مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1564|ئىنكاس: 8

ئۆسۈش تاكېتكىسى ھېكايە ‹‹ئۆزقۇت›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92689
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 02:30:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت

ئۆسۈش تاكېتىكىسى

ھېكايە

قاراساي يېزىسنىڭ غۇنچەئېرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مەسۇمخان ئەللىك ياشلارنىڭ قارىسنى ئالماي تۇرۇپلا چاچلىرىغا ۋاقتىسز ئاق كىرگەن،بەللىرى تۇرمۇشنىڭ ئېسق-سوغۇقى بىلەن يادەك ئىگىللگەن،ھاسىغا چۈشۈپ قالغان تۇل خوتۇن ئىدى.

مەسۇمخاننىڭ مەرھۇم ئېرى قادىر قاتناش ۋەقەسىدە قازا قلغاىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ دۇنيالىقتا يالغۇز قىزىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇققىنى قالغانىدى. مەسۇمخان ئائىلىسنىڭ ئىقىتسادىي ياخشى بولمغاچقا قىش-ياز يېزا بازىرىدا تەنزە ئېچىپ تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن قىزى ئاسىيەنى ئالىي مەكتەپتە تەسلىكتە ئوقۇتقانىدى.

قىزى ئاسىيەمۇ ئانسىنىڭ ئۆزىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تارتىۋاتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى بىلىپ تۇرغاچقا ئالىي مەكتەپتە تىرىشپ ياخشى ئوقۇپ ھەر يىلى ‹‹دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپات››ى ئېلىپ ئوقۇغان،ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتھانسىدىنمۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆتكەنىدى.لېكىن تەقدىر بۇ ئائىلە بىلەن قىرىشقاندەك ئاسىيە باشقا بىر يېزىغا خىزمەتكە تەخسىم قىلىنىپ قالغانىدى. مەسۇمخان قىزىنىنىڭ خىزمتنى ئۆزى يۇرتى_قاراساي يېزىسغا يۆتكەش ئۈچۈن تالاي قېتىم ئىدارىدىكى چوڭ-كىچىك رەھبەرلەرگە دېگەن بولسىمۇ ھەل بولماي ئاۋارە بولۇپ يۈرەتتى.خوشىنىلىرىنىڭ بالىلىرىنى يۆتكەپ كەلگەنلىك خەۋەرىنى ئاڭلغان ھامان ئولتۇرالماي قالاتتى.

ئۇ بۈگۈن سەھەردە قىزى ئاسىيەنىڭ ئىشى بىلەن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىگە يەنە كەلدى. مەسۇمخان ئىدارە ئالىدىغا كەلگەن ۋاقتىدا ئشچى-خىزمەتچىلەر ئەمدى ئشقا چۈشكەنىدى. ئۇ ئىلگىرى ھەر قېتىم كەلگەندە قاپىقى يامان دەرۋازىۋەن بىر مۇنچىنى ۋاتىلىداپ تەسلىكتە ئىدارىگە كىرگىن قوياتتى. تەلىيگە بۈگۈن باشقا بىر ئادەم ئىشك تۇۋىدە ئولتۇراتتى.

-ياخشى تۇردىڭىمىز چوڭ ئانا،يەنە ئۆتكەنكى ئىش ئۈچۈن كەپسىزدە؟-دېدى دەرۋازۋەن بالا خۇش تەبەسۇم بىلەن.

-شۇنداق بالام،بۈگۈن يەنە كېلىشىم.ئالدىنقى قېتىم كەلسەم باشلىق ئىچىكىرى ئۆلىكىگە ساھايەتكە كەتكەنىكەن.ئاڭلىسام قايىتىپ كەپتىمىش،-دېدى مەسۇمخان دەرۋازىۋەنگە خۇشچىرايلىق بىلەن قاراپ.

-ئىدارە باشلىقى ئىككى كۈن ئاۋۋال كەلگەن.ئشخانسدا بار.قېنى كېرۋەرسلە.

دېمسمۇ مەسۇمخاننى ئىدارىدىكى ھەممسى تونۇيتى.چۈنكى موماي ئىدارىگە بىر يىلىنىڭياقى تولا كېلىپ ھەممىسگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەنىدى. بەزى ۋاقتىلاردا مەسۇمخاننىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىنى رومىلىنىڭ پىشىدا سۈرۈتۇپ چىقىۋاتقانلىقنى كۆرگەن ئىدارىدىكى بەزى ئىشىچى-خىزمەتچلەرئۇنىڭغا ئىچ ئاغرتىپ تەسەللىي بېرىپ قوياتتى.

مەسۇمخان دەرۋازېۋەن بىلەن خوشلىشىپ، مۇكچەيگەن بەللىرىنى سەل رۇسلاپ،ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ،قولىدىكى ھاىسىسنى تېخمۇ مەھكەم تۇتۇپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى تونۇش بولۇپ كەتكەن ئىدارە باشلىقنىڭ ئشخانسىغا قاراپ ماڭدى.

ئىدارە باشلىقى سەمەت مائارىپ ئىدارىسىغا باشلىق بولغىلى ئىككى يىل بولغان،تۆۋەندىن تېز ئۆسۈپ چىققان ئوتتۇز بەشلەرنىڭ قارىسىنى ئالغان ئادەم ئىدى.ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى،خىزمەت تارىخىي قسقا تۇرۇپ بۇنداق تېز ئۆسۈپ ئىدارىگە بىرىنچى قول باشلىق بولغانلىقى ئىدارىدىكلەرگە بىر تىلسمات ئىدى.ئۇنى تونۇيدىغان بەزى ئادەملەرنىڭ دېيشىچە، ئۇ كشلىك مۇناسۋەتكە ماھىرمىش،ھەر تەرەپلمە ئىقىتدارغا ئىگىمىش.ئۇنىڭ ھەل قىلالمايدىغان ئىشى يوقىمىش،ھەر قانداق قېيىن ئىش بولىسمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانمىش.شۇنداق،سەمەت جۈيجاڭ بىرگە ماھىر،كۆپكە قادىر باشلىق ئىدى.ئىداردىكى ئىشچى-خىزمەتچلەر ئۇنى ‹‹تەدبركار جى شياۋلەن››دەپ قوياتتى.

ئاللېقانداق خىياللار بىلەن باشلىق ئشخانسىنىڭ ئالىدىغا كەلگەن مەسۇمخان ئشىك ئالدىدا بىردەم تۇرۋېلىپ،ئشكنى يەڭگىل چەكتى.

-تاك،تاك،تاك.

-كىرىڭ،ئىشىك ئوچۇق،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ قولغا ئەمدى ئېلىپ تۇرغان گېزىتنى شېرە ئۈسىتگە قويۇپ.

مەسۇمخان ئەمدى ئايغى چىققان بالىدەك تەمترەپ،ھودۇقغان ھالدا كىرىپ كەلدى.

-ياخشى تۇردىڭىزمۇ بالام،-دېدى مەسۇمخان چىرايغا خۇش تەبەسۇم بېرىپ.

سەمەت جۈيجاڭ مەسۇمخاننى كۆرۈپ،ئەرۋاھى مىڭ گەز ئۇچىتى.بىر يىلىدىن بېرى بېشنى تولا ئاغرتقان بۇ ئايالنى كۆرگەن ھامان قويۇق چاچلىرى تىك تۇراتتى.

-كەلسە،مېنى چۈشەپ قالغان ئوخشايلا!قېنى ئولتۇرسىلا،-دېدى قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرغان ھالدا.

مەسۇمخان جۈيجاڭنىڭ قوپال مۇئاملىسىدىن كۆڭلى شېكەستە بولۇپ تۇرسىمۇ ئۆزىنى بېسۋىلىپ،تارتىنىپ دېگۈدەك مىڭ تەسلىكتە كىرسلوغا يەڭگلگىنە ئولتۇردى.

-ھە،ئەتىگەندە ‹‹ئىت پوق يېمەستە››كېلىپ قاپتۇققۇ،يەنە ھەقىچان يالغۇز قىزلىرىنىڭ ئشى ئۈچۈن كەلگەن ئوخشماملا؟-دېدى سەمەت جۈيجاڭ تەنە ئارىلاش.

مەسۇمخان بىلنەر-بىلىنمەس بىلىنى رۇسلاپ:

-شۇنداق بالام،دۇنيالىقتا شۇ بىرلا بالام بار ئىدى،دادىسى رەھمەتلىك ئش ئۈستدە يارىلىنىپ،داۋالىنىش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىپ، تەسلىكتە ئوقۇتقانىدىم،لېكىن قېيىشقاندەك ...

-بولدى،بولدى،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ مەسۇمخاننىڭ گىپىنىڭ بىلىگە تېپىپ ،- مەن سىلىگە تولا دەپ كەتتىم، كادىرلارنىڭ خىزمتنى تەڭشەش خالغانچە بولىدىغان ئىش ئەمەس دەپ،كادىر يۆتكەشتە ئىدارىنىڭ قاتتىق تۈزۈمى بار،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ باش بارمىقنى شىرەنىڭ ئۈستىگە چېكىپ تۇرۇپ.

-جېنىم بالام،شۇ بالامنى بىر ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىغا يۆتكەپ قويغان بولسىڭىز،سىزدىن ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا رازى بولار ئىدىم.ئۆيۈمدە مەندىن باشقا ئادەم بولمغاچقا تۇرمۇشتا بەك قېينىلىپ قالدىم،-دېدى مەسۇمخان كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا.

-يۆتكەپ قويۇش قولۇمدىن كەلگەن بولسا ئاللبۇرۇن قىزىڭىزنى مەھەللىڭىزگە يۆتكەپ قوياتتىم. بۇ ئىشقا ئامال يوق،قايىتىپ كېتىڭ،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ قوللىرىنى شلتاپ.

_دېگىنىڭىزغۇ بەرھەق بالام،لېكىن يېقىن خۇشىنىمىزنىڭ بىر بالىسى تېخى تونۇگۈن مەھەللسىگە خىزمتنى يۆتكەپ كەپتۇ،شۇڭا مەن سىزنى بىر ئامال قىلىپ ...

-سىز گەپ چۈشنەمسىز يوق،بالىڭىزنى يۆتكەپ قويۇش قولۇمدىن كەلمەيدۇ.مېنىڭ ۋاقتىمنى تولا ئالماي ئشخانىدىن چىقىپ كەتسىلە،بالىلىرىنى يۆتكەيمەن دەپ ئاۋارە بولمسلا،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ گەپنى كېسىپ.ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تەھدىت،زەردە چىقىپ تۇراتتى.

-بالام بىر ئامال ...

-مەن سىلىنى مېنى ئاۋارە قىلماي چىقىپ كەتسلە دەۋاتمەن،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ ئاغىزىدىن تۈرۈكلىرىنى چاچىرتىپ.

-بالام شۇ قىزىمنى...

مەسۇمخان قاپساپ كېلۋاتقان يىغىسنى تەسلىكتە بېسىپ زور ئۈمىد بىلەن ئاخىرقى گەپلىرىنى دەۋاتاتتى.لېكىن بۇ بىچارە موماينىڭ گەپلىرى ۋە بىزىرىپ ئولتۇرشىدىن جاق تويغان سەمەت جۈيجاڭ ئورندىن چاچىراپ تۇرۇپ:

-يوقال،تولا بېشمنى ئاغرتىماي،ئشخانامدىن چىقىپ كەت!!!-دېدى.

جۈيجاڭنىڭ ئاچچىقلاپ دېگەن گەپلىرىدىن مەسۇمخاننىڭ يۈرىكى ئىغىپ، پۈتۈن بەدىنى ھەسىرەت،ئەلەم،ئاچچىقتىن جاقىلداپ تىترەشكە باشلىدى.ئارقىدىنلا ئورۇندىن تۇرۇشغا كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ،يىقىلىپ چۈشتى. مەسۇمخاننىڭ ئايىلىنىپ كەتكەنلىكنى كۆرگەن سەمەت جۈيجاڭ دەرھال باشقا ئشخاندىكى خىزمەتچلەرنى چاقىرغاچ،جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفۇن بەردى.ھايال ئۆتمەي جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ ماشسنى كېلىپ دوختۇرلار مەسۇمخاننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى.بۇ كۆتۈلىمگەن ۋەقەدىن ئىدارە ئىچى پاتپاراق بولۇپ كەتتى.سەمەت جۈيجاڭ شوپۇرىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئەۋەتىپ موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

مەسۇمخان ئاغىزىغا ئوكسىگىن نەيچىسى سېلنغان ھالدا كېسەل كارۋىتىدا كۆزنى ئاچماي ياتاتتى .بۇ جەرياندا سەمەت جۈيجاڭ بىر قانچە قېتىم كېلىپ موماينى يوقلاپ كەتتى ھەمدە ناھىيدىن نەچچە يۇز كېلومېتر يىراقتتا ئشلەيدىغان قىزىنى شۇ كۈنلا مەكتەپ مۇدىرىغا ئوقتۇرۇش قىلىش ئارقىلىق دوختۇرخانىغا ئەكەلدۇرۇپ ئانىسنى ياخشى بېقىشىنى تاپىلاپ كەتتى.تەتۇر پىشانە قىز ئانىسنىڭ بېشىغا نېمە كۈلپەتلەردىن بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن بىخەۋەر ئانىسغا قاراپ ئۇنسىز ياش تۆكۈپ ئولتۇراتتى.

مەسۇمخان ئىككى كۈن ئۆتمەي قىزىنى تىكەندەك يالغۇز تاشلاپ،بۇ دۇنيادىن مەڭگۈللۈككە كۆز يۈمدى. قىزى ئاسىيە زار-زار يىغىلاپ قالدى.سەمەت جۈيجاڭ مەسۇمخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈم ئشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدى.ھەمدە ئاسىيەنى ئۆز يۇرتغا يۆتكەپ قويدى.

ئىدارىدىكىى ئشچى-خىزمەتچلەر ئىدارە باشلىقنىڭ خالس خىزمەتلىرى،‹‹ئاقكۆڭۈللۈك›› بىلەن قىلغان ياخشلىقلىرىنى كۆرۈپ توختماي ماختىشاتتى.

ئىدارە باشلىقنىڭ ئشلىرىدىن خەۋەر تاپقان ناھيلىك رادىئو-تېلېۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبرلىرىمۇ ئۇنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلىپ،ئۇنىڭ ئامما ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئشلىرىنى ئۇچۇرۇپ-ماختاپ خەۋەر بەردى.

يىل ئاخىردا ئىدارە باشلىقى سەمەت ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارسىگە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولۇپ يۆتكلىپ كەتتى.

ئىدارىدىكى ئشچى-خىزمەتچلەر ئىدارە باشلىقنىڭ بۇنداق تېز ئۆسۈشنىڭ سەۋەبنى چۈشەنگەندەك بولدى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-25 10:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 11:26:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ. جەميەتتىكى مۇشۇنداق مۇزچىراي ئەمەلدەرلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھەيران قالىمىەن

ئەگەر  ئەتە قىيامەت بولسا.........................





تور ، كومپىيوتېر ، يانفۇنلار ئەسقاتارمۇ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1513
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 12:17:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا توۋا …

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 10:16:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسۇمخان ئانىغا ھەجەپمۇ ئىچىم ئاغرىدى ھەي .....مۇشۇ  ئادالەتپەرۋەر بولمغان باشلىق ئاخىرەتتە ئازاپقا قالىدۇ ئەجىبا بۇ ئادەم مەن ئۆلسەم نىمە بولامەن دىمەمدىغاندۇ
psbCAYDLB14.jpg


تامنى بۇزغان زەي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3746
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41824
تۆھپە نۇمۇرى: 1138
توردا: 6419 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 10:35:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىتلاق بوش بولسا بۇقا بۈسەر، خوتۇن بوش بولسا ئىرى ئۆسەر.

ھەزەر قىل ئادەم سىياقى تۈلكىدىن، رەزىللىككە نىقاپ بولغان كۈلكىدىن. ھىجايسىلا كۈلدى دىمە ئۇ قاپقان، دەسسىدىڭلا قۇتۇلمىقىڭ تەس ئىلكىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97456
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-8-31
ئاخىرقى: 2013-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-4 03:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىككەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73703
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 09:35:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ‹‹ مۇناسىۋەت ›› دېگەن .......

ھەرىلەرنىڭ نەشتىرى تۇرۇپ ،
بىر - بىرىنى چېقىشمايدىكەن .
ئادەملەرچۇ نەشتەرسىز تۇرۇپ ،
كەڭ ئالەمگە پېتىشمايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2351
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3192 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 09:49:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ مۇمايغا ئوخشاش ئاجىز مۇماينىڭ بىر ئورگاندا قۇپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، ئەمما ئۇ كىشى ئەينەك تۇسۇق ئىچىدە بولغاچ ، پۇلغا يارىمايدىغان قۇرۇق گەپ قىلىشنى لايىق تاپمىدىم. ئەگەر ئارىدا تۇسۇق بولمىسا بىرەر مۇشىت ئۇرۇپ ساۋاپ قويسىمۇ ھۈددىسىدىن چىقىش تەس ئەمەستى ئۇ لەنىتىلەرنى...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95193
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-4-21
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 10:03:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تايىنى يوقكەن

مەن بولسام ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،بىر دوستۇمنڭ تەۋسىيەسى بىلەن مۇنبەرگە  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش