مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3466|ئىنكاس: 30

خەنزۇ تىلىنى مۇئەللىمسىز ئۆگىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 12:11:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مىسرانىم ئەھلى:
  نۆۋەتتە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەممىگە ئايان، مەيلى ئوقۇش، خىزمەت، ئىمتىھان بولسۇن، مەيلى سودا سېتىق، تېجارەت، ساياھەت، ئىش بېجىرىش بولسۇن، ھەر ۋاقىت خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىگە چوقۇم دۇچ كېلىمىز. بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باقمايدۇ. بولۇپمۇ خىزمەتكە چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، تېجارەتچى، سودىگەرلەر بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايدۇ.
  بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى نۇرغۇن كىشىلەر ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ، گەرچە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا خەنزۇ تىلى دەرسى مۇھىم ئاساسلىق پەنلەر قاتارىدا ئۆتۈلسىمۇ بىراق بۇ ھەرگىز يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى باشقا دەرسلەرنىڭ كۆپ ۋە زىچ بولۇشى، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا ياخشى ئۆگىنەلمەسلىك، ئەمەلىي قوللىنالماسلىق ئەھۋالى نىسبەتەن گەۋدىلىك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلمىسە ئۆگەنگەن نەرسىلەر ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.
ھازىر مەن 10 يىللىق ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش داۋامىدا قان-تەرىم بەدىلىگە ئېرىشكەن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىمنى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقچىمەن، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار خەنزۇ تىلىنى تۇنجى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە سەۋىيىسى نىسبەتەن تۆۋەنلەرگە ماس كېلىدۇ. مىسرانىم ئەھلىگە ئاز-تولا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
  بىرىنچى، ئالدى بىلەن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتىكى خاتا قاراشلارنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاش كېرەك.
1. تىل ئۆگىنىشمۇ بىر خىل ئىلىم ئۆگىنىش، ئىسلام دىنى ئىزچىل تۈردە ئىلىم ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بىز ئۆگىنىدىغان تىلغا قانداق قارىشىمىزدىن قەتئىينەزەر پەقەت پايدىلىقلا بولىدىكەن، چوقۇم ئۆگىنىش كېرەك. چۈنكى ئىلىم ئۆگىنىش پەرھىزدۇر.
2. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆگىنىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنىش بىر خىل ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق ئەقلىي ئەمگەك، بەش بارماقنى ئېغىزغا بىراقلا تىققىلى بولمىغاندەك، تىل ئۆگىنىشتىمۇ ئاز-ئازدىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
3. خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ يازالايدىغان بولۇش ھاجەتسىز. خەنزۇ تىلى بىر خىل ئىلىپبەسىز تىل بولۇپ، خەتنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى دۇنيادىكى تىللار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ سانى 70 مىڭدىن ئاشىدۇ.  ھەتتا خەنزۇ يولداشلارمۇ بۇ خەتلەرنى ئەستە تۇتۇشتا قىينىلىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇلارنى تولۇق ئۆگىنىپ بولۇش بەسى مۈشكۈل. بىراق بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. چۈنكى بۇ خەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ، بىر قىسىمى پەقەت ئالاھىدە كەسپىي ساھەلەردىلا ئىشلىتىلىدۇ. ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خەنزۇچە خەتلەرنىڭ سانى 2000 ئەتراپىدا بولۇپ، بىز پەقەت مۇشۇ خەتلەرنى ئۆگىنىۋالساقلا كۇپايە. قالغانلىرىنى زۆرۈر تېپىلغاندا لۇغەتتىن ئىزدەپ ئۆگىنىۋالساق بولىدۇ.
4. تۆت تونغا قەتئىي دىققەت قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇ ھالقىغا ھەتتا خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتىدىغان مىللىي ئوقۇتقۇچىلارمۇ سەل قارايدۇ. كۆپىنچە ئۆگەنگۈچىلەر بۇنىڭغا سەل قاراپ ئېغىر خاتالىق سادىر قىلىدۇ. چۈنكى تۆت تون ئۆزگىرىشى سۆز مەنىسىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىنمىسا سۆزلەپ ئىپادىلەش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرىلاپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئىككىنچى، تەييارلىق خىزمەتلەر:
1. چوقۇم ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق ئۆگىنىشكە نىسبەتەن مۇستەھكەم ئىرادە، قەيسەرلىك بىلەن تېرىشىش روھى بولۇش كېرەك. يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتكەنلەر چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.
2. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 2 سائەتتىن مۇنتىزىم ئۆگىنىش ۋاقتى، تېنچ، ئازادە مۇھىت بولۇشى كېرەك.
3. كېتەرلىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇش كېرەك. ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى ياخشى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ ئۆگىنىشنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشلانغۇچ، تولۇقسىز مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئۆزى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كەلمەيدۇ.
.............................
كەچۈرۈڭلار، داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاي.

ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 02:12:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپىنچە تورداشلار مۇنبەرنىڭ ئورگىنال ساندۇقىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. ناۋادا سىز بىر تېمىنى يوللاۋاتقاندا جىدى ئىشىڭىز چىقىپ قالسا تېمىنى چالا يوللاشنىڭ ئورنى يوق . ئورگىنال ساندۇقىغا ساقلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. كېيىن خالىغان ۋاقتتا ئەسلىگە ئەكىلىپ تولۇق يازالايسىز...
بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن چالا ئىش قىلغانلارغا باشقىچە قاراشتا بولۇپ كەلگەن، ۋە بۇ ھەقتە نۇرغۇن ماقال تەمسىللەرمۇ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. شۇڭا ئامال بار چالا تېما يوللىمايلى. تېمىنى تولۇق يېزىپ بولغاندىن كېيىن بىر قۇر كۆرۈپ بېقىپ، تەھرىرلەيدىغان يەرلەرنى تەھرىرلەپ، چىقىرىدىغان يەرنى چىقىرىۋېتىپ، قوشۇدىغان سۆز  بولسا قوشۇپ، ئامال بار مۇكەممەل ھالەتتە چىقىرىش كېرەك.
ھازىر تېمىلارنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى بەك تىز بولۇپ كەتكەچكە تېمىلارغا تەستىق سالغاندا تېخىمۇ چىڭ تەلەپ قويۇشىمىز مۇمكىن. كېيىنكى قېتىم ‹‹داۋامى بار›› دەيدىغان خەت بار تېمىلار ژانىرىغا قاراپ ئايرىلىپ  بەزىلىرى تەستىقلانمايدۇ. ماسلىىشپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 02:24:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
orginal saqlash.jpg

ئورگىنال ساقلاش

orginal aslige ekilish.jpg


ئورگىنال كۆرۈش

8888888888.jpg


قاراڭ، مېنىڭ 2012-يىلىدىكى تېمامنىڭ ئورگىنالى ھازىرغىچە بار.
سىز تېما ماۋزۇسىنى تاللىسىڭىز ئايرىم بىر بەت ئېچىلىپ ئەينى ۋاقتتا ساقلاپ قويغان تېمىڭىز شۇ ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. سىز داۋاملاشتۇرىسىز. بىر تال چىكىتىڭىزمۇ يوقاپ كەتمەيدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 خو

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 02:53:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى:
كۆپچىلىككە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن «خەنزۇ تىلىدىن ئاساس» دېگەن ئۈچ قىسىملىق دەرسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن. دەرسلىكنىڭ ئىلمىيلىكى يۇقىرى، پىنيىندىن تارتىپ، سۆزلۈك، تېكىست، مەشىق، گرامماتىكىغىچە ھەممىسى بار. يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە تولىمۇ باب كېلىدۇ.
4. قورال كىتابلار: يەنى لۇغەت. ئەگەر ئالاھىدە كەسپىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتمىسىڭىز ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى خەنزۇچە ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە خەنزۇچە قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت بولسا كۇپايە.
5. بىر دانە يانچۇق رادىئوسى.
6. بىر دانە كىچىك ئۈنئالغۇ ياكى ئۈن ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە mp3 قويغۇچ.
7. خەنزۇچە پىنيىن مەشقى توغرىسىدىكى ئۈنئالغۇ لىنتىسى.(قاندىقى بولسا بولۇۋېرىدۇ، پىنيىننىڭ ئوقۇلۇشى ۋە تون ئۆزگىرىشى بولسىلا كۇپايە. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.)
7. ئۆگىنىش خاتىرىسى يېزىشقا كېتەرلىك چوڭراق دەپتەر.
كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرى:
1. دەرسلىكنىڭ باش قىسىمىدىكى پىنيىنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆگەنگەندە چوقۇم ناھايىتى ئەستايىدىللىق، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆگىنىش كېرەك. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساس خاراكتېرلىك مۇھىم بىلىملەر، بۇلار خۇددى بىنانىڭ ئۇلىغا ئوخشايدۇ، ئۇل مۇستەھكەم سېلىنمىسا ئۈستىنى ھەرقانچە پۇختا سالغان بىلەن ھامان ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ياخشى ئۆگەنمىگەندە ئۆگىنىشتە يوچۇق قالىدۇ، بۇنى كېيىن ئۆزگەرتمەك قېيىن. شۇڭا مۇناسىپ دەرسىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى تەكرار ئاڭلاپ، تەلەپپۇز قىلىش، بۇنىڭغا كۆپرەك كۈچ سەرىپ قىلىش كېرەك.  پىنيىننىڭ يېزىلىشى ئانچە مۇھىم ئەمەس، پەقەت پىنيىنغا قاراپ ئوقۇيالىسىڭىزلا كۇپايە، پىنيىن يېزىشنى ئۆگىنىمەن دەپ زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. پىنيىن ۋە تونغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئادەتتە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 15 كۈن ئەتراپىدا ئۆگىنىپ بولغىلى بولىدۇ.
2. خەت سىزىقلىرى (يەنى بىخۇا )، يان بۆلەك ۋە قەلەم تەرتىپى
بۇلارمۇ نىسبەتەن مۇھىم مەزمۇن، چوقۇم قەلەم تەرتىپى بويىچە توغرا ۋە ئۆلچەملىك يازالايدىغان بولۇش كېرەك. شۇندىلا خەتنى تېز، توغرا ۋە چىرايلىق يازغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمىز.
3. سۆزلۈك قىسىمى. سۆزلۈك ئۆگەنگەندە سۆزلۈكنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە تەرجىمىسىنى چوقۇم يادلاش، كىتابقا قارىماي تۇرۇپ، ھەر بىر خەتنى ئاز دېگەندە ئون قېتىمدىن ئۆلچەملىك يادا يېزىش كېرەك. بىر قىسىم كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنى ئۆگەنگەندە سۆزلۈكنىڭ ھەممە مەنىسىنى ئۆگىنىمەن دەپ لۇغەت ئىزدەپ ئاۋارە بولماسلىق كېرەك. سۆزلۈكنىڭ شۇ تېكىستتە ئىپادىلىنىدىغان مەنىسىنى بىلسەكلا كۇپايە.
4. تېكىست. بۇ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قېيىن نۇقتا. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇش تېكىست ئۆگىنىشكە باغلىق. چۈنكى گرامماتىكا، سۆزلۈك، جۈملە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېكىستتە كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تېكىستنى تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئۆگىنىش كېرەك:
(1) ئالدى بىلەن تېكىستنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش، ئوقۇيالمىغان خەتلەر، يېڭى سۆزلەر ئۇچرىسا سۆزلۈك قىسىمىدىن ياكى لۇغەتتىن ئىزدەش چوقۇم ئوقۇيالايدىغان بولۇش كېرەك.
(2) تېكىستنى تەرجىمە قىلىش. ئۆگەنگەن سۆزلۈك، جۈملە ۋە گرامماتىكا بىلىملىرىگە ئاساسەن تىكىستنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلىپ چىقىش.
(3) تېكىستنى كۆپ قېتىم ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇش، توغرا ئوقۇش، تاكى راۋان، ئازماي ئوقۇيالىغانغا قەدەر ئوقۇش كېرەك.
(4) تېكىستنى ئۈنلۈك ئاۋازدا يادلاش. يادلىغاندا ئىمكانقەدەر تولۇق يادلاش كېرەك. ئەگەر تولۇق يادلاپ بولالمىسىڭىز ئابزاسلارغا پارچىلاپ يادلاڭ، ئۇنىمۇ يادلاپ بولالمىسىڭىز جۈملىلەرگە پارچىلاپ يادلاڭ. ئەگەر ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز سۆزلۈكنى قايتا ئۆگىنىڭ. ئەگەر تەكرار يادلاپمۇ يادلاپ بولالمىسىڭىز ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ يادلاپلا ئۇخلاڭ. ئەتىسى ئورۇنىڭىزدىن تۇرۇپلا يادلىسىڭىز ئاسانلا يادلىيالايسىز.
(5) تېكىستنى يادلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈنئالغۇ ياكى mp3 ئارقىلىق ئۈنگە ئېلىۋېلىڭ. ئاندىن ئۇنى قويۇپ ئەسلى تېكىستكە سېلىشتۇرۇپ خاتا يادلىغان، چۈشۈپ قالغان جايلارنى قايتا يادلاڭ.
(6) ئۆلچەملىك يادلاپ بولغاندىن كېيىن يادقا يېزىپ ئەسلى تېكىست بىلەن سېلىشتۇرۇڭ، خەت خاتالىقى بايقالسا خاتا يازغان شۇ خەتلەرنى قايتا ئۆگىنىڭ.
5. گرامماتىكا. بۇنى ئۆگەنگەندە چوقۇم دەرسلىكتە كۆرسىتىلگەن ئەمەلىي مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل كۆرۈش كېرەك.
6. مەشىق. مەشىقلەرنى تەلەپ بويىچە يېزىپ ئىشلەش، ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن خەنزۇ تىلى بىلىدىغانلارغا كۆرسىتىپ تۈزىتىش، تۈزىتىپ بولغاندىن كېيىن قايتا ئىشلەش كېرەك.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە يېرىم سائەتتىن خەنزۇچە رادىئو ئاڭلاش، ياكى خەنزۇ تىلىدىكى كىنولارنى كۆرۈش، خەنزچە قاناللاردىكى تېلېۋېزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈش كېرەك.
2. مەيلى قايسى مەزمۇننى ئۆگىنىشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇپ ئۆگىنىش، خاتىرە يېزىش كېرەك.
3. ئۈچ قىسىم دەرسلىك كىتابنى تولۇق ئۆگىنىپ بولۇش، بولۇپمۇ تېكىستلەرنى تولۇق يادلاپ بولۇش، سۆزلۈكلەرنى يادقا يازالايدىغان، كۆرۈپ ئوقۇيالايدىغان، چۈشىنەلەيدىغان بولۇش كېرەك.
4. ئۆگىنىش داۋامىدا دەسلەپتە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولماسلىقى، ھەتتا ئارقىغا چېكىنىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىشى نورمال ئەھۋال، شۇڭا ئۈمىدسىزلەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي قەيسەرلىك بىلەن ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتكەنلەر چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، بۇرۇن قىلغان ئەجرى بىكار كېتىدۇ. شۇڭا ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلىگەنلەرلا غەلىبە قازىنالايدۇ.
5. ئۆگىنىش داۋامىدا خەنزۇلار بىلەن ئاكتىپ ھالدا پاراڭلىشىش، كۆپرەك سۆزلىشىپ تۇرۇش كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقماڭ، دادىللىق بىلەن سۆزلەۋېرىڭ، خاتا سۆزلەپ قويغان بولسىڭىز قارشى تەرەپتىن تۈزىتىپ بېرىشنى، توغرىسىنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ، بۇ نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۆگەنمەسلىك نومۇستۇر.
6. كۆڭلىڭىزدە ئويلىغانلىرىڭىزنى خەنزۇچە دەپ يېزىپ بېقىڭ، ئەگەر كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادىتىڭىز بولسا ئەڭ ياخشىسى خەنزۇچە يېزىڭ. يولدا ماڭغاچ ۋىۋىسكا، لوزۇنكا، پىلاكاتلاردىكى خەنزۇچە سۆزلەرنى ئوقۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مېڭىڭ. خەنزۇچە رادىئو ئاڭلاڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىزگە پايدىلىق.
7. ئارام ئېلىش بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇڭ. قېنىپ ئۇخلاڭ، كۆپ يەپ ئىچىشتىن ساقلىنىڭ، ئۆگىنىشكە ئاكتىپ، جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئاتلىنىڭ.
قېيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمدە.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى باشقىلار قىلالىغاننى سىزمۇ چوقۇم قىلالايسىز، توغرا ئۇسۇل بىلەن جاپالىق تېرىشقان ئادەمنىڭ ئەجرى ھەرگىز يەردە قالمايدۇ.
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىلمىنى زىيادە قىلسۇن، ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن سەۋر تاقەت، چىدامچانلىق، غەيرەت جاسارەت ئاتا قىلسۇن.
ئۆگىنىش ئۈچۈن تېرىشىۋاتقانلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7436
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7746 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 02:57:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما  ناھايىتى ياخشى يوللىنىپتۇ. بىز ھازىر رىقابەت دەۋرىدە تۇرىۋاتمىز.تىل بىلمىسەك راستىنلا قېينىلىپ قالىمىز.دىيارىمىزنى مىسالغا ئالساق،ھازىر خەنزۇتىلى بىلمىسە نۇرغۇن ئىشلىرىمىز تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئاددىيسى بىز تولدۇردىغان جەدۋەللەرمۇ خەنزۇچە .شۇڭلاشقا خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگىنىپ ،تىلىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرايلى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 02:57:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-8-26 02:24 PM
ئورگىنال ساقلاش

تۈنۈگۈن تېما يوللاۋېتىپ جىددىي ئىشىم چىقىپ قالغان ئىدى، يېزىپ بولغان نەرسىلىرىمنىڭ يۈتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ داۋامى بار دەپ يوللاپ قويغان ئىدىم. ئەمدى بىلىۋالدىم، كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3083
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5925
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2663 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 03:17:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-8-26 06:24 PM
ئورگىنال ساقلاش

ما ئىختىدار قالتىسكەنغۇ بۇرادەر،

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 04:20:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلارغا ئاھىدە ئىمتىياز بار ئوخشايدۇ . ئۇ ئىقتىدار بىزنىڭكىدە يوقكەن.

بىلىملىك گېلى ۋە تىلىنى ياخشى باشقۇرۇشى كىرەك، گېلى ۋە تىلىغا ھېزى بولۇش ئۈچۈن بىلىملىك بولۇشى كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 04:39:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-8-26 03:17 PM
ما ئىختىدار قالتىسكەنغۇ بۇرادەر،

ئەمدى بىلدىڭىزما بۇرادەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 04:40:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تما ئىگسىگە كۆپ رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش