|
|
|
|
‹‹ يۈ ۋەزىرنىڭ كەلكۈننى تىزگىنلىشى›› 大禹治水
ناملىق ئويما كەم تېپىلىدىغان چوڭ تىپتىكى قاشتېشى ئويما ئەسىرى بولۇپ،ھازىرقى ئېغىرلىقى بەش توننا ئۆپچۆرىسىدە كېلىدۇ. ئەسلى ئېغىرلىقى يەتتە توننا ئۆپچۆرىسىدە كېلىدىغان بۇ ئويمىغا
خوتەننىڭ كۆكۈش ئاق قاشتېشى خام ئەشيا قىلىنغان بولۇپ، ياڭجو ئويمى چىلىق سەنئىتى بىلەن ئويۇلغان.ئىگىزلىكى 2.4 مېتىر،كەڭلىكى96سانتىمېتىركېلىدۇ.
ئادەملەر بىلەن تەبىئى ئاپەت ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان. بۇ ئويمىنىڭ ئەسلى ماتتىريالىنى قازغاندا ئارغامچا ۋە پىشاڭلار ئىشلىتىلىپ تاغدىن چۈشۈرۈلگەن .مىڭدىن كۆپ ئادەم ، بىريۈز ئاتمىشتىن كۆپ ئاتتىن تەشكىللەنگەن توشۇش ئەترىتى ئۈزۈنلىقى ئون مېتىردىن ، كەڭلىكى ئالتە مېتىردىن ئارتۇق ئالاھىدە ياسالغان ھارۋا بىلەن شىنجاڭ خوتەندىن ئۈچ يىلدىن كۆپرە ك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بېيجىڭغا ئەكەلگەن.
چىيەنلوڭنىڭ 46-يىلى بۇ چوڭ قاشتېشى بېيجىڭ- خاڭجو قانىلى ئارقىلىق جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجو شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىنگەن. نەچچە ئونلىغان ئويمىچى ئۈستاملارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق چىيەنلوڭنىڭ 52- يىلى يازدا پۈتكەن. يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتكەن بۇ بۈيۈك ئويما ئەسەر شۈ يىلى 9- ئايدا بېيجىڭ - خاڭجو قانىلى ئارقىلىق بېيجىڭغا يەتكۈزۈلگەن. چىيەنلوڭخان ئۆزى بېغىشلىما يازغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دۆلىتىمىزدە ئۈيۇلغان ، دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان ، دۆلەت دەرجىلىك قاشتېشى ئويمىسى بولغان بۇ سەنئەت ئەسىرى دۆلەتنىڭ 1- دەرجىلىك مەدەنىيەت يادىكالىقى بولۇپ ھازىر بېيجىڭ خان سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghuray~25 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-22 11:50 AM
|
|
|
|
|
|