ئەگەر مەن مەكتەپ مۇدىرى بولسام
ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ھەم ئۆزى ئارزۇلايدىغان بىر خىل مەكتەپ ياكى مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزىمى بولىدۇ ،
ئەگەر مەن مەكتەپ مۇدىرى بولغان بولسام تۆۋەندىكى تۈزۈملەرنى <مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى > نىڭ باش بىتىگە قۇيغان بولاتتىم
ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن قائىدىلەر!
1. يات جىنىستىكىلەر بىلەن بىرگە ماڭمىغانلاردىن 5 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر ئەمەس.
2. ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ئېلىپ يۈرگەنلەردىن 1 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان.
3. مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغانلاردىن 2 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: ئازراقمۇ ياڭزىسى يوق ئوقۇغۇچى كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولالمايدۇ.
4. تور ئويۇنى ئويناشنى بىلمەيدىغان، تورخانىغا بېرىپ تورغا چىقىشنى بىلمەيدىغانلاردىن 15 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: ھەممە تەرەپتىن تەڭ تەرەققىي قىلىش نىشانىغا يېتەلمىگەن.
5. ئەتىگەندە 7 دىن بۇرۇن تۇرىۋالغانلاردىن 5 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: باشقىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلغان.
6. ئوقۇش مەزگىلىدە يانتىلفۇن ئىشلەتمىگەنلەردىن 10 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: جۇڭگونىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى قوشمىغان.
7. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە 3 ئاي قالغىچە مابەت تۇتمىغانلارنى مەكتەپتىن ھەيدەش كېرەك. سەۋەپ: ئازراقمۇ جەلپكار ئەمەس، مەكتەپ ھۆسنىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن.
8. ئاخشىمى تامدىن ئارتىلىپ قېچىپ چىقىپ تورخانىغا تۈنىگىلى بارمىغانلاردىن 50 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: جان ساقلاش ئىقتىدارى ناچار.
1
مۇئەللىملەرگە نىسپەتەن تۆۋەندىكىدەك چارىلەرنى يولغان قوياتتىم.
1. ئوقۇتقۇچىلار ئەتىگەن سائەت 6:50 تىن 7:00 گە مەيداننى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ يۈگۈرۈشى كېرەك.
2. مۇئەللىملەر ئەتىگەنلىك تەكرار ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن مەكتەپكە كېلىۋالماسلىقى، بالدۇر كېلىۋالغانلىرى مەكتەپ دەرۋازىسىدا ئوغۇچىلارنىڭ ئەتىگەنلىك تەكرارنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى كۈتۈش كېرەك.
3. يۇقارقى تۈزۈم كەچلىك تەكراردىمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
4. ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادى جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇنۇشى، ئوقۇتقۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك خاس ئىنسانى پەزىلەتلەرنى نامايەن قىلىشى كېرەك.
5. ئوقۇغۇچىلار رۇخسەت سورىغاندا ئاكتىپلىق بىلەن رۇخسەت بېرىشى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
_____________________~!
بۇ پەقەت كۆڭۈل ئىچىش ئۈچۈنلا يىزىلغان،ئاستىدىكى تورداشلارنىڭ قانداق ئارزۇ ئارمانلىرى بولسا يىزىپ چىقسا بىرلىكتە كۆڭۈل ئاچساق ،