مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7780|ئىنكاس: 46

«كىروران گۈزىلى» نىڭ ئىرقى زادى نېمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2492
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10734
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 08:19:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«كىروران گۈزىلى» قەدىمىيلىكى ۋە بىجىرىم ساقلانغانلىقى، شۇنداقلا قەدىمكى بىر مەدەنىيەت ياراتقۇچىلىرىدىن

بولىشى سەۋەپلىك تولىمۇ مەشھۇر بولۇپ، ئېلىمىز ئارخىلوگلىرى بۇ قەدىمىي جەسەتنى 1978-يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىپ چىقارغان. بۇ قەبرىستانلىق شەرىقى مىرىدىئان88گىرادۇس55مىنۇت21سىكۇنىت، شىمالىي كەڭلىك 40 گىرادۇس 40 مىنۇت 35 سكۇنىتقا جايلاشقان بولۇپ، لوپ كۆلى بىلەن بولغان ئارلىقى 70كىلومېتىر، كىروران قەدىمىي شەھرىدىن كۆرلا تەرەپكە ماڭىدىغان يىپەك يولى بويىدا بولۇپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ قۇرۇق ئېقىنى بىلەن بولغان ئارلىقى ئىككى كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. ئارخىلوگ ۋاڭ بىڭخۇا ئەپەندە بۇ قەبرىستانلىق ھەققىدە :«بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىق بىزگە شىنجاڭ رايونىدا ناھايىتى قەدىمىي رايون ئالاھىدىلىكە ۋە يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلككە ئېگە ئارخىلوگىيىلىك مەدەنىيەتنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دەپ يازىدۇ .  
  «كىروران گۈزىلى» بايقالغان قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان بويۇملارنى ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ :نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى جۇغراپىيە ۋاكۇلتېتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى تېخنىكا بۆلىمى، بىيجىڭ ئونۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئارخىلوگىيە كەسپى كاربون14تەجرىبىخانىسى، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مەدەنىيەت يادىكەرلىقلىرى قوغداش تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى كاربون 14 تەجرىبىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار يىل دەۋرىنى تەجرىبە قىلىپ بېكىتكەن .

   نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى شىنجاڭ ئۆسۈملۈك، تۇپراق، قۇملۇق تەتقىقات ئورنى مۇشۇ قەبرىستانلىقتىن ئالغان ياغاچ ئەۋرىشكىسىنى تەجرىبە قىلىپ، بۇنىڭدىن 117+-(پىلوس مىنوس)6412 يىل بۇرۇن دەپ بېكىتكەن. مۇشۇ قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان باشقا ھەمدەپنە بويۇملىرى تەجرىبە قىلىنىپ، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ بۇنىڭدىن 3800يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپلىقىنى بېكىتكەن ھەمدە لوپلۇق يەرلىك ئاھالىنىڭ ئارخىلوگىيىلىك مەدەنىيىتى دېگەن قاراش ئومۇملاشقان..

تەتقىقات ئارقىلىق«كىروران گۈزىلى» نىڭ ۋاپات بولغاندا يېشىنىڭ 40-45 ئىكەنلىكىنى، قان تىپىنىڭ O بولۇپ ، بوي ئېگىزلىكىنىڭ 155.8 سانتىمېتىر ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى .

   ئارخىلوگ مۇ شۇنيىڭ خانىم «كىروران گۈزىلى» نىڭ ئەينى چاغدىكى ھالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ : «بۇ بىر ئايالنىڭ جەسىتى بولۇپ، مۇكەممەل ساقلانغان. بويى 150 سانتىمېتىر بولۇپ، جەسەتنىڭ يۈزى سۈزۈك، ئۇنىڭ ئورۇق ھەم چوڭ ئېڭىكى ئۈچلۇق، چوڭقۇر كۆزلىرى سەل-پەل يۇمۇلغان، تۈز ھەم بىگىزدەك بۇرنى بولۇپ، نېپىز لەۋلىرى چىڭ يۇمۇلغان، تېرىسى قوڭۇر، چاچلىرى سارغۇچ قوڭۇر بولۇپ، مۈرىسىگە تەبىئي يېيىلىپ تۇرىدۇ... »

    «كىروران گۈزىلى» ھەققىدە ئارخىلوگ ئابدۇقەييۇم خوجا مۇنداق يازىدۇ :«لەھەت سوقىچاق تۆت چارسا قىزىلغان بولۇپ ، چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىر ئەتراپىدا، ئۇزۇنلىقى 1.74 مېتىر ، كەڭلىكى 0.7 مېتىر ، لەھەت ئىچىگە بىر ئايال (كىروران گۈزىلى ) ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان پېتى قويۇلغان. يۈزىگە كەندىر چىۋىقلىرى ۋە باشقا بەرسىلەردىن ناھايىتى قېلىن ۋە زىچ قىلىپ قاتۇرۇپ توقۇلغان بىر خىل ئالاھىدە ياپقۇ يىپىلغان. ئايالنىڭ بېشىغا قوڭۇر رەڭلىك كىگىزدىن تىكىلگەن ئۇچلۇق قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، قالپاقنىڭ سول يېنىغا ئىككى تال قۇش پېيى (قۇشنىڭ قانات پېيى بولىشى مۈمكىن) قالپاققا قىستۇرۇلغان. (پەيلەرنىڭ بىرى بېجىرىم ساقلانغان، يەنە بىرى بۇزۇلغان). ئۇچىسى (بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمى) نى قوڭۇر رەڭلىك يىپتىن قوپال تۇقۇلغان يۇڭ تۇقۇلما يۆگەلگەن بولۇپ، كىپەنلىك قىلىنغان بۇ يۇڭ تۇقۇلمىنىڭ چۆرىسى ئۇچلاپ تەييارلانغان بىگىزسىمان (يۇلغۇن چىۋىقلىرى) بىلەن ئىلىپ قويۇلغان. مىيىتنىڭ سول يېنىغا (باش بىلەن سول مۈرىسىگە يېقىن جايدا) لوپنۇر كەندىرىنىڭ چىۋىقلىرى ۋە باشقا نەرسىلەردىن ناھايىتى قېلىن ۋە زىچ قىلىپ تۇقۇلغان تەكتى يۇمىلاق بىر خىل ئالاھىدە بويۇم (بۇ خىل تۇقۇلغان بۇيۇمدىن سۇ ئۆتمەيدۇ) قويۇلغان. پۇتىغا بۇغا تېرىسىدىن تىكىلگەن پوپۇچ كىيدۈرۈلگەن»
  «كىروران گۈزىلى» نىڭ بۇنىڭدىن قانچە بالدۇر دەپنە قىلىنقانلىقى توغرىسىدا تېخىچە ئىختىلاپ بار. چۈنكى ئىككى سانلىق مەلۇماتنىڭ پەرىقى بەك چوڭ بولۇپ، ناۋادا ياغاچ شۇ قەبرىنىڭ ئىچىدىن ئېلىنغان بولسا، 3800 يىل ئاشۇ قەبرىدىكى يادىكارلىقلارنىڭ كۆپرەكىنىڭ يىل دەۋرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. قەبرىستانلىقتىن ساپال بويۇملەرنىڭ تېپىلماسلىقىمۇ ئۇنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئېگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا . بۇ جەسەتنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى تارىختا ناھايىتى ياخشى ساقلىنىپ قېلىشى ھاۋا كىلىماتى ۋە جۇغراپىيىلىك مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، ئارخىلوگ تەن لىن ئويلىمىغان يەردىن بۇ جەسەتكە ئاقسىل تۈردىكى ماددىنىڭ سۈرتۈلگەنلىكىنى بايقىغان. چەرچەن ناھىيىسى تەۋەسىدە مىلادىدىن ئون ئەسىر بۇرۇنقى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرگىمۇ بىر قەۋەت ئاچ سېرىق ماددىنىڭ سۈرتۈلگەنلىكىنى بايقىغان. لېكىن خىراجەت ۋە شارائىت تۈپەيلى، بۇ ماددىنى ھازىرغىچە ئېنىقلاش مۈمكىن بولمىغان .
  ئارخىلوگىيە نۇقتىسىدىن تارىخ بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، بۇنىڭدىن 4000 يىللار مۇقەددەمكى جەسەتنى پالانى مىللەت دەپ ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى شۇ ۋاقىتتىكى ئاھالىلەر ھەققىدە ئېنىق يازما ماتېرىيال يوق. يەنە كېلىپ مىللەتمۇ شەكىللەنمىگەن. ئىنسانلار توپىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپمۇ بولمايدۇ. ئەمما ئىرقىي جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنچە بېرىش مۈمكىن. «كىروران گۈزىلى» نىڭ ئىرقىي ۋە قان تىپى ۋە مىللەت تەركىۋى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە قاراش بار :
  بىرىنجى قاراش: ئېلىمىزدىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار دەسلەپكى قەدەمدە «بۇ جەسەتتە قەدىمىي ئارىئان ئىرقىي ئالاھىدىلكى بار بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت ئايالىدۇر» دەپ ھۆكۈم قىلدى .
  ئىككىنجى قاراش : ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئىنسانشۇناسلىرىدىن خەن كاڭشىن ئەپەندى: «كۆنچى دەياسىنىڭ ئاياغ ئېقىندىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق جەسەتلىرىدە ياۋۇرپا ئادەملىرىنىڭ ئىرقىي خۇسۇسىيەتلىرى گەۋدىلىك» دەپ يازىدۇ .
  ئۈچىنجى قاراش : ئۇيغۇر ئارخىلوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى بولسا«ئىپتىدائىي ياۋرۇپا ئىرقىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ناھايىتى گەۋدىلىك» دەپ قارايدۇ.
ئۇنداقتا «كىروران گۈزىلى» ۋە «كىروران گۈزىلى» تېپىلغان قەدىمىي قەبرىستانلىق، كىروران شەھەر ئەتراپىدىن كەلگەن بۇ قەدىمكى جەسەتلەر بۇ زىمىندا قانداق پەيدا بولۇپ قالدى؟ بەزى ئالىملار ئېيىتقانداق ياۋرۇپادىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەنمۇ؟
ياق، بەزى غەرب كىشىلىرى بۇ ياۋرۇپا ئىرقىدىكى كىشلارنى ياۋرۇپادىن كەلگەن ۋە شەرققە مەدەنىيەت تارقاتقان دەپ ئۆزلىرىنىڭ «غەرب مەركەز، ئارىئان ئىرقىي ئىسىل ئىرق ۋە دۇنياغا مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلار» دېگەن نەزەرىيىسىنى داۋاملىق بازارغا سېلىشتىكى كوزىر دەسمايىسى قىلماقتا... بەزى كىشلەر بولسا شۇ نەزەرىيىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ دوسىت تارتىشماقتا . ئەگەر بىز ياۋرۇپا ئىرقىنى ياۋرۇپا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويساق ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ياۋرۇپا ئىرقىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاھالىلەرنى ياۋرۇپادىن كەلگەن چۈشۈندۈرىمىزمۇ؟
ئەجەبا،«سوۋىت ئىتتىپاقى چوڭ ئىنىسىكلوپىدىيىسى 26-تومىدا «ئانتىروپولوگىيلىك تىپ جەھەتتە ئۇيغۇرلار ياۋرۇپا ئىرقىغا تەۋە، ئۇيغۇرلارغا ئاز مىقدارغا مۇڭغۇل ئىرقىي ئامىللىرىمۇ ئارلىشىپ كەتكەن دىسە، 44-تومىدا : «ئانتىروپولوگىيدە ئۇيغۇرلار بىر خىل ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىراخېكىفىلىق پامىر-پەرغانە ياۋرۇپا ئىرقىي تىپى ئۈستۈن تۇرىدۇ . بۇ تىپقا مۇڭغۇلۇئىد ئامىللىرىمۇ ئارلاشقان» دېيىلگەن . ئېلىمىز ئالىملىرىدىن رىنيىفىي بىلەن دوكتۇر ياسىن ھوشۇر : دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىنسانشۇناس ئالىملارنىڭ تەتقىقاتى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇر ئىرقىي ئالاھىدىلكىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل تىپ بار:
بىرىنجى : يەكەن دەرياسى بويىدىكى مارالبىشى، خوتەن ھەم تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى گىرۋەكلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا ياۋرۇپا ئىرقىنىڭ پامىر-پەرغانە تىلى (ئوتتۇرا ئاسىيا ئىككى دەريا تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) گەۋدىلىك.
ئىككىنچى : دولانلىق، كەلپىن، ئاقسۇ، پەيزىۋات قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا جەنۇبىي سىبىرىيە ئىرقىي زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
  ئۈچىنچى : يەنە بىر قىسىم ئادەملەر ياۋرۇپا ئىرقىنىڭ ئۇزۇن-ئوتتۇرا باشلىقلار تىپىنى تەشكىل قىلىدىغان ئوتتۇرا دېڭىز ئىرقىي گۇرۇھىنىڭ ھىندى-ئاففان تىپىغا كىرىدۇ دەپ يازىدۇ .
ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارمۇ ياۋرۇپادىن كەلگەنمۇ؟
ئەمەلىيەتتە مەيلى ياۋرۇپا ئىرقىي دەپ ئاتالسۇن ياكى ئارىئان ئىرقىي ناملاشسۇن، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ياۋرۇپادىن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ. ئىرق بىئولوگىيلىك ئالاھىدىلىك بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بىر مىللەت بىرلا ئىرىققا تەۋە بولىشىمۇ، شۇ مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ بىر قانچە ئىرقىي ئالاھىدىلىكنى سىڭدۈرگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇ جۇغراپىيلىك مۇھىت ۋە كىلىماتنىڭ تەسىرىدە مەلۇم ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشىمۇ مۈمكىن. مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا نىكاھلىنىش تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىدە ئىرقىي جەھەتتە مەلۇم ئۆزگىرىش بولىشى مۈمكىن. شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىرقىي ياۋۇرپا ئىرقىي تىپىغا تەۋە بولسىمۇ، ئەزەلدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، يەرلىك قەدىمىي ئاھالە، شۇنداقلا تارىم ۋادىسىنىڭ تۈپ ئاھالىسى مىلادىينىڭ بېشىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋرۇپاغا كۆچكەنلىكى ھەققىدە يازما پاكىتلار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىي ياۋرۇپالىق بولۇپ، كېيىن شىنجاڭغا، جۈملىدىن تارىم ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا پاكىت يوق. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي مەسلىسىدە ئامېرىكا دۆلەت سەھىيە تەتقىقات ئورنى ئىممۇنىتىت-ئىرسىيەت تەجرىبىخانىسدىكى جاۋ تۇڭماۋ ئەپەندىم قەربىي شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىرسىي گىنىنى ئانالىز قىلىپ ۋە ھېسابلاپ: «ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى تۈر جەھەتتىن مۇڭغۇل ئىرقى بىلەن كاۋكاز ئىرقىنىڭ (ياۋرۇپا ئىرقى) قۇشۇلمىسىدىن كەلگەن» دېگەن يەكۈنگە ئېرىشكەن .
ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئارخىلوگى ۋاڭ پىڭخۇا: «ئۆردەك قەبرىستانلىقى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن 10 ئۇرۇندا بايقالغان ئىنسانلارنىڭ ئىزىدىن كىرورانلىقلارنىڭ ئىرقىغا مەسلىسىگە جاۋاپ بېرىدۇ: « خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىروران پادىشاھلىقى دەۋرىدىكى كىروران ئاھالىسىنىڭ ئىرقىي تەركىبىدە يېڭى تەرەققىيات بولغان. ئۇلار كاۋكاز ئىرقىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇڭغۇل ئېرقىدىكىلەرمۇ بار» دەپ يازىدۇ .
بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ پىرافىسورى لىن خەيسۇن: «بۇ ئىككى قېتىملىق ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىز كىرورانلىقلارنىڭ شەرقتە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قەدىمكى ھىندى-ياۋرۇپالىقلار ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدۇق» دەيدۇ .
ئەنگىلىيە ئىنسانشۇناسى كىتئارخىلوگ سىتەيىن يىغقان ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئىرقىي جەسەتتىن «كىروران تىپى» نى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، ئۇ كىروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭىكىنى سىزىش ۋە ئۆلچەش ئارقىلىق: «بارلىق باش سۆڭەكلەر بىرلا مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلاردا مۇڭغۇل ئىرقىي بىلەن كاكاز ئىرقي-ئىككى ئىرىقنىڭ ئالاھىدىلكى بولۇپ، ئوتتۇرا تىپتۇر، بۇ تەبىئىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى» دەيدۇ .
گېرمانىيىلىك ئىنسانشۇناسلاردىن كائىل ھىرمان يۇرتجۇ ۋە ئاندىرىس ۋالىندېر ئون نەچچە جەسەت (مىرەندىن تېپىلغان 3 جەسەت ۋە لوپ كۆلى بويىدىن تېپىلغان 5 جەسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى تەتقىق قىلىپ، بۇ جەسەتلەرنىڭ «كىروران تىپى» بىلەن ناھايىتى چوڭ ئورتاقلىققى ئېگە ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان .
قىسىم ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئېگە غەرب ئالىملىرى غەرەزلىك ھالدا ئېيىتقان: « ياۋۇرپا ئىرقىنىڭ تەسىرى بار جەھەتلەرنى ياۋرۇپادىن كەلگەن دېگەن قاراشلارغا قارشى ئۇلارنڭ ئەزەلدىنلا ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ». شۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكىلىق ئالىم ئىسابىللا بولۇپ، ئۇ: -شىنجاڭنىڭ قەدىمىي ئاھالىسى ياۋرۇپا بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟«شىنجاڭنىڭ قەدىمقى ئاھالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى» قاتارلىق ماقالىلىرىدە بۇ خىل كۆز قاراشقا رەدىيە بېرىدۇ .
: قەدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى قەيەردە؟
   «ناھايىتى كۆپ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ بۇ رايۇندا بار بولۇپ، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبىك، ۋە تاتارلارغا سەپ سېلىپ قاراپ باقساق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىدا ئېنىق كاۋكاز ئالاھىدىلكى بار، شۇڭا نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمقى مىللەتلەر دەل بۇ كىشلەرنڭ قەدىمقى ئەجدادلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ يازسا؛
فىرانسىيلىك پيېر دىليانۇئا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: «كىروران گۈزىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى» دەپ كۆرسىتىدۇ . ,
«كىروران گۈزىلى» نىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرىنىڭ كىملىكى يەنە كۆپلەپ تەتقىق قىلىشنى كۈتىدىغان چوڭ تېما بولۇپ، بىزنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىشىمىزنى كۈتمەكتە !
,
بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى. ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://lopnuri.blogbus.com/logs/115233927.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-21 07:02 PM  


ئەرنىڭ مىڭلارچە دۈشمىنى بولمىسا كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتى بولمىسا،ئۇ قانداق ئەر بولسۇن؟ قارا ، مىڭ ئىتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەن بۆرە بۆرە بولامدۇ؟

ھەممىڭلارغا تىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11398
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7571 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 09:17:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بۇ كىرورەن گۇزىلىنى قايسى مىللەت  مەن تۇققىنى دەپ چىقا ؟  

ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر ئۇيغۇر خەۋەر تورىدا مەرھەممەتwww.uyhawar.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89921
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1542
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 09:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۈتكۈل دۇنيا سىرلىرىنىڭ ئاچقۇچى مۇشۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ، بىز ياۋرۇپادىن كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس بەلكى ياۋرۇپالىقلار بىزدىن كۆچۈپ بارغان ، بىز ياۋروپالىقلار قان سېستىمىسىغا  تەۋە ئەمەس بەلكى  ياۋرۇپالىقلار ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار قان سېستىمىسىغا تەۋە

ئانا تىلىمىز بىزدىن يىراقلاشقىنى يوق ، بەلكى بىز ئانا تىلىمىزدىن يىراقلىشىۋاتىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3063 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 09:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ چاغلاردىلا ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىنىدا ئىدىغۇ؟... ئەمدى بىز بۇ يەرگە باشقا يەردىن كەلگۈندى بۇلامدۇق بۇ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان بىر خەنىڭ گىپى بىلەنلا...
بۇددا دىنىنى بۇ خەققە بىز تارقاتقىنىمىزمۇ مۇنبەرلەرگە چىقمايدىكەنغۇ...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96822
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 131
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-8-8
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 10:18:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2013-8-21 09:57 PM
شۇ چاغلاردىلا ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىنىدا ئىدىغۇ؟... ئەمد ...

ئۇ چاغلاردا بوددا دىنى نىمە قىلسۇن .كىرورەن گۈزىلى دىگەن 4000-6000يىللىق تارىخقا ئىگە تۇرسا ،بوددا دىننى ئۇيغۇرلار سەككىزنىچى ئەسىردىن كېيىن قوبۇل قىلغان ن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44468
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3563
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 10:19:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۇر.سىزنىڭ ئەجىرىڭىز بىلەن ‹‹كىرۇرەن گۇزىلى ››تۇغرىسىدا كۆپلىگەن چۇشەنچىگە ئىگە بۇلدۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92438
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 11:09:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2013-8-21 10:03 PM
ھەجەپ تالىشىپ كەتتى بۇ كارغا كەلمەس جەسسەتنى..........  قاي ...

ھەرقانداق بىر ئەقلى جايىدا مىللەت ۋە قەۋىم ئۆز ئاتا بوۋۇللىرىنىڭ ئىزىنى تېپىىشنى ئىستەيدۇ،بىكاردىنلا بىگۇناھ روھناتنى چىشلەپ تارتىپسىز……تۆۋبە قىلىڭ قىساسىغا كەتمەڭ يەنە قېرىندىشىم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زەنجىر + 34 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 34   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 11:11:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۇر........ئەجىرىڭىزگە رەھمەت

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!
JAMES0991 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 11:30:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 11:31:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ ئەجىرىڭىز بىلەن ‹‹كىرۇرەن گۇزىلى ››تۇغرىسىدا كۆپلىگەن چۇشەنچىگە ئىگە بۇلدۇم.رەھمەت سىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش