مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2538|ئىنكاس: 28

ئۇيغۇر ئوغلى : قەشقەر-- مېنىڭ پەخرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 06:53:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

124616m1pyyymbgbtvmggw.gif

ئاپتۇردىن


مانا،ئەزىزانە قەشقەر دىيارىدا ياشاپ ئۆتكۈنىمگە ساق 17 يىل بوپتۇ. 17 قىش،17 باھار دەل مۇشۇ گۈزەل ۋە خىسلەتلىك،ئەزىزانە قەشقەر دىياردا ئۈتۈپتۇ. ئويلاپ باقسام، تۇغۇلغاندىن باشلاپ مۇشۇ ئەزىز ماكانغا قېنىم تۈكۈلۈپ،مۇشۇ ئەزىز ماكاندىن نەپەس ئېلىپ،مۇشۇ ئەزىز ماكاننىڭ توپىسى ئۈستىدە مېڭىپتىمەن لېكىن ئۇنى ھېچقانداق تەرىپلەپ باقماپتىمەن،ئۇنى مەدھىيلەپ داستانلارنى يېزىپ باقماپتىمەن. مەن راسلا خىجىل بولدۇم ھەم نۇمۇس قىلدىم.ئۈزۈمنىڭ ۋاپاسىزلىقىندىن پۇشايمان قىلدىم. خەيىر،ھازىر يازساممۇ كېچىكمەسمەن. قېنى قەشقىرىم مەن ساغا يازغان بۇ ئاددى نامەمنى قۇبۇل قىلغايسەن!



ئۇشبۇ تېما پەقەتلا ئاپتۇرنىڭ قىسقىغە ھېسياتىغا تايىنىپ يېزىپ چىقىلدى. بۇ يەردە ئاپتۇر ھەرگىزمۇ قەشقەرنى ماختاپ دۇنياغا جاكار ئاچماچتۇ،قەشقەرنى ئۇلۇغلاپ كۆككە كۈتۈرمەيدۇ. پەقەتلا قەشقەرگە ئاددى تەشەككۈر بىلدۇرىدۇ. يۇرىتۋازلىق مەن ئەڭ ئۆچ كۈرىدىغان يامان ئىللەت. بۇ تېما ھەرگىزمۇ يۇرۇتۋازلىق  بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەلۋەتتە، شۇڭا تورداشلارنىڭ تەنقىدى تەكلىپ بىرىشىنى،قەشقەرلىكلەر ئۈزىنى ماختاپ،قالغانلار قەشقەرنى تىللاپ ئىناقسىزلىق چىقارماسىلىقىنى ئۈمۈد قىلمەن. ئاپتۇر ھەرقانداق مەسئۇليەتكە ئىگە بولمايدۇ. تېما ئاستىغا يۇرۇتۋاز نامىلىق غەزلىمنى يوللاپ قويدۇم. قېنى كۈرۈپ باقاسىلەر!

1246328zzs5s888z85w8z8.gif


يۇرتۋاز


نەگە بارسا يۇرتىنى داڭلاپ ماختار يۇرتۋاز،

باشقا يۇرۇتنى ماز قىلىپ تىللاپ قاقشار يۇرتۋاز.





گەر ئاڭلىسا ھەر يەردە ئۆز يۇرتىنىڭ نامىنى،

ماختاپ كۆككە كۈتۈرۈپ داڭلاپ يۈرەر يۇرتۋاز.



ئەگەر چىقسا يۇرتىدىن كىچىككىنە بىر ئالىم،

ئۆز يۇرتىنى پەش قىلىپ شايلا چاچار يۇرتۋاز.




ئاققان تۇرۇپ تېنىدە بىر مىللەتنىڭ قانلىرى،

ئايرىمچىلىق قىلىپلا  يۈرەر دائىم يۇرتۋاز.



تەن ئالمايدۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىدىكى ئىللەتنى،

تۈزىتىش نەدە تۇرسۇن كۆكتە ئۇچار يۇرتۋاز.




كۆرسىتىپ بەرسە ھەركىم ئۆزىدىكى ئىللەتنى،

دۈشمەن بۇلۇپ ئۇنىڭغا خەنجەر ئۇرار يۇرتۋاز.



چىقىپ قالسا يۇرتىدىن ئوغىرى يا قاراقچى،

يۈز ئۆرۇپلا يۇرتىدىن كىچىپ كىتەر يۇرتۋاز.



سىڭىپ كەتكەنمۇ ياكى قېنىغا يۇرتۋازلىق،

ئۆمۈر بۇيى تاشلىماس ئىللىتىنى يۇرتۋاز.



ئۇيۇشقاق مىللەت دېگەن بامىنى ئۇنۇتتىمۇ،

بۆلگۈنچىلىك قىلىپلا يۈرۈيدىغۇ يۇرتۋاز.



ئەجەپمۇ بەك زىرىكتىم يۇرۇتۋازنىڭ گىپىدىن،

يا نۇمۇسمۇ قىلمايدۇ قىلمىشىدىن يۇرتۋاز.



ئاڭلىغىن ئەي يۇرتۋاز ساڭا قىلاي بىر نەسھەت،

تاشلىغىن ئىللىتىڭنى بولما ئەمدى يۇرتۋاز.





124606tqzegx5e7aoafgfa.gif


21.jpg



قەشقەر-ئۇ دۇنيادا ئاجايىپ بىر يۇرت.ئۇنىڭ خىسلىتى توققۇز ئىقلىمغا تارقالغان،تارىختا ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئەقىل -پاراسىتىغا تايىنىپ بۇ شەھەردە ئاجايىپ  غەلبىلەرنى بارلىققا كەلگەن. قەشقەر-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بۈشۈكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى بىر قەدەر گۈللەنگەن،ئاللاھنىڭ رەھمىتى چۈشكەن مۇددەس بىر شەھەر! ئۇنىڭ مەيلى قەيىرگە بارماڭ ئۇنىڭدىن بىر خىل قەدىمىيلىك ۋە خىسلەتلىك كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ. تاكى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغاندىن تارتىپ شىنجاڭ ئۆلكە بۇلۇپ قۇرۇلغانغا قەدەر بۇ مۇقەددەس زېمىندا تالاي خانلىقلارقۇرۇلغان.نۇرغۇنلىغان تارىخقا شاھىت بولغان بۇ خىسلەتلىك،مۇقەددەس ماكان ھەتتا بۈگۈنمۇ شۇنچەمۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ!


مانا بۇنىڭدىن3 ئەسىر بۇرۇن ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاتاقلىق شائىرى گۇمنام(مۇھەممەت ئىمىن غۇجام قۇلى) ئۆزىنىڭ كاشغار ناملىق غەزىلىدە قەشقەرنى تەرىپلەپ،ئۇنىڭ نامىنى پۈتكۈل دۇنياغا تارقاتقان. بىز تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ بۇ شېئىرىدىن پەخىرلىنىمىز ئەلۋەتتە.



كاشغەر


گۇمنام





مەززەئى لۇتغى ئىلاھىدۇر دىيارى كاشىغەر،

ئىشىق ئېلىنىڭ قىبلىگاھىدۇر مازارى كاشىغەر،

ئىشىق ئۈلپەت چەشمىسىدىن دەردى مېھنەت جۈش ئېتەر،

تۇپراغى ھەسرەت بىلەن پۈتكەن ھېسارى كاشىغەر.


دىلرەبالەر باغرىنى لەھلى بەدەھشان ئەيلىگەي،

بىر نىگاھى غەمزەسىدىن گۈلئۇزارى كاشىغەر.


ئابى رۇكنابات گۈل كەشتى سەھىل ئېرۇر،

خۇلدىدىن ئەپزۇن تۈمەنمىڭ لالىزارى كاشىغەر.


ئەيىش ئېلىگە خالىدىن كەلگەي گۈلى ئىشرەت ئېسى،

چۈن سۇلايمان دۆلەتىدۇر خارى-زارى كاشىغەر.


ئوت ئەنبەر تۇپراغىدۇر،ئابى كەۋسەردۇر سۈيى،

دۇررى مارجان تاشلىرىدۇر كۇھسارى كاشىغەر.


يا پەرى،يا ھۆرى يا باغى ئېرەم يات ئەيلىمەس،
شەھرىنى ئۇنتار بۇلۇر ھەركىم دۇچارى كاشىغەر.


ھۇشىمەندۇ،دەردىمەندۇ مەرت زەندۇلەپ چوقەنىت،

نار خەندان،سىب رەنا ھەر نە بارى كاشىغەر،

كاشغەر شەھرىن بىلىڭ گۇمنامنىڭ يايلاغىدۇر،

دىل كۇشا ئىشرەت پەزا ھەر سەبزارى كاشىغەر!



ھەر قېتىم گۇمنامنىڭ مۇشۇ شېئىرىنى ئۇقۇغان ۋاقتىمدا، ئۈزۈمنىڭ قەشقەردىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس زېمىندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىمدىن شۇ قەدەر پەخىرلىنىمەن ۋە خۇشاللىققا چۆمىمەن. قاشغەر ھەقىقەتەن گۇمنام ئېيىتقاندەك شۇنچە ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس.


قەشقەردىكى يەر شارى
       (ئادىل تۇنىياز)

سالام ئۇيغۇر دېگەندە قۇياش،
سالام ئۇيغۇر دېگەندە تارىخ،
قەشقەر شەھىرى ئوخشار قەسىرگە.

يۇلتۇزلار پەرۋاز قىلار تاڭ سەھەردە،
پەسىللەر پەرۋاز قىلار دەرەخلەردە،
بۇ شەھەر پەرۋاز قىلار چۆچەكلەردە.
     بۇ يەردىكى ئادەملەر،
     پەرۋاز قىلار يۈرەكلەردە.

        ئات قۇشۇلغان،
   قىزىل سايىۋەنلىك مەپە
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن،
    جىرىڭلىتىپ قوڭغۇرىقىنى.
    سېۋىتىنى قۇيۇپ بېشىغا
گىردە سېتىپ يۈرگەن بىر بالا
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن.
         قۇشلار،
         ھارۋا،
   سۇمبۇل چاچلىق ئايال،
      يەنە بىر ئايال،
        كۆز،
       ئەتلەس كۆڭلەك،
        ساقال
  تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن.
       مەن
كىشىلەر چاي ئىچىۋاتقان،
   مۇڭدىشىۋاتقان،
   يۆتەلگەن ،
چەينەك جۇغىسىنى
پىيالىگە تەگگۈزۈپ
  چاي قويغان،
چاي شامىسىنى پۈۋلەۋاتقان،
       كىشىلەر
بىر-بىرىگە بېقىپ
    گەپلەشكەن،
     سەنلەشكەن
قايناق چايخانا ئالدىدا ئۆتكەچ،
كىملىكىنى بىلىندۈرمەستىن
كۆيۈۋاتقان مەخپىي ئاشىقتەك
ئوغۇرلۇقچە كۆيۈپ يۈرىمەن.
كوچىدىكى ھەممە نەرسىگە
قاراپ-قاراپ يەنىلا تويماي
نۇردەك ئۈنسىز سۆيۈپ يۈرىمەن.
سۆيىمەن
ئاق نۇرىدا تۇرغان ئاق تېرەكلەرنى،
جىمجىت تۇرغان كۆلەڭگۈسىنى،
ئېرىپ كەتكەن كۆلەڭگۈسىنى.
سۆيىمەن سىنتەبىردە ياغقان يامغۇرنى،
ماي يولدا جىم ياتقان يامغۇرنى،
ئەنسىز يىغلاۋاتقان يامغۇرنى.
ئەينەكلەرنىڭ سۇنۇقلىرىغا
نۇر مارجىنى چاچقان يامغۇرنى.
سۆيىمەن مەسجىتتىن قايتار ۋاقىتتا
خۇدانىڭ قولىدىن ئاققان يامغۇرنى.
سۆيىمەن
ئۈندىكى قارنى شامالنى،
چىملىقلاردا،ئېرىق بويىدا
سازاڭ تېرىپ يۈرگەن باھارنى.
12-ئاينى،12ئاينى،
چوڭ كوچىنى خالتا كوچىنى،
تىلەمچىنى،پالچى ئايالنى،
تەشتەكلىك،تەشتەكسىز دېرىزىلەرنى،
سېنى ھەم ئۇنى.
سۆيىمەن مىلادىدىن بۇرۇنقى
ۋە كېيىنكى تارىخنى،
سۆيىمەن تارىخنىڭ كەلگۈسىنىمۇ.

     بېكەت ئىچىدە
بايا ماڭا ئەنجۈر ساتقان چال
(ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك)
ئەنجۈر ساتتى يەنە بىر نۆۋەت.
بارلىقىنى بىلمەس ئۇ مەندە
ئەنجۈردىنمۇ شېرىن مۇھەببەت.
تۇنۇشىمەن بۇ مۇھەببەت بىلەن
تۇنۇشلارغا،ناتۇشلارغا،
كوچىدىكى ئاپتۇبۇسلارغا.
ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن سىمىدەك
تۇتىشارمەن مۇھەببەت بىلەن
قەشقەردىنمۇ يىراق جايلارغا.
لاتۋىيىگە،فىرانسىيەگە،
شىمالىي قۇتۇپتىكى ئېسكىمۇسلارغا،
ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدىكى
يۇلتۇزلۇق كېچىدەك ئۆچمەس نېگىرغا.
ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى
غار غالتىغا،بېلىقچى قىزغا.
يىراق چىلى ئورمىنىدىكى
يېنىك،جىمجىت ئاي نۇرلىرىغا.
سۇ ئاستىدا كەچكى شەپەق
قىزىلگۈل بۇلۇپ ئېچىلىپ قالغان
گۇگۇمدىكى نىل دەرياسىغا.
مەن بۇ كىچىك زېمىندا تۇرۇپ
تارىم دەرياسىنىڭ دولقۇنى بۇلۇپ
كېتەلەيمەن دېڭىزلارغا قۇشۇلۇپ.
مەن ئالتاي ئورمىندىكى بىر يۇلتۇز بۇلۇپ
بېرەلەيمەن پەلەستىنلىك ئايالغا
مەھبۇبىنىڭ قەبرىسىنى يۇرۇتۇپ.
مەن
بەخت تىلەيمەن ئەيسا تىلىدا
كرېست كۆتۈتۈپ ئېرۇسالىمغا
كېتىۋاتقان ياش يەھۇدىيغا.
مەن تەكلىماكاننىڭ تومۇز-تومۇز پەسلىدە
سالام بېرىمەن قۇمنىڭ رەڭگىدە،
ياۋۇرپانىڭ يېشىل رەڭگىگە.
ھاۋا بۇلۇپ كۈلۈمسىرەيمەن
كەڭ زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە.
مەن نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چېكىت،
يەر شارىنىڭ خەرىتىسىدە.
    قەشقەر
ماڭا ئوخشاش كىچىك بىر شەھەر.


      بازىرى ھېيتگاھ
جىمجىت يۈرەكتەك
جىمجىتقىنا مەسجىت مۇنارى.
كۆز
سۆزلىيەلەيدىغان كۆز.
خۇدا
بەندىسىز خۇدا.
دۇنيا
ئاغزى دۇنيا.
ناخشا
ئېيتىلمىغان ناخشا.

ھېيتگاھ بازىرى ئالامەت بازار،
ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا قىستىلىپ بارار.
ئاشىقلار گۈل ئالغىلى كېلەر،
كۆزسىزلەر كۆز ئالغىلى كېلەر،
سۈكۈتلەر سۆز ئالغىلى كېلەر.
ئەرلەر جاننى سېتىپ نان ئالىدۇ،
ئوسما سېتىپ ئالىدۇ ئايال.
يىگىتلەر يۆلىنىپ رېشاتكىلارغا
يات بىر شەھەردە تۇرغانغا ئوخشاش،
كۆزىتەر ھەممىنى بىپەرۋا،قىيپاش.
بىر بوۋاق كوچىغا چىقار يالىڭاچ،
چوڭلار ئۆرە-تۆپە بۇلۇپ تۇشمۇتۇش
شۇ ھامان كۆيدۈرمەك بولار ئۈستىباش.
گۇڭگا شائىرنىڭ تەسەۋۇرىدا
ئادەملەر يۈرىكىدىن كۆرۈنەر قۇياش.
ھېيتگاھ مۇنارى،
ئەنسىز دۈپۈلداۋاتقان
يۈرەككە ئوخشاش.

            ساقىنامە

بىر توپ ئۇرۇق پەرىشتىلەردەك
مەغرۇر بىز ھەم،
بىچارە بىز ھەم.
توختىماي جىرىڭلار كۆڭۈل تېلىفۇنى،
ئېھ،ئۇنى ئالغىلى چىقمايدۇ ئادەم...
قات-قات غېرىبلىق
مىڭلىغان سۈپسۈزۈك ئادەملەر ئارا.....

    ئۇزاتقىن ساقى
تولدۇرۇپ قەدەھقە دەل-دەرەخلەرنى،
يامغۇرنى،پاتقاقنى،ئاينى.
قەشقەرنىڭ ئاي تۇغقان كوچىلىرىنى،
ئادەملەر مىغىلداپ تۇرغان بېكەتنى.
توشقۇزۇپ ئەسەبىي قىزغىنلىقىڭغا
بوراننى قەدەھقە سالغەندەك سېلىپ
دىۋىدەك سۇنۇپ بەر قەسەھنى ماڭا.
ئۇزاتقىن ئەسەبىي قىزغىنلىقىڭنى...
بىر نۆۋەت ئەپۇ قىل لوگىكاشۇناش،
      بىزنىڭ ساقىمىز
ئۇزاتسۇن بىر قەدەھ بىمەنە خىيال،
غالجىرلىق كەم بولدى بىزدە ئېھتىمال.
ئۇچرىتىپ قالساقلا ئۆز-ئۆزىمىزنى،
يۇمماقچى بولىمىز كۆزلىرىمىزنى.
ئاجايىپ سۆلەتلىك روھىي كېسەللەر
ئۈستەلدە،كوچىدا،ئېسىل كىتابتا
ۋە ياكى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەر ئارا
خىزىردەك يۇلۇقۇپ تۇرىدۇ دائىم....
قايتىمەن تەڭشىلىپ قاۋاقخانىدىن،
ئۆچمەكتە يۇلتۇزلار،
ياندۇرغان شاملارمۇ سەن ماڭا ئاتاپ،
ئۆچۈشكە باشلىدى ئاستا پىلىداپ...
            قۇياش
شاراب ئىلاھىنىڭ قۇيرۇغىدەك
ئۇچۇپ يۈرەر قاۋاقخانىدا...
قاۋاقخانا
كالا كۆزلۈك جۇۋاندەك
ئەركەكلەرنى قىلار مەھلىيا.
شارابلارنىڭ خۇش بوي بەرگىگە،
قەدەھلەرنىڭ ئوتتەك لىۋىگە،
يىغلاۋاتقان شامنىڭ كۆزىگە
كۆمۈلىدۇ ئەرلەرنىڭ تېنى.
-نە سەۋەبتىن ئىچتىڭ قەلەندەر،
-بەك ۋاپاسىز چۈنكى ئادەملەر.
-ئىچمەيلىمۇ بۈگۈن،
-نېمىشقا؟
-ئىش ھەققىمنى ئالدىم قۇلۇمغا.
-سىزچۇ ئەپەندى؟
-كىم ئىچىدۇ،ئىچمەي تارىخچى.
-سەنچۇ ھوي بالا،
-چوڭلاردىن سورا.

جان كەيپلىك،جانان كەيپلىك،
تەننىڭ قارا چاچلارى
يوتىسىدا يەلپۈنەر يىللىق.
كوچىدىكى قاراڭغۇلۇقتا
يۇلتۇز قىزلار تۇرىدۇ كۈلۈپ.
سەن بىلمەيسەن،
ئېتىڭ نېمە،ئۆيۈڭ قاياندا،
سەن بارمۇ-يوق مۇشۇ جاھاندا.
ئۇخلىغىنىڭ يادىڭدا پەقەت
بىر كېچىدەك،بىرەر سائەتتەك،
بىر ئەسىردەك،ئىككى ئەسىردەك.
سەن كۆزۈڭنى ئاچقان ۋاقىتتا
كوچىدىكى مۇنار ئۈستىدە
قىيسىق قۇياش تۇرار ساڭگىلاپ...
گىرە سېلىپ ئاق كۆڭۈل يارغا،
يىغلىۋالغۇڭ كېلىدۇ راسا.
باي بولماقچى بولغان سودىگەر
ئەتلەس ساتماي سېتىش كېرەك مەي.
توي لەرزىتى مەيدە ئەمەسمۇ،
ئۇسسىساڭمۇ ئىچىش كېرەك مەي.
    يول سۈپۈرگىچى
مەنسىپىنى قۇتلار مەي بىلەن
بىر كوچىغا باش بولغان كۈنى.
كاتتا ئەمەلدار ئەمىلىدىن ئايرىلغان كۈنى
مەيخانىدا يىتتۈرۈپ قويار
ئۇزۇن يىللىق سالاپىتىنى.
تەستىقلايدۇ مەستلىكتە سوتچى
ئۆز-ئۆزىنىڭ جازا خېتىنى.
  مەست دوختۇر
نېرۋا كېسەل كىرسە ئۇشتۇمتۇت
چېكىسىگە سۈركەپ قويار يود.
يېشىلمەي ئوغرى مەستلىكىدىن
ئاپتۇبۇستا دەلدەڭلەپ تۇرۇپ
يانچۇقلارغا ئۇزىتىدۇ پۇت.
مەيخانىغا كىرسە قەلەندەر
كۆرۈنىدۇ مەيخانا ئىچى
ئوردىسىدەك ئەڭ سېخى شاھنىڭ.
مەست بولغاندا ئاقىل تارىخچى
يىلنامىلەر مەست بولار بىر-بىر
تاپالمايدۇ ئۆز تارىخىنى.....

سەن كېتىسەن مەي ئىچمەس شائىر
چوڭ شەھەردىن خىلۋەت دالىغا.
بۇلاق يېنىڭ شىلدىرلاپ تۇرار،
كەيپ بولغۇڭ كەلمەس زادىلا.
سەن يىغلايسەن،ئوخشار تەبىئەت
باغرى يۇمشاق ئاق دىل ئانىغا.
       شاراب ئىلاھى
قەشقەردىكى قاۋاقخانىدا.

         قۇشلار

ۋەتەنسىز قۇشلار
پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار.
سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر
غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ.

     غېرىبلىقتەك
      ئېگىز بىنا.
قوشنا ئۆيدىكى ئادەم.
      تام.
ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرپ-ئادەت.
             توي.
  ناتۇنۇش دەپنە مۇراسىمى.
قۇشلارنىڭ يېشى.
ئەينەك غېرىبلىق.
قول يەتمەس ئىشىك.
    كارىۋات.
قاچقان ئۇيقۇ.
ئۇچۇق دېرىزىدىكى
ئاپپاق ساڭگىلاپ تۇرغان
ۋەتەننىڭ مۇزلىغان قۇلى.
غەم تولغان كۈلدان.
ئايرۇپىلان.
دېڭىز.
قۇشلارنىڭ يېشى.
ھەممە يەردە يات ئادەم.
مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن،
يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ.  
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى،
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى.   
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن.  
مىليۇنىر بوپ كەتكىن بەرىبىر يەرلىك،
قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق،
ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق.
مەيلى سەن شاراب ئىچ ئالتۇن قەدەھتە،
بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دېگەن خەت.
بېرلىن ئاسمىندا كۆرىسەن ھەركەچ
جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى.
مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چىركاۋى
كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان.
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا،
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا.
مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن،
مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن.
ۋەتەن،ئىھ ۋەتەن!
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى،
چىرايلىق ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم.
گۆھەردۇر،ئالمىدۇر،خۇش پۇراق گۈلدۇر،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك.
ئەيسادۇر،مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى،
يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك.
ۋەتەندە بىر ناتۇنۇش بالا
يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن.
تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى،
ئۆز ئېلىڭدا ئۆز تىڭلدا ئۆز:
تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر  
شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز.
شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن
گېزىتلەردىن پاژ يا تاگۇرنىڭ؛
تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيتقان قوشاقچە.
ئۇزاتقاندا ئەرزائىل بىر كۈن
دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن،
سەن ئۆزۈڭگە تۇقۇيسەن كېپەن
ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن.
يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن....
سېغىنغاندا قەشقەرنى
چەتئەلدىكى ھەربىر مۇھاجىر
شۇنداق يازار خەت يازسا ئاخىر.

      نۇر چەكسىز

قەشقەردىكى ئاياللار
قەشقەردىكى ئەرلەرنىڭ چۈشى.

تاپىنىڭ نۇر،قاناتلىرىڭ نۇر،
كۆلەڭگەڭ نۇر،قاناتلىرىڭ نۇر،
ئاۋازىڭ نۇر،خۇش پۇرىقىڭ نۇر.
بارچە ئەر لەرچەكسىز سۇزۇلغان
قاپقاراڭغۇ تاغ-تاغ جىلغىسىدۇر.
قەشقەر گويا ئورمانلىق،
سەھەر سېنىڭ ئىزىڭ ئەمەسمۇ؟
ئويغا چۆكسەك خىيالىڭ گۇگۇم،
تۈن كېچىلەر چېچىڭ ئەمەسمۇ؟
ئاڭلىنىدۇ خىلۋەت تېنىڭدىن
شىلدىرلىشى بۇلاق سۈيىنىڭ.
تېنىڭ مۇنبەت ئېكىنزار گويا
گۈل ئېچىلغان پۇتلىرىڭ ئارا.
سەن بولىسەن كىچىك ئالمىلىق،
سەن گوياكى كىچىك مۇزىكا.
سەن ئەرشتىن چۈشكەن پەرىشتە،
مەن ئۇيقۇغا كەتكەن ۋاقىتتا.
سەن گوياكى بىرتال چۈمۈلە،
مەنىسى يوق خەت يېزىپ يۈرگەن.
سەن گوياكى نامسىز چىغىر يول،
ئەرلەر دائىم ئېزىقىپ يۈرگەن.
ئايال،ئەر ۋە كەچتىكى كارۋات،
يېنىك،پىنھان چېلىنغان بەدەن،
ئۇپرىماس ساز،مەستخۇش مۇزىكا،
ئېھـ،يالىڭاچ نۇمۇسچان خىيال،
ئېھـ،ئۆزىنى يوقاتقان دۇنيا.
نەرە تارتقان قىلىچلىق ئەرلەر
قان ئىچىگە يىقىلار بىر-بىر،
قۇل بولىمىز ئاستا بەك ئاستا.
ئۇ بىر ئايال مۇلايىم قاتىل،
ئەر ئۆلىدۇ نەيرەڭ بىلەنلا.
ئايال،ئېھـ ئايال،
ئايال،ئايال،يوللاردا ئايال،
ئەبەدىيلىك نۇرلاردا ئايال.
بۇ ئالەمنىڭ غېرىبلىقىدىن
قۇتۇلۇشقا تاپالماي ئامال،
ساڭا مۇھتاج بولدۇم،ئېھـ ئايال.
بىر جۈپ گۈزەل ئالتۇن كەشنى مەن
كۆمۈپ قويدۇم شېئىرلىرىمغا.
ۋە ئالتۇندىن ياساپ بىر كىشەن
كۆمۈپ قويدۇم شېئىرلىرىمغا.
غېرىبلىقنىڭ سوغۇق نۇرلىرى
چاقناتماقتا مېنى خانەمدە.
ئاھ،جىمجىتلىق،
سەن بەك ئېغىر قىز،
مۇزلىغان تېنىڭ.
رەسىمدىكى ئايال چولپاننىڭ
كىيىملىرى نېپىز بەك نېپىز.
توساتتىنلا مىدىرلاپ تامدا
يېشىۋەتتى باغىردىقىنى،
ئاندىن ئاستا-ئاستا.....
بىر ئوغۇل بالا،
قوش قولىدا سىقىمداپ
ھېچكىشىدىن قىلماستىن ھايا
ئانىسىنى ئەممەكتە تازا.
چەكسىز ئايال.
يات مەدەنىيەت.
ئىشىكسىز كوچا.
مۇنچىدىكى قىزنىڭ يوتىسى
نۇر چاچىدۇ ئەرلەر شەھىرىگە.

سانسىزلىغان ئىزىمىز قالدى،
تالاي كەچتە ئاشۇ كوچىدا.
بەردىم گۈزەل كۆپ سۈكۈتلەرنى،
بىرلا سۆزنى بەرمىدىم ئەمما.
ماڭغىنىمدا بىرگە سەن بىلەن،
يوق تۇيۇلار ياكى سەن يا مەن.
خىيال دەيمەن ئىشەنگۈم كەلمەي
ئىككىمىزدىن بىرسىمىز جەزمەن.
خىياللىرىم سەن ھەققىدىكى-
پارە-پارە سۇنغان ئەينەكتۇر.
ئاۋازىڭ بار،يوقتۇر ھېچنىمەڭ،
بار پەقەتلا تالا-تالا نۇر.
كۆزۈڭدە لىق بىر كوزا سۇ بار،
قېنىپ-قېنىپ ئىچىپ بۇلۇپلا
چېقىۋەتكۈم كېلىدۇ دەرھال.
بار سېنىڭدە نازۇك بىر يۈرەك،
تەكچىدىكى جانان چىنىدەك.
دەيمەن ھېچكىم تەگگۈزمىسۇن قول،
ئۇ چىنىگە مېنىڭدىن بۆلەك.
سەن مەن ئۈچۈن بىر پارچە شېئىر،
ئىزدەيمەن ئۇنىڭدىن پىكىر،
بار پەقەتلا تاتلىق ھېسىيات.

قەشقەردىكى ئاياللار
ئەرلەر قۇرغان دۆلەتتە ياشار،
يوق مۇستەققىل پادىشاھلىقى.
چۈشۈرىدۇ تەختتىن ئۇلار،
ۋە شاھ قىلار خالىسا سېنى.
بەرگەن چاغدا ئۇلار ھېسىيات،
ئايلىنىدۇ ئەرلەر شائىرغا.
ئېرىشىدۇ نوبىلغا ھەتتا.
ئەگەر ئۇلار قىلمىسا ئىنساپ،
ئايلىنىدۇ ئاقىل ساراڭغا.
كىردى ئۆيگە ھارغىن مۇئەللىم،
چايغا ئوخشاش ئىسسىق بىر ئايال
ئېلىپ كىردى پىيالىغا چاي.
قايتتى ئۆيگە كاۋاپچى يىگىت،
ئاغىچىسى چىقىپ خۇش چىراي
قوللىرىغا سۆيدى ئېڭىشىپ.
رومان يازار يازغۇچى ئەختەم،
ئورگىنالنى رەتلەپ خانىمى
كۆچۈرىدۇ ياندا پەم بىلەن.
ھەسرەتلەنسە تارىخچى بوۋاي،
مومىيىمۇ چېكەر بىرگە غەم.

كوچا -كوچا يەنە بىر كوچا،
بىر توپ ئايال چۈشكەن پاراڭغا.
-ئاڭلىلىمۇ چىرايلىق قوشنام،
گۈللۈك،نېپىز قەغەزدەك ئىشتان
ئەنقەرەدە بوپتىمىش مودا.
-قىزنىڭ قېشى شالاڭمۇ نېمە؟
باردىلىمۇ ئاخشامقى تويغا.
-چېچەن دېگەن ئاشۇ ئەخمەق خەق،
تەنگە سىڭگەن نېنىنى يېمەي
ئۇرۇش قىپتۇ دەيدۇ يېقىندا.
-ئەر چىقماپتۇ سەنئەتچى قىزغا.
...
غەمكىن شائىر يوللاي سالام
پەقەتلا قەشقەر گۈزەللىرىگە.
ھېيتگاھتا نان تىلەپ يۈرگەن
يۈزى تارىخ مىسكىن مومايغا.
لەڭپۇڭچىغا،ئاشپەز ئايالغا،
ئۆپكە-ھېسىپ ساتقۇچىلارغا.
ئۇيغۇر شىپاخانىسىنىڭ
ئاياللار بۆلۈمىدىكى
ھەربىر بىمارغا.
توپا باشقان يوللاردا كېتىۋاتقان
تۆت پەسىلنىڭ باغچىسى بولمىش
گۈل بەدەنلىك قىز-جۇۋانلارغا.
سالام بېرەر ئوتتۇرا ئاسىيا،
سالام يوللار بىپايان دۇنيا،
قەشقەردىكى قىز-ئاياللارغا.
       .   .    .
مەپە ۋە سەھەر
ئاق قاشقىلىق ئاتنىڭ كۆزىگە
چۆكۈپ كەتى قۇياشلىق شەھەر.
ئادەم ۋە ئالەم
يارىتىدۇ ئۆز تارىخىنى
ئېقىپ كەتكەن يۇلتۇزغا قەدەر.

يەر شارىنىڭ بىر بۇرجىگىدە،
نۇرلانماقتا قەدىمىي شەھەر.


بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدا كۆزگە كۈرۈنگەن ياش شائىرىمىز ئادىل تۇنىياز ئەپەندىنىڭ ئۇشبۇ شېئىرىنى ئۇقۇغان ۋاقتىمدا،ئاجايىپ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمىمەن. ئادىل تۇنىياز ئەپەندى ئۆز قەلىمى ئارقىلىق قەشقەرنى مەدھىيلەپ،ئۆزىنى تەربىيلپ ئۆستۈرگەن بۇ مۇقەددەس ماكانغا رەھمەت ئېيىتتى........

........


تالاي شائىرلار،يازغۇچىلار....ھەرقايسى كەسىپتە خىزمەت قىلۋاتقانلار،ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرى بىلەن قەشقەرنى تەرىپلىدى. ماختىدى. تالاي چەتئەللەردە خىزمەت قىلۋاتقان،مۇساپىر بۇلۋاتقان،سودا قىلۋاتقان،ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز قەشقەردىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ماكاننى كىچە-كۈندۈز يات ئەتمەكتە. يۇرت دەردىدە توختىماي ياشلار تۆكمەكتە. مۇنبىرىمىز ئەزاسى زۇلپىقار بارات ئۆزباش( ئۇيغۇرزادە) ئۆزىنىڭ  نىيۇرۇكتىكى قەشقەر كۇچىسى ناملىق ئەسىردە ئامرېكادا ياشىۋاتقان ئۇيغۇر بۇۋاينىڭ قەشقەر توپىسىنى ئۆز يېنىدا 70 يىل ساقلىغاندەك تەسىرلىك قۇرلارنى يازىدۇ. مانا بۇ چەت ئەللەردە مۇساپىر بولۋاتقان قەشقەرلىكلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا بولغان يۈكسەك سېغىنىشى ۋە ئوتلۇق مۇھەببىتى....


ھەر قېتىم قەشقەر توغرىسدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇۋاتقان چاغلاردا،قەشقەردىن شۇ قەدەر پەخىرلىنىمەن. چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئانام يۇرتۇم، بۇۋام ئىزى قالغان،كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن مۇقەددەس زېمىندە. مەن تا بۇگۈنگە قەدەر قەشقەر توغۇرلۇق بىرەر ئەسەر يېزىپ باقمىغانلىقىمدىن ئۈكۈندىم. نۇمۇس قىلدىم. ئاخىرى قەشقەر مېنىڭ پەخرىم  ناملىق نەسرىمنى يېزىپ چىقتىم. مەن بۇ ئەسرىمنى مېنى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن،خسلىتى تولا،ئۇلۇغ ئانا دىيارىمغا بېغىشلايمەن.





ئېھ! نامى ئۇلۇغ،شەپىقىتى چەكسىز ئۇلۇغ كاشغەر، سېنى قانچىلىك تەرىپلىسەم ،ماختىسام ئەرزىيدۇ. چۈنكى سەن شۇ قەدەر خىسلەتلەرگە بايسەنكى، ئۇزاق تارىخدىن بۇيان ئۆز جەلىپكارلىق ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭ ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر سەن. مەن ساڭا بىر ئۈمۈر رەھمەت ئېيتىمەن ۋە سەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن. چۈنكى سەم مېنىڭ پەخرىم،شانۇ-شەۋكىتىم.


قەشقەر-سەن مېنىڭ پەخرىم . مەن تاكى تۇغۇلغان تارىپ بۈگۈنگە قەدەر سېنىڭ ساپ ھاۋايىڭدىن نەپەس ئالدىم، ئۇلۇغ تۇپرىقىڭ ئۈستىدە ئۆمىلەپ ماڭدىم. سېنىڭ شۇ سېخي ۋە تۈگىمەس،زەم-زەم سۈيۈڭنى ئىچتىم، مېنىڭ گۈزەل ياشلىق باھارىم سېنىڭ تارىخ بەتىلىرىڭ ئارىسىدا قالدى. مەن يەنە ساڭا قىيماي،سەن بىلەن بىللە داۋاملىق ئىلگىرلىمەكتىمەن.


قەشقەر- سەن مېنىڭ پەخرىم. چۈنكى سەن ئۇيغۇرۇمنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن مۇقەددەس بىر شەھەر! تارىختا،ئۈچ قىتئەگە سۇزۇلغان نامى مەشھۇر يىپەڭ يولى دەل سېنىڭ ئۈستىڭدىن كېسىپ ئۆتكەن. شۇڭا سېنىڭ يىپىەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت دەيدىغان مۇقەددەس نامىڭ بار. سودا-سېتىق ئاجايىپ گۈللەنگەن قايناق بازارلىرىڭغا قانچە كىرىپ قانمايمەن. سودا قىلىپ تويمايمەن. چۈنكى سەن تارىختا ئاجايىپ ساخاۋەتچى سودىگەرلەرنى يېتىشدۈرگەنسەن. ئۇلار ئېزىدا مېڭىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمۈدۈم ئەلۋەتتە.


قەشقەر-سەن مېنىڭ پەخرىم. چۈنكى سەن مەن پەخىرلىندىغان ،ھۆرمەتلەيدىغان، تىللاردا داستان قىلدىغان مەشھۇرلىرىمىز، ئۇلۇغلىرىمىز ياشىغان زېمىن. تۈركىي تىللار دىۋاندىن ئىبارەت دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ،ئاسىيا دىن ئىبارەت بۇ زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ئۇلۇغ ئالىم،تىلشۇناس مەھمۇت كاشغەرى دەل مۇشۇ زېمىندا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئىزلىرى كاشغىرىمنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا،تاغۇ-بوستانلىرىدا، چۆل-جەزىسىدە قالغان. بۇۋام يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇتادغۇبىلىكتىن ئىبارەت مەشھۇر ئەسىرىنى دەل مۇشۇ يەردە يېزىپ تاماملاپ، بۇنىڭدىن 5 ئەسر بۇرۇن ئەقىل،بىلىم،ئەخلاق قاتارلىقلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئاجايىپ تىللار بىلەن تەسۋېرلەپ، دۇنيا خەلقىنى داڭ قالدۇرغان. يەنە ئابدۇقادىر داموللام ..........قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەرلىرمىز ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە بۇ مۇقەددەس زېمىندا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ ئىزى بېسىش بىزنىڭ مەسئۇليىتىمىز ئەلۋەتتە.


قەشقەر-سەن مېنىڭ پەخرىم. چۈنكى سەن ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس ئورنى. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقىتى چۈشكەن ،مۇقەددەس زېمىن. 500 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ھېيىتكاھ جامەسى قەشقەر شەھرىدە قەت كۈتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس قۇرلۇشى، دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ھېيىتكاھ جەمەسىنىڭ ئالدىدىن ھەر قېتىم ئۆتكىنىمدە،ئىچىگە كىرىپ،ئاللاھقا سېغىنىپ سەجدىگە باش قويغان چېغىمدا ئۈزۈمنى تۇلۇمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىمەن. چۈنكى مەن باش قۇيۋاتقىنى ئۇلۇغ بىر مەسچىتنىڭ توپىسى. چۈنكى مەن باش قۇيۋاتقىنى قەشقىرىمنىڭ تۇپىسى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،نۇرغۇن كىشىلەر ئۆمرىدەە قەشقەر ھېيىتكاھ جامەسىدە بىر قېتىم ناماز ئۇقۇپ،سەجدىگە باش قۇيۇپ،ئاللاھقا سېغىنىشنى تۇلىمۇ ئۈمۈد قىلدىكەنۇ،پۇرسەت بولماي ئارمانسىز دۇنيادىن كېتىپ قالىدىكەن. ھېيىتكاھ مەن سېنى كۈرۈپ تۇرالىغانلىقىمدىن ۋە سەجدەڭگە باش قۇيالىغانلىقىمدىن خۇشالمەن!!


قەشقەر-سەن مېنىڭ پەخرىم. چۈنكى سەندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىناكارلىق مەدەنىيتى چاقناپ تۇرىدۇ. ھېيىكاھ جامەسىنىڭ قۇرلۇشى،ئىچكى بىزىلىشلىرى، ئاپئاق خوجا مازىدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى، شەرىقى كۆل تەرىپتىكى،شۇ دۇنياۋى مۆجىزىلەر بولغان قەدىمىي ئۆيلەر ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تۇنۇتماقتا. ھەر قېتىم يىڭى بازار تەرەپتىكى شۇ ئايىغى چىقمايدىغان كوچىلارغا كىرىپ-كىرىپ قانمايمەن. شۇ چاسا كوچىلار،جانان كوچىلار مېنى ئۈن-تۇنسىز ئەجداتلارنىڭ شۇ باتۇرانە خىسلىتىدىن،باتۇرلۇقى،جاسارەتلىكىدىن پەخىرلىنىشكە ئۈندىمەكتە ئىدى.


.......


قەشقەر سېنى قانچىلىك تەرىپلىسەم،سېنى قانچىلىك تەرىپلسەم قانمايمەن. سەن مېنىڭ پەخرىم.سەن مەڭڭۈ مېنىڭ پەخرىم!


ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن

2013-8-23

دىيارى كاشىغەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-22 06:56 PM  


ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 12:16:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tughchi1 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-23 12:07 PM
قەشقەرنى، ئىلىنى، تۇرپاننى، ئاقسۇنى، خوتەننى... ئەمەس  ...

بۇ تىمىدىكى ماختاشتىن سۆيۈنۈش ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى كۈچلۈكرەك ئىكەن ، ئاپتۇرنىڭ ھىسىياتى بويىچە ئوقۇپ چىقسىڭىز بۇ تەرىپىنى ھىس قىلالايسىز !
يۇرت ئايرىمىچىلىقىنى قوللىمايمىز ، بىراق ئۆزىمىزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىمىزنى قانچە سېغىنساق ، قانچە كۈيلىسەك ئەرزىيدۇ ، چۈنكى بىز ئۇ تۇپراقتا ئۆمىلىگەن ، ئۇ تۇپراقتا مېڭىشنى ئۈگەنگەن .... ئۇ تۇپراقنىڭ ھاۋاسى ، سۈيىدىن بەھىرلىنىپ ئەقىل ۋە جىسمىمىز يىتىلگەن ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 يەكەننىمۇ كۈيلەپ يىزى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 12:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جان ئاتامنىڭ يۇرتى قەشقەر...بىر ېېرىشقا نسىپ بولمايۋاتىدۇ دىسە....

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19971
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10615 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 12:45:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ قەشقەر- سەن مېنىڭ پەخرىم. چۈنكى سەن ئۇيغۇرۇمنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن مۇقەددەس بىر شەھەر! تارىختا،ئۈچ قىتئەگە سۇزۇلغان نامى مەشھۇر يىپەڭ يولى دەل سېنىڭ ئۈستىڭدىن كېسىپ ئۆتكەن. شۇڭا سېنىڭ يىپىەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت دەيدىغان مۇقەددەس نامىڭ بار. سودا-سېتىق ئاجايىپ گۈللەنگەن قايناق بازارلىرىڭغا قانچە كىرىپ قانمايمەن. سودا قىلىپ تويمايمەن. چۈنكى سەن تارىختا ئاجايىپ ساخاۋەتچى سودىگەرلەرنى يېتىشدۈرگەنسەن. ئۇلار ئېزىدا مېڭىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمۈدۈم ئەلۋەتتە.


قەشقەر-سەن مېنىڭ پەخرىم. چۈنكى سەن مەن پەخىرلىندىغان ،ھۆرمەتلەيدىغان، تىللاردا داستان قىلدىغان مەشھۇرلىرىمىز، ئۇلۇغلىرىمىز ياشىغان زېمىن. تۈركىي تىللار دىۋاندىن ئىبارەت دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ،ئاسىيا دىن ئىبارەت بۇ زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ئۇلۇغ ئالىم،تىلشۇناس مەھمۇت كاشغەرى دەل مۇشۇ زېمىندا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئىزلىرى كاشغىرىمنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا،تاغۇ-بوستانلىرىدا، چۆل-جەزىسىدە قالغان. بۇۋام يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇتادغۇبىلىكتىن ئىبارەت مەشھۇر ئەسىرىنى دەل مۇشۇ يەردە يېزىپ تاماملاپ، بۇنىڭدىن 5 ئەسر بۇرۇن ئەقىل،بىلىم،ئەخلاق قاتارلىقلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئاجايىپ تىللار بىلەن تەسۋېرلەپ، دۇنيا خەلقىنى داڭ قالدۇرغان. يەنە ئابدۇقادىر داموللام ..........قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەرلىرمىز ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە بۇ مۇقەددەس زېمىندا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ ئىزى بېسىش بىزنىڭ مەسئۇليىتىمىز ئەلۋەتتە.››

نىمىدىگەن پاساھەت !...ئەسىرىڭىز ئېسىل چىقىپتۇ .
يارايسىز ،قەشقىرىمگە يۈز كىلەلىگۈدەك ئەسەركەن .

موشۇنداق يازمىلىرىڭىزنى ئايىماي مۇنبەرگە تۆكۈپ تۇرغايسىز .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 01:23:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملاغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز؟
بۇ توربەتنى تەۋسىيە قىلمەن . http://imla.uyghurdev.net/


قەشقەر-ئۇ دۇنيادا ئاجايىپ بىر يۇرت.ئۇنىڭ خىسلىتى توققۇز ئىقلىمغا تارقالغان،تارىختا ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئەقىل -پاراسىتىغا تايىنىپ بۇ شەھەردە ئاجايىپ غەلبىلەرنى بارلىققا كەلگەن. قەشقەر-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بۈشۈكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى بىر قەدەر گۈللەنگەن،ئاللاھنىڭ رەھمىتى چۈشكەن مۇددەس بىر شەھەر! ئۇنىڭ مەيلى قەيىرگە بارماڭ ئۇنىڭدىن بىر خىل قەدىمىيلىك ۋە خىسلەتلىك كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ. تاكى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغاندىن تارتىپ شىنجاڭ ئۆلكە بۇلۇپ قۇرۇلغانغا قەدەر بۇ مۇقەددەس زېمىندا تالاي خانلىقلارقۇرۇلغان.نۇرغۇنلىغان تارىخقا شاھىت بولغان بۇ خىسلەتلىك،مۇقەددەس ماكان ھەتتا بۈگۈنمۇ شۇنچەمۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ!



قەشقەر-ئۇ دۇنيادا ئاجايىپ بىر يۇرت.ئۇنىڭ خىسلىتى توققۇز ئىقلىمغا تارقالغان، تارىختا ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئەقىل -پاراسىتىگە تايىنىپ بۇ شەھەردە ئاجايىپ غەلبىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. قەشقەر-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بۈشۈكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى بىر قەدەر گۈللەنگەن، ئاللاھنىڭ رەھمىتى چۈشكەن مۇقەددەس بىر شەھەر! ئۇنىڭ مەيلى قەيەرگە بارماڭ ئۇنىڭدىن بىر خىل قەدىمىيلىك ۋە خىسلەتلىك كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تاكى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغاندىن تارتىپ شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغانغا قەدەر بۇ مۇقەددەس زېمىندا تالاي خانلىقلار قۇرۇلغان.نۇرغۇنلىغان تارىخقا شاھىت بولغان بۇ خىسلەتلىك،مۇقەددەس ماكان ھەتتا بۈگۈنمۇ شۇنچە مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇمباغ79 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-23 01:28 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
iltebir + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2014-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 02:03:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرلىك بولغىنىمدىن يەنە بىر قىتىم پەخىرلەندىم ، شۇنداق ياخشى يىزىپسىز،،،رەھمەت تىمىڭىزغا.....

teskin

باش رەسىمى نىقابلانغان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12786
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 02:07:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : بۇ يازما چەكلەندى
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6792
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1883 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 02:35:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : بۇ يازما چەكلەندى
ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 03:11:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا داڭقى چىققان مەشھۇر شەھەر ، شۇنداقلا ئاستانە بولغان قەدىمىي شەھەردۇر ، قەشقەر باغرىدا نۇرغۇنلىغان ئۆلىما ، ئەرباپلار ، داڭلىق شەخىسلەر ئۆسۈپ يىتىلگەن ...

بۇ تەرەپلىرىنى دىمىسەممۇ نۇرغۇنلىغان تورداشلار بىلىدۇ ، مۇشۇنداق بىر ئانا يۇرتنى سېغىنىش ، ئىھتىرام بىلدۈرۈش ئاساسىدا يېزىلغان بۇ تىمىغا چۈشكەن ئىنكاس ئادەمنى بىئارام قىلدىكەن .
بۇ تىمىنى يۇرتۋازلىققا كۆتۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟
ئاپتۇر ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قەشقەرنى مەدىھلەپ يازماي ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ، چەتئەللەرنى مەدىھلەپ يازغان بولسا ۋە ياكى پۈتكۈل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەۋەسىدىكى شەھەر ، يېزىلارنى مەدىھلەپ يازغان بولسا ئاندىن بولارمىدى ؟ ئۇنداق يازسىمۇ بولىدۇ بىراق ئاپتۇر ئۇ جايلارغا بېرىپ باقمىغان ، ھىسىياتى ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەشقەرچىلىك پاساھەتلىك چىقمايدۇ .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6792
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1883 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 04:00:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-8-23 12:11 PM
قەشقەر تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا داڭقى چىققان م ...

شۇنى دىمەمسز....   بىر قسىم پىتنىخورلار  ئاداۋەت ئۇرقىنى چىچىپ،،   يەكەن ، خوتەن.....  دەپ يۈرۈپتۇ... يەكەن نەنىڭ ، قەشقەنىڭ، قەشقەر، خوتەن  نەنىڭ... ئۇيغۇرنىڭ........  قەشقەر يالغۇز  قەشقەرىدىكىلەرگىلا ئەمەس ،  پۈتۈن ئۇيغۇرغا تەئەللۇق.      ئۇيغۇر دىيارىدىكى  تۆت چوڭ  قەدىمىي يۇرۇت ،    :  ئۇدۇن، قەشقەر ،  كىنگىت ( قاراشەھەر)  ، كۆسەن ....            مۇشۇ تېما بولسىمۇ   بىر  ماجىراسىز    تۇرسا نمە بولا  دەيمەن......   

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش