مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 672|ئىنكاس: 4

ئەجدادىم ئىزلىرىنى بويلاپ......... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەحمۇت شىحو

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23466
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7124
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 10:21:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                      ئەجدادىم ئىزلىرىنى بويلاپ ...
يېقىنقى يىللاردىن بېرىقى كىشىلىرىمىزدە ئەۋج ئېلىۋاتقان ، ئېتىبارىغا بەكرەك دىققىتىنى بېرىۋاتقان ياخشى بىر ئىجتىمائىي ئويغىنىش بەلكىم ئۆزلۈكىنى ئىزدەش ، ئۆز تارىخىنى بويلاپ ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۆزگىچە بىر خىل يۈزلىنىش ، ئۆز مىللىتىنىڭ شانلىق ھەم قانلىق تارىخىغا قىزىقىش دېسەك ھەرگىزمۇ خاتالاشقان بولمايمىز . يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى مىللىتىمىز ئۆزلىكىنى تونۇش ، مەدەنىيەتتە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش،مىللىي ئاڭنى ئويغىتىش جەھەتتىكى سادالارغا ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارىدى ھەم قاراپ كېلىۋاتىدۇ . جۈملىدىن ئارىمىزدا بۇ خىل ئىنتىلىشلەرنى ئۆزىنىڭ سەر خىل يازمىلىرىدا ئىپادىلەپ خەلقىمىزنىڭ روھىيىتىدە بەلگىلىك ئويغىنىش ھاسىل قىلغان بىر تۈركۈم ئاۋانگارتلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس . يېتۈك ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ » « ئەنئەنىۋېي ئاڭ گۇگۇمىدىكى ئۇيقۇ ۋە زامانىۋېي ئاڭ سەھىرىدىكى ئويغىنىش »، ئەختەم ئۆمەرنىڭ « ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى » ، « يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام » ، نەبىجان تۇرسۇننىڭ « موسكۋا خىياللىرى » ، ئەسئەت سۇلايماننىڭ « ئۆزلۈك ۋە كىملىك » ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ « ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا » ، « مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى » قاتارلىق ماقالا ئەسەرلىرى ئەنە شۇنداق كەڭ ئىجتىمائىي تەقەززالىقلىرىمىزنى يۈكسەك پەللىدە ھەر تەرەپتىن كۆزىتىپ يېزىلغان نادىر ئەسەرلەردۇر . ( ئەلۋەتتە بۇلار شۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس ، پەقەت بىر قىسمىلا خالاس .) ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزدىكى بالدۇر ئويغىنىش ، ئۆزىنى تونۇش ھەرىكىتى مىللىتىمىزنىڭ ئۆزلۈكىنى تونۇشتا بەلگىلىك ئويغىنىش ئىدىيىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بارلىققا كەلتۈردى . مېنى ھەممىدىن بەكرەك قايىل قىلىدىغىنى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىلگىرىكى نامى ئۆلمەس ئوغلانلىرىمىز بولغان ئابدۇقادىر داموللا ، مەمتىلى تەۋپىق ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيلىنىپ چىقىپلا قالماي جاھان كۆرگەن ، يىللاپ چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان ، ساياھەت قىلىپ ئۆز خەلقى ، يۇرتى بىلەن دۇنيادىكى ئىلگىرىلەپ كەتكەن مىللەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەپ كېتىش سەۋەپلىرىنى ماكان ، زامان ، ئىقتىساد ، سىياسىي ، تارىخي نۇقتىدىن ناھايىتى ئەتراپلىق كۆزىتىپ بىزگە ھەقىقىي كۆرگەنلىرىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ھەزىم قىلىپ كېتەلەيدىغان قىلىپ تەقدىم قىلغانلىقىدا .  خۇددى كەڭ فرانسىيە خەلقىنىڭ ئۆز پەيلاسوپى سارتېرىغا « ئۇ كىرىسلودا ئولتۇرۇپ مەمەدانلىق قىلىشتىن يول بويىدىكى بېنزىن تۇڭىغا چىقىپ نۇتۇق سۆزلەشنى ئەلا بىلەتتى » دەپ باھا بەرگىنىگە ئوخشايتتى . ئۇلار ھەقىقەتەن ئەمەلي ئىش قىلغانىدى . مەن شۇ خىلدىكى كىشىدە ئويلىنىش ، ئىدىيىسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايدىغان ئەسەرلەرنى تولىمۇ سۆيۈپ ئوقۇيمەن ...
   شۇنداق ئىنتىزارلىقلار ئىلكىدە يۈرگىنىمدە تەقدىر ماڭىمۇ ئەشۇنداق ھەم ساياھەت قىلىش ھەم ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان پۇرسەتمۇ كېلىپ قالدى . دۇنيا بويىچە دېڭىز - ئوكياندىن ئەڭ يىراق بىر جايدىن تۇيۇقسىزلا كۈندە دېگۈدەك دېڭىز دولقۇنىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان جايدا ياشاش ھەقىقەتەن كىشى قەلبىنى تەسۋىرلەپ بولغۇسىز ھاياجانغا ، تەگسىز ئىزتىراپقا سالىدىكەن . مەن بۇ جايلاردا يىللاپ تۇرالمىساممۇ ئايلاپ تۇرۇش جەريانىدا ئۆزۈمگە خاس كۆزىتىشىم بويىچە ھەر خىل كىرىزىسلارنى ھېس قىغانىدىم . قۇلاق تۈۋىمدە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ « بىزنىڭ كىرىزىسىمىز ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ » دېگەن تېرەن مەنىلىك خۇلاسە سۆزى جاراڭلاپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغانىدى . مەن بۇ سۆزنى ئۇنىڭ ماقالىلار توپلىمىدىكى تېتولدىن ئوقىغاندا مۇنداقچە ئۆتۈپ كەتكەنىكەنمەن . مانا يۇرتۇمدىن شۇنچە يىراق جايدا نەچچە ئاي تۇرۇش جەريانىدا بۇ سۆز پارلاپ تۇردى. ھەقىقەتەن بىز كىرىزىستا تۇرۇۋېتىپتۇق ، راستىنلا كىرىزىسىمىزمۇ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن . مەن بۇنى نېمىشقا ئۆز يۇرتۇمدا تۇرغاندا بۇنچىۋالا ھېس قىلمىغاندىمەن چۈشەنمىگەندىمەن دەپ ئۇزاق ئويلىنىشقا مۇپتىلا بولدۇم . ئادەم ئۈچۈن تازا ئاقىلانە ئويلىنالىشمۇ بىر خىل يۈكسەك ، ئەڭ ئالي ھوزۇر ئىكەن . ئەتراپىمغا قارىدىم . مەن جۇڭگودىكى نوپۇسى ئەڭ زىچ ، كۆپ بولغان ، خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئانا دىيارلىرىدىن بولغان خېنەن ئۆلكىسىدە نۇقتىلىق تەربىيلىنىدىغان زىيالىي قاتارىدا تەربىيلىنىۋاتاتتىم . بىر قانچە ھەپتە ئەتراپىمدىكى يېڭىلىقلارنى كۆزىتىش ، ھەيران قېلىش ، سېلىشتۇرۇش بىلەن ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى . ئەمما مەن ئاستا - ئاستا ئۆزۈمگە قايتتىم . يۇرتۇمنى ، ئائىلەمنى سېغىنىش ھېسىياتى بۇ يەردىكى يېڭىچە مەدەنىيەت ئەندىكىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىلىغۇللۇق بىلەن بىرلىشىپ باشقىچىلا بولۇپ قېلىۋاتاتتىم . بۇ يەردىكى شۇنچىۋالا كۆپ ئادەمنىڭ شۇنچە تار يەرلەردىمۇ بىر - بىرىگە سۈركىلىشىپ ، پۇتلىشىپ كەتمەي ياشىشى ، ھاياتلىق رېتىمىنىڭ ناھايىتى تىنىچ داۋاملىشىپ باشلىنىشى مەندەك يېرى كەڭرى ، ئاسمىنى كەڭرى ، ئادىمى ئاز يەردىن كەلگەن ، قەلبى ھامان ئازادىلىككە ئۆگىنىپ ئەللەيلىنىپ چوڭ بولغان ئادەمگە ھەيران قالارلىق بولۇپ تۇيۇلىۋاتاتتى . قەلبىمدىن مۇنۇ قۇرلار ئىتتىكلا كەچتى . ناۋادا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەقىل بايلىقى تولۇق ئېچىلسا بىر شىنجاڭ زېمىنى 600 مىليون ئاھالىنى بېقىشى كېرەك . شۇنىڭغا قارىغاندا بىزدە خېلى كۆپ نەرسىلەر كەمدەك قىلاتتى . دەم ئېلىش كۈنلىرىمدە ھەمىشە سىرتنى كۆزىتىش ، سېلىشتۇرۇش مېنىڭ بۇ يەردىكى چىنىقىشىمنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالدى . مېنىڭ تۇرۇۋاتقان جايىم خېنەن ئۆلكىسى شۈچاڭ شەھىرىنىڭ تارماق ناھىيە دەرىجىلىك شەھىرى ئىدى . مەن بۇ ئەتراپىمدىكى خەنزۇ يولداشلاردىن سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ بۇ جايدىن يەنى چاڭگې شەھىرىدىن ئون كېلومېتىردەك يىراقتىكى يىنجياتاڭ بازىرىدا ئولتۇراقلاشقان « جيەن» فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن ئاتلاندىم . ئىلگىرى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى بىلسەممۇ ئەمما بۇ خېنەندىكى « جيەن » فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئانچە كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسئىدىم .  «جيەن » فامىلىلىك ئۇيغۇرلار باشقا بىرى ئەمەس ، دەل تاۋيۈەن ناھىيىسىدىكى جيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى ئىدى . يىنجياتاڭ كەنتىگە يېقىنلاشقانسېرى قەلبىمدە بىر خىل سۆيۈنۈش ، ئىپتىخار - غۇرۇر بالقىيتى . ئۆزۈمنى تامامەن تەنھا ، يۇرتۇمدىن ، مىللىتىمدىن ناھايىتى يىراقتا دەپ ھېس قىلىپ ۋە بۇنى قۇبۇل قىلىپ بولغاندا يېنىمدىلا ئەجدادلىرىم ئىزلىرى بارلىقىنى ، ئىزلىرىلا ئەمەس ئۆزلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلگەندىكى ھېسىياتىمنى ئىپادىلەپ بېرىشكە تولىمۇ ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتىم . ئەجدادلىرىم ئات مىنىپ ، قىلىچ ئوينىتىپ كەلگەن ماكانلارغا باشقىچە نەزەردە قاراشقا باشلىدىم .تالاي ئارزۇ - ئارمانلارنىڭ شاھىدى بولغان يوللاردا ئۈنسىز - تېۋىشسىز كېتىپ بارىمەن . مانا تامامەن ناتونۇش چىراي ئەمما ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرۋاتقان بوۋاي - مومايلار پۈتۈنلەي خەن چىراي ئىدى . ئەمما ئۇلارنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆز ئەجدادىنى ئۇنتۇپ قالماي ، پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئاتىشى قەلبىمدىكى ئۇھسىنىشلارنى تارقىتىۋەتتى . يۇرتۇمدىن ئېلىپ كەلگەن ئۇھسېنىش بۇ يەردە بىرلىشىپ كەتكەنىدى...مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەنلى يىللىرىدا قيەن فامىلىلىكلەرنىڭ 8 - ئەجدادى جيەنزۇڭيى بىر تۈركۈم ئادەمنى باشلاپ تاۋيۈەندىن شىنجاڭغا كەتكىلى يولغا چىققان . چاڭگې تەۋەسىگە كەلگەندە يولنىڭ جاپا - مۇشەققىتى تۈپەيلىدىن ئاتلار ئۆلۈپ ، ئادەملەرگە كېسەل تەگكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۈگۈنكى يىنجياتاڭ دېگەن كەنتتە ئولتۇراقلىشىپ تۇرۇپ قالغان . ھازىرغىچە 300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەن . مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇنچە يىللاردىن بېرى نوپۇسىنىڭ 700 دىن ئاشماسلىقى ئىدى .
  نۇپۇسىنىڭ 700 دىن ئىبارەت بۇ ساندىن ئاشماسلىقى مېنىڭ كۆزىتىشىمچە قىزلار خەنلەر بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ جيەن فامىلىسىدىن چوقۇم ۋاز كېچىپ قارشى تەرەپنىڭ خەنچە فامىلىسىنى قوللىنىدىغانلىقى ، ئۇندىن باشقا جيەن فامىلىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭمۇ 63، 66 ئەتراپىدا بولۇشى ، تېجارەت ۋە باشقا تىرىكچىلىك مەنزىللىرىنى بويلاپ سىرتلارغا كۆپلەپ يۈرۈش قىلىشى بولسا كېرەك .  ئەتراپىمدىكى بەزى ئۇيغۇر ئۆيلىرى تولىمۇ ئاددىي ، يەنە بەزىلىرى خېلىلا ھەشەمەتلىك خەنچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى گەۋدىلىك دەرىجىدە ئىپادىلەنگەنىدى . مەن بۇنداق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبلىرى ئالدىدا قانداق ھېسىياتتا بولغانلىقىمنىمۇ ئۆزۈممۇ بىلەلمەي قالغانىدىم . مېنى بىر نەچچە مويسىپىت ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالغان بولدى . قانداقلا بولمىسۇن ، ئالدىغا شىر ھەيكەللەر تىزىلغان ، خەنچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى كۈچلۈك بولسىمۇ مەسچىت بارلىقىدىن سۆيۈندۈم . ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتىغا بولغان سېغىنىشى ، قايتىپ كېتىش ئارزۇسى خېلىلا كۈچلۈك بولۇپ مەن بۇ نۇقتىنى ئۇلارنىڭ ئايانچلىق ، قىيالماسلىق قاراشلىرىدىن ، ئۇھسىنغان تىنىقلىرىدىن ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلدىم . ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئىچىدە مەكتەپ ، مەدەنىيەت ئۆيلىرىگە ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى خەتلەرنىڭ بولۇشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى ، ۋە بۇ يولدا خېلى ھەرەج تارتىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىدى . دېمەك بەزى ئارزۇلىرىمىز يەنىلا ئاۋۋالقىدەكلا ئورتاق چىقتى ، بەزى كىرىزىسلىرىمىز ئوخشاشلا بەك ئۇزاق داۋاملىشىپ كېلىۋېتىپتۇ . چىرايىمىز ، ھەرىكەتلىرىمىز بىر قېلىپقا چۈشمىگەن بىلەن قانلىرىمىز ئاللىقاچان بىر -بىرىنى تونۇپ بولغانىدى . شۇ تاپتا ھېلىقى ئېتى ئۇلۇغ ئىنقىلاپتا ئۆلۈپ كەتكەن قەيسەر ئوغلانىمىز جيەن بوزەن مېنى قۇتلۇقلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى . ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ ماۋزېدۇڭنى ھەيران قالدۇرغانلىقلىرىنى ئويلاپ قانلىرىم قايتىدىن مەۋج ئۇرۇپ ئېقىشقا باشلىدى . شۇ تاپتا مەنمۇ بىر مىللىتىمنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىمدىن سۆيۈنىۋاتاتتىم . چۈنكى مىللىتىم پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەرگە ئوخشاشلا مىللەت بولۇشنىڭ ھەممە باسقۇچ ، تەلەپلىرى تولۇق ، مۇكەممەل بىر قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىدى . مەن ئەجدادىم ئىزىدا كېتىۋاتاتتىم ، مەن ئەجدادىمنى يېڭى ئەۋلادقا ئۇلاۋاتاتتىم . ئەنە ئۇلار ماڭا ناھايىتى زور ئۈمىد بىلەن قاراپ قىيالماسلىق بىلەن خوشلاشماقتا . بۇنى قانداقمۇ خوشلىشىش دېيىش بولسۇن ، چۈنكى مېنىڭ ئەۋلادىم مىڭ يىللاردىن بۇيان بىر - بىرى بىلەن خوشلىشىپ ، يەنە ئۇچرىشىپ تۇرغان ، مانا مەن جيەن فامىلىلىك ئەجدادلىرىم ساقلىغان نەسەبنامىلەردىن ، تاش پۈتۈكلەردىن بۇنى كۆرۈۋاتىمەن . شۇنداق بۇ ئايرىلىش دەقىقىلىك ئايرىلىش خالاس ...   ياتاقتا ئېغىر تىنىقلا مېنى ئىسكەنجىگە ئالماقتا . ئوي خىياللىرىم ، قەدەملىرىم نېمىدىگەن كېچىككەن ھە ... ھېلىمۇ مۇشۇ سەپەر نېسىپ بولۇپ قاپتۇ . شۇندىلا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «سەپەر قىلىڭلار ، ساغلام ۋە رىزق - نېسىۋېلىك بولىسىلەر » دېگەن خىتابى قۇلىقىمدا قايتا جاراڭلىغاندەك بولدى . ئەلۋەتتە سەپەر كىشىنى تاۋلايدىكەن . مەن بۇ سەپىرىمدە كۆپ ، ئۆزۈم ئويلاپمۇ باقمىغان رىزق - نېسىۋېگە ئېرىشتىم ، ۋەتەن ئۈچۈن ، يۇرتۇم ئۈچۈن ، خەلقىم ئۈچۈن دېگەندەك تالاي ئۈچۈنلەرنىڭ ۋەزنىنىڭ تاغدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندىم ، ھېس قىلدىم . مېنىڭ يەنە چۈشەنمەيۋاتقانلىرىم ئالدىمنى توراپ تۇرۇۋاتاتتى ....
      ( بۇ قىسقا سالامىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي ، سىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىڭلارغا ئېرىشسە داۋامىنى يوللاش ئۈمىدىممۇ يوق ئەمەس .)   
             مەخمۇت ئابلىمىت قويچى شىخو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96768
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 12:25:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدقادىر جالالىدىن ئاكىمىزنىڭ ئۇزنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ماۋزۇلۇق ساياھەت خاتىرسىنىڭ mp3شەكىلدىكى سىن تەخسىسىنى شەنبە كۇنى سىتىۋالغان.تۇنۇگۇن - بۇگۇن تۇلۇق ئاڭلاپ بۇپتىمەن.ئەسەردە ياپۇنىيە جەمىيىتى تۇلىمۇ ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرلۇپتۇ.پەن تەخنىكىنىڭ ئىنسانلارغا كۇرسىتىدىغان تەسىرى تۇلۇق گەۋدىلەندۇرلۇپتۇ.ئابدىقەيىم ئىمىن ئاكىمىزنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن ئۇنگە ئىلىنغان بۇ ئەسەرنى ئاڭلاۋاتقان ۋاقتىمدا ياپۇنىيەگە بىرىپ ئۇز كۇزۇم بىلەن كۇرگەندەك ھىسىياتتا بۇلدۇم.بۇ ئەسەردە ياپۇنلارنىڭ ۋاقىت قارشى تۇغرىسىدا كۇپرەك تۇختىلىپتۇ.دىمەك مەنمۇ بىر چالمىدا ئۇچ پاختەك سۇققان بۇپتىمەن .قانداق دىسەڭلار 1- مۇشۇ ئىككى كۇن ئىچىدە بىر ياخشى كىتاپنى ئۇقۇپ چىقىپتىمەن 2-مۇشۇ ئەسەرنى ئاڭلىغاچ كۇپ ئىشلىرىمنى قىلۋاپتىمەن 3-يالغۇز ئىشلىگەندىكى زىرىكىشچىلىكتىن قۇتۇلۇپتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 12:46:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقتىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىپ كېلىشلا بولماپتۇ ، دوستۇم . ئۆزۈڭ ھەققىدە قايتىدىن بىر يېڭىچە تەپەككۈر قىلىپسەن . سەپىرىڭ ساڭا قۇت ئاتا قىپتۇ . سۆيۈندۈم ، ئىلگىرلەۋاتقان ، يېڭىلىققا ئىنتىلىۋاتقان ، ئېدىيىسىدە يەنىمۇ ئويغىنىش بولۇۋاتقان ، ئىچكىرىگە بېرىپ ماددىي شارائىتىنىلا كۆرۈپ قانائەت قىلىپ قالغان تالاي كىشىلىرىمىز قاتارىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىشقا جۈرئەت قىلىپسەن ، ئويلىغانلىرىڭىنى يۇرتۇڭ خەلقى ، شۇنداقلا بىزدەك دوستلىرىڭ بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇپسەن . ئەسىرىڭدىن بەك تەسىرلەندىم . تەپەككۈر قۇشلىرىڭ ھارمىسۇن . ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش ھالىتىڭنى داۋاملىق ساقلىشىڭنى ، شۇنداقلا ئاخىرىنى چوقۇم يېزىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن ، بۇ مېنىڭلا تەلىپىم ئەمەس بەلكى سېنىڭ بارلىق دوستلىرىڭنىڭ ، يۇرت خەلقىنىڭ تەلىپى ، ئەلۋەتتە .  ئاخىرىغا تەشنامىز ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 09:10:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇقادىر ئۇكام بىلەن بۈگۈن ئەتتىگەندە تويدا ئۈچرىشىپ قېلىپ شۇ توغرىدا ئازرراق پاراڭلىشىپ قالدۇق.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9711
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 11:49:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇن ئېلىپ قوياي ئەتە ئىنكاس يازىمەن.

سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش