|
|
|
|
خەلقىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئېقىۋاتقان مەرت ئوغلانلىرىمىز دەۋرىمىزدىمۇ ئاز
ئەمەس ، ئەمما ئاغىزىدا شەھەر ئالغان ئەمەلىيىتىدە ھىچبىر كىشى ئۈچۈن زەررىچىلىك ياخشى ئىش
قىلىپ باقمىغان كىشىلىرىمىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا دىيارىمىزدا تەنتەربىيە ، بولۇپمۇ پۇتبۇل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ئاتىغان ، پۈتۈن كۈچى ، تاپقان پۇلىنى بۇ يولغا سەرىپ قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئاكىمىز بار ، ئۇنىڭ نامى 98- يىلى ئۆتكۈزگەن پۇتبۇل مۇسابىقىسى بىلەن تارقالغان ، بۇ يىل بۇ ئىسىم يەنە بىر قېتىم كىشىلىرىمىز قەلبىگە ئورنىدى ئۇ بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلى يۈسۈپ ھاجى ئىمىن . يۈسۈپ ئىمىن ئاكا ئۆزىنىڭ پۇتبولغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە مۇھەببىتى بىلەن قىلغان ئەمەلىي خىزمەتلىرى ئارقلىق پۈتۈن خەلق قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى ، بۇ يىل يەنى 2013- يىللىق شىنجاڭ پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى كاتتا يايلاق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرغان يۈسۈپ ئىمىن ئاكا بارلىق پۇتبۇل سۆيەر كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئېسىل سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن بولسىمۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ مۇكاپاتلاش ۋە خۇلاسىلاش ئىشلىرىدا بەزى كىشىلىرىمىز يۈسۈپ ئىمىن ئاكىنىڭ ئارقىسىدىن بىر قىسىم غەيۋەتلەر ۋە ئەپقاچتى گەپلەرنى قىلىپ يۈردى ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا چىمبۇلاق تورىمىز بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن خۇلاسە چىقىرىش يەنە ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر سۆھبەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق .
مۇسابىقە باش ئاخىرى ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ھەمدە قائىدە - تەرتىپ شۇنداقلا ئاخىرقى نىشان ۋە ئارزۇلار ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن بۇ فىلىمنى كۆرسىڭىز ئاندىن بولۇنغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى شۇنداقلا پۇتبۇل سۆيەر يۈسۈپ ئىمىن ئاكىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بىلەلەيسىز !
ئەڭ سەرخىل مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز داۋاملىق - چىمبۇلاق ئېكرانىدا بولسۇن ! http://www.qimbulak.com
2013- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى
ھۆرمەت بىلەن : چىمبۇلاق تورى
|
|
|
|
|
|