باۋۇدۇن تېكىست ياردەمچىسى (BTY) بولسا ئۇيغۇرچە يازمىلاردىكى ئىملا ۋە تىنىش بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك تۈزىتىدىغان، گۇمانلىق سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەپچىل دېتال.
مەزكۇر دېتال يېنىك بولۇش، ئېلىپ يۈرۈش ئەپلىك بولۇش، سۈرئىتى تېز بولۇش، پۈتۈن ئاپتوماتىك بولۇش، بىر كۇنۇپكا بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ.
دېتالغا ئۇيغۇرچە 170دىن ئارتۇق بېكەتلەرنىڭ ئەڭ يېڭى يازمىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان «زام» ناملىق ئىقتىدار قوشۇلغان بولۇپ، ئىملا تۈزەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى يېڭىلىقلاردىن ئەڭ تېز خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ.
دېتال ئىشلەتكەن ئىملا ئامبىرى 220 مىڭغا يېقىن يۇقىرى چاستوتىلىق سۆزلۈككە ئىگە بولۇپ، قىسمەن يېقىندا پەيدا بولغان ئىسىملار، چەتئەل رايون ئىسىملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (مەسىلەن: ئەلكۈيى، مىسرانىم، نۇرقۇت... دېگەندەك). ئاپتوماتىك تۈزەش ئامبىرى 26 مىڭدىن ئارتۇق سۆزلۈككە ئىگە، يەنى 26 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى چاستوتىلىق خاتا خەتنى ئاپتوماتىك تۈزىتىپ بېرەلەيدۇ.
باۋۇدۇن تېكىست ياردەمچىسى تىزىملىتىپ كىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا پەقەت تىنىش بەلگىلەرنى تۈزىتىدۇ، تىزىملىتىپ كىرسە ئىملانىمۇ بىللە تۈزىتىدۇ. ئىشلەتكۈچى ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلىتىش ھالىتىنى بېكىتسە بولىدۇ.
باۋۇدۇن تېكىست ياردەمچىسىدە تەشۋىقات كۆزنىكى ئېچىلغان بولۇپ ھەرقايسى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئېلان بېرىشىنى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
خۇش-خەۋەر: دېتال تەشۋىقاتىنىڭ ياخشى بۇلىشى ئۈچۈن باۋۇدۇن تېكىست ياردەمچىسى ھەققىدىدىكى يازمىلارنى ئۆز بېكەتلىرى (مۇنبەر، بىلوگ، ۋېيشىن سالونى)گە يوللاپ تەشۋىق قىلىپ بەرگەن ئاتامان (باشقۇرغۇچىلار)نىڭ بىر پارچە ئېلانى (ئاللاھ خالىسا، شۇ كۈنگە يەتكۈزسە) باۋۇدۇن تېكىست ياردەمچىسىنىڭ تەشۋىقات كۆزنىكىدە 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە قويۇپ بېرىلىدۇ.
دېتالنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى: دېتالنىڭ يېڭى نەشرى سىنا تورىنىڭ ھۆججەت ھەمبەھىرلەش بېتىگە يوللىنىدۇ، بەيدۇ تورىدىن Bawudun BTY دېگەن ھالقىلىق سۆزنى ئىزدەش ئارقىلىق تېپىپ چۈشۈرەلەيسىز، ھۆججەت ئىسمى كەينىگە چېسلا قوشۇپ يېزىلىپ يوللىنىدۇ، ئاشۇ چېسلاغا ئاساسەن ئەڭ يېڭىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. دېتالنىڭ يېڭى نەشرى چىققاندا تەشۋىقات كۆزنىكى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار قىلىنىدۇ.
باۋۇدۇن تېكىست ياردەمچىسىنىڭ نۆۋەتتىكى نەشرى سىناق نەشرى بولۇپ داۋاملىق مۇكەممەللىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا كەمچىلىك ۋە خاتالىقلارنىڭ بۇلىشى تەبىئىي. بىز سىزنىڭ دېتال ئىشلىتىش جەريانىدا دېتالدا يۈز بەرگەن ھەربىر خاتالىقلارنى بىزگە ئىنكاس قىلىپ، بۇ دېتالنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىۋاتقان ھەربىر كىشى ئۈچۈن ياخشى بىر «ياردەمچى قۇرال» بولۇپ چىقىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
دېتال توغرىسىدا پىكىر-تەلەپلەرنى ياكى ياخشى ئىدىيەلەرنى بىزگە ئېيتماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئالاقە ئۇسۇللىرىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
ئېلخەت:
qutbilik@126.com
چ چ : 137936175