|
|
|
|
(تەرجىمە ھېكايە) كىمگە ئىشىنىسىز ؟ بىر يىلى تاغقا يامىشىشى ھەۋەسكارلىرى تاغقايامىشىشىقا چىقىپتۇ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلارمۇ بارئىكەن،ئۇلارتاغ باغرىغا كېلىپ تاغقا يامىشىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا ھاۋا تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ بۇرانچىقىشقا باشلاپتۇ،لىكىن ئۇلار يەنىلا جاھىللىق قىلىپ تاغقا ياماشماقچى بۇلۇشۇپھېلىقى قىىزنى تاغ باغرىدا ساقلاشقا قالدۇرۇپ قۇيۇپ تاغغا يامىشىپ چىقىپ كىتىپتۇ، ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتسىمۇئۇلارنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرگەن قىز ئەنسىرەشكە باشلاپتۇ،كۆڭلىدە‹بەلكىمھاۋانىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك› دەپ ئويلاپ ساقلاپتۇ،ساقلاپتۇ،ئارىدىن يەتتە كۈئۆتكەندە ئۇلار قايتىپ كەپتۇ،لىكىن پەقەت ئۇنىڭ يىگىتىلا قايتىپ كەلمەپتۇ،كۆپچىلىكئۇنىڭغا چوققىغا چىققان بىرىنجى كۈنىلا يىگىتىنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچراپ ۋاپاتبولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەتىسى قايىتماقچى بۇلۇشۇپتۇ،شۇ كۈنىكەچلىكى ھەممەيلەن چەمبەرسىمان ئولتۇرۇشۇپ پاراڭلىشىپتۇ،كىچە سائەت 12 بۇلايدېگەندە ئۇ قىزنىڭ يىگىتى پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلەنگەن ھالدا پەيدا بوپتۇ ۋە ئۇقىزنىڭ قۇلىنى تارىتقانچە ئېلىپ قېچىپتۇ،قىز بولسا قورىققىنىدىن چىقىراپ كىتىپتۇبۇ ۋاقىتتا يگىت ئۇ قىزغا تاغقا چىققان تۇنجى كۈنى تاغدا خەتەرگە ئۇچراپھەممەيلەننىڭ ئۆلگەنلىكىنى پەقەت ئۈزىنىڭلا ھايات قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قېنى سىز كىمگە ئىشىنىسىز؟ 2.نىمانچەكۆپ ئادەم بۇ؟ بىر كۈنى كەچرەك ئىشتىن چۈشكەن بىرەيلەنياتىقىغا قايتىپتۇ،ئۇ بىرىنجى قەۋەتتە لىفىتقا چىقماقچى بۇلۇپ لىفىت كۇنۇپكىسىنىبېسىپتۇ،ئۇنىڭ ياتىقى ئالتىنجى قەۋەتتە ئىكەن،لىفىتمۇ ناھايىتى تىز چۈشۈپتۇ ئىچىدە بىرمۇ ئادەميوق بۇلۇپ ئۇ لىفىتقا چىقىپتۇ لىفىت ئىشىكى ئىتىلىپ تىزلا يۇقۇرغا ئۆرلەشكەباشلاپتۇ،ئۆرلە ئۆرلە تۆتىنجى قەۋەتكە كەلگەندە لىفىت توختاپتۇ،سىرتىدا ئىككىئادەم لىفىت ئىچىگە بېشىنى تىقىپ قاراپتۇ،بەلكىم ئۇلارمۇ لىفىتقا چىقماقچى بولساكېرەك،لىكىن نىمىشقىكىن ئۇلار قاراپ بېقىپ ئىچىگە كىرمەپتۇ،لىفىتنىڭ ئىشكىئىتىلىۋاتقان شۇ دەقىقىدە ئۇ ئادەم ھېلىقى ئىككەيلەننىڭ ‹لىفىتنىڭ ئىچىدە ئادەمنىمانچە كۆپ› دىيىشكىنىنى ئىنىق ئاڭلاپتۇ. 3.ھېچكىم مەندىن تالاشمايدۇ بىر يىگىت كەچلىكى ئاپتۇسقا ئولتۇرۇپ ئۈيىگە قايىتماقچىبوپتۇ،لىكىن ئۇ بىكەتكە كەلگەندە بەك كەچ بوپ كەتكەن بۇلۇپ يىگىتمۇ يەنە ئاپتۇبۇسبار يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلالماپتۇ،لىكىن پىيادە ماڭغۇسىمۇ كەلمەپتۇ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىبەك يىراقتا ئىكىن شۇنىڭ بۇ يىگىت ساقلاپتۇ،ساقلاپتۇ،ئۇ ئەمدى ماشىنا كەلمىگۈدەكدەپ ئويلاپ تۇرشىغا يىراقتىن بىر ئاپتۇبۇسنى كۈرۈپ ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ ماشىنىنىتوسۇپ ماشىنىغا چىقىپتۇ،ئۇ ماشىنىغا چىقىپ تۇلىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىپتۇ،چۈنكىئادەتتە قۇشۇمچە ئاپتۇبۇسقا چىقىدىغانلار بۇنداق كۆپ بولمايىتتى چۈنكى يول يىراقتە،لىكىن بۇ ماشىنىدا ئادەم لىقبۇلۇپ پەقەت بىرلا ئۇرۇن بوش ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا ئىچى ئادەتتىن تاشقىرىجىمجىت بۇلۇپ بىرەر ئادەممۇ گەپ قىلماي ئولتۇراتتى......ئۇ سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدىيۇيەنىلا بوش ئۇرۇنغا بېرىپ ئولتۇردى،ئۇ بوش ئۇرۇننىڭ قېشىدا بىر قىز ئولتۇراتتى،ئۇئولتۇرشىغا ئۇ قىز بوش ئاۋازدا ئۇنىڭغا‹سىز بۇ ماشىنىغا چىقماسلىقىڭىز كېرەكئىدى›يىگىت ھەيران بۇلۇپ قىزغا قاراپتۇ قىز ‹بۇ ماشىنا تىرىك ئادەملەر ئولتۇردىغانماشىنا ئەمەس،سىز ماشىنىغا چىقىشىڭىز بىلەنلا ئۇلار(قىز ئەتراپتىكىلەرنى كۆرسىتىپ)سىزنى ئۆلتۈرۈپ يەۋېتىدۇ›.يىگىت ناھايىتى قورقۇپتۇ،لىكىن قانداق قىلىشىنىبىلەلمەپتۇ،نەتىجىدە ئۇ قىز ئۇنىڭغا‹ئەنسىرمەڭ مەن سىزنىڭ قېچىپ كىتىشىڭىزگەياردەم قىلىمەن›دەپتۇ ۋە يىگىتنىڭ قۇلىنى تارتقانچە ماشىنىنىڭ ئەينىگىنى ئېچىپماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ كىتىپتۇ،ئۇلار سەكرىگەن ۋاقىتتا يىگىت باشقىلارنى‹قاراپتۇرۇپ ئۇلارنى قاچۇرۇپ قويدۇققۇ ›دەپ ۋارقىراشقىنىنى ئاڭلاپتۇ،يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپئۈزىنىڭ بىر ئادىمزات يوق دۆڭلۈكتە تۇرغىنىنى ھېس قىپتۇ،يىگىت يىنىك بىر تىنىۋېلىپئۇ قىزغا ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىپتۇ،ئۇ قىز بولسا ناھايىتى غەلىتەكۈلۈپ‹ئەمدى ھېچكىم مەندىن تالاشمايدۇ ›دەپتۇ........... تەرجىمە قىلغۇچى:نۇرنىسە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرنىسە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-21 08:47 PM
|
|
|
|
|
|