مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2421|ئىنكاس: 11

قاۋاقتىكى پاراڭلار{2} ھېكايە ‹‹ئۆزقۇت›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92689
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 02:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت

قاۋاقتىكى پاراڭلار{2}

ھېكايە

مەھەللىمىزدىكى قاسىم پالاكەت بىر قانچە يېقىن دوستلىرى بىلەن ‹‹قەددىناسلار شاتلىقى›› رستوراننىڭ ئايرىخانسىغا يەنە يىغلىدى.كۆرۈشمگىلى يېرىم يىل بولغان يېقىن ئاغىنلەر ئۆز ئارا قىزغىن سالام سائەتتىن كېيىن قىزغىن پاراڭلار بىلەن ئولتۇرشاتتى.

-قاسىم ئاداش يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ‹ئالتىنچى ئاينىڭ پاقسىدەك› كۆرۈنمەس بولۇپ كەتتىڭغۇ،توي ئېغىر كەلدىمۇ نېمە؟-دېدى كىرىم تاتۇق قاسىم پالاكەتنىڭ شۇمشيىپ قالغان تەقى-تۇرقغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن.

-نەدىكى گەپلەرنى دەيدىكەنسەن ئاداش،ئانچە ئالدىراش ئەمەس،ئۆتكەن ئايدا ئايالىم قازا قىلىپ كېتىپ،مۇسبەتتە بولۇپ قالدىم،-دېدى قاسىم پالاكەت ئىغىر ئۇھ تارتىپ.

-نېمە؟ئايالىم قازا قىلىپ كەتتى دېدىڭما ؟ ئەجەپ بىز بىلمەي قاپتۇققۇ،_دېدى ئەخەت توڭكاي جىددىي تەلەپپۇزدا.

_مەن توي قىلغاندىن كېيىن ئانام،ئېنىم ۋە ئايالىمنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ئىدىم.شەھەردە تۇرۇپ قالغاچقا بىلمىگەن ئوخشايىسلەر.

-مۇنداق دە ئاداش،يامان بوپتۇ،بەك قايغۇ ئۇرۇپ كەتمە،يەنە تويىڭنى قىلىپ قويىمىزغۇ؟_دېدى كېرىم تاتۇق چاقچاق ئارىلاش.

قاسىم پالاكەت ئاغىنلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئارتۇقچە گەپ قىلىشنى راۋا كۆرمىدى بولغاي قولىدىكى تاماكىنى ئاچچىق شۇراپ ئولتۇردى.ئەخەت توڭكاي جىمىپ كەتكەن ئۈلپەتداشلىرىغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن بىر رومكا ھاراقنى قولغا ئېلىپ:

_-قېنى دوستلار،بۈگۈن قاسىم ئاداشنىڭ كۆڭلىنى بىر كۆتۈرۈپ قويايلى،ھەممىزنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خوشە،-دېدى.

_-قېنى خوشە،سېڭسۇن...

كۆپچلىك تەڭلا خوشەگە قوللىرىنى كۆتۈرۇشتى.

_ قاسىم ئاداش،مۇشۇ بىر رومكا ھاراقنى ئېچۋىتىپ، ئاشۇ قايغۇلىرىڭغا ھەممىز تەڭ جۈر بولايلى،نېمە قسمەت،‹‹پالاكەت››لەر كەلدى سۆزلەپ بەرگىن،ئىچىڭ بوشاپ قالار،-دېدى ئەخەت توڭكاي بىر رومكا ھاراقنى قاسىم پالاكەتكە تەڭلەپ.

قاسىم پالاكەت بىر ھاراققا،بىر ئەخەت توڭكاينىڭ كۆزگە قاراپ تەسلكتە قولغا ھاراقنى ئالدى-دە،گەپ باشلىدى.

_- مەن بۇنىڭىدىن كېيىن قەتئى ھاراق ئېچمەيمەن دەپتىم،ئاغىنىلەرنىڭ كۆڭلۈمنى ئىزدەپ قىلغان ھىممىتىگە كۆڭلۈم قويمدى،ئۇنداق بولسا دوستلارنىڭ ھۆرمىتىگە قولۇمدىكى ھاراقنى ئېچىۋىتىپ،بېشمىدىن ئۆتكەن بۇ قېتىمقى ئاچچىق كەچمىشمىنى سۆزلەپ بېرەي.

قاسىم پالاكەت قولىدىكى ھاراقنى تەسلكتە ئېچىپ،بىر چوكا سەي يېۋىتىپ گەپ باشلىدى.

-بۇنىڭىدىن بىر يېرىم ئاي بۇرۇنقى بىر كۈنى ئشتىن بالدۇرلا چۈشۈپ زىبۇ-زىننەت بازىرىغا كىرىدىم. زىبۇ_زىننەت رەستىلىرىنى ئارىلاپ نەچچە مىڭ يۈەنگە بىر تال ئالتۇن زەنجىر سېتۋالدىم_دە،خۇشال ھالدا ئاللېقانداق خىياللار بىلەن ئۆيگە يېتىپ كەلدىم.

بۇ چاغدا ئايالىم پەزىلەت ئۆينى بىر قۇر تازىلاپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭ ئامراق تامىقم-لەغمەن ئېتىپ ئولتۇرۇپتۇ.ئايالىم ئىشچان،كۆيۇمچان ۋە ئاقكۆڭۈل ئايال ئىدى.مەھەللىدىكى قېرى_ياش ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئاياللىق لاتاپتى،ماڭا بولغان سەمىمىي مۇئاملسى ۋە ۋاپادارلقىغا چىن كۆڭلىدىن قايىل ئىدى.

مەن ھارغىن ھالدا ئۆيگە كىرىپ، چارچاپ كەتكەنلكىمىدىن كېرسلوغا ئۆزۈمنى تاشلىدىم. كۆڭلىمدە بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك ئشلىرىمنى ئەسىلەپ چىقىپ،ئۆز_ئۆزۈمگە:‹‹بۈگۈن ئەجەپ ھېرىپ كەتتىم.لېكىن ھەرھالدا ياخشى سوۋغاتدىن بىرنى سېتۋالىدىم››دېگەنلەرنى پىچىرلدىم.راسىت،بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئايالمىدىن كۆڭلۈم تازا سۇ ئېچمەي كېلۋاتاتتى.يوقلاڭ ئشلارنى باھانە قىلىپ ئايالىمنى ئۇرۇپ_تىللاپ،دۇمبالايتم.ھە دېسە ‹‹خېتىڭنى ئال!كۆزۈمدىن يوقال!››دېگەندەك گەپلەرنى تولا قىلدىغان بولۇپ قالغانىدىم.

مەن ئازىراق دېمنى ئىلىۋالغاندىن كېيىن ئايالىمغا ۋاقىراپ:

_ھەي،قېرى تۇغماس جەددال خوتۇن!تېخىچە تاماق ئەتمىدىڭمۇ؟_دېدىم تەرىمنى تۈرۈپ زەردە بىلەن.

_تاماق ھازىرلا پىشىدۇ،چاي ئېچكەچ ئولتۇرۇپ تۇرسىلا،_دېدى پەزىلەت ئىتائەتمەنلىك بىلەن.

_نېمە ئش قىلدىڭ شۇ تاپقىچە تاماق ئەتمەي، ‹‹ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، قېرى خوتۇننىڭ پەتىسى تۈگىمەس›› دەپ لالما ئىتتەك خوشنىلارنىڭ ئۆيىدە سۆڭەك غاجىلاپ يۈردۈڭمۇ؟_ دېدىم قوللىرىمنى شىلتاپ تۇرۇپ.

پەزىلەت زەردە بىلەن دېگەن گەپلىرىمنى ئاڭلاپ خۇما كۆزلىرىدىن مۇنچاق-مۇنچاق ياشلار مەڭىزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى. ئۇ ياش يۇقى كۆزىنى سۈرتكەچ ئارتۇق گەپ قىلىشقا رايى بارماي قازان بېشىغا ئۆتتى.

ئۇ مېنىڭ بۇنداق تىل-ھاقارەتلىرىمگە كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا يەنە تاكاللاشسا ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ، يەنە جاۋابلاشسا جىدەلنىڭ چوڭىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

مەن ئوخشىتىپ ئېتىلگەن لەغمەندىن بىر يېرىم تەخسە سوقىۋەتكەندىن كېيىن ئورنۈمىدىن ئاستا قوپتۇم_دە، سوۋغات قاچلانغان قۇتىنى يانچۇقىمغا سېلىپ، سىرتقا ماڭدىم.

ئايالىم مېنىڭ ئالدىراش سىرىتقا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ:

_ سىزگە دەيدىغان مۇھىم گېپىم بار ئىدى،_ دېدى.

_ قانداق گېپىڭ بولسا مەن كەلگەندىن كېيىن دە، ئالدىراش كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟!_ دېدىم ئاچچىقلانغان ھالدا كۆزۈمنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ.

_ سىز كېلىشتىن بىر سائەت بۇرۇن ئىنىڭىز كەپتىكەن. ئانىڭىز ئاغرىپ قېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئىكەن، بايام دەي دەپ بولغىچە تىللاپ كەتتىڭىز،_ دېدى پەزىلەت قاپساپ كېلىۋاتقان ئاچچىغىنى بوغۇزىدىن ئۆتكۈزمەي.

مەن ئايالىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل جىددىيلىشىپ قالدىم.

_ ئۇنداق بولسا دەرھال تەييارلان، بىللە بېرىپ كېلەيلى!

_ ماقۇل سومكامنى ئېلىۋالساملا بولىدۇ.

_ ئانام قايسى دوختۇرخانىدا ئىكەن؟

_ مېھىر شەپقەت دوختۇرخانىسىدا.

مەن گادىرماش خىياللار بىلەن كوچا ئاپتۇبوسىغا چىقتىم. ئۇزۇن يىللاردىن بىرى پىلانلاپ كەلگەن ئىشىم بۈگۈن ئەمەلگە ئاشاتتى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئانام ئاغرىپ قېلىپ چاتاق بولغانىدى.

كوچا ئاپتۇبوسىدا ئادەملەر مىغىلدايتتى. ئولتۇرغۇدەك ئورۇنمۇ تاپقىلى بولمايتتى. ئايالىم قىستىلىپ ئاپتوبوسنىڭ بېشىغا بېرىپ قالغان بولۇپ مىڭ تەسلىكتە بىر بوش ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۋالدى.

مەن ئاپتۇبۇسنىڭ كەينى چۈشۈش ئىشكى تەرىپىدە ئۆرە تۇراتتىم. مەن ئاللېقانداق ئويلار بىلەن ئاپتوبوس ئىچىدىكى يولۇچىلارغا قاراشقا باشلىدىم.تويۇقىسز كۆزۈمگە بىر نازىنىننىڭ لاتاپەتلىك رۇخسارى زاھىر بولدى.

سۇمبۇل چاچلىق، قايرىما كىرپىك، زىلۋا بويلۇق بۇ ‹‹نازىنىن›› مەن كۆرۈشمەكچى بولغان جانان شۇ ئىدى. يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. ئاھ، يۈگەنسىز ھېسيات. مېنىڭ قەلىبم ھاياجاندىن دولقۇنلاپ كېتىۋاتاتتى. كائىناتىكى بارلىق مەۋجۇدات ھەرىكەتتىن توختىغاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى.نازىنىن ماڭا قىيا بېقىپ قاراپ قويدى-دە،مەن تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

مەن تۇيۇقسىز ئەندىككەن ھالدا ئايالىمغا قارىدىم.ئايالىم ھېچ ئىشتىن بىخەۋەر ئالدىغا قاراپ ئولتۇراتتى.

ئۇزۇن ئۆتمەي يولۇچىلار ئارىسىدىن نازۇككىنە بىر قول سوزۇلۇپ چىقىپ، قولۇمنى يېنىككىنە تۇتتى. مەن ‹‹نازىنىن››نىڭ قولۇمنى تۇتقانلىقىنى سەزدىم_ دە، پۈتۈن بەدەنىمنى بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز شېرىن ھېسيات چىرماپ، ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويغىلى تاس-تاس قىلىۋاتاتتىم. دېرىزىگە قاراپ تۇرغان كۆزلىرىمنى نازىنىننىڭ لاتاپىتىگە تىكىشكە پېتىنالمىدىم. شۇنداقتىمۇ داۋالغۇپ كېلىۋاتقان نازۇك ھېسياتىمنى ئىپادىلىگۈم كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ‹‹نازىنىن››نىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتتۇم.

ۋاقىت تولىمۇ تىز ئۆتمەكتە ئىدى.بىر چاغ بولغاندا كوچا ئاپتۇبوسى دوختۇرخانا ئالدىدىكى بېكەتكە كېلىپ توختىدى. لېكىن مېنىڭ بۇ نازۇك قولنى قويۇپ بەرگۈم يوق ئىدى. ئەمما قويىۋەتمەي بولمايتتى. مەن چاققانلىق بىلەن يانچۇقىمىدىن بازاردىن ئالغان سوۋغاتنى ئالدىم_دە، نازۇك قولغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم.

مەن ئىنتايىن خۇشال ھالدا باشقلار بىلەن قستىلىشىپ ماشىنىدىن چۈشتۇم. قەلبىم تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانغا تولغانىدى. ئايالىم پەزىلەت مېنىڭ كەينىمدىن چۈشۈپ كېلىۋاتاتتى.

تۇيۇقسىز بىر يۈك ماشىنىسى ماڭا ئېتىلىپ شىددەت بىلەن كەلدى. ئۆلۈم قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدا قالغانىدى. بۇ چاغدا قەددىناس ئايالىم ئەجەل ئوقىنىڭ ماڭا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىككىلەنمەستىن مېنى چاققانلىق بىلەن نىرىغا ئىتتىرۋەتتى. ئەمما ئۆزى قان ئىچىدە يەرگە يىقىلدى.

ئۇنىڭ ئاغزى-بۇرنىدىن قان بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتاتتى. مەن قان ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان ئايالىمغا قاراپ ئېتىلدىم. ئايالىمنىڭ بېشىنى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم.پەزىلەت يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىنى مىڭ تەسلىكتە ئېچىپ:

_ قاسىم، سىزنىڭ ماڭا بەرگەن نەچچە يىللاردىن بۇيانقى بۇ تۇنجى سوۋغىتىڭىزغا رەھمەت! _ دېدى.

مەن ئايالىمنىڭ قولىدا باياتىن ئۆزۈم بەرگەن سوۋغات بويۇمىنى كۆرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتىم.ئەتراپتا تۇرغان كشلەر دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تېلېفۇن قىلدى.

پەزىلەتنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن دوختۇرلار جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ھاياتنى ساقلاپ قالالمىدى.

-شۇنداق قىلىپ مۇشۇ ھاراقنىڭ كاساپتىدىن بىر ئوبدان خوتۇندىنمۇ ئايرىلىپ قاپسەندە ئاداش،-دېدى ئەخەت توڭكاي ئەپسۇسلانغان ھالدا.

-شۇنداق ئاداش، مۇشۇ ھاراقنىڭ كاساپتىدىن بىر ئوبدان خوتۇندىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم،لېكىن بۇ شەيتاننىڭ سۈيدىكىدىن ئايرلالمدىم ئەمەسىمۇ،_دېدى قاسىم پالاكەت كۆزگە لىققىدە ياش ئېلىپ.

كۆپچلىك قاسىم پالاكەتنىڭ ھاراقنىڭ كاساپتىدىن يەنە بىر قېتىم پالاكەتكە يولۇققانلىقنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ كېتشتى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-25 10:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96579
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 10:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 11:18:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قانداق تېپىشماق؟

ئەگەر  ئەتە قىيامەت بولسا.........................





تور ، كومپىيوتېر ، يانفۇنلار ئەسقاتارمۇ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 08:30:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
_نېمە ئش قىلدىڭ شۇ تاپقىچە تاماق ئەتمەي، ‹‹ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، قېرى خوتۇننىڭ پەتىسى تۈگىمەس›› دەپ لالما ئىتتەك خوشنىلارنىڭ ئۆيىدە سۆڭەك غاجىلاپ يۈردۈڭمۇ؟_ دېدىم قوللىرىمنى شىلتاپ تۇرۇپ.

پەزىلەت زەردە بىلەن دېگەن گەپلىرىمنى ئاڭلاپ خۇما كۆزلىرىدىن مۇنچاق-مۇنچاق ياشلار مەڭىزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى. ئۇ ياش يۇقى كۆزىنى سۈرتكەچ ئارتۇق گەپ قىلىشقا رايى بارماي قازان بېشىغا ئۆتتى.

   ئوبرازلارنى تەسۋىرلەش ئىقتىدارىڭز ھەقىقىتەن يۇقۇرى ئىكەن. مەن قايىل بولدۇم.



قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96352
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 09:56:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىغۇ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بېراق ئاخىرىنى مەن پەقەتلا چۇشۇنەلمىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 10:08:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققەتەن تەسىرلىك چىقىپتۇ
لېكىن بۇ ئاغزىڭىز بەك ئىتتىىكمۇ نىمە ئايالىنىمۇ ئاشۇنداق
نېمە ئش قىلدىڭ شۇ تاپقىچە تاماق ئەتمەي، ‹‹ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، قېرى خوتۇننىڭ پەتىسى تۈگىمەس›› دەپ لالما ئىتتەك خوشنىلارنىڭ ئۆيىدە سۆڭەك غاجىلاپ يۈردۈڭمۇ؟_
دەپ تىللامدۇ

cayram بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 06:00:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بىز دەۋىرنىڭ  ج

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 499
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11491
تۆھپە نۇمۇرى: 851
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 11:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىنى ئىلگىرى ئوقۇغاندەك قىلىمەن، ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپتۇ

بىر مەزگىل تېڭىرقىغان خەلق ھامان ئۆزىگە قايتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 691
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 09:18:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىنى ئىلگىرى ئوقۇغاندەك قىلىمەن، ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپتۇ

شۇنداقتەك قىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 06:25:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىغۇ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بېراق ئاخىرىنى مەن پەقەتلا چۇشۇنەلمىدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش