مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3529|ئىنكاس: 37

جەنۇپ يېزىلىرىدىكى «تەپەككۇر نامراتلىقى» ھەققىدە تەپەككۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97024
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-8-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 12:03:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جەنۇپ يېزىلىرىدىكى «تەپەككۇر نامراتلىقى»  ھەققىدە تەپەككۇر

ئابدۇراخمان ھاپىز

      «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»  ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 5-سانىنى قولۇمغا  ئىلىپ،رايۇنىمىزدىكى  ئەڭ روشەن مەدەنىيەت ئەينىكى، تەپەككۇر خەزىنىسى،نەزىرىيە ئىجادخانىسى بولغان بۇ خاسىيەتلىك تەۋەررۈكنى  چوڭقۇر مىھىر –مۇھەببەت ۋە سىغىنىش ھاياجانلىرى ئىلىكىدە ئاۋايلاپ بىر باشتىن ۋاراقلاشقا باشلىدىم. مۇقاۋا  ۋە مۇندەرىجىگە تويماسلىق ئىلىكىدە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم. بارلىق ژۇرناللارنى ئوقۇش ئادىتىمنىڭ ئەكىسچە باش بىتىنى تىخىمۇ ئىخلاس بىلەن ئوقۇيدىغان سۆيۈملۈك مۇڭداشچىمىنىڭ ئىككىنچى بىتىدىكى «تەپەككۇر كۆزى» سەھىپىسىدە بىرىلگەن ئەركىن ئىھساق ئوغۇزخاننىڭ «تىل كەمچىلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى» ماۋزۇسىدىكى ماقالىسىنى ئەڭ چوڭ ئىشتىياق ۋە ئەڭ زور بەدئىي تەمە ئىلىكىدە كۆرۈپ چىقتىم. كۆزۈم بىلەن كاللام تەڭ ھەرىكەتتە ئىدى، ئۇزۇندىن بۇيانقى نۇرغۇن پىنھان خىياللىرىم بۈگۇن ئۇۋىسىدىن چىقىققاندەك، ۋاراقلاپ تۇرغان ۋولقان تىغىنىڭ ئېغىزى ئېچۋىتىلگەندەك، پىكىر-خىياللىرىم بىر ھۇررا سىگىنالىغا ئەگىشىپ ئاتاكىغا ئۆتكەندەك ھالەتتە ئىدى. مۇئەللىپ بىلەن بىللە تەپەككۇر قىلىۋاتاتتىم....
       ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە دۇنىيا ھەققىدىكى بىلىشلىرىنىڭ كىلىش مەنبەسى بەكمۇ كەڭ بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ تۇرىدىغانلارمۇ، جەننەتنىڭ ئابى چەشمىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغانلارمۇ ئۇچىرايدۇ. «يوقالسۇن ئاجىزلار» دەيدۇ بىر ئامرىكىلىق گەپخور،« ئاللا ئاسان قىلسۇن» دەپ تىلەك تىلەيدۇ بىر مۆمىن، بىر شوپۇر ئاغىنەم بولىدىغان، «ئەتراپىمدىكى بۇزۇقلارنى  بىر سۈپۈرگە بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتسەم» دىگەن ئىدى. ئىنسان  مۇشۇنداق رىئاللىققا بولغان ئىنكاسلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى بىرسىنىڭ ئىسمى «ئەمەت» يەنە بىرسىنىڭ «سەمەت» بولسا كىرەك. لىكىن ھىچكىم دۇنىيا ئىشلىرى ھەققىدە بىر ئىغىز مەشھۇر گەپ بىلەن خۇلاسە چىقىرالمايدۇ. چۈنكى  دۇنيا – نىسپىيلىك ئىچىدىكى مۇتلەقلىقتۇر. دۇنىيا ھەققىدىكى گەپلەرنى بىر جۈملىگە، بىر ياشاش رىسالىسىگە يىغىنچاقلاش مۇمكىنمۇ؟!  ھەربىر كونكىرىت ئۆزلۈككە ھۆرمەت قىلىنماسلىقى ئاخىرىقى ھىساپتا بىزنى سەپسەتىگە يىتەكلىشى مۇمكىن. سىنىڭ قەلبىڭ تونۇغان ئۆزۈڭنى باشقىلار سەندەك ھېس قىلالمايدۇ. كەلمىش ھەققىدىكى ئۆزۈڭنى چىقىش قىلغان مۇددىئالىرىڭنى باشقىلارنىڭ ئۆزگەرتەلىشى ئاسان ئەمەس. مەنمۇ ئالدى بىلەن يۇقارقى يازمىغا بولغان ئىنكاسىمنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى بايان ئەيلەشنى لايىق تاپتىم.  مەندىن ئىبارەت مەزكۇر ئاتالمىش « مۇئەللىپ» مۇ  ساناقسىز «مەن» لەرگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان دۇنىيانى چۈشىنىش كەچمىشىگە ئىگىمەن: مەن نىيۇرىك ياكى لوندوندا ئەمەس، ھىچبولمىسا قەشقەر شەھرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدا ئەمەس، بىرەر كاتتا موللا-ئالىم ياكى باي-غوجامنىڭ ئۆيىدە ئەمەس، تەكلىماكاننىڭ گىرۋەكلىرىدە، قەدىمىي تۈسكە ئىگە نامىرات دىھقان ئائىلىسىدە  تۇغۇلدۇم. چەتئەلگە چىققان، جاھان كۆرگەن، كۆپنى بىلىدىغان، نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقىنى نەچچە يىل كىيىنكىنى بىلىدىغان تەۋەرۈك بوۋا ۋە ساماۋىي چۆچەكلەرنى بىلىدىغان موما ماڭا نىسىپ بولماپتىكەن. ئىككى جۈپ بوۋام-مومام  ئارىسىدىن پەقەت 7 بالا تۇغۇپ قاتارغا قوشقان، باللىرىنى تەقۋادار، ئەمگەكچان قىلىپ ئۆستۈرگەن، ئەڭ ئاز، ئەڭ ساز گەپ قىلىدىغان مومام (ياتقان يىرىدە جەننەتتە بولغاي) مىنىڭ ئۆمۈرلۈك بوۋا ۋە موما ھەققىدىكى ئەسلىمە، تەسەۋۇرلىرىمنىڭ خىمىرتۇرۇچى بولۇپ قالدى، مەن ئۇنىڭ نىرىسىغا ئۆتەلمىدىم.... تەكلىماكان بىلەن قاراقۇرۇم تىغى دۇنىيادىن ئايرىپ تۇرىدىغان بۇ ماكاندا مىنىڭ بىلىش مەنبەلىرىم كۆپىنچە رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئىدى.« سەن كىم؟ قەيەردىن كەلدىڭ؟ قەيەرگە بارىسەن؟ » دىگەن سۇئاللارغا نان ۋە چاپاننىڭ دەردىنى تارتىپ بولالمايدىغان دادامنىڭ جاۋاپلىرى ئىنتايىن نۇقۇل  ئىدى. دادام شۇنداق  ئادەم ،پەيلاسوپلارنىڭ ھىكمەتلىرى دىھقان ئاتامنىڭ قۇلىقىغا « قەشقەر پاراڭلىرى»دەك ئاڭلىنىدۇ، دە- كۈلۈپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ  يىرىم چارەك كەتمىنىنى چېپىشنى داۋام ئېتىدۇ. مەن ئەنە شۇنداق ساناقلىق، سۈزۈك سۇلىرىدىن كۆزى قۇرمايدىغان بۇلاقىلىرىدىن سۇ ئىچتىم.  كىيىن «سەگۈنچەك» مائارىپىمىزنىڭ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە ئوتتۇرا تىخنىكوم باسقۇچلىرىنىڭ «....بولىمەن!،...قىلىمەن!!! » دىگەن مەۋھۇم غايىلەر، دەبدەبىلىك شۇئارلار ئىلىكىدە ئۆستۈم. شۇ رىۋايەت، شۇئارلار تۈپەيلى دۇنيانىڭ، رىئال تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك، كىشىلىك ھاياتنىڭ كۆپ قىرلىق ۋە  مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى بەك كىچىكىپ بايقىدىم. مەن مانا مۇشۇنداق 20-ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا ئاپرىدە بولغان تىپىك جەنۇپ  بالىسىمەن.
              قۇرغاق، بىكىك، كونسىرۋاتىپ بولغان ئائىلە، مەكتەپ، جەمىئەت تەربىيە شارائىتى يەنى ئونۋىرسال ئۆسۈپ يىتىلىش مۇھىتى ئادەمنى ئىنسانىي كامالەتكە يىتىش ئۈچۈن قەدەم ئالغۇزالامدۇ ؟   بۇنىسى ناتايىن. ئۆزۈمنى ئىلىپ ئىيىتسام «مەن سۇ ئىچكەن بۇلاقلار»نىڭ ئىچىدە مويسىپىتلىرىم، پېشۋالىرىم ئىچىشنى ئۆگەتكەنلىرىگە قارىغاندا «مەن» ئىزدەپ ئىچكەنلىرىم ۋە خۇمار بولغانلىرىم كۆپ تىپىك ئورۇندا تۇرۇپتۇ. ماڭا ئادەم بولۇشنى، مىللىي ئاڭ، ، تۇرمۇش ئادىتى، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئۆگەتكەن قەدىردان پىشۋالىرىم-دەل ئۇلۇغ خەلقىم، خەلقنىڭ ئىچىدىكى سەركەردىلەر. ئويلاپ باقسام ئۇزۇن مۇددەت تالانىتتا ئىدىسون بىلەن ئېينىشتىيىنغا، پەلسەپىدە ئارېستوتىلغا، ئىجادىيەتتە نەۋايىغا، سىياسىيدا ماركىسقا، مول-ھوسۇلدا تاگورغا، ئاشىقلىقتا  پۇشكىنغا ھەۋەس قىلىپ يۈرۈپتىمەن. ئەگەر كىم مىنى بۇ توغىرسىدا ھاقارەتلىسە مەن ئۇنىڭغا پىسەنىت قىلمايىتتىم. چۈنكى شۇنداق ياشاش لازىملىقىنى ئۇلار ئۆز تەرجىمىھالى ئارقىلىق تەبىئىيلا ئۆگەتكەن ئىدى. لىكىن ئىنساننىڭ ماھىيتى، ۋەزىپىسى، ياشاشنىڭ مەخسىتى ئىنسانلارنىڭ..... ھەققىدىكى سۇئاللىرىم كىچىك كاللامغا ۋەھىي كەبىي قانچە يىشىمدا چۈشتى بىلمەيمەن. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىنىڭ مەندە چەكسىز كەم ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. كىم ئۈمىد  بىلەن مۇشكۈل ئوتتۇرسىدىكى ئازاپ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرماپتىكەن؟ ئىشتانغا چىققىنى كۆڭۈلگە تايىن، مىنىڭ ئىرىشكەنلىرىم ۋە ئىگە بولغانلىرىم تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئاز، كەم- كۈتە، يوقنىڭ ئورنىدا. مانا شۇ سەۋەپتىن، نەسىرىدىن ئەپەندىدەك باشقىلارغا ئىشلەپ بىرىپ، ھېكمەتلىك سۆز سىتىۋىلىشقىمۇ رازى ئىدىم. ئەنە شۇنداق ھەۋەس ماتورىنىڭ مىنى بىلىم ئىلىش ئىستىكىدە سەپەرگە ئۈندىشى بىلەن، ئانا تىلدا چىقىدىغان تارىخ، سىياسىي، جەمىئەت، ئىنسانشۇناسلىق، مەدەنىيەتكە ئائىت ئەسەرلەرنى پۇلۇم، ۋاقتىم، ئىرادەمنىڭ بارىچە سىتىۋىلىپ ئوقۇپ چىقتىم. غەرىبنىڭ تۈركۈم-تۇركۈم مۇۋەپپىقىيەتشۇناسلىققا دائىر ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، بىر مەزگىل خۇددى بايلىق خەزىنىسنىڭ خەرىتىسىنى تىپىۋالغاندەك خۇش بولدۇم. تارىخىمىز ھەققىدىكى «يىلتىزىم نەدە؟» دەپ سانسىز كىتابلارنى يىغىپ ساقلىغۇچىلار قولىدىن نەچچە ھەسسە پايدا بىرىپ سىتىۋىلىپ ئوقۇپ چىقتىم. خۇددى ماڭا بىر كۈنى «ۋال......» قىلغان بىر نۇر ئۇچرايدىغاندەك.....
          شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرسىدە  سەھرادىكى ئەنجان تاملىق ھويلىمىزغا مەن بەكمۇ كېچىكىپ تونۇشقان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ بىر سانى يىتىپ باردى. دەۋىر بىلەن «مەن»، ئۈرۈمچىدىكى  گالاستۈك تاقىغان زىيالى بىلەن جەنۇپتىكى سەھرالىق ئۆسمۈرنىڭ پىچىرلىشىشى مۇشۇ كۈندىن باشلاندى. ئۆزۈمنى شۇنچە بەخىتلىك ھىس قىلدىم. ئەدىبىي ئەسەرلەرنى بولۇپمۇ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سىھىرلىك ۋەقەلىكلىرى بىلەن كىشىنى رام ئەيلەيدىغان پىروزا ئەسەرلىرىنى بەك ئوقۇپ كەتمەيتتىم، خۇددى ئۇلار مىنى ئۆزىنىڭ دۇنىياسىغا باشلاپ كىتىپ،رىئال دۇنىيا ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىمنى يوققا چىقىرىۋىتىدىغاندەك. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» سەركە بولۇپ باشلاپ كىتىۋاتقان، رايونىمىزدىكى ساناقلىق ژۇرنالاردىن بىر تالاي ھاڭۋىقىشلىرىم بەلگىلىك جاۋاپقا ئىرىشتى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي)،  ئابدۇقادىر جالالىدىن ، يالقۇن روزى،......قاتارلىق قۇلقى ئۇزۇن، كۆزى ئۆتكۈر ئۇستازلارنىڭ كۆزى بىلەن جاھاننى كۆرۈپ، شۇلارنىڭ قۇلىقى بىلەن ئۆزۈمنى تىڭشاپ يۈرگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى شۇنچە راھەت ھىس قىلدىم. قارا چاي بىلەن گىردە يەپ قورساقنى توقلاپ قولۇمغا «مۇڭداشچىم»نى ئالغاندا ئۆزۈمنى غالىپ ۋە جەسۇر ھىس قىلدىم. «كىتابنى يىگىلى بولامدۇ؟» دەيدىغان، «ۋاي ئىسىت،5 كوي پۇل دەيدىغان»،ئەمما كۈنىگە بەش يۈەنلىك «قىزىل دەريا» ماركىلىق تاماكا چىكىدىغان تەڭتۈشلىرىمغا ئىرەن قىلمدىم. ئۆزۈمگە دۇئا قىلدىم، ئۆمۈرۈمنى ئاز ھەم ساز، ئىنسانلىقىمنى مەنىلىك، ئىزلىرىمنىڭ يارقىنراق بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىمەن دەپ ئويلايىتتىم ھەر ۋاقىت.........خالاس.
     شۇ تەرىقىدە ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان بىلەن قانغۇچە مۇڭدۇشۇپ چىقتىم، ھاياجانلىرىمنىڭ ھىچقايسسىسنىڭ دىققىتىنى چاچماسلىق ئۈچۈن تاكى ئەڭ ئاخىرقى قۇرغىچە مۇئەللىپنىڭ ئادىرىسنى كۆرمىدىم. ئۇنى بىر پىرافىسسور ياكى تەنقىدچى، ھىچبولمىسا  بىرەر ئورگاننىڭ كاتىپى ياكى ئىختىيارى مۇخبىرى دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇ بىر ئىشچى ئىكەن، قولىدا قەلەم، قەغەز، كىتاپ ئەمەس، بەلكى ئامبۇر بىلەن ئەتۋىركە تۇتىدىغان بىر تېخنىك خادىم ئىكەن،يەنە بىر قىتىم  تاشقى دۇنيانىڭ سەلبى  غىدىقلاشلىرىغا قارىتا « تۈكىنى يىتىشىچە سىيلايدىغان» مۇرەسسەچىلىككە ئامراق بولمىغان بىر كىشى بىلەن مۇڭداشچى بولغانلىقىمدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم.    بۇندىن بۇرۇن نۇرغۇن «ئۇلۇغ» لىرىمىزغا ئىيتالمىغان دەرىتلىك پىكىرلىرىمنىڭ تەۋەللۇت مۆھلىتى بۈگۈن توشقان چىغى. مەن شۇئان پىكىرلىرىمنى قەلەم تۇلپارىغا مىندۈرۈپ يولغا سالدىم. ئەركىن ۋە «تاشچى»نىڭ  ئۇستاز بىلەن گاداي تۈسىنى ئالغان سۆھبىتىدە دىمەكچى بولغانلىرىم تۆۋەندىكىچە:
   1.    مەن مۇئەللىپنىڭ ماقالىسىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ھەققىدە جىق بىر نەرسە دىگۈم يوق.چۈنكى ئىغىر تىل، چۈشىنىشلىك تىل، تىلنىڭ كەمچىلىگى ۋە تىلدىكى ئاتالغۇلار مەسىلىسى ھەققىدە بىزدە خىلى كۆپ گەپ سۆزلەر قىلىندى. ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىمۇ ئىشلەندى،لىكىن ئون مىلىيۇن كىشىنى بىر بۇيرۇق بىلەن  ئىجرا قىلدۇرۇشنىڭ ئورنى بولمىغاچقا  توك قاچىلىغۇچنى چۇڭدىيەنچى، گۈرۈچ ئاشنى مىفەن، قىسقا ئۇچۇرنى دۈەن شىن،سەي پىچىقىنى چەيدو، دەپ يۈرىۋەردۇق. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى: ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ! ئەمما تىلنىڭ چۈشىنىشلىك مەسىلىسىدە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولماس، ئەدەبىي تىلنى ئاۋام تىلىدەك ئاددىيلاشتۇرۇپ قويساق، تىل بايلىقىمىز تەدىرىجي خورايدۇ، ئاۋامنى نىشان قىلغان ئەسەرلەرگە مۇجىمەل تىل ئىشلەتسەك ئاۋام گاڭگىرايدۇ، بۇنى يازمىنىڭ خاسلىقى ۋە ئوبىكىتقا ئاساسەن بىكىتكەن ياخشى.
    2.  مۇئەللىپ ماقالىسىنىڭ ئككىنچى بۆلىكىدە تەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت ھەققىدە مۇلاھىزە ئىلىپ بارغان بولۇپ مەن بۇلارغا قارىتا بەزى  ئەگەشمە  پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇشنى لايىق تاپتىم. رېئاللىقىمىزغا نەزەر سالغاندا «يۈسۈپ خاس ھاجىپ  شىئىر يىزىپ يۈردى»،«مەھمۇت قەشقىرى سۆز-قوشاق ئوقۇپ يۈردى»،«ئارىستوتىلدەك، سوقراتتەك نەخ گەپ، نەخ سۆزلەرنى قىلمىدى» دەپ ئاغىرنىشقا ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق، ئەلۋەتتە مۇئەللىپمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئۇلارنىڭ شېئىرى ئەسەرلىرىدىكى پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى بىز يەنە نەچچە ئەۋلات تەتقىق قىلساقمۇ يىتىشىدۇ، ئەنە شۇنداق تۈستىكى پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋە ئىتىبارلاش شۇ دەۋىرنىڭ خاسلىقى، ئۇنى ھازىرغا ياكى غەربپكە تاقاپ نوختىلاش ئىلمي ئەمەس. 20 –ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «ئۇيغۇر» دىگەن مىللەت  نامىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، جاي نام بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەش دەرىجىسىگە بىرىپ يەتكەن، جاھالەت پاتقىقىغا يەتكۈچە پاتقان بىزگە نىسبەتەن ھازىرقى نەتىجىلەر ئارقىلىق تارىخنى تەنقىد قىلىشنىڭ ۋاقتى ئەمەس، ئۆزىنىڭ ناباپلىقىنى ئاتىسىغا دۆڭگەش مىنىڭچە ئەڭ يارامسىز ئوغۇلنىڭ قىلىقى.  ھەممىمىز «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش » نىڭ زىينىنى تارتقانلار ياكى خەۋەر تاپقانلار. 1300 –يىلى ئۇنۋېرىستىت قۇرۇلغان ئەنگىلىيە ياكى تەبىئي پەنلەرنىڭ پاراۋوزى- ياۋرۇپا،« دۇنىيا ساقچىسى» ئامىركىدىكى ھازىرىقى زامان ئالىم، پىرافىسورلار، يازغۇچى، پەيلاسوپلار بىلەن ئەمدىلا باش كۆتۈرگەن بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئۇلۇغلىرىنى سىلىشتۇرۇش- ئۆزىنى-ئۆزى كاچاتلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
     3. ئەركىن ئىھساق ئوغۇزخان« تەپەككۇر نامراتلىقى»  ھەققىدە توختىلىپ كونسىرۋاتىپلار « مەنىۋىي داھىي » ژۇرنال پەيلاسوپلىرى، (ئەركىن ئىھساق ئوغۇزخان ۋە ) سوقرات، ئارىستوتىل قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ ساناقسىز يۇقارقى ئىللەت ئىگلىرىنى سىم قامچىدا ساۋىداپتۇ. ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان! سىز تۇغۇلغاندىن ئۆلگىچە ئەللەي قوشىقى ، توي قوشىقى ، ھازا قوشىقى تۈرلۈك يەرلىك مۇقام، سەنەم، مەشرەپ، چالغۇ ئەسۋاپلار قاتارلىقلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن، تاڭدىن كەچكۈچە بولغان بىر كۈننى بىر ئۆمۈرنى مۇكەممەل سەنئەت ئەسىرىدەك مەتىخۇشلۇق ئىلىكىدە ئۆتكۈزىدىغان،  ئۆز ئۈمىدىنى ئاللاغا، مازايى-ماشايىقلارغا باغلايدىغان بىكىنمە ئىدىئولوگىيە ئىلكىدە ياشىغان، تىخى يىقىندىلا 10 يىلغا يىقىن قولىغا دۇتار ئالسىمۇ، دىۋان ئالسىمۇ، قۇرئان ئالسىمۇ سازايى بولىدىغان يىللارنى بىشىدىن كەچۈرگەن، ھازىرمۇ ھاشار بىلەن يەرلىك بىيوكىرات كەنىت تۈزۈمىدىن بىلىنى تۈزلىيەلمەيۋاتقان، نان غىمىدە ئۆز گىپىنى تىڭشىتىش ئۈچۈن مەركەزگە نەچچە رەت قاتراپ يۈرىۋاتقان، زىيالىيلار ئاغزىدىكى 1+1=2 ئۆز ئەتىراپىدا تەڭلىككە ئىگە بولالمايۋاتقان، ئەنە شۇنداق يۇقارقىدەك كەچمىش ۋە دۇنىيا چۈشەنچىلىرى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا رايىش، ساددا، ھورۇن، قىتمال، جاھىل... قاتارلىق پەيلاسوپلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچىراشقا تىگىشلىك  تۈسلەر بىلەن خارەكتىرلەنگەن جەنۇپلۇق   دىھقان تاغامدىن سىز  ھەرگىز سەن نىمە ئۈچۈن......؟ دەپ سۇئاللارنى سورىيالمايسىز. چۈنكى سىز ئۇلارنى چۈشەنمەيسىز. سىز ئەمەس زىيالىيلار كانى بولغان ئۈرۈمچى ۋە شىمالدىكى بايلىرىمىز بۇنى چۈشەنمەيدۇ. بۇلار غەرىپچە تەپەككۇر ئەمەس، شىمالچە تەپەككۇر ئەمەس، جەنۇپ يىزىلىرىچە تەپەككۇر ۋە يىتەكلەشكە مۇھتاج.
تۇر دىسەم ماڭ دەيدۇ،ماڭسام ئولتۇر،
ئولتۇرسام تۇر دەيدۇ، قىلىدۇ ئۇر- ئۇر.
« دەرەخ ئون يىلدا، ئادەم يۈز يىلدا يىتىلىدۇ » بىزگە نىمىنىڭ ئاق، نىمىنىڭ قارا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان زىيالىيلىرىمىزنىڭ   پەلسەپەسىمان ھىكايە، ھىكايىسىمان پەلسەپە ئەسەرلىرى ئارقىلىق بەرگەن نەسىھەت قىلغان سۆزلىرىگە كۆپ تەشەككۇرلارنى ئىيتىش مۇمكىن. كونىنى سىلىپ تاشلاپ  يىڭى چاپاننى كىيىش، ئاسىيادىن ۋاز كىچىپ ياۋرۇپاغا يۈزلىنىش- بۇ بىر ئۇلۇغ شۇئار، مەن بۇنى قوللىمايمەن ھەم مەڭگۈ توۋلىمايمەن. سىز پىچان ناھىيسىدە ئىكەنسىز شۈكرى، جەنۇپنىڭ يىزىلىرىدىكى ئەتتىگەن كەچلىك ئەتىيازدىن كۈزگىچە مەشغۇل بولىدىغان ئىشلىرى تۇرمۇش تىرىكچىلىكىدىن خەۋەر تاپقان بولسىڭىز ئۆز پىكىرلىرىڭىزنىڭ رولىنى 10 گىرادۇس بۇرىغان بولاتتىڭىز.
4.  مۇئەللىپ «كىكەچ تىل » نى چۈشىنىدىغان ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان زىيالىيلارنى كۆزدە تۇتتىمۇ ياكى مىللىتىمىز نوپۇسىنىڭ ئەڭ كۆپىنى تەشكىل قىلىدىغان جەنۇپ يىزىلىرى ئەڭ كۆپ تەركىپ دىھقانلار، باققاللارنى كۆزدە تۇتتىمۇ؟ يازغۇچى بىلەن پەيلاسوپنى ئايرىۋىتىش كىرەكمۇ؟ ئەدەبىيات نەرەرىيسى تەتقىقاتىدىن خەۋىرىم يوق، پەيلاسوپنىڭ سۈپەتلىرىنمۇ بىلمەيمەن. لىكىن خەلقىمىزگە قەلەمكەشلەرنىڭ پەلسەپىۋىي پىكىر سىڭگەن  ئىبرەتلىك ھىكايىلىرى ياكى پەلسەپىۋىي ئىددىيسى كۈچلۈك رومانلار ۋە پەلسەپىنى خەلق تىلىدا ئىپادىلەيدىغان نەزىريىۋىي ماقالىلىرى كىرەك، بۇنى دەل يازغۇچىسىمان پەيلاسوپلار ياكى پەيلاسوپسىمان يازغۇچىلار ھۇجۇتقا چىقىرىدۇ. ئەسقەر داۋۇت، ئابدىقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئابلەت ئابدىرىشىت، ئابدىۋايىت مەتنىياز قاتارلىقلار بىز قەدىرلەشكە تىگىشلىك ژۇرنال پەيلاسوپلىرى. ياسىنجان سادىق، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، زورىدۇن سابىر، روزى سايىت، مۇھەممەتجان راشىدىنلار پەيلاسوپسىمان يازغۇچىلاردۇر، بىز ئۇلارنى قەدىرلىشىمىز ئۇلارغا مەدەت بىرىشىمىز، قىسمەن يىتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشكە پۇرسەت قالدۇرۇپ يىلتىز ئايرىپ نوتا ئىلىپ ئۇلارنى كۆپەيتىشىمىز، ئىسلام دىنى ئىتقادى   كاتىگورىيسىگە   خاس ئۆزگىچە ئۈمۈدۋارلىققا، جۇشقۇنلۇققا تولغان جەمىئەت ھالىتى،  تۇرمۇش سۈپىتى، ئىددىيە سىستىمىسى بەرپا قىلغان تەرەققىيات ھالىتىنى قولغا كەلتۈرشىمىز كىرەك. «بىز نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلالمايمىز ؟» بىرەيلەن ئەنئەنىدىن بىرەيلەن غەرىپتىن،بىرەيلەن ھازىردىن، بىرەيلەن شەرىقتىن،ئۆزىمىزنى            چەتكە ئالساق قەلەم كۆرىشى  قىلساق ھىچ ئىشنى ھۇجۇدقا چىقىرالمايمىز،  ياغۇچىلىرىمىزغا، زىيالىيلىرىمىزغا، پەيلاسوپلىرىمىزغا ئىلھام بىرەيلى، تەكىلپ بىرەيلى، سىم قامچا بەرمەيلى.
     5.  ئاپتورنىڭ ماقالىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى قىسىملىرى ئاساسەن تەپەككۇرنى، مەدەنىيەتنى، دۇنيا قاراشنى، زىيالىيلارنى   غەرپ ئېلمىنىتلىرى بىلەن سىلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتقا بولغان تەخىرسىز ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىگەن. لىكىن مەن بۇ جايدا يەنە تەكرار ھالدا داھىي ماۋزىدۇڭنىڭ« تەكشۈرمىگۈچىنىڭ پىكىر بايان قىلىش سالاھىيتى يوق» دىگەن گىپىنى تەكىتلەشنى لايىق تاپتىم، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ ئارىسىغا چۆككەندە ئاندىن يەنە بىر خىل يوسۇندا پىكىر قىلىش مۇمكىن،مىسالەن:  كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ سۇ، سۇ ئوتلىرى ۋە بىلىجانلار ھەققىدە بىر تەسەۋۇرغا باي نەسىر يىزىش مۇمكىن، ئەمما نەخ ئەسقاتىدىغان، سان سىفىرلىق تەتقىقات ئەسىرىنى يىزىش مۇمكىن ئەمەس. قاشتا تۇرۋىلىپ قول شىلتىيدىغان داھىيسىمان زىيالىيلىرىمىزنىڭ گىپىنى« بىسمىللا » بىلەن ئېيتىشنى ئۆتۈنىمەن، خەلقىمىز ئۇنداقلاردىن ھاشار مەيدانىدىكى چام بۆلگۈچىدىن بىزار بولغاندەك بىزار بولىدۇ. شۇئار باشلاپ بىرىدىغان بۇيرۇقۋاز زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئېسىگە كۆپ قىرلىق دۇنيادىكى كىشىلىرىمىزنىڭ تەقدىرىنىڭ بىر جۈملە گەپ بىلەن ئۆزگىرىپ بولالمايدىغىنىنى، بىر ھالەتتىن قۇتۇلدۇرالايدىغان بىرجۈملە ئەقلىيە سۆزنىڭ ياكى ئابى كەۋسەرنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، يىلدىن- يىلغا ئەسىردىن- ئەسىرگە ھالقىش جەريانىدا يۇقۇرى قاتلامنىڭ تۆۋەن قاتلامنى، ئالدىدىكىلەرنىڭ كىيىنكىلەرنى، پېشۋالارنىڭ گادايلارنى يىتىلەش، يۆلەش مەجبۇرىيتى بارلىقىنى، شەخىسنىڭ تەقدىرىنىڭ ماكان، زامان، ۋە تۈركۈمدىن قاڭقىپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى،  قايتا ئەسكەرتىپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ. تونۇلارغا چاتقال قالاپ، ناۋايلىق،ئوتۇنچىلىق، قويچىلىق، باققاللىق، ھارۋىكەشلىك قىلىۋاتقان يولنى تىپىۋاتقان ئاشۇ قىرىنداشلىرىمىنىڭ ھارۋىسى، تونۇرى، قويلىرى ئامان بولسۇن، بۇلارنى تىلەمچىلىكتىن ساقلىسۇن، ماشىنا، رىستۇران، فىرما، تەبىئىي گازغا ئۇلاشتۇرسۇن.
       6. مۇئەللىپ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:  «يىغىنچاقلىغاندا ئەنئەنىۋىي قاراشلارنىڭ ئاسارىتىدىن يۈرەكلىك بىلەن قۇتۇلۇپ تەپەككۇرلىرىمىزنى ھۆرلىككە باشلىشىمىز، ئەركىن قويۋىتىشىمىز زۆرۈر. ئۇ پەقەت مىنڭ ئىغىزىمدىكىلا گەپ بولۇپ قالماي نەخ مۇشۇ كۈندە ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان پولاتتەك پاكىت. سىلىشتۇرۇش، كۆزىتىش، كۆز بىلەن كۆرۈش، تەھلىل قىلىش، ئويلاش ئارقىلىق تەپەككۇرىمىز تىخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ» .بۇ ئابزاستىكى جۈملىلەر ھەققىدە سۆزلىگىم يوق، ساۋادى بار ھەرقانداق ئادەم بۇ ئابزاستىن گىرامماتىكا ۋە لوگىكا جەھەتتىنلا نەچچە يەردە كىسەل بارلىقىنى بىلەلەيدۇ. ئۇندىن باشقا مەزكۇر يازمىنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇپ ھەر بىر ئابزاسىغا بىردىن كىچىك تىما توغرا كىلىدىغان ئون نەچچە كىچىك تىمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ھەربىرى  غايەت زور تىمىلار ئىكەن. قىتىرقىنىپ تەتقىق قىلغۇچى بۇ توغىردا بىر تەتقىقات كىتابى پۈتۈشى مۇمكىن ئىكەن، لىكىن مۇئەللىپ تەشۋىقات ماقالىسى شەكلىدە،...دۇر،....تۇر،... كىرەك، دىگەندەك جۈملىلەر بىلەن پاكىت-ئاساسلىرى مۇكەممەلسىز، لوگىكىلىق تەپەككۇرغا مۇخالىپ بولغان تەرىزدە ئەسەرنى پۈتتۈرۈپتۇ. نەتىجىدە ھاياجان بىلەن ئوقۇپ چىقىپ، جىق يەرلەردە ئىسسىق سوغۇق، ھاياجان تۈپەيلى ئاخىرلاشقاندا  كاللامدا ھىچقانداق ئىددىيەنىڭ تۇرغۇزۇلمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
      مىللەت روھىنى قامچىلاپ غەرپ،شەرق، جەنۇپ، ياكى شىمالغا، ئەتىگە ياكى تۈنۈگۈنگە ھەيدەپ بىرىش، ئاسمانغا ئۇچۇرۇش  ياكى يەرگە تىقىۋىتىش، ھىچقانداق يامان ياكى ياخشى نىيەتلىك دونكىخوتلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. لۇشۈن ئەپەندىنىڭ «يازمىلىرى » (ئەلۋەتتە ئۇ بىر يازغۇچى ھەرگىزمۇ پەيلاسوپ ئەمەس ) جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئىددىيسىگە تەسىر كۆرسەتكەن. لىكىن ئۇ ئاQنى سۆكۈپ كۆپ ئىللەتلەرنى كۆرسەتكەن، سەۋدايى خاتىرلىرى ئارقىلىق ئوي پىكىرلىرىنى ئاۋام بىلەن ئورتاقلاشقان، نۇرغۇن ئاچچىق فىلىيەتونلىرى  ئارقىلىق خەلقنى ئويغىنىشقا چاقىرغان.ئۇيغۇر جەمئيتىمۇ ئەنە شۇنداق بىر تۈركۈم زىيالىيلارغا موھتاج، شۇلارنىڭ بۇلاقلىرىدىن سۇ ئىچىشكە، شۇ ئارقىلىق ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىقنى، سەھرا بىلەن شەھەرلەرنى باغلاشقا موھتاج، بۇ ھەربىر زىيالىيدىن ئەڭ كەڭ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇكى، يەڭگىللىك بىلەن سىخىما سىزىپ قالايمىقانلاشتۇرۇشنى رەت قىلىدۇ.
     ھىكايەت: يىزىمىزدا 5 نوپۇسلۇق بىر ئائىلە بار، دادا، ئانا 3 بالىدىن تەركىپ تاپقان. دادا 360 كۈننىڭ ئەڭ كەم بولغىنىدا 200 كۈنىدە ناھىيە، يىزا – كەنىت، گۇرۇپپا تەركىۋىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ ئەمگەك   تىز تۈگەتسىمۇ ئەتىسى يىڭى ئىش چىقىدىغان، ئاستا قىلىپ، ئاز ئىشلەپ كۈن ئۆتكۈزسىمۇ بولىدىغان، قەرت ئويناپ، ئىغىناپ ئۇخلاپ ئۆتكۈزىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك كۈنلىرى، ئۇندىن باشقا ئىشىنچا ۋاقىتلىرىدا ئانچە-مۇنچە ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. ئانا  ئائىلىدە ئەر ۋە بالىلارنىڭ  خىزمىتىنى قىلىش بىلەن بىرگە ئون قوي  ئىككى كالا، تۆت مو كىۋەز، بەش مو بۇغداي ، ئۈچ مو پىياز، بىر مو تاۋۇز، 60 تۈپ ئۈرۈك، 14 تۈپ تاڭاق  قاتارلىقلارنىڭ ئۈچ ۋاخ مۇلازىمىتىنى قىلىدىغان جاپاكەش، بالا بىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئىككىسى باشلانغۇچ مەكتەپتە، بالىلار مەكتەپكە  بارمىغان ياكى دەرىستىن چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا ئۆينىڭ تۈگىمەيدىغان ئىشلىرى ئۇلارنى ئالدىغا سالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە  ئوچاققا ئوت تۇتاشتۇرىدىغان كىرەكسىز مەشىق دەپتەرلىرى ۋە نوپۇس دەپتىرىدىن باشقا بىرمۇ يازما-باسما ماتىرىيال يوق، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى تىلۋۇزۇردا ئامرىكا، كورىيە مۇھەببەت فىلىملىرى شىياڭگاڭ  مۇشىتلاش فىلىملىرى قويىلىدۇ. خەۋەر  پىروگىراممىسى بىرىلگەندە ۈ تىلۋۇزۇر ئۆچۈرلىدۇ ياكى قانال يۆتكىلىدۇ، ئۇلار ھەپتىدە بىر قىتىم ناھىيە بازىرىغا بىرىپ كىرەكلىك نەرسىلەرنى سىتىۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا شەھەر ياكى يۇرىتلارنى بىلمەيدۇ. ئەتىيازدا بانكىدىن قەرىز ئىلىپ ئۇنى خىراجەت ۋە مەبلەغ قىلىپ تېرىقچىلىق قىلىدۇ، كۈزگە قەدەر قىلغان كىرىمى ئارقىلىق شۇ قەرىزنى ئاران قايتۇرىدۇ، ئاشقان ئازغىنە پۇل بىلەن قىشتىن ئۆتىۋالىدۇ دە ئەتىيازدا بانكىدىن يەنە قەرىز ئالدۇ. يىل، ئاي، كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتىدۇ، ئاتا-ئانا  ئۈچ بالا ئوقۇش پۈتتۈرسە( تولۇقسز ئوتتۇرا) نى تىزراق ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرغا ياردەملىشىشنى، ئىغىر ئەمگەكتىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ.
          مۇشۇنداق ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئائىلىدىن  بىزنىڭ يىزىدا تەخمىنەن 2000 مىڭى، ناھىيمىزدە 100 مىڭگە يىقىن بار. ۋىلايىتىمىزدە،  ئاپتونۇم رايونىمىزدا  قانچىلىك بار؟ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى، دۇنىيا قارشىنى، ياشاش ئۇسۇلىنى قانداق ئۆزگەرتىش مۇمكىن؟  قەلەمكەشلەرنىڭ سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك ئەسەرلىرى،شەھەر ۋە بايلارغىلا  باغلانغان يازمىلىرى بۇ سۇئالغا مەڭگۈ ناتونۇش، دىھقان ھەققىدىكى ئاچچىق مەسخىرە، تەۋسىيە ياكى تەشەببۇسلىرىمۇ ئۇلارنىڭ قۇلقىغا ئاسانلىقچە يەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە كىتاپ يوق.  مەن كۆزۈمدە شۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، قۇلىقىمدا ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ تەدبىركارلىرىمىزنىڭ ئۇستازلىرىمىزنىڭ« كىرەك، لازىم» دىگەندەك ھەممىنى ھەل قىلىۋىتىدىغان« ئابىي كەۋسەر » سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كاللام   ئويلاردىن ئېلىشىدۇ. سۆگەتتىن ئامۇت تىلەش- تىلىگۈچى ئۈچۈن ئىنسابسىزلىق، سۆگەت ئۈچۈن ھاقارەت ۋە خورلۇق. بىز  روھىي، ئېڭى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى يۇقارقىدەك بولغان ئەڭ كەڭ كىشىلەرنىڭ غايىمىزدىكى ياۋرۇپاچە، ئامىركىچە، دىن، تۇرمۇش، مەدىنىيەت، پەلسەپە، ئاڭغا ئىگە بولغىنىنى ئەمەس، پاراۋان، كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ماددىي تۇرمۇشتىن غىمى يوق، مەنىۋىي تۇرمۇشنىڭ دەرۋازىسى چوڭراق، مائارىپ- تەربىيلىنىش، مەدەنىيەت، ساياھەت ئۈچۈن ئازراق كۈچ سەرىپ قىلالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟ دىگەننى ئويلىشىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن.
زىيالىي ئالىم، پەيلاسوپ، يازغۇچىلىرىمىز ئەڭ كەڭ  خەلق ئاممىسىنى چىقىش قىلىپ سۆزلىشىنى، باي-بايۋەتچە، سودىگەرلەرنىڭ ئىنساپ بىلەن تىجارەت قىلىشىنى، ئاز ھەم ھالال پايدا ئىلىپ دىھقاننىڭ بۇغدىيىنى، كىۋىزىنى، ياڭاق بىلەن بادىمىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ خەقكە سىتىپ ئۇلارغا پۇل قىلىپ بىرىشنى، قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ، پەيلاسوپلىرىمىزنىڭ ۋە گەپدانلىرىمىزنىڭ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىللەت ۋە مىللەت، يىلتىز ۋە كەلگۇسى، جەمىئەت ۋە مائارىپ مەدىنىيەت جەھەتتە دەلىل-ئىسپاتلىق، سان- سىفىرلىق، ئىلمىي ئاساسلىق، سوغۇققانلىق ۋە   مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇچۇر ،چۈشەنچە، ئەينەك، كومپاس  بىلەن تەمىنلىشىنى، كىشىلىرىمىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ياشىغان زىمىندا مىللىيچە پۇراق ۋە ئۆرۈپ – ئادەت، مىللىيچە پۇراق ۋە  ئاڭ بىلەن باي باياشات ياشىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن.
مانا بۇ ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان ۋە شۇنى باھانە قىلىپ بارلىق يازغۇچى، قەلەمكەشلەرگە ئىيىتماقچى بولغانلىرىم، چولتا پىكىرلىرىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن.
( بۇ يازما ئەسلىدە  «تىل كەمچىلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى»  ناملىق ئەسەرگە تەنقىد سۈپىتىدە  2010-يىللىق 6-سانغا تەييارلانغان بولۇپ، مۇكەممەللىكتىن يىراقلىقى ۋە   6-سانغا  يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ يۇقارقى ئەسەر توغۇرلۇق بۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەل بولغان تەنقىدى ماقالىسى ئېلان قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن تاشلاپ قويۇلغان ئىدى، ۋاقتى ئۆتكەن بولسىمۇ 2013- يىلى 7- ئايدا  ئازراق تۈزىتىلىپ « پېشۋا ئەدەبىياتى» تورىغا يوللاندى، ئازراق ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلارمىكىن دىگەن ئۈمىدتىمەن، ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇرمەن ئاۋال يۇقارقى ئەسەرنى تىپىپ ئوقۇغاي، پۈرسەت بولسا مەن سېكانىرلاپ ،مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويىمەن )



مەنبە: پېشۋا ئەدەبىياتى، http://www.pixwa.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pixwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-23 01:48 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ھېلىقىدەك ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قىنى مەرھەمەت.www.pixwa.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 05:16:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىپسىز
ھازىر مەسلەن بىر ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپ دەرس سۆزلىدى دەيلى مەسلەن ھە دەرس سۆزلەپ بولۇپ چۈشەندىڭلارمۇ دىسە بىر ئېغىز جاۋاپ يوق سوئال بارمۇ يەنە گەپ يوق بىرەسىمىزدىن سەن ئويلىغانلىرىڭىزنى دەپ باق قولىمىزنى تاتلاپ تۇرىمىز تەپەككۇر نامراتلىقى ئېغىر دىگەندىمۇ خېلى بەك ئېغىر بىزدە  
ئوقۇتقۇچى دەپ بەرگەننى جايلاپ بىلمىگەن ئادەم تەپەككۇر قىلشنى بىلەتتىمۇ ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5434
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1327 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 05:30:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىھقانلارنىڭ زىممىسىدىكى ھاشار بىكار قىلىنسا، مىۋىلىك دەل - دەرەخلىرىنى مەجبۇرىي كىسىۋەتمىسە ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90350
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 05:41:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەيەرنىڭ جەنۇبىدىكى تەپەككۇر نامىراتلىقى ئۇ  ... ئۇنداق چىرايلىق ئاتىغۇچە جەنۇپتىكى دەلتە قاپاق ياكى دۆت كالۋا دېسلا بولمىدىمۇ ،مەنىسى ئوخشاشتۇ ... كالتەكنى شىكەرگە مىلاپ ئۇرغىنكەندە بۇ كۆڭلىدە ...يەنە تىخچە جەنۇپ شىمال ئايرىپ كىتىشلىرى با ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1017 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 05:53:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆرە: بىرگە بىرنى قوشسا قانچە؟
توشقان:ئى....ئى....
بۆرە:شۇنچە يىل تەلىم ئېلىپ مۇشۇنى بىلمىگەندىكىن.دەپلا تۇمشۇقىنى يالىۋىتىپ يەنە بىرىدىن سوراپتۇ:
بىرگە بىرنى قوشسا قانچە؟
توشقان:ئىككى.
بۆرە سەن بەك كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ كىتىپسەن دەپ يەنە بىر قېتىم تۇمشۇقىنى يالاپتۇ.قان دېغى قالماپتۇ جۇمۇ.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11234
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 688 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 05:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەن  جەنۇپلۇق . مانا مەن دېھقان ،   كىم دەيدۇ جەنۇپلۇقنى تەپەككۇر قىلالمايدۇ دەپ ( ئەسكەرتىش : بۇ ھەرگىزمۇ  ئاپتۇرغا قارىشى پىكىر قىلغىنىم ئەمەس)     بىزلەر گەرچە ئالىي مەكتەپلەردە ئۇقۇيالمىساقمۇ، ئەمما  ئۇلاردىن كۆپ تەپەككۇر قىلاليمىز. ھەرقانداق بىر قىيىن كۇنلەرنى باشتىن كەچۇردۇق ، چۇنكى بىز، كۆكلەۋاتقان دەرەخ  ،يۇقىرىغا ئۆسسەك ئۇچىدىن قىرقىيدۇ ، يەنە ئۈسىمىز   يەنە........  . ئىشقىلىپ  نۇرغۇن ناھەقچىلىقلارنى كۆردۇق ھەم كۈرۈۋاتىمىز .   نۇرغۇن ئارزۇ -ئارمانلىرىمىز بار ، شۇ ئارزۇلىرىمىزغا يىتىش ئۈچۇن  تىرىشىپ ئىشلەۋاتىمىز   ............ گەپنى يىغاي. قىسقىسى ، بىزنى تېخىچە چۈشۈنۈپ بۇلالمىغانلارغا    شۇنداق تەكلىپ بىرىمەنكى ،مۇمكىن بولسىدى بىر تەرەپكە كىلىپ 2-3 يىل تۇرۇپ باقسىدى شۇ  چاغدا، ھەممىنى بىلىپ قالاتتى .

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1017 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 05:55:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kudirat01 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-23 05:41 PM
قەيەرنىڭ جەنۇبىدىكى تەپەككۇر نامىراتلىقى ئۇ  ... ئۇنداق ...

ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسكەن.مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قاپتىكەنمەن.بىراق تەپسىلىي ئوقۇسام مەقسەت ئۇنداق ئەمەسكەن.سىزنىڭمۇ بىر قېتىم تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 06:00:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان پىكىر قىلىشتىن توختىغان كۈنى مېڭىسىمۇ ھەركەتتىن توختايدۇ دەپ بىر گەپ بولىدىغان،بۇ ماقالىدىكى بايانلار گەرچە نوپۇزلۇق ژورناللاردىن ئورۇن ئالالمىغان بولسىمۇ ئۇنى خەلقنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئالغۇسى،ئۇنىڭ ۋاقتى ھەرگىز ئۆتمەيدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90350
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 06:11:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-8-23 05:55 PM
ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسكەن.مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قاپتىكەن ...

ئۇغۇ شۇنداقتەك تۇرىدۇ ئەمسە ماۋزۇنى خاتا قۇيۋاپتۇدە ھە ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97024
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-8-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 06:20:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kudirat01 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-23 06:11 PM
ئۇغۇ شۇنداقتەك تۇرىدۇ ئەمسە ماۋزۇنى خاتا قۇيۋاپتۇدە  ...

ياخشىسى ئەسەرنى ئوقۇپ چىقىڭ.

ھېلىقىدەك ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قىنى مەرھەمەت.www.pixwa.cn
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش