مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3755|ئىنكاس: 47

ناۋايلىقتىن مەمۇرلۇققىچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7166
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 950 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 12:07:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىكىمدىن ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئىدىم، كەلگۈسىدە ئالەم ئۇچقۇچىسى ياكى فېزىكا ئالىمى بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. ئوقۇشۇم ئىزچىل تۈردە ياخشى بولۇپ كەلگەن ئىدى. باشلانغۇچقا كىرىپلا تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ ئۆگىنىش ھەيئىتى بولدۇم. ئانامنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا ئۆگىنىشتە ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدىم. ئانام تىلىم چىققاندىن باشلاپلا ماڭا دائىم ھېكايە ئېيتىپ بېرەتتى، مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى ئۆگىتەتتى.
شۇ چاغدا 80-يىللاردىكى قەشقەر شەھىرىدە تېلېۋېزور تېخى ئومۇملاشمىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ھەممىلا يەردە چوڭ كىچىك كىتاب يايمىلىرى ئۇچراپ تۇراتتى. ھەممىلا ئۆيدە دېگۈدەك كىتاب ئوقۇش، كىتاب ساقلاش مودا بولغان ئىدى. شۇ چاغلاردا رەسىملىك كىتابنى بىر قېتىم كۆرسە بىر پۇڭ، خەتلىك كىتابلارنى بىر قېتىم ئوقۇسا بەش پۇڭ ھېسابلىنىپ ھەق ئېلىناتتى. مەن كىتاب يايملىلىرىنىڭ دائىملىق كىچىك خېرىدارى ئىدىم. بىر تەتىلدە مەنمۇ بىر كىچىك كىتاب يايمىسى ئېچىپ 2 يۈەن پۇل تاپقان ئىدىم.
ئوقۇشۇم تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىققا بارغاندا توختاپ قالدى. چۈنكى دادام تېجارەتتە ۋەيران بولۇپ ئائىلىمىز قېيىنچىلىقتا قالغانلىقى ئۈچۈن مېنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالدى.
بۇ جەرياندا قەشقەر شەھىرىدە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. كىتاب ئوقۇش مودىدىن قېلىپ، ئۈنئالغۇ ئاڭلاش، ئارقىدىن تېلېۋېزور كۆرۈش مودا بولدى. ئارىلىقتا بىر مەزگىل پاكىستانلىق سودىگەرلەر قەشقەر شەھىرىگە يېغىپ كەتتى. ھەممىلا جايدا شۇ پاكىستانلىقلار، ئۇلارنىڭ زىبۇ زىننەت ماللىرى. ھېيىتگاھ ئەتراپىدىكى گۈللۈك بۇرۇنقىدەكلا ئىنتايىن ئاۋات ئىدى. ئۇ يەردىن ھەممە نەرسىنى سېتىۋالغىلى بولاتتى.
مەن دادام بىلەن ناۋايلىق قىلىشقا باشلىدىم. كۈندە 7-8 تونۇر نان ياقىمىز، بىر قىسىمىنى دۇكاندا ساتىمىز، يەنە بىر قىسمىنى كەچتە دادام بىلەن ھېيتگاھتىكى گۈللۈككە ئاپىرىپ ساتىمىز. بۇ بەكمۇ جاپالىق ھۆنەر ئىدى، قىززىق تونۇرغا باش تىقىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى دېمەيلا قويۇڭ، ئەتىگەندە سائەت 3-4 لەردە ئورۇندىن تۇرۇپ تەييارلىق قىلىدىغان گەپ. دەسلەپتە پەقەت كۆنەلمەي قىينالدىم. كېيىن ئاستا ئاستا جاپاغا پىشىپ بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالدىم. لېكىن مەكتەپتە ئوقۇيالمىغىنىمغا بەكمۇ ئىچىم پۇشاتتى. باشقا بالىلاردەك ئويۇن تاماشىغا قىزىقمايتىم. دادام بەرگەن پۇللارغا سېتىۋالغان كىتابلارنى كۆرەتتىم. ئالدىمغا ئۇچرىغانلا كىتابنى كۆرۈۋېرەتتىم. بۇنىڭدىن بەكمۇ ھوزۇر ھېس قىلاتتىم. بەزىدە فېزىكا كىتابلىرىغا قاراپ رادىئو، تېلېفون، تېلېگراق ئاپپاراتىلارنىمۇ ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدىم.
كېيىن مەن مەلۇم بىر شىركەتنىڭ پار قازان ئۆيىدە ئايدا 160 يۈەن مائاش ئېلىپ ئىشلىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى قىلدىم. ھاشارات دورىسى، چىنە قاچا، رەخت ساتتىم.
كېيىن ناۋايلىقنى كاۋاپچىلىققا ئۆزگەرتتۇق. بۇ چاغدا مەن ئاللىقاچان 20 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدىم. گەرچە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ بىراق مەن بەك يوۋاش بولغاچقا تۈزۈك پۇل تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغنىڭ شارائىتىدا كىشىلەر كاۋاپچىلىق قىلىدىغانلارنى ئانچە كۆزىگە ئىلمايتى، كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئىلماسلىقى، جەمئىيەتنىڭ چەتكە قېقىشى جېنىمغا تېگەتتى.
20 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى مەن كىتابخانىلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ماتېرىيالى ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇلاردىن بۇ قانداق ئىمتىھان، نېمە پايدىسى بار؟ دەپ سورىسام ئۇلار ماڭا چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىمىز ئۆگىنىپ، يىلدا ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىمىز، ھەممە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بولساق ئالىي مەكتەپ دىپلومى بېرىدۇ، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالدىم. مەنمۇ ئىمتىھان بېرىپ ئۆزۈمنى بىر سىناپ كۆرەيچۇ، دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىق كەسپىنى تاللاپ ئىمتىھانغا تىزىملاتتىم. كىم بىلسۇن، بىر بىرىدىن توم دەرسلىك كىتابلارنى كۆرۈپ بېشىم قاتتى، ئوقۇتقۇچى يوق، قانداق ئۆگەنگۈلۈك؟ ئامال يوق، ئۆزۈمگە تايىنىشىم كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتىم. سىستېمىلىق، مۇكەممەل ئۆگىنىش ئۈچۈن پىنيىندىن تارتىپ ئۆگەندىم، ئۆگەنگەنلىرىم بارغانسىرى كۆپىيىپ ماڭدى. بىراق ئوقۇتقۇچى يوق، بەك قېينالدىم. بولۇپمۇ خەنزۇچە سۆزلەرنىڭ ئوقۇلۇشى جەھەتتە تۆت توننى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمىدىم، جۈملە تۈزگەندە تۈزگەن جۈملەمنىڭ توغرا خاتالىقىنى بىلەلمىدىم. تېكىست تەرجىمە قىلغاندا تەرجىمەم توغرىمۇ ئەمەسمۇ بىلەلمىدىم. دائىم كاۋاپ پۇشۇرغاچ، كاۋاپ ئۆتكۈزگەچ خەنزۇچە تېكىست يادلايتىم. ئېسىمدە قېلىشىچە مەن تۇنجى قېتىم خەنزۇ تىلىدىن ئاساس دېگەن ئۈچ قىسىملىق بىر كىتابنى ئۆگەنگەن ئىدىم. يولدا ماڭساممۇ خەنزۇچە تېكىست يادلىغاچ ماڭاتتىم. كىشىلەر مېنى كۆرۈپ، بۇ بالا كىتاب ئوقۇۋېرىپ ئەقلىدىن ئادىشىپ قاپتۇ، ئىمتىھان بېرىمەن، تىل ئۆگىنىمەن دەپ ئاۋارە بولغۇچە كاۋىپىنى ساتسا بولمامدۇ دەپ يۈزۈمدىن يۈزۈمگە مەسخىرە قىلىشاتتى.
خەپ توختاپ تۇرۇش، دەيتىم ئىچىمدە. سەنلەرگە ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسام.
بىراق ئۆگىنىشىم بارغانسىرى قېيىنلاشتى. بەزىدە بىر ئۇزۇن تېكىستىنى 2-3 كۈنگىچە يادلاپ بولالمايتىم. ئۆگەنگەنلىرىم كۆپەيگەنسىرى، بىلمىگەنلىرىممۇ كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىلمىگەنلىرىمنى دۇكىنىمغا كاۋاپ يېگىلى كىرگەن زىيالىيلار، خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغانلار، ئوقۇغۇچىلاردىن سوراشقا باشلىدىم. ھېلىمۇ ياخشى يەنىلا ئۆگىنىشنى قوللايدىغانلار كۆپ ئىكەن، ئۇلار بىلمىگەن يەرلىرىمنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشتى. كېيىنچە يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ خەنزۇ خېرىدارلار، ھەتتا يولدا كېتىۋاتقان خەنزۇلارنىمۇ توسۇپ بىلمىگەنلىرىمنى سورىدىم. ئۇلار گەرچە بىزلەرنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمىسىمۇ بىراق تىلىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىمنى ئۇقۇپ خۇشال بولۇشۇپ ئېرىنمەي ئۆگىتىپ قويۇشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا 4 يىل ئۆگىنىش قىلدىم. بۇ جەرياندا خەنزۇ تىلىدىن سىرت لوگىكا، يېزىقچىلىق، تارىخ، ئىستىلىستىكا، پىسخولوگىيە قاتارلىق نۇرغۇن پەنلەرنى ئۆگىنىپ تۈگەتتىم. 12 پەن ئىمتىھاندىن قېپقالماي ئۆتۈپ ئىمتىھاننى تاماملىدىم. بۇ جەرياندا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمىدىم. راستىمنى ئېيىتسام ئىنتايىن جاپا چەكتىم. بىراق ئادەمنىڭ ئۆگەنگەنلىرى كۆپەيگەنسىرى دۇنيا قارىشىمۇ ئۆزگىرىدىكەن. مەندىكى بۇرۇنقىدەك جەمئىيەتتىن ئاغرىنىدىغان، يوۋاشلىق ئىللەتلىرى پۈتۈنلەي تۈگەپ، دۇنياغا، جەمئىيەتكە، ئادەملەرگە يېڭىچە نەزەردە قاراشقا باشلىدىم. خەنزۇچە راۋان سۆزلەپ، يازالايدىغان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە راۋان ماقالە يازالايدىغان، جىددىي ئەھۋالدىمۇ سالماقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، قېيىن مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ھالەتكە يەتتىم.
2005-يىلى دىپلومنى قولۇمغا ئالدىم. ئاندىن قەشقەر مالىيە سودا مەكتىپىدە ئېچىلغان ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش كۇرسىغا قاتنىشىپ ئۈچ ئاي ئوقۇدۇم. مېنىڭ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئىكەن. بىراق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە تۇتقان پوزىتسىيىسى مېنى ھەيران قالدۇردى. ھەقىقىي ئۆگىنىدىغانلار ئاز، كۆپىنچىسى ئاتا ئانىسىنىڭ زورى بىلەن قاتناشقانلار بولۇپ، ئۇلار "قىز كەلتۈرۈش' بىلەن ئاۋارە ئىدى. بىر قىسىملىرى ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەۋاتسا بىر چەتتە پاراڭ سېلىشاتتى، يەنە بىر قىسىملىرى ئۇخلايتى، بىر قىسىملىرى يوقلىمىدىن ئۆتۈپ بولۇپلا دىسكوخانىلارغا چاپاتتى.
مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئۆگەندىم، ئوقۇتقۇچىلاردىن ھارماي سوئال سورايتىم، ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ كۆپ سوئال سورىشىمدىن بىزار بولۇپ، خاپا بولۇشاتتى. يەنە بىر قىسىملىرى مېنى بىلىمسىز، نەدىكى ئاددىي سوئاللارنى سورايدىكەن دەپ مەسخىرە قىلىشاتتى. ئوقۇشمۇ تۈگىدى. مەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كېچىلىرى ئۇخلىماي دەرس ئۆگىنەتتىم. ئۇيقۇم ئاز بولغاچقا ناھايىتى ئورۇقلاپ كەتكەن ئىدىم. مەن ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى نەچچە ئاي جەريانىدا دوستلىرىم بىلەن باردى كەلدى قىلىشنى پۈتۈنلەي توختاتتىم. ئاخىرى ئىمتىھانمۇ تۈگىدى. ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ يەكەنگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم بولدۇم.
خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆگىنىپ تۇردۇم، كومپىيۇتېر ئىشلىتىشنى ئۆگەندىم. پۈتۈن زېھنىم بىلەن خىزمەتكە كىرىشتىم. بىراق خىزمەتداشلىرىمنىڭ نۇرغۇن قىلىقلىرى پەقەت كۆزۈمگە سىغمىدى. مەن بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلارنى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى، يۈكسەك بىلىملىك، پەزىلەتلىك كىشىلەر دەپ قارايتىم. بىراق قارىسام كۆپىنچىسى ئۇنداق ئەمەسكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھاراقكەش، قىمارۋاز، پاھىشىۋاز.... ئىشقىلىپ ھەرخىل بەتقىلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىمۇ ھارامزادىلىك، شەكىلۋازلىق بەك ئېغىر ئىكەن، كېيىنچە بۇ مۇھىتقىمۇ كۆنۈپ قالدىم. ئۆز خىزمىتىمنى تېرىشىپ ئىشلىدىم.
كېيىن قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم. ھازىر مەمۇرىي كادىر بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن.
بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مېنىڭ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىپ ئېرىشكەن بىلىملىرىم ئەسقاتقان ئىدى.
ئويلاپ باقسام ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆپ جاپا چېكىپتىمەن، بىراق ئاللا تېرىشقان ئادەمنى ئەجرىنى يەردە قويمايدىكەن. شۇ تاپتا ئەجرىمگە يارىشا راھىتىنى كۆرۈۋاتىمەن. بىراق مەن بۇرۇن شۇغۇللانغان ھۈنەر كەسىپلەر مېنى چېنىقتۇردى. جاپاغا پىشمىغان بولسام بەلكىم بۈگۈنكىدەك پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشەلمەس ئىدىم.
مېنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگەن ئۇلۇغ ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇن.
مەنبە: ئۆز كەچۈرمىشلىرىم.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mrzat617 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى، .
XERHAN + 99 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 109   باھا خاتىرىسى

ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 341
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 01:19:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز .... سىزنىڭ  بۇ كەچۇرمۇشىڭىزنى ئوقۇپ بۇشۇكتىن قەبرىگچە ئېلىم ئىگەنلەڭلار دېگەن سۆز ئېسىمگە كېلىپ قالدى

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96768
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2013-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 01:42:10 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ! مەن مۇشۇ خەنسۇ چە پەقەت ئۇقمايمەن .خەتلىرىدىنمۇ بىر. ئىككى.ئۇچ دىگەن مەنىدىكى تۇز سىزىقنىلا بىلمە. تۇت قانداق يىزىلدۇ ئۇقمايمەن.ھازىر 29 ياشقا كىرىپتىمە.خەنسۇچە ئۇگنەي دىسەم قانچىلىك ۋاقىت كىتەر دۇسلار.باشلانغۇچ- تۇلۇقسىزدا ئۇنۇغان 9 يىل مابەينىدە 9 يىل ئۈگۈنۈش باشلىقى بۇلغان مەن .خەنسۇچىدىن باشقا پەنلەردە 96 دىن يۇقۇر نۇمۇر ئالاتتم  .ما خەنسۈچىدا 30 نۇمۇر ئالغىنىم ئىسىمدە يۇق .ئەمدى بۇلسىمۇ ئۇگنەي دەۋاتىمەن.ئاساسلىق خەت ئۇقۇشنى،  سۇزلەشتە ھەر ھالدا 30% ھاجىتىمدىن چىقالايمەن

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 3160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21999
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2165 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 02:10:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغۇچى بولسا سىزدەك بولسا ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بەكمۇ خۇشال بولاتتى-ھە،

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92159
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 02:29:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1957
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13240
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 736 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 02:48:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاكا...كەچۈرمىشىڭىز ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن. قىيلانغان ئاشۇ قۇرلارنى ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۈنتۈنسىز كۆزلۈرۈمگە ياش كەلدى. مەن چۆچىدىم. ھازىرقىدەك  ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئۈگۈنىشىم كېرىكلىكىنى قايتىدىن تۇنۇپ يەتتىم!

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91681
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2013-2-14
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 02:58:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي نادىر تېما!ئىنسان بالىسى،جۈملىدىن ئۇيغۇر بالىسى دىگەن مۇشۇنداق بولىشى كىرەك!!!بىز ئەقىلللىق دەپ مىڭ يىل پو ئاتقاندىن مۇشۇنداق ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك نىمىدىگەن ئىسىل ھە!ياشاپ كىتىڭ قىرىندىشىم سىز بىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۈلگۈسى بولۇشقا مۇناسىپكەنسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10554
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3390 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 09:08:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزمۇ ‹‹ئىنجىنىر›› لىقتىن زېرىكىپسىز دە؟سىزگە ئوخشاش‹‹ ئىنجىنىر››لىقنى چۈشىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار كۆپلەپ چىقسىدى ئۇيغۇرلار يەنە بىر قەدەم يۈكسەلگەن بولاتتى ،ئەپسۇس ئوقۇتقۇچىلىقنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان ئوقۇتقۇچىدىن مىڭدىن بىرسى چىقامىكىن ھازىر،.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3312
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 09:11:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدىگەن تىرشچانسىز سزنى ئۆرنەك قىلساق بولغۇدەك

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3257
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30826
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3580 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 09:33:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپسىز  ھەم كۆپ ئەجىر قىپسىز ، شۇ قىلغانلىرىڭىزنىڭمۇ راھىتىنى كۆرۈپسىز
   تىمىڭىز ئادەمنى قايىل قىلارلىق چىقىپتۇ ، پايدىلىنىش قىممىتى بار تىما بوپتۇ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش