مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3162|ئىنكاس: 23

تۆھمەتكە قالغان مۇئەللىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16627
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6588 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-24 10:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۆھمەتكەقالغان مۇئەللىم

(تۆھمەتخورغاجاۋاپ)

  ئۆتكەندە ئۈندىدار ھەم مۇنبەرلەردە<مۇئەللىمگە تۆھمەت قىلدىم > دىگەن سەرنەۋلەلىك مۇسەددەس شەكلىدىكى شىئىرئىلان قىلىنغان ئىدى ، ئوقۇسام ھەقىقەتەن ،بەزى مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچى،مۇئەللىملەرنىڭ قىلمىشى ئۆتكۈر تىل بىلەن قامچىلىنىپتىكەن ،ئەمما ئويلاپ قالدىم ،بۇنداق مۇئەللىملەر قانچىلىك ساننى ئىگەللەيدۇ ، مەنچە پۈتۈن مۇئەللىملەرنىڭبولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇئەللىملەر ئىچىدە 20% نىمۇ ئىگەللىمەسلىكى مۇمكىن ، چۈنكى ئۇيغۇر مۇئەللىملىرى ئىچىدەمەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىلار ئاز نىسپەتنى ئىگەللەيدۇ ، مەن ھازىر مەكتەپتىنئايرىلغىلى 10 يىل بوپتۇ ، بۇ 10 يىل ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار سىپىگە قانداق ئادەملەرقېتىلدى بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ، ئەمما مەن ئوقۇۋاتقان دەۋرلەردە بۇنداقئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچۇرىتىپ باقمىغاندىم ، ئەمما ئۇ شىئىردا ئىپادىلىگەن مەزمۇن ئەنەشۇنداق ماڭقۇرتلانىڭ بارلىقىنى ئىتراپ قىلمايمۇ بولمايدۇ ، شۇڭا مىنىڭ نەزىرىمدىكىشۇنداقلا مەن ئوقۇغۇچىسى بولغان ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ مەقسىتى ، ھەم نىشانىنىبىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ شېئىرىي جاۋاپنى يازدىم .

مەقسىتىم ھەرگىزمۇ ئاپتورنى تەنقىدلەشئەمەس ، بەلكى ، ئاشۇ مەسئۇلىيەتسىز ،مۇئەللىملەرگە ھەقىقىي مۇئەللىمنىڭ قانداقئىكەنلىكىنى ،قانداق ۋەزىپە ،مەسئۇلىيىتى بۇرچ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ،شۇنداقلابىر قىسىم بالىلىرىنى مەكتەپ تەربىيسىگىلا تاشلاپ قۇيۇپ ،بالىلارنىڭ مەنىۋىئىھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان مەسئۇلىيەتسىز ، ئاتا-ئانىلارغا رەدىيە ، تەنقىدمەقسىتىدە يازدىم .

ئۈمىدىم شۇكى : پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولغان ئاشۇ ئاتا-ئانىلارنىڭپەرزەنت تەربىيسىگە ئاكتىپ ئەھمىيەت بىرىپ ، مەكتەپتىكى يىتەرسىز ، يوق بولغانمۇھىم تارىخىي ھەم ئىجتىمائىي بىلىملەرنى بالىلارغا ئائىلىدە بولسىمۇ ئۆگىتىپبىلدۈرۈپ تۇرسىكەن ، پەرزەنتلەرنى نوقۇل مەكتەپ تەربىيسىگە تاشلاپ قويماي ،ئائىلىدىمۇ ھەر تەرەپلىمە تەربىيلىسە .

تۆھمەتكە قالغان مۇئەللىم

                               (تۆھمەتخورغاجاۋاپ)

تۆھمەتچاپلاپ ئۇستازغا ،خەت يوللاپتۇ بىرەيلەن،

ھەيرانقالدىم ۋاي توۋا،ئۆتتى مەندىن نە سەۋەن.

بارلىقىمنى  ئەۋلادقا ،پىدا قىلغان ئىدىممەن،

لىكىنئەمدى نە سەۋەپ، جىنايەتچى بولدۇممەن.

ئىلىمئىرپان بىغىنىڭ باغۋەنىدى مۇئەللىم،

ئەمدىلىكتەشۇم بويا ، يانتاق بولدى مۇئەللىم.

ئەسىرلەردىنئىلىمگە تەشنا ئىدى خەلقىمىز،

شۇڭامەخمۇت،خاس ھاجىپ بولغان ئىدى پەخرىمىز.

تالىپكىلىپ ھەر ياندىن مەشھۇر بولغاچ نامىمىز،

ئەۋلادلارنى تەربىيلەش مۇئەللىملىك ئەھدىمىز.

ئەھدىسىگە چىن ۋاپا ، قىلغان ئىدىمۇئەللىم،

ئەقىدىسى ئەمدىلىك پايخان بولدى مۇئەللىم.

دەپتۇ خەتتە نەچچە رەت ، ساختا تارىخئۆگەتتى،

ئەجدادلارنى ئەۋلادقا بىلدۈرمىدى ، تۈگەتتى.

ئۆز تارىخنى بالامغا ،سىڭدۈرمىدى ،يوقاتتى،

قوش تىل قىلىپ بالامنى ، ئانا تىلنىئۇنۇتتى.

ئەۋلاد ئىقبال بەختىنى ، كۈتكەن ئىدىمۇئەللىم،

كەلگۈسىدىن ئۈمىدتە ، كۈلگەن ئىدى مۇئەللىم

جاۋاب بىرەي ئاڭلىغىن ، سۇئالىڭغا بىرمۇبىر،

مۇئەللىملەر تازىلايدۇ ، قەلب بولسا مەينەتكىر.

ئىلىم ئىرپان تارقىتىپ ، يىشىپ تۈگۈن ،ئىچىپ سىر،

ئەلگە بەختىگە ھەر دەقىقە ،يۈرگۈزىدۇ ئۇپىكىر.

تاختىپەرى تاماسى قىلمايدىكەن مۇئەللىم.

ئەجرى ئۈچۈن ھەم مىننەت قىلمايدىكەنمۇئەللىم .

قولىمىزدا دەرسلىك ، مائارىپتىن بىرىدۇ ،

نىمە مەزمۇن بار ئۇندا ، ھەممە بۇنىبىلىدۇ.

دەرس ئۆتۈش مەزمۇنى ، بۇنىڭدىن سىرتبولمايدۇ،

ئۆز تارخقا كىتاپتىن بىرەر ئابزاسچىقمايدۇ.

شۇنداق تۇرۇپ گۇناھقا قالغان يەنەمۇئەللىم.

مانتا كۆرمەي قەرز تۆلەپ دەرتكە قالغانمۇئەللىم.

پەننى مەكتەپ ئەزەلدىن پەننى ئاساس قىلىدۇ،

ئۇنى ئاز دەپ مەكتەپنى ياتلار كىلىپسورايدۇ.

ھەر ھەپتىدە بىر نۆۋەت ئوچۇق دەرس ئۆتىدۇ،

ئۇشۇق بولسا بىرەر سۆز سىياسەتكە تاقايدۇ.

ئۆز كەسپىنى سۆيۈپمۇ ، سۈيۈلمىگەنمۇئەللىم،

كۆزى ئەلەملىك ياشتا ، باغرى قانىغانمۇئەللىم.

نىمە بولسا كىتاپتا ، شۇنى ئۆتمەي بولامدۇ؟

باشقا مەزمۇن سۆزلىسەم ، ئوقۇغۇچىلارئۇنامدۇ؟

يا ئىمتىھان قەغىزى ،باشقا مەزمۇن قاتامدۇ؟

ئۆتەلمىسە بالىلار ،ئاتا-ئانا نىمە دەيدۇ؟

مانا شۇنداق تەڭلىكتە ، ياشايدىغانمۇئەللىم.

ئەقىدىسى كۈل بولۇپ ، خازان بولغانمۇئەللىم.

دەپتۇ تىخى بالامغا ، ساقال چىقسا ئەيىپدەپ ،

قىز بالىنىڭ ياغلىقى نەگە كاشىلا بولدىدەپ.

سادىغاڭ كىتەي خالايىق ، ئەمدىلىك بۇقانداق گەپ؟

خەق يىسە ئۇ مانتىنى ، مەن ئۆتەمدىم پۇلتۆلەپ.

نەگە بارسا بۆھتانغا دۇچار ئىكەن مۇئەللىم.

شۇنداقتىمۇ مەيلى دەپ ئۆتەر ئىكەنمۇئەللىم.

ساقال،ياغلىق پۇتلاشماس ، مائارىپقائەزەلدىن،

لىكىن بەزى غالچىلار ،پەيدا قىلدىقەيەردىن؟

دەيدىكەن ئۇ پەن مۇھىم ، خۇراپاتكەن ئىماندىن،

ساقال ياغلىق،خۇراپات ، فىئوداللىقجۈملىسىدىن.

خەق چۈشۈرسە پەرماننى ، قارىغا قالغانمۇئەللىم.

يۈرەكلىرى پارە بوپ،تالقان بولغانمۇئەللىم.

بىزگە ئەمدى نە چارە ، چۈشسە شۇنداق بىرپەرمان،

بىزمۇ ئاددى خىزمەتچى،دەرتكە چۇشلۇق يوق دەرمان.

ئەۋلادلارنى ياراملىق ، تەربىيلەشنى قىلىپئارمان.

ئەمدىلىكتە ئەل كۆزىدە بولۇپ قالدۇق بىزيامان.

ئارمانىغا يىتەلمەي ، ئازاپ يۇتقانمۇئەللىم.

كۆزلىرىگە ياش تولۇپ ،قان بوپ ئاققانمۇئەللىم.

بالىلار ئەمەس بىزگىمۇ بار مۇشۇنداقتەڭڭىسلىك،

ساقال بۇرۇت ،ياغلىققا قىلماس ھەرگىزكەڭچىلىك.

بۇيسۇنماسقا پەرمانغا ، ئامالىمىزقانچىلىك،

دەرتلىمىز سىزدىن كۆپ ، دىسەك يەنەشۇنچىلىك.

خىزمەتنى دەپ تەڭلىكتە ، بويۇن قىسقانمۇئەللىم.

ئەۋلادنى دەپ لەۋ چىشلەپ،چىداپ كەلگەنمۇئەللىم.

رامىزاندا بالىلار ئەمەس ، بىزلەرگىمۇ يوق ئىمكان،

شۇ ۋەجىدىن دىلىمىز غەش،چىرايىمىز زەپىران.

بىزدىمۇ بار ئىتىقاد ، يەنە سادىق بىرئىمان.

لىكىن ئەجەپ بوغۇقكەن ،چوڭدىن چۈشكەن بۇپەرمان.

ئىتقادى تۇرۇپمۇ ، قۇغدالمىغان مۇئەللىم.

ئىمان ئىتىقاد بابىدا ، دىلى ۋەيرانمۇئەللىم.

شۇنداقتىمۇ ئەۋلادقا ، بىلدۈرىمىزئۆرپ-ئادەت،

نورۇز ، ھىيت-ئايەمنى چۈشەندۈرۈپ نەچچەرەت.

ئەقىدە ھەم ئىماننى ، سۆزلەيمىز قىلىپشەرەت،

ئۆز تارىخى ، شانىنى شەرھىيلەيىمىز تىپىپپۇرسەت.

ئەنە شۇنداق دىلىغۇل ، پاراكەندە مۇئەللىم.

ئۆز ئىخلاسى ، ئۈمىدى ئۈزۈلمىگەن مۇئەللىم.

بالىلارغا ئەزەلدىن ، مىھرىمىزنى بەرگەنبىز،

تەۋپىق ئىزىنى بويلاپ ، قەدەم تاشلاپماڭغان بىز.

ئەۋلاد ئۈچۈن ھەر زامان ، شام چىراغ بوپكۆيكەن بىز،

مىننەت تاما بابىدىن ، ئۆمۈرۋايەت ئۆچكەنبىز.

ئەجرى ئۈچۈن بىر تال گۈل،تاما قىلماسمۇئەللىم.

يۈرۈكىدە بىر ۋولقان ، ئۆچمەس گۈلخان مۇئەللىم.

يوق ئەمەس ھەم بەزىبىر ،ساپاسىزلارسېپىمىزدە،

پۇل مال ئۈچۈن خۇشامەت قىلدىكەن بەزىدە.

بايلىق دىگەن مۇھىمكەن ئۇنىڭ نەزەر كۆزىدە،

ئۇنتۇپ كەسپى ئەھدىنى ،تۇرالمايدۇ لەۋزىدە.

مانا شۇنداق ناكەسمۇ بولالىسا مۇئەللىم،

ئۇنىڭ ئەيپ يالىسىغا كىتەر ئىكەن مۇئەللىم.

لىكىن بۇنداق ئەخلەتلەر ئارىمىزدا كۆپئەمەس،

مۇناسىۋەت ،پۇل بىلەن خىزمەت تىپىپ قالغانبەس.

بۇنداق ساپاسىزلاردىن بىزمۇ قىلىپ ھەمپەخەس،

ھەم شۇلارنىڭ تۈپەيلى بىزنى باستى ئەمدىنەس.

ئۇلار ئۈچۈن قارىغا قالىدىكەن مۇئەللىم،

تالاي تۆھمەت يالىغا مۇپتىلاكەن مۇئەللىم.

ئالتۇن نىمە ؟ تۆمۈرچۇ ؟پەرق ئىتەيلىخالايىق،

بۇنداق تۆھمەت ،قارغىشقا مۇئەللىملەرنالايىق.

ئەلمىساقتىن ھۆرمەتكە بولغان ئىدۇق بىزتالىق،

بىلەلمىدۇق زادىلا ئۆتتى قانداق خاتالىق .

مۇئەللىملىك كەسپىنى سۆيكەن ئىدى مۇئەللىم،

مىللەت ئۈچۈن شام بولۇپ كۆيگەن ئىدىمۇئەللىم.

ئەمدى ئاڭلاڭ سۇئالىم ، ئاتا-ئانائەزىزلەر،

بالىلارغا قانچىلىك ، مىھرىڭلارنىبەردىڭلار؟

ئىقبالىدىن قانچىلىك ،ئۈمىدلەر كۈتۈڭلار ؟

بىزگە باغلاپ ئۈمىدنى ، يەنە نىمەقىلدىڭلار ؟

ئەتىگەندە بالىلارنى ،ھەيدەيسىلەرمەكتەپكە،

ئارقىدىنلا چاپىسىلەر ، بازار ياكىخىزمەتكە.

ئاغزىڭلاردا مۇئەللىم سازاۋەردۇر ھۆرمەتكە،

لىكىن ئاخىر مۇپتىلا ، سوغۇق نەزەرتۆھمەتكە.

مۇئەللىممۇ ئويلايدۇ ،ئەۋلادلارنىڭ بەختىنى،

ئۇنۇتقىنى ھىچ يوقتۇر مۇئەللىملىك ئەھدىنى.

ئەۋلاد ئۈچۈن تۈكىدۇ ،ئايانماستىن تەرىنى،

قۇربان قىلىپ مۇنبەردە ،نەۋ قىرانباھارىنى.

بىزدە بارغۇ شۇنچلىك ئىسىل ئادەت،مەدەنىيەت،

مۇئەللىممۇ ئەۋلادقا چۈشەندۇرەر نەچچە رەت،

يات ئەللەرنىڭ ئادىتى،ھەمدە يەنە قىياپەت،

بىزدەك ئىسىل مىللەتكە ئەزەلدىنلا بىھاجەت.

سۆزلىمەيمىز مۇنبەردە ،ياۋرۇپانى ياخشىدەپ،

ئىمكان بولسا سۆزلەيمىز،بۇغرا ،ئوغۇز باتۇردەپ.

قەشقەرىي ھەم خاس ھاجىپ ، نەۋائىينىمەدھىيلەپ،

لۇتپۇللا ھەم تەۋپىقنى ئەسلىتىمىز تەرىپلەپ.

ئەجدادىمىز زاماندىن شانلىق تارىخياراتقان،

ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنى كەڭ دۇنياغاتۇنۇتقان.

ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئەجدادى ئەنە شۇنداق ئىزباسقان،

ئىلىم ئىرپان نۇرىنى ھەر يەرلەرگەتاراتقان.

ئۆگەتمەيمىز ئەزەلدىن ، ئاشىق مەشۇقكۈنىنى،

سۆزلەپ تۇرىمىز بەزىدە ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى.

لىكىن بوغدى بەزىلەر مۇئەللىمنىڭ تېلىنى ،

دىمىسەممۇ بىلىسىز ،بۇ قەلبىنىڭ سۆزىنى.

لىكىن ئويلاپ باققانمۇ ، پەرزەنت كىمنىڭۋارىسى ،

تۇنجى مەكتەپ ئائىلە ، ئاتا –ئانا ئۇستازى.

ئائىلىدە ياڭرايدۇ ، بالىنىڭ تۇنجى ئاۋازى،

تۇنجى ئۇستاز قاناتتۇر ،كۆككە يىتەر پەرۋازى.

ئانا دىگەن تۇنجى سۆز ،ئەسلى ئۆيدە چىقىدۇ،

ئاتا-ئانا نىمە دىسە ، بالا شۇنىڭغاكۆنىدۇ.

لىكىن يەنە بەزىلەر ،قوش تىل دەپلا ئۆتىدۇ،

شۇنداق تۇرۇپ مۇئەللىمدىن ، يەنە نىمەكۈتىدۇ؟

خىيالىدا ئانا تىل ، كىچىكىدىن بەك راۋان،

شۇڭا قوش تىل مۇھىم دەپ قىلىپ قۇياربۇززۇۋان.

ئانا تىلىنى بىلمەيدۇ،ئۆزگە تىلغا بەكيامان،

ئۆز قەۋمىگە گىپىنى بىلدۈرەلمەس ھىچقاچان.

ئىيتاي سىزگە مۆھتىرەم ئاتىلار ھەمئانىلار،

ئانا تىلدا چوڭ بولسۇن بىزنىڭ سەبىبالىلار،

ئەجداد تىلىنى ئەڭ ئاۋال بىلسۇن كىچىكئەۋلاتلار،

ئۆز تىلىدا يايرىسۇن ،كۈلسۇن بىغۇباردىللار.

مەكتەپتىكى بىلىملەر ھەقىقەتەن يىتەرسىز،

بۇنى ئىتراپ قىلىمىز ،چۈنكى بىزمۇئامالسىز.

نىچۈن ئاتا-ئانىلار بۇنى ئويلاپ يەتمەيسىز؟

ئەۋلادلارغا ئۆيدىمۇ تەلىم تەربىيەبەرمەيسىز؟

كۈتۈپخانا ، ئىنتىرنىت قولايلىققۇشۇنچىلىك،

تىپىلىدۇ ھەممىسى لازىم بولسا قانچلىك.

تەربىيەگە مۇھتاجدۇر ،بالىلار ھەرتەرەپلىك،

بىزنىمۇ ئەمدى تۆھمەتكە قۇيمىسىڭىزبۇنچىلىك.

تۇنجى مەكتەپ ئائىلە ، ئائىلىدىن باشلايلى،

پەرزەنت ئۈچۈن ھەممىمىز بارىمىز ئاتايلى .

سىزمۇ ئۇستاز بالىغا ،بۇنى ئۇنتۇپقالمايلى،

كىتاپتا يوق بىلىمنى ،بالىلارغا ئۆگىتەيلى.

ئۆز ئەنئەنە تارىخى سىزمۇ ئۆگىتىڭ بىزمۇھەم،

مىللى ئادەت ، ئەخلاقنى ئۆگىتەيلى بىزھەردەم.

ئەۋلادلارنى ياراملىق تەربىيلەيلى بوپھەمدەم،

گۈلگە تولار بىركۈنى ئەۋلاد ئۈچۈن باسقانقەدەم.

ھەر بىر بالا ۋەتەننىڭ ، ئۈمىدى ھەمكەلگۈسى،

ئاتا –ئانا ،مۇئەللىم ،ئەڭ ياخشىتەربىيچىسى .

ئىلىم ئىرپان بىغىنىڭ بولايلى چىن كۈيچىسى،

نۇرلار چاپسۇن ئەۋلادنىڭ ئەلگە قوشقانتۆھپىسى.

ئاتا-ئانا ،مۇئەللىم ، تەربىيلەيلىئەۋلادنى،

بىلدۈرەيلى ئۇلارغا ،چىن تۆمۈرنى، سادىرنى.

بىزگە ئىمكان بەرمىگەن بۇغراخاننى ،ئوغۇزنى،

سۆيسۇن ئەۋلاد دىلىدىن ،ئانا تىلنى،ئۇيغۇرنى.

مۇئەللىمدە بار  يەنە قانداق ئەيپ ۋە ئەھۋال ،

يىتەر ئەمدى بەس،توختا، مۇئەللىمگە قىلمائۇۋال،

مەسئۇلىيەت زادى كىمدە ،بۇنى ئويلايلىئاۋال،

مۇئەللىمى يوق  مىللەت چوقۇم تاپىدۇ زاۋال،

تۆھمەت ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ ،ۋايسىمايدۇمۇئەللىم،

مەيلى دەيدۇ يەنىلا كەچۈرىدۇ مۇئەللىم.

ھەر دەقىقە ئەۋلاد دەپ ئۆتىدىكەن مۇئەللىم،

ئەۋلاد ئۈچۈن بارىنى قۇربان قىلارمۇئەللىم.

ئويلىنايلى ،ئويلايلى ، نىمە قىلدىمۇئەللىم،

قۇرۇق تۆھمەت بەتنامغا ، قالمىسۇنچۇمۇئەللىم.

ھەممىمىزنىڭ كۆزىنى ئاچقان ئىدى مۇئەللىم،

مەرىپەتنىڭ نۇرىنى چاچقان ئىدى مۇئەللىم،

مىللەت ئۈچۈن شام بولۇپ كۆيگەن ئىدىمۇئەللىم،

خىزمىتىنى دىلىدىن سۆيگەن ئىدى مۇئەللىم .

ئەمدى قۇرۇق تۆھمەتكە قالمىسۇنچۇ مۇئەللىم،

بىراۋ ئۈچۈن سوراققا تارتىلمىسۇن مۇئەللىم!!

2013-يىلى24-ئاۋغۇست .        

                                                           كەتمەن

lang

="AR-SA">

ئەسلى شېئىر


‏ئالامەت يىزىلغان شىئىر

مۇئەللىمگە تۆھمەت قىلدىم

پاك غۇبارسىز دىلللارنى قارا قىلار مۇئەللىم،

سەبىلەرنىڭ قەلبىنى يارا قىلار مۇئەللىم

.بىلىمسىزنىبىلىملىك كالا قىلار مۇئەللىم،

بىلىمى بار دىينى يوق چالا قىلار مۇئەللىم.

كەلگۈسىنى مىللەتنىڭ قارا قىلار مۇئەللىم،

ئىلىم ئەمەس مۇئاشقا چارە قىلار مۇئەللىم .

دىپلۇم ئۈچۈن ئۈگىنەر ئاشۇ ئىلىم پىنىنى

.چۇشەنمەيدۇئەجدادنىى ئۇنتۇپ كەتتى ديىنىنى ،

غايىدىن ھىچ نىشان يوق غەپلەت باسقاچدىلىنى.

مۇئاش ئۈچۈن ئاتايدۇ ھەتتا ئىسسىق قىنىنى ،

خىزمەت شۇ دەپ بالامغا ئۇۋال قىلغانمۇئەللىم.

كەلگۈسىمنى تاڭ ئەمەس زاۋال قىلغان مۇئەللىم

.ھىيۇگۇنى بالىمىزبەش قولىدەك بىلىپتۇ،

بوۋام بولسا سۇنۋۇكۇڭ مايمۇنەك دەپ يۇرۇپتۇ.

سۇتۇق بۇغرا دىگەننى دەيدۇ كىمىڭ كۆرۇپتۇ،

راشىدىن خان غوجىلار نەلىك نەدە ئۆلۈپتۇ.

بىلىك شۇ دەپ بۆلەكنى ئۈگىتىپتۇ مۇئەللىم.

ئەجدادىمىز ئىزىنى تۈگىتىپتۇ مۇئەللىم.

ياخشى ئوقۇپ كەلسىلا يورۇق بولار كەلگۈسى

ئويلاپتىمىز گۈل ئۈنەر ياخشى بولسا پەرۋىشى،

ئۇنتۇلۇپتۇ ۋاي ئىسىت بوۋىلارنىڭ شۇل سۆزى،

ئىتقادسىز بىلىمدار شەيتان ئىكەن دەل ئۆزى،

ئەجدادىنى ئەۋلاتقا يات كۆرسەتكەن مۇئەللىم،

دۈشمىنىنى كۆزىگە مەرت كۆرسەتكەن مۇئەللىم.

مائاش ئۈچۈن ئۈگەتكەچ بىلىمىنى بىر ئۆمۈر،

شاگىر بوپتۇ ماڭقۇرۇت قۇل مىجەز داشقالكۆمۈر. «

خۇدا بىرەر تەۋەككۈل قىپ باقاي»غا يوقكۆڭۈل،

غايىسىدۇر داش قازان،بولغۇسى يوق چىن تۆمۈر.

گاڭگۇڭ دىھقان ئوغلىنى لاتا قىلغانمۇئەللىم،

تەربىيلەيمەن دەپ ئادەم خاتا قىلىغانمۇئەللىم.

يۇرتىمىزدا مەكتەپلەر بولۇپ كەتتى ھوللىۋود،

كەچتە مەكتەپ زالىدا تانسىلارغا كەتتى ئوت. ئ

الىم ئەمەس چولپاننى كۆرسەتكەچكە كۆزگە ئوت.

بالىلارنىڭ غايسى چولپان بولۇش ياكى بۇت.

يىقىنلاشقان ئاپەتنى چوقۇم تۇيار مۇئەللىم.

جەمىيەتنى ئالدىشىپ كۆزنى بويار مۇئەللىم

مۇھەببەتتە بەك ئەركىن ئوقۇپتىمىش كۆڭلىخوش،

قىلاي دىسەم تويىنى بۇ تەرەپكە مەيلى بوش

.دەيدۇ نىكاھ قەبرەئۇ مەسئۇلىيەت قوشمۇ قوش،

نىمە جاپا توي قىلىپ بالا بىقىپ ئوي تۇتۇش.

بالىمىزنى ئەجەپ ساز ئوقۇتۇپسىز مۇئەللىم،

نەسلىمىزنى تەربىيلەپ قۇرۇتۇپسىز مۇئەللىم

.تىرىۋالسۇن دەپسۆيگۈ چاچارمىشلەر ھاۋاغا،

يىڭى يىڭى مۇھەببەت ئەپ بارارمىش دىباغا،

ئىشقى ئوتى قۇياشتەك تەڭ تارارمىش دىللارغا،

شەخسىيەتچى كۆنلەمچى ئەمەسمىشلەر دوسلارغا.

كۈنلەمچىلەر ياۋايى دەپ يۈرۈپسىز مۇئەللىم

.چىن ئەركەككە ئەجەپسەت نام بىرىپسىز مۇئەللىم

.ئوقۇپ كەلگەنبالىمىز دادىسغا ئوخشىماس،

ئەسلى مىللى كىيمى ئۇچىسىدا توختىماس .

كوسار كىيمەي يۈرىدۇ قىزلىرىمىز تاس تاماس،

سوراپ بىقىىڭ شۇ سەبى ھەرگىز سىزنى ئالدىماس.

كۆرسە ياغلىق بىشىدا ئەدەپلەيدۇ مۇئەللىم،

كىرسىت بىلەن تانسىغا شەرەتلەيدۇ مۇئەللىم.

دەيدۇ كۆرۈپ چۈشەنسۇن داش قازاندا قاينىسۇن،

ھەر ئىددىيە پىكىرنى ئاڭلاپ باقسۇن يايلىسۇن.

مەيلى تەۋرات ئىنجىلنى ئوقۇپ باقسۇنئويلىسۇن،

پەقەت قۇرئان ئوقۇشقا مەسجىدلەرگە بارمىسۇن.

ئىتقاد ئۇ ئەپيۈن دەپ جۆيلەپ يۈرەر مۇئەللىم،

ئەركىن سۆيگۈ زىنانى كۈيلەپ يۇرەر مۇئەللىم.

ئاڭلاپ قالدۇق خەقلەردىن داشۆلەردە پوپ باردەپ

ئۆز دىينىنى بىلمەسكە ئىنجىلدە كۆپ گەپ باردەپ

ئانچە مۇنچە نەپ بىرىپ جايلايدىغان ئەپ باردەپ

نادان ئۇيغۇر نەسلىنى ئازدۇرغۇچى سەپ باردەپ

بىلىپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سىلىۋالار مۇئەللىم

.بەلكى ئۆزى باشبولۇپ ئۆلىۋالار مۇئەللىم،

دەپسىز ئىسلام ئەخلاقى زامانغا ماس كەلمەيدۇ

.ھارام دەيدۇھەممىنى خوتۇننىمۇ سۆيمەيدۇ

.مۇسۇلمانلار نامازدىنباشقا ئىشنى بىلمەيدۇ.

ئىشلىمەيدۇ پەقەتلا دۇئا قىلىپ نان يەيدۇ.

ئوچوق كۆزنى كور قىلپ تىندۇرۇپسىز مۇئەللىم،

يالغاننى كۆپ تەكرارلاپ سىڭدۈرۈپسىزمۇئەللىم.

ئىككى ھەيت ئورنىغا چىرسىتىماس يەرلەشتى ،

تىلەك تىلەپ شام پۈدەش،دۇئا بولۇپ ئۆزلەشتى.

ياخشىمۇ سىز،بەي بەي لەر ئەسسالامدىنئالماشتى.

ئۈگەتمىسە ئۇستازى نەدىن كىلىپ ئورناشتى.

كۆرمىگەن بوپ لاي سۇدىن بىلىق تۇتارمۇئەللىم،

مۇئەللىم ھەم پوپ بولۇپ پۇرسەت ئۇتارمۇئەللىم

.ياغلىق ئارتساقىزىمنى مەكتىۋىڭدىن ھەيدەپسەن

ساقال چىقسا ئوغلۇمغا تىرورچىمۇ سەن دەپسەن

مايمۇن ئىدى ئەجدادىڭ سەنمۇ ھايۋان بولدەپسەن

ئويلاپ باققىن مۇئەللىم سەبىلەرگە نىمدەپسەن

چىققان ساقال بۇرۇتقا گۈناھ قويار مۇئەللىم

ھىچ بىلمىدىم گۇناھنى قانداق يۇيار مۇئەللىم

تارىخ ئارا غەرىپمىش ئىنسانىيەت ئۈلگىسى.

دەيمىش تىخى ياغلىق-تون خۇراپاتلىق بەلگىسى.

نىمە كۆرسە ئۈگەنسە ھەركىمنىڭ ئۆزمەيلىسى،

پەقەت ئىسلام ئۈگەنسە بولارمىش دىن تەلۋىسى،

ئۆز دينىدىن بىر ئۆمۈر چۆچۈپ ئۆتەر مۇئەللىم

.قەلىبلەرنى ئوڭتەتۈر قوچۇپ ئۆتەر مۇئەللىم

.قىز دوستى يوقبالىنى مەكتەپلەردە يەكلەرمىش،

روزا تۇتسا بۇزغىن دەپ قاتتىق ناننىتەڭلەرمىش

.ناماز ئوقوپسالسىغۇ مەكتەپلەردىن ھەيدەرمىش،

مازاق قىلىپ سىنىپتا مۇنبەردىلا سەنلەرمىش.

بويۇنلاردا كىرسىتمۇ كۆرۈپ قالار مۇئەللىم ،

لىكىن ئۇنى كۆرمەس قىپ كىتىپ قالار مۇئەللىم.

تەربىيلەنگەچ بالىمىز دادىسدىن ياتلاشتى،

مىللى تۇيغۇ مەكتەپتە ئاستا ئاستا داتلاشتى

.ياغلىق بىلەنبارغان قىز كۇسار كىيىپ شاشلاشتى،

سۆيۇشۇشنى تۇنجى رەت مەكتەپلەردە باشلاشتى .

نۇزۇگۇمنىڭ نەسلىگە ساۋاق بەرگەچ مۇئەللىم ،

قىزىل گۈلنىڭ ئورنىغا شىۋاق تەرگەچ مۇئەللىم.

جۈمەگىلام بارمىسا تانسىخاندىن چەكلىمەس،

چىقسا قوساق تومپىيىپ ئۇچ مىنۇتلا بولسا بەس.

چەكسە مەيلى تاماكا ھاراقمۇ چوڭ گەپ ئەمەس،

ناماز ئوقۇپ سالغاننىڭ مەكتەپلەردە كۈنى تەس

.ئۈچ مىنۇتلۇقئىلاننى كۆرگەنغۇ سىز مۇئەللىم،

كەچلىك گىزىت ئوقۇغاچ كۈلگەنغۇ سىز مۇئەللىم.

مەدەنى ھەم ئەخلاقلىق بولسۇن دىدى جىمىدۇق،

ھىچ بولمىسا ساۋادى چىقسۇن دىدۇق چىدىدۇق.

بالىمىزغا ئىنساپ دەپ خۇدايىمدىن تىلىدۇق ،

مەيلى ئالىم بولمىسا ئادەم بولسۇن دىۋىدۇق.

ئۆزىدە يوق ئەخلاقنى قانداق سۇنار مۇئەللىم،

راست گەپ قىلساق مەكتەپتە مىڭە يۇيارمۇئەللىم.

بىزلەر تاپتۇق بىز باقتۇق قىتىغىمۇ ئالمىدى،

دەيدۇ ھەممەڭ ماتىريال دىنغا قۇلاق سالمىدى .

پۇل مىلىمغا ۋارىسمىش ئەقىدىنى ئالمىدى،

دىدۇق پۈتۈن ئۆلۈپتۇق بىزدىن نىشان قالمىدى

.ئاتا ھەققى،ئىنساپنى ئۇنۇتۇپتۇ مۇئەللىم ،

پەقەت بىرلا ماددىنى تونۇتۇپتۇ مۇئەللىم .

دىھقان ئوغۇل ئانىنى ئىلىپ باردى ھەججىگە

دەيدۇ تىخى بۇمۇ ئاز ئاتا ئانا قەرزىگە

ئوقۇپ كىلىپ داشۆدىن سالدى ئۆينى لەرزىگە،

گالنى سىقىپ پۇل ئىلىپ ماڭدى دىبا پەيزىگە.

ھالال ئالدۇق مۇئاشنى دىيەلەرمۇ مۇئەللىم،

بالىمىزنى قايتۇرۇپ بىرەرلەرمۇ مۇئەللىم .

دەپتۇق ئۇستاز پەرىشتە نىمە قىلسا بىز رازى،

بىلسەك ئەمەس پەرىشتە نەق ئىكەنغۇ ئۇستازى

.سەھرادىكىئەخلاقتىن سۇنسا داشۆ ئوبرازى،

كىم جاۋاپكار بۇنىڭغا سورايلى كەلسۇن قازى.

چىن تۆمۈرنى چىكەرمەن لەقۋا قىللا مۇئەللىم

.يۈرۈگۈمگە ساقايماسدەرتنى ساللا مۇئەللىم،

موللا سابىت داموللام ئۆلۈپ كەتتى كەلمىدى،

ئەللىك يىللىق مائارىپ ئۇ يەرگە يىتەلمىدى،

شارائىت دەپ ۋايسىماڭ ئۈيغۇر شۇنداق ئەلمىدى

.ئابدۇقادىر ،تەۋپىققە پۇرسەت شۇنداق تەلمىدى،

خانلىق مەدرىس ئىزىنى ئىغىل قىلغانمۇئەللىم،

دۇر گۆھەرنى تەربىلەپ شىغىل قىلغان مۇئەللىم.

بەزى گەپلەر ئوشۇقچە دىيلىپمۇ كەتكەندۇر ،

راست بولمىسا مۇئەللىم خۈدۈكلەنمەيكۈلگەندۇر

ھەممىسى راست بولمىسا ئاز بولسىمۇئۆتكەندۇر،

ھەممىسى مىللەت غىمى شۇڭا بۇ قۇر پۈتكەندۇر

ئۆتكەن بولسا سەھۋەنلىك ئەپۇ قىلار مۇئەللىم،

ساپ نىيەتنى چىن دىلدىن قوبۇل قىلارمۇئەللىم.

2010-1-23

مەنبە: دوستلاې چەمبىرىكى


ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 02:09:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ بالامنىڭ دىيشىچە ،باللارنىڭ تاپشۇرقىنى بىر ساۋاقدىشى تەكشۈردىكەن؟بالام ھازىر باشلانغۇچ 2-يىللىققا چىقتى.
  بۇنداق ئىش تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ بار ئىكەن.بىرقانچە يىل ئالدىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تونۇش مۇئەللىملەرنىڭ دەپ  بېرشىچە كۆپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلارنى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكشۇرشىگە بېرشى ئۇمۇمىيۈزلىك ئەھۋالكەن.

مەسئۇليەتچان ئوقۇتقۇچلار بەكلا ئاز ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇمباغ79 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-25 02:11 PM  


يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95048
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 432
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 02:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مەۋسۇملۇك ئىمتھانىمۇ ئۇقۇغۇچلارغا تەكشۇرتىدىغان ئش بار ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بۇنى نىمە دەيىمىز ئەمىدى،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3066
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 6622
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2454 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 03:12:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارنىڭ تەپشۇرۇق دەپتىرىنى ئوقۇغۇچىلار تەكشۈرىدىغان ئىشنى ئادەتتىكى ئىشمىكىن دەيمەنغۇ مەن، بۇرۇن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا  مۇئەللىم  خېتى چىرايلىق ئۆگىنىشى ئەلا قىز ساۋاقداشلىرىمىزنى ئەچىكىتەتتى، مەقسەت ئۇلار زاپاس قۇشۇن بولۇپ بىزنىڭ تاپشۇرۇقىمىزنى تەكشۈرەتتى، شۇ چاغدا بىزگە ئوخشاش قاشاڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇ قىزلارنىڭ قورقۇتۇپ، ئەگەر ياخشى نۇمۇر قويمىساڭ سومكاڭغا پاقا، سېلىپ قويىمەن، چېچىڭغا پوپوتاڭ چاپلاپ قۇيىمەن دەپ قوتقۇتاتتۇق، شۇنىڭ بىلەن لاياقەتسىز تاپشۇرۇقلىرىمىزمۇ لاياقەتلىك بولاتتى، بۇنى ئۇقۇتقۇچىنىڭ كۆرۈشىگە چولىشى يوق
ئۇنى دېسەڭلار بىز ھەتتا مەكتەپتىن بىر تۇتاش تارقاتقان  تۇلۇقسىز ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىمىزغىمۇ ھەر قايسى پەنلەردىكى نەتىجىمىزنى ئۆزىمىز تولدۇرغان، مېنىڭ ھەممە پەندىكى جەتىجەم 90دىن  چۈشمەيدۇ ، ئاللاھ خالىسا يۇقارقى بايانلىرىمنى ھېكايىگە ئايلاندۇرۇپ يېزىپ چىقىمەن  

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96952
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 617
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2013-8-13
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 03:16:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەنىم بولسا بۇ تۆھمەتنى سىز بولسىمۇ ئاقلاپسىز ، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .  
ئۆز كەسپىنى سۆيۈپمۇ ، سۈيۈلمىگەن مۇئەللىم،

كۆزى ئەلەملىك ياشتا ، باغرى قانىغان مۇئەللىم.....

ھەقىقەتەن يۈرەك سۆزلىرىمىز

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16627
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6588 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 03:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Elem يوللىغان ۋاقتى  2013-8-25 03:16 PM
ھەنىم بولسا بۇ تۆھمەتنى سىز بولسىمۇ ئاقلاپسىز ، قۇلىڭى ...

  سىز ئوقۇتقۇچىمۇ ؟؟؟

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1068
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4165
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 04:28:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-8-25 03:12 PM
بالىلارنىڭ تەپشۇرۇق دەپتىرىنى ئوقۇغۇچىلار تەكشۈرىدىغ ...

يا ئاللا مۇشۇ باھانىدا يەنە بىر ھېكايە يېزىۋالىدىغان بولدىڭىزدە

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3066
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 6622
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2454 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 04:30:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alenur يوللىغان ۋاقتى  2013-8-25 08:28 PM
يا ئاللا مۇشۇ باھانىدا يەنە بىر ھېكايە يېزىۋالىدىغان  ...

سىزمۇ كۆڭلىڭىزدە ئەپچىلەمنىڭ ھېكايىسىنى بىر ئۇقۇۋالىدىغان بولدۇم دەپ خۇش بوپ كەتكەنسىز
ئەمەلىيەتتە ماڭا ئىلھام كەملىك قىلمايدۇ، مەن باشقىلاردا تولا كىتاپ ئۇقۇشنى خالىمايمەن، مۇشۇنداق ئىجدىمائىي مۇھىتتىن، ئۇيۇن كۈلكە ئىچىدىن ئىلھام ئىزدەشكە ئامراق

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1068
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4165
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 04:33:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-8-25 04:30 PM
سىزمۇ كۆڭلىڭىزدە ئەپچىلەمنىڭ ھېكايىسىنى بىر ئۇقۇۋال ...

شۇنى دەڭە مۇشۇ تاپتا قاچان ئوقامەن ھېكايسىنى دەپ ئاشۇ..............بوپ كەتتىم
قارساممۇ شۇندادەك تۇرىدۇ سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ئەينەن ئېلىنغاندەك بەك تەبىئىي چىقىدۇ شۇڭا ئەسەرلىرڭىزنى ئوقۇيمەن بولمىسا    شى شى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 874
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-25 05:00:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئوقۇتقۇچىلار مەسئۇلىيەتسىز ئەمەس ئاساندنكىللىرى پۇتكۇل ئوقۇتقۇچىلارغا داغ كەلتۇرۋاتىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش