قىزىل پۇرچاق شورپىسىنىڭ شىپالىق رولى
1. تال ئىقتىدارى ئاجىز، ئىشتىھاسى ناچار، ئاستاخاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىق قاتارلىقلارغاشىپا قىلىدۇ.
2. جىددى خارەكتىرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، يۈرەكۋە قورساق ئاغىرىقى، ئاياللارنىڭ ئاق خۇن كۆپ كېلىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ.
3. ئىسسىق ئۆتۈشتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىش، باش قېيىش،ئىچى ئېلىشىش ، ئىچى تىتىلداش، ئۇسساش قاتارلىق كېسەللەرگە پايدىلىق.
يالپۇز شورپىسىنىڭ شىپالىق رولى
1. نېرۋىنى سەگەكلەشتۈرۈپ، كۈزنى روشەنلەشتۇرىدۇ.كاناي ياللۇغىنى قايتۇرىدۇ. جىگەرنىڭ خىزمىتىگە پايدىلىق.
2. ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىش، كاناي ئاغرىش،ئېغىز ۋە تىلغا جاراھەت چىقىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ
3. قىزىل ۋە قورساق كۆپۈشلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.يالپۇز يەنە ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغىرىقنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە. زەھەرنى سىرىتقاھەيدەپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. ئاشقازان ۋە 12بارماق ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەتقىلىدۇ.
شوخلا شورپىسىنىڭ شىپالىق رولى
1. ئىسسىقنى ھەيدەپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىقاندۇرىدۇ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ
2. ئاشقازاننى ياخشىلاپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرىسۈرىدۇ. شوخلا تەركىبىدىكى ۋىتامىن cنىڭ چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش ئەتىراپى ئىششىش،بۇرۇن قاناش، ئېغىز قۇرۇش، قىززىش،ئۇسساش، چىش مىلىكى قاناش، ئېغىز جاراھىتى قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ
3. يۇقۇرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىرىنى قوشۇمچە داۋالاش رولى بار. ئادەمنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
4. شوخلا تەركىبىدىكى پىگمىنت تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىغىنى ياخشىلاپ، كالتسىي تولۇقلاپ، بالىلارنىڭ نامازشام قارغۇسى، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسەللىرىگە شىپا قىلىدۇ. شوخلا تەركىبىدىكى ۋېتامىن 1B مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا، مېڭە ھۆجەيرىلىرىنىڭ چارچاپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
مەرۋايىتگۈل شورپىسىنىڭ شىپالىق رولى
ئادەمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش،ئىممۇنىتىت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش رولىغا ئىگە، يۇقۇرى قان بىسىم، يۈرەك كېسىلى،ئاققان كېسىلى، قان راكى، مەزى بىزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا پايدىلىق. ئۇ يەنە لىنفا بېزى ئۆسمىسى، مەزى بېزى راكى، ئۆپكە راكى، تېرە راكى، يەنە بۆرەككە تاش چۈشۈش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ
1. ئېغىز بوشلۇقىنى ياخشىلاپ، ئورۇقلىتىش ئۆنۈمىگە ئىگە.
2. قان تومۇرنى ياخشىلاپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ.
3. ئۇزۇقلۇقنى تولۇقلاپ، راك كىسىلىنىڭ ئالدىنىئالىدۇ
گۈمبەمەدەك شورپىسىنىڭ شىپالىق رولى
1. قەۋزىيەت بولغان كىشىلەرگە: گۈمبەمەدەك ئۈچەينىڭ نەملىكىنى ساقلاپ قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىغا: قان بېىسمنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
3. دىئابىت بىمارلىرىغا: گۈمبەمەدەكنىڭ تەركىبىدە تەڭشەش رولىغا ئىگە ۋىتامىن ۋە ھەرخىل ماددىلار بار بولۇپ، ئۇلار قاندىكى قەن تەركىبىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.
4. سۆڭەك شالاڭلىشىش بىمارلىرىغا: گۈمبەمەدەكنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىنDبولۇپ، ئۇ كالىتىسينىڭ ئادەم بەدىنىگە سىڭپ كىرىپ ئۇستىخاننىڭ ساغلام بولىشىغا پايدىلىق
كاۋا شورپىسىنىڭ شىپالىقرولى
تىبابەت ساھەسىدە مۇنداق قارايدۇ: كاۋا سىمىز ئادەملەر ۋە ئوتتۇراياش، چوڭ ياشتىكى قەۋزىيەت بولغان ئادەملەرنىڭ ئستىمال قىلىشىغا پايدىلىق ( پۇت تەرلەيدىغان ۋە پۇت پۇرايدىغان بىمارلارئىستىمال قىلسا بولمايدۇ).
1. قان تەركىبىدىكى شىكەرنى تۆۋەنلىتىدۇ
2. قان تەركىبىدىكى ماي ماددىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ
3. راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. زەھەرنى سىرىتقا ھەيدەپ، بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.
5. كۆرۈش قۇۋۇتىنى ساقلاپ قىلىش رولىغا ئىگە.
6. كاۋىنىڭ تەركىبىدە سىنىك ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق.
7. يۇقۇر قان بېسىمنى داۋالاش ئۈچۈن كاۋىنى كۆپىرەك ئسىتىمال قىلىش كىرەك. بولۇپمۇ خام ۋە دۈملەپ پىشۇرۇش ئارقىلىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
8. كاۋىنىڭ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. كاۋا ئارقىلىق تەرەتتىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە كەلتۈرگەن زىيىنىنى ئازايىتقىلى بولىدۇ. ئۆچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
پىياز شورپىسىنىڭ شىپالىق رولى
1. پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى. پىياز ئادەمنىڭ كۆزىگە پايدىلىق، كۆرۈش قۇۋۇتىنى ئاشۇرىدۇ
2. پىيازنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق ، سوغۇق يەلنى ھەيدەش رولىغا ئىگە، مۇزلاش، بەدەن ئاغرىش،. تاماق سىڭمەسلىك، قوساق كۆپۈش قاتارلىق كىسەللەرگە شىپا قىلىدۇ. سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىش، بۇرۇن توسۇلۇپ قىلىش، قىززىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا شىپا.
3. ئۇ يەنە قاندىكى شىكەرنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە. قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان تومۇرلاردىكى سىرىتقى توسالغۇ كۈچلىرىنى ئازايتىپ ناتىرىينىڭ سىرىتقا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قان بىسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ
4. پىياز يەنە كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ،ئىششىقنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە. ئۇ سىمىزلىك ۋە قان-تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقاپايدىلىق. قان تەركىبىدىكى ماي ماددىسىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. قان بېسىمنى نورمال قىلىپ ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
كۆكچىچەك شورپىسىنىڭ شىپالىق رولى
1. كىچىك بالىلار دائىم كۆكچىچەكنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ئۆسۈپ يېتىلىشنى، چىشنىڭ نورمال يېتىلىشىنى، ئۇستىخانلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ساقلىغىلى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ
2. جىگەرنىڭ زەھەرنى سىرىتقا ھەيدەش رولىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ. بەدەننىڭ ئىممۇنىتىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. زۇكامنىڭ ۋە قان بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. كۆكچىچەك تەركىبىدىكى ۋىتامىن Kقان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى قوغدايدۇ. قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. كۆكچىچەك تەركبىدە ۋىتامىنC ئىنتايىن مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي ئەڭ موھىمى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق
كۆكتات شورپىسىنىڭ شىپالىق رولى
يىشىل كۆكتاتلار: يۇقۇرى قان بىسىم ۋە ئۇيقۇسىزلىق كىسەللىرىگە شىپا قىلىدۇ، جىگەرگىمۇپايدىلىق.
سىرىق كۆكتاتلار: تېرىدىكى داغلارنى ئازايتىپ، قېرىشنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ. تال قاتارلىق ئىچىكى ئەزالارغا پايدىلىق. ئاشقازان-ئۈچەيلەرنىڭ ھەزىم قىلىش رولىنى تەڭشەيدۇ. راك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قىزىل كۆكتاتلار: ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. نىرۋا سىستىمىلىرىنى جانلاندۇرىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتىت ھۆجەيرىلىرىنى جانلاندۇرىدۇ.
سۆسۈن رەڭ كۆكتاتلار: نېرۋىلارنى تەڭشەش، بۆرەكنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە، مىڭە قان-تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنىئالىدۇ.
قارا رەڭلىك كوكتاتلار: ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىنى ۋە قان ئىشلەپچىقىرىشنى جانلاندۇرىدۇ. شۆلگەينىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئاق رەڭلىك كۆكتاتلار: كۆرۈش قوۋۋىتىنى، كەيپىياتنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە، يۇقۇرى قان بىسىم، يۈرەك كىسەللىكلىرىگە شىپا شىپا قىلىدۇ.
توخۇ شورپىسىنىڭ شىپالىق رولى
1. قان كۆپەيتىش، ئاشقازان، بۆرەك، جىگەر، مېگە،يۈرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار.
2. ئەقىلنى ئاشۇرۇش، جىنسىىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش،رەڭگىنى چىرايلىق قىلىش، ئاۋازنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتى بار.
ئىچكى ئەزالارنى قۇۋەتلەيدۇ،يىلىكنى تولۇقلايدۇ، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ
ئوقۇپ بولغۇچە ئېغىزىڭلارغا سىرىق سۇ يىغىلىپ كەتتىغۇ دەيمەن، قىنى دوسلار دەپ بېقىڭلارچۇ :
سىزگە قايسى خىل شورپا ماس كېلىدىكەن؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baxah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-25 12:41 PM