مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9601|ئىنكاس: 58

بوۋاينىڭ چامغۇرلىرى(ھېكايە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14249
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1244 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 11:20:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بوۋاينىڭ چامغۇرلىرى

(ھېكايە )

   يېقىندىن بۇيان بوۋاي شەھەردە ئىشلەيدىغان ئوغلىنى تولا چۈشەيدىغان بولۇپ قالدى . مومىيى ئۆلۈپ كەتكەندىن بۇيان غېرىبلىقنىڭ ، يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بوۋاينىڭ ، ئۆيلەنمىگەن چاغلىرىدا بىر قېتىم بارغان شەھەرگە يەنە بىر بېرىپ ئوغلىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلمىگىچە كۆڭلى تىنىدىغاندەك قىلمايتى. ئانىسىنىڭ يىل نەزىرىسىگە كېلەر دېگەن ئوغلى كەلمەي قويدى. بوۋاينىڭ بۇ دۇنيادا ئوغلىدىن باشقا ھىچقانداق يېقىنى يوق ئىدى. شۇڭا بوۋاي ئۆيىدە بارى يوقى بىر قويىنى 1250 كويغا سېتىپ ، ئالا خورجىنىنىڭ بىر قانىتىغا لىق چامغۇر يەنە بىر قانىتىغا ئىككى قوغۇن ، ئىككى كاۋىنى قاچىلاپ ، يانچۇقىغا لىق قەن–گېزەك تولدۇرۇپ ، يولغا چىقىشنىڭ تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلىدى.
بوۋاي چىققان ماشىنا شەھەرگە قاراپ ئىلگىرلىمەكتە،بوۋاينىڭ يۈرىكى ئىسسىق بىر تۇيغۇدا تېپچەكلىمەكتە. « رامىزاننى ئوغلۇمنىڭ ئۆيىدە ، كېلىنىم تەييارلاپ بەرگەن تاماقلارنى ھوزۇرلىنىپ يەپ ، نەۋرىللىرىم بىلەن ئوينىشىپ ، كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن چىقىرىپ كېلەرمەن. بۇ يەردىكى قوشنىلارنى بۇ رامىزاندا يەنە ئاۋارە قىلغۇچە… »  ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئوغلى ، كىلىنى ، نەۋرىللىرى پايپىتەك بولماقتا...
« دادا ھارماي-ئاچماي كەلدىڭىزمۇ ؟ سالامەتلىڭىز ياخشىدۇ ؟ قۇلۇم-قوشنىلار ، يۇرت-كېچەك تىنچ-ئامان تۇرغاندۇ ؟ »
« دادا يول ئازابى ، گۆر ئازابى دەپتىكەن ھارغانسىز ، ياستۇق قويۇپ بېرەي بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ.»
« دادا يۈرىڭە شەھەرنى بىر ئايلاندۇرۇپ كىرەي. »
« دادا نېمە يەيسىز ، ئوخشىتىپ ئېتىپ بېرەي . »
« بوۋا سىزنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى.»
« بوۋا پۇت-قولۇڭىزنى تۇتۇپ قويايمۇ؟ »
« دادا ، ئانا بوۋام بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ كېرەيلى . »
ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خوشاللىق بوۋاينىڭ قانلىرىغا قوشۇلۇپ پۈتۈن تېنىدە ئاقماقتا...
بوۋاي ماشىنىدىن چۈشۈپ قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالدى. ئوغلىنىڭ ئۆيىنى تېپىپ بېرىشقا كۆزى يەتمىگەن بوۋاي ، يانچۇقىدىن بىر قەغەزنى ئالدى – دە، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا تەلمۈرۈپ قاراشقا باشلىدى. بىر-بىرىدىن ئالدىراش كىشىلەر بوۋاينىڭ قاراشلىرىغا دېھقەت قىلماي ئۆز يولىغا راۋان بولىشاتتى. بوۋاي خورجىنى يۈتكىنىچە ئالدىراش كېلىۋاتقان بىر يىگىتنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. يگىت ئۇنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنىپ قالغانتى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! بوۋا مەندە بىرە ئىشىڭىز بارمىتى؟
- خاپا بولماي بۇ قەغەزدە ئوغلۇمنىڭ تىلفۇن نومۇرى بارتى ، بىر تىلفۇن قىلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن بالام ، ئادەم قېرىغاندا ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمەيدىكەن.
- بولىدۇ.
-رەخمەت!
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
- نېمە گەپ ؟
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
- گېپىڭىز بارمىتى؟
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
- مەن بەك ئالدىراش ، گېپىڭىز بولسا گاچ-گاچ دېمەمسىز تىلىڭىزنى چاينىماي .
ئىچ-ئىچىدىن ئاچچىقى كەلگەن يىگىت ، ئارتۇقچە گەپ قىلىشنىڭ  ئورنىنىڭ يوقلىقىنى  پەمىلەپ بولدى-دە:
- سىز يالقۇنمۇ ؟ - دەپ سوردى .
- ھەئە. مەندە  بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى ؟
- دادىڭىز سىزنى يوقلىغىنى كېلىپتىكەن .
-نېمە ، نېمە ؟
- دادىڭىز سىزنى يوقلىغىنى كېلىپتىكەن، ئۆيىڭىزنى ئېسىگە ئالالماي ، تىڭىرقاپ قاپتۇ . كېلىپ ئېلىپ كەتسىڭىز بولۇپتىكەن.
- ما ئىشنى ، خەۋەر قىلىپ قويمايلا ، مۇشۇ تاپتا بىر قولنى ئىككى قىلالماۋاتقاندا ئادەم...مەن بەك ئالدىراشتىم ، بىر تاكسىغا سېلىپ قويسىڭىز ، گۈللۈك ئولتۇراق رايۇنىغا ئەكلىپ قويسا بوپتىكەن...- يىگىتنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ بوۋايغا چاندۇرماسلىققا سېلىپ ، تىلفۇنى بېسىۋەتتى . « قايىدە- يوسۇننىمۇ بىلەمەيدىغان گۇيكەنغۇ بۇ ؟ ... شۇنداقمۇ بالا بولامدۇ شۇنچە يىراقتىن دادىسى كەلسە ئالدىغا چىقماقتا يوق ، ئالدىراشتىم دەيدۇيا تۇزكور... ھەرقانچە ئالدىراش ئىشى بولسىمۇ قويۇپ كەلسە بولىدىغۇ بالا بولغاندىكىن؟  نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ بۇ ئادەملەرگە ؟ مېھرى-مۇھەببەت ، ۋاپا-ساداقەت ... دېگەنلەر نەگە كەتتى دەيمەن؟...»
- بوۋا يۈرىڭە ماشىنامغا چىقىڭ ، ئوغلىڭىز دېگەن جايغا مەن ئاپپىرىپ قوياي.-دېدى يىگىت خىياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ، پۈتۈن تۇرىقىدىن غېرىبلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بوۋايغا چۇڭقۇر مېھرى بىلەن قاراپ.
- يالقۇنمۇ سىز ؟
- نېمىنداق تولا تىلفۇن بىرىۋېرىسىز ، مەن شۇ.
-دادىڭىزنى سىز دېگەن يەرگە ئېلىپ كەلگەنتىم.
- چۈشۈرۈپ قويۇپ كېتىۋېرىڭ ...
ئاچچىقتىن يىگىتنىڭ قويۇق چاچلىرى تىك تۇرۇپ، گۆرەن تومۇرلىرى پولتىيىپ چىقىپ، كۆزلىرى غەزەپ-نەپرەتتىن چاقناپ كەتتى. لېكىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ بوۋاي بىلەن خوشلاشتى.
- بوۋا سىز مۇشۇ يەردە ئوغلىڭىزنى ساقلاپ تۇرۇڭ ، ھېلى چىقىدىغان بولدى.
- ماقۇل بالام – بوۋاي شۇنداق دېگىنىچە يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى.
- مەن كىراكەش ئەمەس .
- سىزنى ئاۋارە قىلىپتىمەن ئەمەسمۇ ، بەك سەت بولۇپتۇ ، سىزگە رەخمەت !
- ھىچقىسى يوق ، ماقۇل ئەمىسە بوۋا، خۇداغا ئامانەت!
- ئاللاھ يولىڭىزنى بىخەتەر، رىسقىڭىزنى زىيادە قىلسۇن بالام.
بوۋاي ئوغلىنى ساقلىماقتا، ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتمەكتە. تېخىچىلا ئوغلىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەۋاتاتقانلىقىدىن ئىچى سىقىلماقتا. « بۇ بالىغا نېمە بولغاندۇ؟ نېمىنداق كەلمەيدىغاندۇ؟ بۇ شەھەردە ئادەملەردىن  ماشىنىلار تولىمۇ نېمە ؟  ئوغلۇم  كەلگۈچە ...» بوۋاينىڭ يۈرىكى بۆلەكچىلا ئۆڭۈپ كەتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىكىن –تاڭ ، بىر چاغدا يېرىم يالىڭاچ كىيىنگەن بىر جۇپ قىز-يىگىت ھاياسىز چاقچاقلارنى قىلىشقىنىچە بوۋاينىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. بوۋاي ئۇلارغا قاراپ بېشىنى چايقىغىنىچە  ئېغىر ئۇھ تارتتى. يۈرىكىنى مۈشۈك تاتىلاۋاتقاندەك بىئارام بولۇشقا باشلىدى. « ھەي، بۇ كەمنىڭ باللىرى نېمە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ؟ ھايانى بىلمەيدۇ ، ئۇلاردا پەدىشەپ دېگەن يوق. ئاتا-ئانىللىرى ئۇلارغا نەسىھەت قىلمامدىغاندۇ؟... » بوۋاي تۆت تەرەپكە قارىماقتا. بىر-بىرىدىن ئىگىز بىنالار ئۇنىڭغا تولىمۇ سوغاق كۆرۈنمەكتە. ئوغلىدىن تېخىچىلا خەۋەر يوق. سالام قىلسىمۇ ، سالىمىنى ئىلىك ئالماي يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئارقىسىدىن قارىغىنىچە « ئادەملەر كۆپەيگەن بىلەن ئادىمىيلىك ئازلاپ كېتىۋېتىپتۇ . بۇ نېمە دېگەن قورقۇچلۇق ؟…مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسەك بۇ بىزگە ئاز ، كۆرىمىزغۇ تېخى! … » دېگەنلەرنى ئويلىغان بوۋاينىڭ كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسە ئۆزگۈرۈپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، يۈرىكى چىممىدە ئېشىپ كەتتى. بىر جۇپ قىز-يىگىت بوۋاينىڭ ئۇدۇلىدىكى يوغان يايپاڭ دەرەخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ توختىدى-دە،ئۇنىڭ ئاستىدىكى تاش ئورۇندۇقتا يانمۇ-يان ئولتۇرۇشۇپ ، بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، بىر-بىرىنىڭ بويۇنلىرىغا گېرە سېلىشىپ...بوۋاينىڭ ساقال باسقان يۈزى قىزىرىپ كەتتى. « بۇ نېمىلەردە ئەخلاقتىن ئەسەرمۇ يوقكەنغۇ ، ھەيۋانلىكەنغۇ ھەيۋان ... قىيامەت بوسۇغىمىزغىلا كېلىپ قالدىمۇ نېمە ؟..ئىتىقاد ، ئەقىدىسىگە چاك كەتكەن  بۇنداق پاسىقلاردىن تۆرەلگەن بالا قانداق چوڭ بولار؟…»
بوۋاي ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ جىددىلىشىشكە باشلىدى. ئۇ بىردەم خورجۇنغا قارايتى ، بىردەم تۆت ئەتراپىغا قارايتى. ئۇياقتىن بۇياققا ، بۇياقتىن ئۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەر ئىچىدىن ئۆزىگە تۇنۇش چىراينى ئىزدەيتى. خېلىدىن بىرى بوۋاينى كۈزۈتىپ تۇرغان 50 ياشلارنىڭ قارىسى ئالغان بىر كىشى كېلىپ بوۋايغا سالام بەردى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
- خېلىدىن بىرى بۇيەردە تۇرۇپ قالدىڭىزغۇ ؟
- شۇنداق، بالام مۇشۇ يەرگە چىقماقچىتى.
- نەدىن كەلدىڭىز ، بالىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟
- قەشقەردىن كەلدىم . ئوغلۇمنىڭ ئىسمى يالقۇن .
- نېمىش قىلىدۇ؟
- ئۈرۈمچىدە ئىشلەيدۇ.
- نىرىدە؟
- بالامنىڭ دەپ بىرىشىچە پۇل قەرز بىرىدىغان يەردىكەن.
-سىزنىڭ ئىسمىڭىز ...
- قۇناخۇن.
- مېنىڭ  قوشنامنىڭ ئىسمى يالقۇن ، دادىسىنىڭ ئىسمىنى قۇناخۇن دېگەندەك قىلىۋاتىتى. ئوغلىڭىزنىڭ تىلفۇن نۇمىرى بارمۇ؟
- بار.-بوۋاي شۇنداق دېگىنىچە يانچۇقىدىن چىرايلىق قاتلانغان بىر قەغەزنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتى. ئۇ كىشى نۇمۇرنى كۆرۈپلا باشقىچىلا جانلىنىپ كەتتى.
- يۈرۈڭ ، دەل سىز مېنىڭ قوشنام يالقۇنجاننىڭ دادىسىكەنسىز ئەمەسمۇ.
بۆلەكچىلا تىتىكلىشىپ كەتكەن بوۋاي خۇرجىنىنى يۈتكىنىچە ئۇ كىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى.
ئىشىك قوڭغىرىقى بىر نەچچە قېتىم بېسىلغاندىن كېيىن 10 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغۇل بالا ئىشىكنى ئاچتى.
-كىمكەن ؟-ئۆيدىن بىر ئەركىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاۋازنى ئاڭلاپ بوۋاينىڭ يۈرىكى ئويناپ كەتتى.بالىنى كۆرۈپ ئاجايىپ ئىللىق بىر ئېقىم پۈتۈن تىنىگە تارىدى. « بۇ مېنىڭ نەۋرەمكەن –دە؟ » دەپ ئويلىغان بوۋاينىڭ كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش كەلدى. ئۇ بالىغا تويماي قارايتى.
-بىر قەلەندەركەن.- بالىنىڭ ئۆزىگە مەڭسىتمەسلىك بىلەن قارىغىنىچە دېگەن بۇ سۆزى بىلەن تەڭلا بوۋاينىڭ باياتىنقى شادلىقى ئالاقاياتلارغىدۇر يوقالدى.يۈرىكى ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ئاغرىپ كەتتى.
-بىرەر ئىككى كوي بېرىپ يولغا سېلىۋەت.- ئۆيدىن ئاڭلانغان بۇ ئاۋاز بوۋاينىڭ پۈتۈن تېنىنى توڭلىتىۋەتتى.
- بالام يالقۇن مەن ،قەلەندەر ئەمەس ، داداڭ . سىلەرنى يوقلىغىنى كەلدىم.
ئۆي ئىچىدىن شىپىلدىغان ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. بوۋاي تۇنۇش چىراينى كۆرۈپ ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بوسۇغا ئاتلىدى. يالقۇن خورجۇن يۈتكىنىچە ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان دادىسىنى كۆرۈپ داڭ قاتقىنىچە تۇرۇپلا قالدى. بوۋاي دولىدىكى خورجۇننى ئىشىك تۈۋىدە قويۇپلا ئۆزىگە قارىغىنىچە جىم تۇرغان ئوغلىنى مەھكەم قۇچاقلىدى، باغرىغا چىڭ باستى. كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلەتتى.
- قانداقراق تۇردىڭلار باللىرىم؟ خۇداغا شۈكرى ! ھەنىمە بولسا سىلەرنى تاپالىدىم. تاپالمىسام قانداق قىلارمەن دەپ بەك ئەنسىرىگەنتىم. قوشناڭ ئۇچراپ قالمىسا پەستە قانچىلىك تۇراتتىمكىن –تاڭ؟ - بوۋاي توختىماي سۆزلەيتى.يالقۇن نېمە قىلارنى بىلمەي تىڭىرقاپ تۇرغان خوتۇن باللىرىغا قارىدى. خوتۇنىنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتكەنتى.بەش ياشلاردىكى قىزى بولسا بوۋىسىغا چەكچەيگىنىچە قاراپلا قالغانتى.
- يۈرە دادا ئۆيگە كىرەيلى.
- قانداقراق تۇردۇڭلار باللىرىم؟
- ياخشى، ياخشى.
- كىلىنىم قانداقراق تۇردىڭىز؟
-ئوبدان . ئۆزلىرىچۇ؟
- مەن ياخشى تۇردۇم. سىلەرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولۇپ كەتتىم.
- خوتۇن ماڭ ، چاي تەييارلىغىن.
- بۇ مېنىڭ نەۋرىللىرىممۇ؟
-ھەئە.
- بەك ياخشى بولدى.- بوۋاي شۇنداق دېگىنىچە تېخىچىلا ئۆزىگە قاراپ ھاڭۋاققىنىچە تۇرغان قىز نەۋرىسىنى كۆتۈرۈپ سۆيمەكچى بولۇپ ، ئۇنىڭغا قول ئۇزىتىۋىدى ، ئۇ چىقىراپ يىغلاپ كەتتى.
- بولدى قىلە دادا ، زۇلقەمەرنى قورقىتىۋەتتىڭ.- ئوغلىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بوۋاي لاسسىدە بولۇپ قالدى. چىۋىن يەپ سالغاندەك كۆڭلى غەش بولدى.شۇنداق بولسىمۇ ئۇنى بەزلىمەكچى بولۇپ يانچۇقىدىن گۈلە –قاق ، كەمپۇت دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۇزاتتى. قىز نەۋرىسى ئىسەدەپ يىغلىغىنىچە ئالغىنى ئۇنىمىدى. ئوغۇل نەۋرىسىگە تەڭلگەن ئىدى ئۇمۇ ئالمىدى. تەڭقىسلىقتا قالغان بوۋاي قانداق قىلارنى بىلەلمىدى.
-دادا يۈرە ئۆيگە كىرەيلى.- بوۋاي ئوغلىنىڭ ئارقىسىدىن ياسىداق ئۆيگە كىردى. بوۋاي ئۆمرىدە بۇنداق ياسىداق ئۆينى كۆرۈپ باقمىغانتى. ئوغلى كۆرسەتكەن يەردە قورۇنىپقىنا ئولتۇردى. « ئاللاھ ئوغلۇمغا بېرىپتۇ. قارىغۇنى ‹ كۆزىدىن ئايرىغان خۇدا ، ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ › دېگەندەك ئۇنى بىزدىن ئايرىغان بىلەن مال-دۇنيادىن ئايرىماپتۇ... »
- نېمشقا ماڭا خەۋەر قىلمايلا كەلگەنسەن؟
- سىلەرنى خوشال قىلىۋىتەي دېگەن شۇ.
- يا بىز كىچىك بالا بولمىساق.
- خەۋەر قىلغان بولساڭ يا كەل دەتىم ، ياكى كەلمە دەتىم.- ئوغلىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بوۋاينىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى.باياتىنقى خوشاللىقلىرى نەگىدۇر يوقالدى. گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بالىدەك بېشىنى تۆۋەن سالدى.
- دادا ئاۋۇ خورجۇندىكى نېمە ئۇ ؟
- قوغۇن ، كاۋا يەنە چامغۇر .
- چامغۇرلارنى نېمىشا ئېلىپ كەلگەنسەن ؟
- كىچىك چېغىڭدا سەن چامغۇرغا بەك ئامراق ئىدىڭ. چامغۇرنى قوقاسقا كۆمۈپ يەپ كىتىشلىرىڭ...
- بولدى قىلە كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرماي، ئۇ قاچانلاردىكى ئىشلار.
بوۋاينىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى. پۇشايمان بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئارلىشىپ كەتكەن بىر تۇيغۇ ئۇنى تەتۇر قىيناشقا باشلىدى.ئۆيدىكى سۆرۈنچىلىك بوۋاينى بەكمۇ بىئارام قىلىۋەتتى.
تۈنتەڭ . بوۋاي زادىلا ئۇخلىيالمىدى.
- نىمىشقا ماڭا مەسلىھەت قىلمايلا دادىڭىزنى چاقىرىسىز دەيمەن؟
- مەن چاقىرمىدىم ئۆزى كەپتۇ؟
- مەن سىزگە خوتۇن بولغاندىن بۇيان كېلىپ باقمىغان ئادەم ، ئەمدى كېلەمدىكەن؟
- مەنمۇ بىلەلمەيلا قالدىم شۇ.
- ئادەمنى نۇمۇس قىلدۇرۇپ كىيىنىشلىرىنى دەيمىنا.
- قېرىغاندا ئەمدى…
-قېرىغىنىنى بىلىپ ئۆيىدە ئولتۇرسا بولمامدۇ دەيمەن ، بۇ يەردە ئادەمنى بىسەرامچان قىلغۇچە.
- بولغىلىق بولدى . بىر نەچچە كۈن چىدايلى ئاندىن يولغا سېلىپ قويايلى.
-راستما؟
-راست ، قەسەم ئىچتۈرەمسەن ئادەمنى.
- تولا خۇپسەنلىك قىلماي ئېيتىڭگە ، كىراسىغا قانچە پۇل ئېۋەرتكەن ؟
-بوشىراق سۆزلە، ئاڭلاپ قالمىسۇن؟
- ئاڭلىسا نېمە چاتىقىم . قانچە پۇل ئىۋەرتڭىز زادى ؟
- پۇل ئىۋەرتمىدىم.
- ئىشۇ تۇرىقىدا پۇل ئىۋەرتىمىسىڭىز شۇنچە يىراقتىن بۇيەرگە ئۆزى پۇل چىقىرىپ كېلەلەمدۇ؟ مۇمكىن ئەمەس .
- قەسەم ئىچىپ بېرەي خوتۇن راستىنلا ئۇنداق قىلمىدىم.ئادەمنى بۇنداق تەتۈر قىينىما.
ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ دەتالىشىنى ئاڭلاپ ياتقان بوۋاينىڭ ئەزەلدىنلا ئىزىك يۈرىكى يەنە ئىزىلىپ كەتتى. ئۇ يوتقانغا مەھكەم ئورىنىۋېلىپ بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى.« ئوغلۇم دەيۈز بولۇپ كېتىپتۇ. ئەجداتلىرىمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپتۇ . ئۆلسەم كۆزۈم قانداقمۇ يۇمىلار؟ ئاخداتلىرىمنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارارمەن .…»
تاڭ ئاتتى. بوۋاي ئۈچۈن بەكمۇ تەستە  ئاتتى بۇ تاڭ. ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇگۈنلا كىتىشنىڭ كويىغا چۈشكەنتى. بۇ يەردە قانداق تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تۇيۇقسىزلا بۇ يەردىن كېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەنتى بوۋاي .
-خوتۇن ساڭا ۋاقتى-ۋاقتى تاماق بىرەلمەۋاتىدۇ دادا ، بالىلارنى مەكتەپكە يولغا سالمىسا تېخى، ئىشقا بارمىسا تېخى…
- بۇنچە خىجىل بولما ئوغلۇم مەن رامىزان تۇتىۋاتىمەن.
- بىزنى توغرا چۈشەنگىنىڭگە رەخمەت ، دادا!
- سەن مېنىڭ ئوغلۇم ئەمەسمۇ ، توغرا چۈشەنمىسەم بولامدۇ، بۇنچە تۈزۈت قىلىپ كېتىشىڭنىڭ نېمە ھاجىتى؟
- دادا ھەممە ئەھۋالنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردىڭ ، بىز مانا مۇشۇنداق ئالدىراشچىلىقتا ياشايمىز .
- بەك ئالدىراشكەنسىلەر بالام.
- شۇڭا سېنى …- بالىسىنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈنىپ بولغان بوۋاي :
-سەن ئۇنداق دېگەندىكىن مەن كېتەي بالام ، مەم كېتەي .- بۇ گەپلەرنى دېگۈچە بوۋاينىڭ چىرايى تاتىرىپ ، يۈرىكى چوغ چاپلاشقاندەك ئېچىشىپ كەتتى.
-ئۇنداق بولسا قانچان يولغا سېلىپ قويىمەن ؟
- سەن ئاۋارە بولما ، ئۆزۈم كەلگەندىكىن ، ئۆزۈم كېتەلەيمەن ئوغلۇم!...
- مەن ھازىر ئىشقا بېرىپ ، سېنى چۈشتىن كېيىن يولغا سېلىپ قوياي ئەمىسە.
- ئىشقا بېرىۋەرگىن بالام ، ئىشقا، چاپسان ماڭ ، كېچىكىپ قېلىپ تىل ئىشتىپ يۈرمىگىن يەنە…
- ماقۇل مەن ئىشقا كەتتىم  ئەمىسە.
- ئوغلۇم خۇداغا ئامەت ! سېنى خۇداغا تاپشۇردۇم…
چىشىنى چىشىغا چىشلەپ ئىككى كۈننى مىڭ تەستە ئۆتكۈزگەن بوۋاي بۈگۈن چاي ۋاقتى بىلەن تەڭ يانچۇقىدىكى پۇلدىن كىراغا لايىق ئېلىپ قېلىپ، قالغان 550 يۈئەننى تېلىۋىزورنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۆي ئىچىدىكى ھەر بىر نەرسىگە تەپسىلى قاراشقا باشلىدى. ھەر بىر نەرسىدىن ئوغلىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدى. بوۋاي ئۆيىدىن چىقتى لېكىن يۈرىكى ئۆيدە قالدى. بوۋاي ئەخلەت تۇڭى تۈۋىگە قويۇپ قويۇلغان خورجۇندىكى چامغۇرنى يۈتكىنىچە قورودىن چىقىپ كەتتى...ئۇ ئالدىغا قاراپ تىز-تىز قەدەم يۆتكەيتى ، ئەمما نىمىشقىدۇر پات-پات ئارقىسىغا قاراپ قوياتتى.
بوۋاي بىكەتنى تاپالماي تەمتىرەپ يۈرمەكتە. غۇرجۇندىكى چامغۇر بارغانچە ئېغىرلىشىپ  ئۇنىڭ قەددىنى ئەگمەكتە . بىر چاغلاردا بىر قولىدا ئوت ، بىر قولىدا سۇ ئوينايدىغان ، نى-نى جاپا-مۇششەققەتلەرگە بوي بەرمىگەن  بۇ بەردەم ، قەيسەر بوۋاينىڭ قەددى خېلىلا پۈكىلىپ كەنتكەنتى.
- بالام بىزنىڭ يۇرتقا بارىدىغان ماشىنا قايسى؟-بوۋاي خېلىدىن بىرى ئۆزىنى سايىدەك ئەگىپ يۈرگەن كۆزلىرىدىن مۇغەمبەرلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرغان بالىدىن سوردى. ئۆزى قۇرغان توزاققا  بوۋاينىڭ  دەسسىگەنلىكىدىن بالىنىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى.
- سىلىنىڭ يۇرت قەيەردە؟
-قەشقەردە.
-  ئەنە، ئاۋۇ يەردە ،يۈرۈڭ مەن  كۆرسىتىپ قوياي بوۋا .
-ساڭا رەخمەت بالام ، سېنى مۇشۇنداق كۆيۈمچان چوڭ قىلغان ئاتا-ئاناڭغىمۇ رەخمەت !
-ھىچقىسى يوق بوۋا.
- بالام ئادەم قېرىغاندا قىلغان ئىش ھىچ قۇلاشمايدىكەن ، ماڭا بىلەت ئېلىپ بەرگىن ،بەختىڭگە دۇئا قىلاي.- قارامۇتۇق بالا خوشاللىقىنى باسالماي ، ئۇدۇلىدا تۇرغان بالىغا قاراپ سول كۆزىنى قىسىپ قويدى.
- بوۋا بىلەت ئالامسىز مەندە قەيەرنىڭ دېسىڭىز شۇ يەرنىڭكى ئابتۇبۇسىنىڭ بىلىتى بار.- شۇئانلا ساپسېرىق كەلگەن ، قاش-كۆزىنىڭ تايىنى يوق ئۇ بالا بىر نەچچە تال بىلەتنى كۆتۈرۈپ بوۋاينىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.
- ھەئە. بىلەت ئالىتىم بالام.
- قەيەرگە بارىسىز؟
- قەشقەرگە بارىمەن.
- ئىككىتاللا قالغان .
- بىرنى ماڭا سېتىپ بەر .
- بولىدۇ.
-قانچە پۇل؟
- 375 يۈئەن
- نېمانچە قىممەت .
- بىلەت سېتىش ئورنىدىن ئالسىڭىز 395 يۈئەن.
-350 كوي بىرەي .
- ماڭا زىيان قىلىدۇ.
- ئادىشوي قەشقەرگە بارىدىغان بىلەت بارمۇ؟- توساتتىن پەيدا بولغان بىرى بالا ئۇلارنىڭ سودىسىنى ئۈزىۋەتتى.
- بار
- قانچە پۇل؟
-375 يۈئەن
- 370 يۈئەن بىرەيمۇ ؟ ماڭا ئىككىسى لازىم .
- ماۋۇ بوۋام بىر تال دەۋاتىدۇ مەندە بارى ئىككىلا تالتى.
- ئۇنداق بولسا مەن بىرنى ئالاي ، بىرنى بۇ بوۋايغا بەرگىن.
-  ماقۇل ، ئالە  مانا بىلەت – ئاق سېرىق كەلگەن بالا پۇلنى ساناپ بېرىپ ، قانداق تىز پەيدا بولغان بولسا يەنە شۇنداق تىز يوقالدى.
-ئاشۇ بالىنىڭ نەرقىدە ماڭمىمۇ بىرنى بىرە .
- بولاپتۇ بىرە ئاداش ، بوۋاي خوش بولۇپ قالسۇن –دېدى باياتىندىن بىرى بوۋايغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بالا.
- ئېلىڭە بوۋا ماۋۇ ئاداشنىڭ يۈزى.
بوۋاي قويۇن يانچۇقىدىن پۇلنى ئېلىپ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ساناپ بىلەتچى بالىنىڭ پۇلىنى بىرىۋېتىپ ، ئاشقىنىنى يەنە قويۇن يانچۇقىغا ئاۋايلاپ سالدى-دە، بىلەتچى بالا كۆرسىتىپ قويغان ئاپتۇبۇسنىڭ يېنىغا باردى.
-بالام مەن مۇشۇ ئاپتۇبۇسنىڭ بىلىتىنى ئالغان.
- بىلەت قېنى ؟
- مانا – بوۋاي قولىدىكى بىلەتنى شوپۇرغا بەردى. شوپۇر بىلەتكە بىر قاراپلا ئۇنىڭ ساختا بىلەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى-دە :
- بوۋا بۇ بىلەتنى كىمدىن ئالغان ؟
- بىر بالىدىن ئالغان .
- سىز ئالدىنىپ قاپسىز ئەمەسمۇ ، بىلىتىڭىز ساختىكەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بوۋاي تۇيۇقسىز بېشىدىن بىر چىلەك سوغاق سۇنى قۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتى.نېمە قىلارنى بىلەلمەي بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى.ياشلىرى تاراملاپ تۆكىلەتتى. يۈرىكى چوغلا دۆۋىسى ئىچىدە پۇچىلىناتتى. بوۋاي رامىزان يېتىپ كەلسىمۇ ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنىڭ ، ئۆزىگە كەلگەن دىشۋارچىلىقلارنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىدىن  قاتتىق ئۆكۈندى، ھەسرەتلەندى . بىردىنلا بوۋاينىڭ يادىغا مومىيى كىرىۋالدى.
« بۇ يەردە نىمىش قىلىۋاتىسىز دادىسى؟ »
« ئوغلىمىزنى يوقلىغىنى كەلگەن »
« ئۇنداق بولسا ئوغلىمىزنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرماي بۇ يەردە تەمتىرەپ يۈرىپسىزغۇ ؟ كۆرۈشمىدىڭىزمۇ-يا  تېخى ؟ »
« كۆرۈشتۈم ، ياخشى تۇرۇپتۇ شۇ... »
« نېمىنداق غېرىپسىنىڭ كەتتىڭىز ؟ يىغلاۋېتىپسىزغۇ ؟  ‹ ئەر كىشى دېگەن كۆز يېشى قىلماسلىقى كېرەك › دەيتىڭىزغۇ ؟ … »
« ھەممىسى سېنىڭ دەردىڭ ، سەن مېنى تاشلاپ كەتكەندىن بۇيان ...»
« ئوغلىمىز يوقلاپ تۇرمىدىمۇ ؟ »
« سېنىڭ يەتتە نەزىرەڭگە ئۈلگىرىپ بېرىپتىكەن ئىككى قونۇپلا قايتىپ كەتكەنچە قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى.»
« كۈندە كېلەي دېسە قوغۇنلىقنىڭ يولى بولمىسا يا بۇ. »
« راست ئېيتىسەن ئانىسى، يۇرتىمىز بىلەن بۇيەرنىڭ ئارلىقى قوغۇنلىقنىڭ يولى ئەمەس. بوسۇغا داۋاندىن ئاتلىماق تەس. بالىدىن ئاغرىنساق بولمايدۇ. خۇدا ئۇنىڭغا ئىنساب ئاتا قىلار ، بەختىگە تەڭ دۇئا قىلايلى  ، بالا دېگەن ئاتا-ئانىسىنىڭ دۇئاسى بىلەن كۆكلەپ ، ئەل دۇئاسى بىلەن ياشىرىدۇ، ئامىن ! ...» بوۋاي چۇچۇپ ئېسىگە كەلدى. كۆزلىرى بىكەتتىكى ئادەملەر ئىچىدىن تونۇش بىرىنى ئىزدەيتى. بىكەتنىڭ يوغان دەرۋازىسىغا تەلمۈرەتتى. لېكىن ئۇ ئىزدىگەن تونۇش چىراي يوق، ساپلا ناتۇنۇش چىرايلار. بىر-بىرىدىن ئالدىراش ئادەملەر. بوۋاي  يۈدىۋالغان چامغۇر بارغانچە ئۇنىڭ قەددىنى پۈكىۋىتىۋاتاتتى. كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلەتتى. بوۋاينىڭ تارتقان دەرلىرى ئازمىدى؟ ئۇ مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە ئاز ياش تۆكتىمۇ ؟ ئىنسان بۇ دۇنياغا ئازاب-ئەقىبەت تارتىش ئۈچۈنلا يارالمىغانغۇ؟…
- بوۋا نېمە بولدىڭىز؟- ئۈچ چاقلىق مېيىپلار ھارۋىسدا ئولتۇرغان بىر يىگىت بىر چەتتە خۇجۇنىنى يۈتكىنىچە يىغلاپ تۇرغان بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ سوردى.
بوۋاي بالىغا قاراپ  ئۆزىنى تۇتىۋالالماي پاڭگىدە يىغلىۋەتتى.ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرىقىدىن بىچارىلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ يۈدىۋالغان چامغۇر ئۇنى تېخىمۇ مۈكچەيتىۋىتىۋاتاتتى.
- بوۋا ئېيتىڭگە نېمە بولدىڭىز زادى؟- بوۋاي ئېسەدەپ تۇرۇپ بولغان ئەھۋالنى مېيىپ بالىغا سۆزلەپ بەردى.
- بولدى غەم قىلماڭ مەن سىزنى يولغا سېلىپ قوياي، سىز مۇشۇ يەردە مىدىرلىماي تۇرۇپ تۇرۇڭ .
مېيىپ بالا ھارۋىسىنىڭ چاقىنى قولى بىلەن ھەركەتلەندۇرگىنىچە بوۋايدىن يىراقلاشتى. « بۇ بالا مېنى يالغان ئېيتىپ ئالداپ قويارمۇ ؟  يۇرتۇمغا كېتەلمىسەم قانداق قىلارمەن ؟ » بوۋاي ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا يەنە بىكەتنىڭ يوغان ئىشكىدىن كىرىپ چىقىۋاتقان ئادەملەرگە قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئادەملەر ئىچىدىن ئۆزىگە تونۇش بىر چىراينى ئىزدەۋاتاتتى.
بوۋاينى ئىككى پۇتى تىزىنىڭ ئۈستىدىن چۇرتلا يوق ، چاقلىق ھارۋىنى قولى بىلەن ھەركەتلەندۈرۈپ كەلگەن  ئاق كۆڭۈل بىر بالا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بىلەت سېتىۋېلىپ ، ماشىنىڭ يېنىغا باشلاپ بېرىپ ،  يولغا سېلىپ قويدى. كۆز ئالدىدا ئوغلى ، كېلىنى ، نەۋرىللىرى ،  بىلەتچى ، ئۆزىنى قول پۇلاڭلىتىپ ئۇزۇتۇپ قالغان مېيىپ بالا… بوۋاي بىر-بىرىدىن چىگىش ، توقۇناق خىياللار بىلەن يېزىغا قايتتى.ئابتۇبۇش ئالغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە .
بوۋاي ئورۇندۇقىنىڭ ئاسىتىغا قويۇپ قويغان خۇرجۇننى تارتىپ چىقىرىپ ، چامغۇر قاچىلانغان قانىتىنىڭ ئىزمىللىرىنى يەشتى. بىر-بىرىدىن چىرايلىق چمغۇرلار پۈتۈنلەي سولىشىپ كەتكەنتى. بۇنى كۆرۈپ بوۋاينىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ ، كۆز چاناقلىرىدىن ياشلار دومىلاشقا باشلىدى.
ئاپتۇبۇس ئالغا قاراپ ئالگىرلىمەكتە. بوۋاي يېزىغا - مېھرىبان ، كۆيۈمچان ،  ئاق كۆڭۈل ، ساددا كىشلەرنىڭ كۈلكە-شادلىقى ، ئارزۇ-ئارمانلىرى ، قايغۇ –ھەسرىتى گىرەلىشىپ كەتكەن يېزىغا قاراپ يېقىنلاشماقتا. ئەمما ، ئوغلى ، كېلىنى ، نەۋرىللىرى بىلەن بولغان ئارلىقى يىراقلاشماقتا ، يىراقلاشماقتا...كۆزلىرىدىن ئاققان ياش قۇيۇق ئۆسكەن مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئاپپاق ساقاللىرى ئارىسىغا سىڭىشىپ كەتمەكتە. شەھەر ، ئوغلى ،كېلىنى ھەم نەۋرىللىرى يىراقتا قالماقتا...
ھاۋاسى ساپ ، ئادەملىرى ئاق كۆڭۈل ، مېھرىبان  سەھرا باغرىنى كەڭ ئېچىپ بوۋاينى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى.قولۇم-قوشنىللىرى ئۇنى مېھرىبانلىق بىلەن قارىشى ئالدى. شۇ تاپتا بوۋاينىڭ ھۆكىرەپ يىغلىغۇسى ، بار ئاۋازى بىلەن  ۋاقىرىغۇسى ، قەلبىدىكى قايغۇ-ئازاب، دەرد- ئەلەملىرىنى يېزىسىدىكى ھەر بىر تۇپ دەل-دەرەخ ، ھەر بىر تۇپ  ئۆسۈملۈكىچە سۆزلەپ بىرىپ ئىچىنى بوشىتىۋالغۇسى كېلىپ كەتكەنتى . لېكىن بوۋاي ئۇنداق قىلمىدى ، ھەممىسىنى ئىچىگە يۈتىۋەتتى. خۇرجۇنىدىكى سولىىشىپ كەتكەن چامغۇرلارنى تۆكۈپ ئۇنىڭغا قارىغىنىچە ئولتۇرۇپ كەتتى. شۇ تاپتا بوۋاينىڭ يۈرىكىمۇ ئاشۇ چامغۇرلاردەك سولۇشىپ ، قورۇلۇپ كېتىۋاتاتتى.« ھەممىگە قادىر خۇدايىم بالامنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئوڭ قىلغايسەن ، كېلىنىمنىڭ قەلبىگە مېھرىبانلىق ئۇرىقىنى چاچقايسەن ، نەۋرىللىرىمنىڭ بەختىنى ئوڭدىن ، رىسقىنى ئالدىدىن بەرگەيسەن . سەن ھەممىنى بىلىپ ، كۆرۈپ تۇرغۇچى سەن ، ھەممىگە قادىرسەن؛ بەكمۇ مېھرىبان سەن ؛ شاپائەت قىلغۇچى سەن…  ئۇلارغا بۇ دۇنيانىڭ مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر ھىس قىلدۇرغايسەن ... »  دېگىنىچە قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈردى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-25 01:23 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ranjimayman + 300
amanturk + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
banker625 + 33 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 372   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 01:57:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق ناكەس بىرنىمە ئاۋۇ بوۋاينىڭ بالسى؟
بىر ئۆمۈر دۇنيادا مىھنەت بىلەن ياشىغان ،ھەرقانداق جاپا-مۇشاقەتكە باش ئەگمەي قەيسىرانە ياشىغان بىر بوۋاينىڭ،ئۆمىرىنىڭ ئاخىرغا كەگەندە ئۆزپۈشتى تەرپىدىن يۇرەك باغرى لەختە-لەختە بولشى نىمدىگەن ئېچنىشلىق!!!

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3863
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10207
تۆھپە نۇمۇرى: 629
توردا: 9494 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 02:07:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىپلاس بالىلارنى ئاشۇ گۆش چەينەيدىغان ماشىنىغا سېلىپ مىجىپ مىجىپ ئۇۋۋاق قىلىپ ئاندىن ئوبۇرنىنىڭ ئىچىگە تۆكۈپ سۈينىنى ماڭغۇزىۋەتسە دەيمەندە،   ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadir5968 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-25 02:08 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4064
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 521 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 02:17:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84083
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 02:18:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرەققىي قىلغانسېرى مۇشۇنداق تۇزكورلۇقمۇ تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان گەپمىكىن
توۋا دەيلى، دىلىمىزغا ئىنساب بەرسۇن

بىر «لۈكچەك» نىڭ مۇھەببىتى

قايغۇلىرىمنىڭ ي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5706
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10161
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1712 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 02:40:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىنىڭ بەدىئى مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئاپتورنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى،ئەجرى مېنى ھەقىقەتەن مەمنۇن قىلدى.ئارىمىزدا ئادىمىيلىك تەبىئىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ناكەس پەرزەنتلەرنى يوق دىيەلمەيمىز.جەمئىيەتتە يەنە شۇنداقلارغا قارشى مەيداندىكى نۇرغۇن ساپ پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقى روشەن سېلىشتۇرما شەكلىدە جايىدا ئىپادىلىنىپتۇ.بولۇپمۇ ھېلىقى بوۋاينىڭ كۆزىگە ئىللىق كۆرۈنگەن،بوۋاينى ماشىنىسىدا مەنزىلگە يەتكۈزۈپ قويغان يىگىت بىلەن ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا بوۋايغا بېلەت ئېلىپ بەرگەن مەجرۇھ بولسىمۇ يەتتە ئەزايى ساق بىر قىسىم پالۋان قامەت ئەركەكلەر تەڭلىشەلمەيدىغان چاقلىق ئورۇندۇقتىكى بالا...مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى.
  ئاپتورغا تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى تىلەيمەن.

يازاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق، يازماي دېسەم ئىتىياق تۇلۇق. ھەج قىلغۇدەك بىساتىم تۇرۇپ، مەن نېمىشقا يەنە قايغۇلۇق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12658
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 02:43:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان ھىكايىكەن بۇمۇ،
ئا بالا ئۆز دادىسىغا ئاشۇندا مۇئامىلە قىلىپ، بالىلىرىنى قاندا تەربىيەلەر؟
ئۆز ئاتا-ئانىسىغا  تۇزكورلىق قىلغانلار قانچە بەختلىك ياشاپ كېتەر.............

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 03:10:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاران تەستە ئۇقۇپ بولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 04:17:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايناپ قالدىغاندەك تۇرىمەن ئەڭ ياخشىسى سۈكۈتتە تۇراي جۇما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16887
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8479
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 1576 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 04:55:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭ ئاخىرنى ،بوۋاي بىكەتتە مومىيى بىلەن خىيالەن مۇڭدىشۋاتقان ھالەتتە ئاخىرلاشتۇرغان بولسىڭىز تېخىمۇ مۇۋاپقىيەتلىك چىققان بۇلاركەن ،شۇنداقتىمۇ ياخشى يېزىپسىز ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىبرەتلىك ھىكاينىڭ كۆپلەپ ئىجاد قىلىنىشىغا تىلەكداشمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yuluqi520 + 10 ھەقىقەتەن ياخشى يىزى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دۇنيا نىمە دىگەن گۇزەل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش