مىسرانىم مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلارغا خۇشخەۋەر
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دىيارىمىزدىكى ئالىدىنقى ئورۇندا تۇرۋاتقان ‹‹مىسرانىم تورى››نىڭ مۇنبىردىكى ئەزىز قېرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر!كەمنە ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇتتىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!!!
مەن يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئويلىنىش ئارقىلىق مېنى قوللاپ قۇۋەتلەپ كەلگەن ‹‹مىسرانىم مۇنبىرى››گە تەشەككۈرۈمنى بىلدۇرۇش ۋە ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇپ كېلۋاتقان ئوقۇرمەنلەرگە رەھىمەت ئېيىتىش ئۈچۈن‹‹ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت 100مىكرو ھېكايسى›› نامدا بىر قاتار ئۆزۈم ئىجاد قىلغان ۋە بىر قسىم ئېلان قىلنغان-ئېلان قىلنمغان (ئىجاد قىلىپ مەتبۇئادقا يوللاشتىن بۇرۇنقى)مىكرو ھېكايلىرىمىنى مۇنبەرگە يوللاشنى قارار قىلدىم.
ئەلۋەتتە،توردا ئېلان قىلنغان ئەسەرلەرنىڭ مەتبۇئادلاردا ئېلان قىلىنىش نسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.لېكىن مەن يەنلا تورداشلارنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئالدىن كۆرۈپ ھوزۇرلىنىشىنى،زۇق ئېلشنى،جەميئەتنى تېخمۇ بىر قەدەم ئىلىگىرلىگەن ھالدا چۈشنىشنى ئۈچۈن يوللاشنى لايىق تاپتىم.چۈنكى،نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابخانلارغا كىرىپ ماتېرىيال كۆرۈش ياكى سېتۋىلىشقا ئىمكانيتى يوق بولۇشى مۇمكىن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئەسەرلىرىمنى ئوقۇپ كېلۋاتقان مۇنبەرداشلارغا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويمەن.
1.مۇنبەرداشلار چوقۇم ئەسەرلىرىمنى ئەستايدىل ئوقۇشى كېرەك.چۈشەنمىگەن يەرلىرى بولسا ئىنكاس يېزىش لازىم.
2.مۇنبەرداشلار چوقۇم ئىنكاس يېزىشىنى لايىق تاپقاندا ئېنچىكە نۇقتلارغا دىققەت قىلىشى،ئەكسيەتچى ئۇچۇر،شەخسىنىڭ ئىدىيسىگە ھوجۇم قىلماسلىقى كېرەك.
3.ھەر بىر مىكرو ھېكايەمگە 100ئىنكاس چۈشكەندىن كېيىن ئىككىنىچى بىر مىكرو ھېكايە يوللىنىلىدۇ.بۇنداق دېسەم ‹‹ئەسەرىڭنى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئىنكاس يازامدۇق››دېيشىڭلار مۇمكىن.بۇنداق ئويلاش خاتا ئەمەس.لېكىن بىر ئەسەرنى ئوقۇغان ئادەم چوقۇم بىر ئوي-خىيالغا كېلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەر ئۈستدە ئازىراق پىكىر بېرىش دۇرستۇر.ھەم ئەسەر يېزىش ئۇنچۋالا ئاسان ئىش ئەمەس.
4.ئەسەر ئۈستدە ھەر قانداق تەكىلىپ-پىكىر بولسا دادىل،ئىلىمى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.ھەر بىر ئىنكاسقا قارىتا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمەن.لېكىن ئاپتۇرنى تىللاپ ئۇچۇر يېزىش كۆرۈلۈپ قالسا ياخشى بولمايدۇ.
5.بۇنداق پائاليەت تەشكللەشتىكى سەۋەب ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئاپتۇر ئوتتۇرىسدا چۈشنىش ھاسل قىلىش ھەمدە يېزىقچلىق ئۈستدە پىكىر ئالماشتۇرۇش،يېتەكلەش(گەرچە مەندە ئۇنچۋىلا سەۋھيە بولمسۇ)،ئىجادگە قارىتا چۈشنىشنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش،ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى بىلىش،نېمىگە ئېھتياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىگەللەش،ئۇيغۇر ئەدەبياتدىكى مىكرو ھېكايە بوشلۇقنى تولدۇرۇش ۋە تەرەققى قىلىدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چقىرىشتۇر.
6.مەن ھەر بىر ئەسەرلىرىمنى بارلىق سەۋھيەمنى ئشقا سېلىپ يېزىپ چىقشقا،پۈتۈمگەن،خام ئەسەرلەرنى تورغا يوللاپ قويۇشتىن قەتئى ساقلىنىمەن.
7.مۇشۇ پائاليەت ئارقىلىق مەنمۇ ۋە سىزمۇ يېزىقچلىق ۋە ئىجاد تەرەپلەردە تەرەققىي قىلىش جەريانىمىز نامايەن بولىدۇ.
ئاخىردا مەن ‹‹مىسرانىم مۇنبىرى››نىڭ باشقۇرغۇچلىرىغا شۇنداق مۇراجەت قىلمەنكى،مېنىڭ مەقستىم تور ئەدەبياتنىڭ تەرەققياتىغا بىر كشلىك تۆھپە قوشۇش،شۇنداقلا مىكىرو ھېكايچلىقىمىزنىڭ تەرەققياتىغا بىر كشلىك كۈچ چقىرشتۇر.باشقۇرغۇچىلانىڭمۇ قوللاپ قۇۋەتلەپ بېرىشىنى،ئەستايدىل بولۇشنى ئۈمىد قىلمەن.قوشۇلساڭلار تېمامنى تەستىقلاپ قويۇشىڭلارنى ۋە مۇنبەر ئەزالىرىغا تەشۋىق قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن.
خەير تور يۇزدە كۆرۈشكىچە خۇدايىمغا ئامانەت!ئاللا ھەممىڭلارغا ھىدايەت ئاتا قىلسۇن!
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى شەھىرى يەكەننىڭ تاغ-تۇراسىدىن ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-27 11:10 AM