بەخت
(ھىكايە)
ۋاڭ يوڭ
(سەنەۋەر ئابدۇراھمان تەرجىمىسى)
ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمىدە ئىككى نۇمۇرۇم كەملەپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئامالسىزلىقتىن «پىسخولوگىيە» دەرسلىكىنى ئۆگىنىشنى تاللىدىم.
دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى بەللىرى مۈكچەيگەن، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقىرىپ كەتكەن پېروفېسسور ئىكەن. راست گېپىمنى قىلسام، مەن پىسخولوگىيەگە قىلچىمۇ قىززىقمايتتىم، پۈتۈن ئەس-يادىم ھېلىقى ئىككى نومۇردىلا بولغاچقا، پۈتۈن بىر مەۋسۇم جەريانىدا پەقەت ئىككى قېتىملا دەرسكە قاتناشتىم. بىرىنچى قېتىم تاللاپ ئۆگەنگەن دەرس كارتىسىنى تاپشۇرغىلى بېرىپ، بىردەم تۇرۇۋېتىپلا ئارقا ئىشىكتىن غىپپىدە قېچىپ كەتتىم. ئىككىنچى قېتىم- ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يوقلىما كۈنى بولغاچقا بارغان ئىدىم.
دەرس ئاياغلىشىدىغانغا ئاز قالغاندا پېروفېسسور:
- ئەڭ ئاخىرقى سائەتلىك دەرسمۇ تۈگەي دېدى، لېكىن ئاراڭلاردا مەن سۆزلىگەن بىلىملەرنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرگەنلەرنىڭ يوقلىقى كۆڭلۈمگە ئايان، شۇنداق بولسىمۇ بىر سوئال سوراپ باقاي، سىلەر ئۆزۈڭلارنى بەختلىك ھېسابلامسىلەر؟_ دېدى.
تىمتاسلىق باسقان سىنىپ بىردىنلا جانلىنىپ، بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. ئۇ چاغدا لايىقىم ئايرىلىپ كېتىمەن دەپ مەندىن ئالاقىنى ئۈزگەن بولغاچقا، كەيپىياتىم پەقەت ياخشى ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئورنۇمدىن دەست تۇرۇپ:
- مانا مەن بەختسىز!_ دېدىم.
پېروفېسسور مېنى قېشىغا چاقىرىپ ئۆزى كەينىمگە ئۆتۈپ تۇردى. سىنىپ ئىچى يەنە جىمجىت بولۇپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ كۆزى مەندە. بىردەمدىن كېيىن پېروفېسسور بىر قولى بىلەن ئىككى قولۇمنى چىڭڭىدە تۇتۇچېلىپ، يەنە بىر قولى بىلەن ئاغزى-بۇرنۇمنى ئېتىۋالدى. 23 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بەستىلىك يىگىت بولساممۇ، پېروفېسسورنىڭ بۇ تۇيۇقسىز«ھۇجۇم»ىغا قارشلىق كۆرسىتىشكە ئاقىزلىق قىلدىم.
شۇنچە تىركەشكەنلىرىم كارغا كەلمىدى، شۇ چاغدا قۇتۇلۇش ئەمەس پەقەت نەپەس ئېلىشنىلا ئويلىدىم. پېروفېسسور مېنىڭ بەرداشلىق بىرەلمىگىنىمگە كۆزى يەتكەندى كېيىن، ئاندىن قولىنى قويۇپ ېرىپ:
- يىگىت، ئەمدىغۇ ئۆزۈڭنى بەختلىك ھېس قىلغانسەن؟_ دېدى.
مەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېتىپ ، ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بىرخىل خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدىم.
پېروفېسسور تېخىچە ھەيرانلىق نەزىرىدە ئولتۇرغان كۆپچىلىككە قاراپ:
- ساۋاقداشلار، مەن سىلەرگە قارىغاندا كۆپ ئىشلارنى باغتى كەچۈرگەن. مەن بىر ئۆمۈر پىسخولوگىيە ئۆگېنىپتىمەن، يېشىم چوڭايغانسېرى بەختنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ھېس قىلدىپ يەتتىم؛ مەيلى قانداق دىشۋارچىلىققا ئۇچرايلى، بىز يەنىلا بەختلىك، چۈنكى بىز ئەركىن-ئازادە نەپەس ئالايمىز!_ دەپ گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، مېنى جايىڭغا بېرىپ ئولتۇرساڭ بولىدۇ دەپ ئىشارە قىلدى.، سىنىپنى گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى قاپلىدى.
ئىلى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-21 07:09 PM
|