ،خۇدايىم ساقلىسۇن دىمەكچىتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92438
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 02:42:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېزىلغان چىسلا خاتا بوپ قاپتۇ ،چۈنكى بۇ ئەسەر بۇرۇن يوللۇنۇپ بولغان .قارىغاندا نۇمۇسسىز كۈچۈرمىكەشلەر كاللىڭزدىكى ئەسەرنىڭ ئورگېنالىنى سىز يېزىشتىن بۇرۇن ئوغۇرلىۋالغان ئوخشايدۇ……

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96393
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 02:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش