ئۇلارنىڭ ياشاش ھوقوقى يوق!
بىر كىشى مىڭ بىر جاپادا ئىشلەپ ئىرىشكەن بىر ناننى ئەمدىلا يەي دەپ تۇرۇشىغا نەدىن كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىنتايىن مەينەت قوللار تەرەپ – تەرەپتىن يوپۇرۇلۇپ كىلىپلا ئۇ ناننى تالان – تاراج قىپتۇ. ئىشىپ قالغان نانمۇ ئىنتايىن مەينەت بولۇپ كەتكەچكە ھىلىقى بىچارە كىشى ئۇ ناننى يىيىشكە ئامالسىز قاپتۇ.
ئەمدى بىز نەزىرىمىزنى دىيارىمىزدىكى كارخانىلاردىكى ماركا قىستاڭچىلىقى ۋە ئوبراز ئوغرىلىقىغا قارىتىپ باقايلى!
نەچچە يىللار ئىلگىرى تىلۋىزوردا « ساپ » دەپ بىر خىل ئىچىملىك ئىلان قىلىنغانلىقى ئىسىدە، كىيىن رىھىم قان ئىلانىغا چىققان « زاپ » دەپ بىر خىل ئىچىملىك ئىشلەندى. كۈلمىگەن ئادەم باشقىلارنىڭ كۈلگىنىنى كۆرسە ئىختىيارسىز كۈلكىسى قىستاپ قالغاندەك ھەر قىتىم ئاشۇ ئىلاننى كۆرسەم ئىختىيارسىز كۈلۈپ سالاتتىم. بىر قىتىم بىر نەچچە ئاغىينىلەر پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ زاپنى ئىچسە ئادەمنى راستىنلا كۈلدۈرەمدىغاندۇ دەپ ھەممەيلەن بىر تالدىن زاپ ئىچىملىكىنى ئىچىپ باقتۇق. نەدە كۈلىمىز. نەچچە كۈندىن بىرى ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدا مىۋە – چىۋىنى تولا يەپ، سوغۇق ئىچىملىكنى تولا ئىچىپ، ئاشقازانلىرىمىز سوۋۇپ كەتكەنمۇ ئەيتاۋۇر، زاپنى ئىچكەندىن كىينلا نەچچەيلەننىڭ مەيدىسى ئېچىشىپ، ئاغزىغا زەرداپ يېنىپ، ياندۇرۇپ ئۈلگۈردى. مەنمۇ نەچچە كۈن مەيدەم ئېچىشىپ، يىگىنىم يىگەن بولماي يۈردۈم. يەنە قارىسام ئەمدى شاپ دەپ بىر خىل ئىچىملىك ئىلان قىلىنىۋىتىپتۇ. ماقۇلە بۇنىمۇ تېتىپ باقاي دەپ ئىچسەم تەمىمۇ، رەڭگىمۇ پەرق قىلمايدىغان، يا قۇۋۋەت قىلمايدىغان ئوخشاش مەيدە ئاغرىتىدىغان ئىچىملىككەن شۇ.
ئويلاپ قالدىم. ساپ تىن كىيىن زاپ، زاپتىن كىيىن شاپ، شاپتىن كيىن قاپ، قاپتىن كىيىن كاپ، كاپتىن كىيىن نۇن، ۋو، ھىي لار بىر بىرلەپ چىقىشقا باشلىسا ھەممە ئادەم تىتىپ باقسا –ھە، كۈلكىلىك تەسەۋۋۇرمىكەن.
رىد بۇل دەپ بىر ئىچىملىك بار ھەممەيلەن بىلىدىغان، ئۆتكەن يىلدىن بىرى ئەير بۇل دەپ بىر ئىچىملىك چىقتى، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا، ئىرەنبۇل، ئىمران بۇللار چىقىشقا باشلىدى. باشتىكى ئەير دىگەن گەپنى تۇتۇۋالغانلار بولسا ئەير دوغاننى بازارغا سالدى، ئەمدى ئەير بولغان، ئەير تولغانلار بازارغا چىقىشقا باشلىسا، ئىختىيارسىز يەنە كۈلۈپ كەتتىم.
يۇقاردىكى ئىسىملار ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغىنىدەك، بۇ ئىسىملاردىكى ئوخشاشلىق، ئورتاقلىقنىڭ تاسادىپى توغرا كىلىپ قالمىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق ئەلۋەتتە. ئەگەر بىرەرسى سىزگە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بەزىلىرى تۈركىيەنىڭ، بەزىلىرى ئىراننىڭ، بەزىلىرى مالايسىيانىڭ تۇرسا، قانداقسىگە بىز ئىسىم قويغىدەكمىز؟ دەپ سۇئال قويسا تەمتىرەمسىز؟ راستىنلا ئاشۇلارنىڭ ماللىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز؟ مەن ئىشەنمەيمەن.
تىتىتقۇ ساھەسىدە قارا شەھەر ياسىنجان يىمەكلىك زاۋۇتى ئۆزگىچە خاسلىق يارىتىپ ھەر خىل تەم خۇرۇچلارنى ئىشلەپ بازارغا سىلىۋىدى، كەينىگە ئۇلاپلا تەقۋا ماركىلىق تەم خۇرۇچلار بازارلارنى بىر ئاپتۇ. ئەمدى ئۇنىڭغا ئۇلاپ لەقۋا، پوقۋالار چىقىشقا باشلىسا بۇ يەنە بىر كۈلكە.
مەن بىلىدىغان بىر كارخانىچى ئىزا تارتماستىن ھىلىقى ھوشۇر قارى ئىلانىغا چىقىدىغان كىۋەز گۈلى ماركىلىق ئوغۇت بارغۇ، ئاشۇنىڭ ماركىسىنىڭ ئۈستىگە كىۋەز گۈلى دىگەن ئۇيغۇرچە خەتنى يىزىپلا ئايرىم ماركا قىلىپ ئەنگە ئالدۇردى ۋە مۇشۇ ماركىدا ئوغۇت ئىشلەپ ساتىمەن. ئىلاننى فۇشىڭ شىركىتى قىلىپ بىرىدۇ. مەھسۇلاتنى مەن سىتىپ پايدا ئالىمەن دەپ داۋراڭ قىلىپ ماختىنىپ يۈرگەنلىكى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ.
ئامىنە شىركىتىمۇ خىجىل بولماستىن جىيەنلىباۋنىڭ رەڭگى ۋە بوتۇلكىسىغا تەقلىد قىلىپ بىر خىل ئىچىملىك ئىشلەپ تارقىتىپ يۈرۈپتۇ. ئامىنە شىركىمۇ دەسلەپتە ئىچىملىك ساھەسىدە يىڭىلىق يارىتىپ ئۆزىگە خاس لايىھە، تەم، ئوبراز بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئەمدى ئۇلارغا نىمە بولغاندۇ؟ ياكى ئىچىملىكىگە رەڭ، بوتۇلكىغا لايىھە تاپالماي قالغانمىدۇ ؟ دەپ قالدىم.
نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مۇشۇ ئىشلار كاللامغا كىرىۋىلىپ، مۇشۇ توغرىدا توردا بىر ماقالە ئىلان قىلىپ تورداشلار بىلەن بىر مۇنازىرە قىلىش، شۇ ئارقىلىق جامائەت پىكىرىنى يىتەكلەپ، كارخانىچىلىرىمىزدىكى ماركا قىستاڭچىلىقى ۋە ئوبراز ئوغرىلىقىغا قانداق خاتىمە بەرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كىلىش ۋە ئومومى خەلق ھەركەتكە كىلىپ ئوبراز ئوغرىلىرىنىڭ بازىرىنى كاسات قىلىپ، ھەقىقى ئەجىر قىلغانلارنىڭ ھەق – ھوقوقلىرىنى قوغداش تەشەببۇسىنى جەمىيەتتە كەڭ تارقىتىش ئۈچۈن پىكىرلىرىمنى كەڭ تورداشلارغا سۇندۇم.
ئالدى بىلەن خاسلىق جەھەتتىكى ئۆزەمنىڭ ئوي خىياللىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي:
بازار ئىگىلىكىدە بازارغا سىلىنىۋاتقان ھەر بىر ماركىدىكى مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولغان بولىدۇ. يۇقاردا تىلغا ئىلىپ ئۆتكىنىمدەك بىر سۆز ياكى بىر بوغۇمنى تۇتۇۋىلىپ داۋاملاشتۇرۇپ، ھىچقانداق خاسلىقى بولمىغان تەقلىدى تاۋارلارنى بازارغا سىلىپ يا ئۆزى يا باشقىلارنى ناننى پۈتۈن يىگىلى قويمايدىغانلار نىمىنى ئويلايدىغاندۇ؟
ئەجىبا ئۇلار، باشقىلارنىڭ بىر ئىشلارنى قىلىپ پۇل تىپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆز قىزارتامدىغاندۇ؟ مىنىڭچىمۇ شۇنداق. ئۇلار ھەقىقەتەن قىزىلكۆزلەر. ئىسىڭلاردا بولسۇن قىزىلكۆزلەر! قىزىلكۆزلۈك بىلەن باشلىغان ھىچقانداق ئىش راۋاج تاپمايدۇ. بۇ يەردە كىچىككىنە بىر مىسال ئىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىۋاتىدۇ.
مەن بىلىدىغان بىر كىشى بار ئىدى، ئۆزى ھۆرمەتكە سازاۋەر ھاجى ھەرەم كىشى، بۇ كىشىنىڭ ئىنىسى تورخانا ئاچاتتى. سودىسى شۇنداق ياخشى، ئادەم دىگەن ئۆچىرەت تۇرۇپ ئوينايدۇ ئۇ دۇكاندا. بىر كۈنى ئۇ كىشى مىنى ئىزدەپ كەپتۇ. نىمە دەيدۇ دىمەمسىلەر؟ مەن مۇشۇ ئىنىمنىڭ تورخانىسىنىڭ يىنىدا بىر تورخانا ئاچاي دىگەن، بۇ بەك پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىشكەن، شۇڭا ئاشۇ تورخانىنى باشقۇرۇپ بەرسىڭىز، مائاشىڭىزنى يۇقىرى قىلىپ بەرسەم. دەيدۇ. مەن ئۇنىڭغا:
- ھاجىكا، بۇ خىيالنى ياخشى قىپسىز، لىكىن ئىنىڭىزنىڭ يىنىدا ئاچماي باشقا يەردە ئاچسىڭىز بولمامدۇ! مەن قارىشىپ بىرەي، لىكىن بۇ يەردە ئاچسىڭىز مەن قىلمايمەن. دىدىم.
كىيىن ئۇ كىشى مىنى ئىزدىمىدى، مىنىڭمۇ كارىم بولمىدى، قارىسام راستىنلا ئىنىسىنىڭ تورخانىسى يىنىدا بىر تورخانا ئېچىپتۇ. كىرىپ كۆرۈپ باقتىم. ئىنىسىنىڭ تورخانىسىدا ئادەم يەنىلا ئۆچىرەت، ئاكىسىنىڭ تورخانىسىدا بولسا چىۋىن تۇتۇپ يەپ ئولتۇرۇپتۇ. قىزىلكۆزلۈك قىلغانغا تويە، خوپ بولدى! دەپ قالدىم ئىچىمدە. كىيىن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يىتىپ، ئىنىسى تورخانىسىنى باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ كەتتى، ئاكىسىمۇ بىر مەزگىلدىن كىيىن تىجارەتنى ئاقتۇرالماي كومپيوتىرلىرىنى ئەسكى – تۈسكى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ تۈگەتتى.
بىر كارخانىچى ياكى بىر شەخس نەچچە يىللارچە يۈرەك قىنىنى، زىھنىنى ۋە ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ بىر ئىشلارنى ئەمدى ئۆز يولىغا چۈشۈرۈپ ئاشقا ئاغزى تىگەي دىگەندە يۇقارقىدەك ماركا تەقلىدچىلىرى ۋە ئوبراز ئوغرىلىرى ئۇنىڭ قاچىسىنى ئۆرۈپ تاشلىسا، بىر مۇنچە دەسمايە سىلىپ، ئۆزى پۇل تاپالمىغاننىڭ ئۈستىگە باشقىلار يەۋەتقان ناننىمۇ مەينەت قىلىپ تاشلىسا بۇ كىشىنى غەزەپلەندۈرمەمدۇ؟
ماركا، مەھسۇلات تەقلىدچىلىكى ۋە ئوبراز ئوغرىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيان بەكمۇ ئىغىر بولىدۇ.
1) مەھسۇلاتنىڭ تەمىنلەش ۋە ئىھتىياج تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ئومومى جەمىيەت ئىقتىسادىنىڭ نورمال ئوبوروت قىلىنىشىغا ۋە راۋاجلىنىشىغا ئىغىر دەرىجىدە توسالغۇ بولىدۇ.
2) تەقلىدى مەھسۇلاتلار مەخسۇس ئەسلىدىكى مەھسۇلاتنىڭ بازىرىنى بۇزۇپ، پۇل تىپىشنىلا مەقسەت قىلغاچقا ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى مۇقەررەر تەلەپ قىلىدۇ، بۇ سەۋەپتىن تەقلىدى مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولىدۇ، بۇ ئومومى خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە مال مۈلكىگە قىلىنغان ئىغىر دەخلى – تەرۈز ھىساپلىنىدۇ.
3) تەقلىدچىلىك بىر شەخس ياكى بىر كارخانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمگەك مىۋىسىنى ئوغرىلاپ يەرگە ئۇرۇش بولۇپ، تەقلىد قىلىنغان مەھسۇلات تۈپەيلىدىن ئەسلىدىكى مەھسۇلاتقا بولغان ئىشەنچ سۇسلاپ كىتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئەسلى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىمۇ ۋە تەقلىدى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىمۇ پايدا ئالالمىغاننىڭ ئۈستىگە ھەممىسى بىراقلا زىيان تارتىدۇ.
4) سۈپەت كاپالەت تارماقلىرى، سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى، باج تارماقلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا ئىغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىپ، دۆلەت قانۇنىنىڭ نورمال ئىجرا قىلىنىشىغا ۋە دۆلەت مال مۈلكىنىڭ خەزىنىگە كىرىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يۇقاردىكى « ئالاھىدە تۆھپە » لىرى بىلەن ماركا، مەھسۇلات تەقلىدچىلىكى ۋە ئوبراز ئوغرىلىقى ئۆزىنىڭ ياشاش ھوقوقىنىڭ يوقلۇقىنى مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقتى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىگە ئىمزا قويدى.
ئەمدى پۇل تاپقىلى بولىدىغان تۈرلەر توغرىسىدا قىسقىچە توختىلايلى:
ھازىر دۇنيادا نىمە كۆپ، تۈر كۈپ، ئەگەر قىلايچۇ دەپ بەلنى باغلىسىلا ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن 2 تۈرنى ئايرىپ ھىساپلىساقمۇ يەنىلا بۇ تۈرلەر تۈگىمەيدۇكى، ئۇيغۇرنىڭ سانى يىتىشمەيدۇ. ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرچە ماركىدىكى بىرەر مەھسۇلات يوق بولغان تۈرلەر ساماندەك، شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمىشقا ماركا قىستاڭچىلىقى، تۈر قىستاڭچىلىقى، ئوبراز ئوغرىلىقى يۈز بىرىدۇ؟
مىنىڭچە بۇ بىزدىكى ئومومى خاراكتىرلىق خەق ئىچىپ قويغان يولدا مىڭىش ئاسان دەيدىغان پىسخىك خاراكتىرنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.
بىر ساسلىق بار ئىكەن. بىر يولۇچى توغرا كىلىپ قىلىش سەۋەبىدىن بۇ ساسلىقتىن ئۆتمەكچى بوپتۇ. مىڭىپ – مىڭىپ بىر يەرلەرگە كەلگەندە ساسلىقنىڭ كۆزىگە چۆكۈپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ. كىيىن يەنە بىرەيلەن كەپتۇ ۋە بىر كىشىنىڭ ئاياق ئىزىنى كۆرۈپ چوقۇم بۇ يولدا ئادەم ماڭغان، دىمەك بۇ ساسلىقتىن ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ، دەپ شۇ ئىزنى بويلاپ مىڭىپتۇ ۋە ئۇمۇ ساسلىقنىڭ كۆزىگە چۆكۈپ ئۆلۈپتۇ. يەنە بىرەيلەن، يەنە بىرەيلەن ............... ئاخىرى بۇ يەردە بىر چىغىر يول شەكىللىنىپتۇ ۋە كەلگەن ئادەم ئىككىلەنمەي ماڭىدىغان بوپتۇ ۋە ھەممىسى ساسلىقنىڭ كۆزىگە چۆكۈپ ئۆلۈپتۇ.
بۇ قىسقا ھىكايىدىن نىمە مەنا چىقىدۇ؟ ئەگىشىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى بۇ ھىكايە دەلىللەپ بىرەلمەمدۇ؟
بىراق بىز بۇ خىل پىسخىك ھالەتنى كونتىرول قىلىشقا، ئاشۇنداق قىلىدىغانلارنى يولىدىن تەربىيە ئىشلەپ قايتۇرۇشقا ئامالسىز. قانداق قىلىش كىرەك؟
ئەمدى بىز بۇ خىل زىيانداش پارازىتتىن قانداق قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى:
مىنىڭچە بۇ ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئىستىمالچىلارنىڭ كۆز قارشىنى يىتەكلەپ، تەقلىدى تاۋارلارنى سىتىۋالمايدىغان، تەقلىدى تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلار يىتىم قالىدىغان ۋە ماللىرى سىتىلمايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇش، شۇ ئارقىلىق ياخشى گەپ بىلەن، تەربىيە نەسىھەت بىلەن ھۇشىنى تاپمىغانلارنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز زىيانغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، تەجرىبە ساۋاق بىرىشتىن ئىبارەت. قارىماققا بۇ بەك رەھىمسىزلىكتەك، خەلقنىڭ ئىستىمال كۆز قارشىنى يىتەكلەپ ئۇ ھالەتكە يەتكۈزۈش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، يۇقارقى كۆز قاراشنى قوللايدىغان ھەر بىر كىشى بۇ مىنىڭ كۆز قارشىم، مەن چوقۇم شۇنداق قىلىشىم كىرەك! دەپ قارىسا ۋە قىلسا، سۆزلەيدىغان كىشىدىن ئەمىلىيەتتە كۆرسىتىدىغان كىشىگە ئۆزگەرسىلا، بارا – بارا بۇ كۆز قاراش كىڭىيىدۇ ۋە تەقلىدچىلەر يىتىم قالىدۇ. گەرچە بۇ بىر ئۇزۇن مەزگىللىك جەريان بولسىمۇ ھەممە بىر نىيەت، بىر خىل كۆز قاراش بىلەن ئەمىلىيەتتە ئىجرا قىلسىلا چوقۇم كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
يۇقاردىكى كۆز قاراشلىرىمغا قوشۇلمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇنى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئارقىلىق ئادەمنىڭ نەزەر دائىرىسى كىڭىيىدۇ. پىكىرى ئېچىلىدۇ. بۇ ھەم نەق مۇشۇنداق ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى جەلپ قىلىپ مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشىدە مۇشۇ تەقلىدچىلىك ۋە ئوبراز ئوغرىلىقىغا قارىتا مۇئەييەن چۈشەنچە پەيدا قىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم، مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىكەن، مەسىلە ئەمەس، ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن، چوقۇم ھەل بولىدىغان يولى بىلەن چىقىدۇ.
يەنە بىر گەپ، مەن بىرەر كارخانىچى ئەمەس، بىراق، جاپاكەش كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە خىيانەت قىلىۋاتقان ئاشۇ قىزىلكۆز ناكەسلەرگە شۇ قەدەر غەزەپلىنىمەن.
قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ شەخسكە ئەمەس كۆز قاراشقا قارىتا پىكىر قىلىشىنى سورايمەن.
مەنبە: ئۆزەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-24 02:54 PM