مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2366|ئىنكاس: 0

مورسىدىن كېيىنكى مىسىر  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26558
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7822 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 08:13:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


مورسىدىن كېيىنكى مىسىر
ئاپتورى: جېشكا فىچېر (گېرمانىيە)
تەرجىمىدە: نەپرەت 2009


ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ


گەرچە ئەڭ دەسلەپتە پارچە پۇرات ئۇچقۇنلار تۇنىستا يانغان بولسىمۇ، لېكىن مىسىر ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ يادروسى. ئەمما مىسىر ھەمدە ئۇنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى، مۇقىم چېگرا لىنىيىسى، غايەت زور نوپۇسى ۋە قەدىمىي تارىخى سەۋەبلىك، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئەرەب دۇنياسىدىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ كەلدى، مىسىرنىڭ ئەرەب تارىخىنىڭ يۆلىنىشىنى بەلگىلەشتىكى رولىنى باشقىلار باسالمايدۇ. بۇ مىسىرنىڭ ئاۋام سايلاپ چىققان پرېزىدېنتى مورسىنىڭ تەختتىن چۈشۈشى تېخىمۇ كەڭ ئىنكاس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مورسىنىڭ تەختتىن چۈشۈشى تىپىك ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇشمۇ؟ ياكى سىياسىي ئۆزگىرىش مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ھوقۇقنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مىسىر ئىقتىسادىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە مالىمان ھالدا دىنىي مۇستەبىتلىككە قاراپ مېڭىشتىن ساقلىنىشمۇ؟
مىسىردا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرش ئىكەنلىكىنى ياكى سابىق پرېزىدېنت مۇبارەك ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچلىرى قايتىدىن ھوقۇقنى كونترل قىلغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. ئەمما 2011-يىلدىكى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئەينى چاغدا ئاز ساندىكى غەربپەرەس ئەركىنلىكپەرۋەرلەر ۋە سانى غايەت زور شەھەر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىسىدىكى ياشلار مۇبارەككە قارشى تۇرغان، بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش كىشىلەر توپى سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللاپ، سىياسىي ئۆزگىرىشنى بەلگىلىك دەرىجىدە (دېموكراتىيەمۇ؟) قانۇنلۇققا ئىگە قىلدى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ خەلق سايلىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئارمىيە تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىشىنى يېپىپ قالالمايدۇ.
ئۇنداقتا، بۈگۈنكى مىسىرنىڭ كۆز قارىشى قانداق؟ ئالجىرىيە پاجىئەسىنى قايتىلامدۇ؟ ئالجىرىيە ئارمىيىسى بىر قېتىملىق سايلامنى بىكار قىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ ھوقۇقنى كونترول قىلىشىنى توسۇپ قالدى، ئاقىۋەتتە 8 يىللىق ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 200 مىڭ ئادەم بۇ سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. مىسىر ھەربىي مۇستەبىتلىككە قايتامدۇ؟ ياكى مىسىر ئەڭ ئاخىرى ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۈركىيەنىڭ كامالىزىمچە «دېموكراتىيە» نى، يەنى ھەربىيلەر كونترول قىلىدىغان قورچاق مەمۇرىي ھۆكۈمەتنى كۈتۈۋالامدۇ؟ بۇ ئۈچ يولنىڭ ھەممىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئەمما كونكرېت قايسى يول ئىكەنلىكىنى ئالدىن بىلگىلى بولمايدۇ.
ئەمما بىر نۇقتىنىڭ جەزىملەشكەنلىكى شەك-شۈبھىسىز دېيىشكە بولىدۇ، يەنى مىسىرلىقلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ھوقۇقنىڭ تەقسىملىنىشىدۇر. غەربكە ئېغىشقان ئەركىنلىكپەرۋەرلەرنىڭ ھەر قانداق ھەقىقىي ھوقۇقى يوق، دەل بىز كۆرگەندەك، ئۇلار ئارمىيەگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ. بىز مورسىنىڭ 2012-يىلدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا رىقابەتچىسىنىڭ شەفىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، شەفىق سابىق گېنرال، مۇبارەكنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى مۇۋەققەت باش مىنىستىر، ئېنىقلا ئەركىنلىكپەرۋەر ئەمەس.
مەيلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ياكى ئارمىيە غەلبە قىلسۇن، ھەممىسى دېموكراتىيەنىڭ غەلىبىسى ئەمەس. 2006-يىلدىن بۇيان غەززە (گازا) رايونىنى كونترول قىلىۋاتقان خاماس تەشكىلاتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ غەرىزىدىكى بىر مىسال: مۇددىئاسى ئارمىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تولۇق ھوقۇقتۇر. ئوخشاشلا، 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ ھوقۇق تۇتۇۋاتقان مىسىر ئارمىيىسىمۇ نەچچە ئون يىللىق ھەربىي مۇستەبىتلىك تارىخنىڭ نەتىجىسى.
ئەمما ھازىر ئۈچىنچى ھەم يېڭى پەيدا بولغان ئامىلنىڭ رولى بار، ئۇ ھوقۇقنىڭ شەكلى ئارمىيە ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى دەڭسىمەكتە. ئىككى يىلدىن بۇيان ناميىشقا رەھبەرلىك قىلىش ئارقىلىق، شەھەر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىسى ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە ئۇلار تېخنىكا ۋە سۆز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، مىسىرغا ئالاقىدار يەر شارىۋى بەس-مۇنازىرىگە يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.
بۇ ياشلار ھوقۇقنى ئەمەس، ئالغا بېسىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئۇلار كەلگۈسىدە ئىنتېرنېت ۋە غەربتىن ئىگىلىگەن تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ھەرىكەتكە تۈزۈم سىياسىيسىغىچە يېتەكچىلىك قىلىنسا، مىسىردىكى ھوقۇقنىڭ تەقسىملىنىشىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مىسىرنىڭ ئويۇنىنى بۇ ئۈچ بۇرجەك زىددىيەت ھەمدە بۇ ئۈچ توپنىڭ تەلىپى بەلگىلەيدۇ. بىز ياشلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھەربىي مۇستەبىتلىكتە ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بۇنىڭدىن سىرت، كەڭ كۆلەملىك نامراتلىق 2011-يىلدىكى ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىدىكى ئىككىنچى ئامىل.
ئارمىيە ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ توقۇنۇشىنىڭ سەۋەبى پەقەتلا دىنىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئەرەب جەمئىيىتىدە تولۇپ ياتقان ئىجتىمائىي مەسىلە. باراۋەرسىزلىك مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە الىدۇ. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئۈنۈملۈك ھالدا 19-ئەسىردىكى ياۋروپا سولچىل سىياسىي پارتىيىلىرىگە ئوخشاش رول ئوينىدى. ئەگەر سەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى ئويلىساڭ، چوقۇم ئۇ پەيدا قىلغان ھەمدە ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلىنى قەتئىي ھەل قىلىشىڭ كېرەك.
بۇ ئەڭ ئاخىرى قانداق ھەل قىلىش لايىھىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرزىسنى (بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى) ۋە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قىلالماسلىقى ئارقىلىق ئۆلچەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پۇرسەت ناھايىتى ئاز.
ئەرەب دۇنياسىغا قاراپ باقساق، مىللەتچىلىك جەمئىيەتنى بوغۇپ، ھەمكارلىق، تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي جەمئىيەت قۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلماقتا. كىرىزىس ئىچىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى بەك كىچىك، يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقىشى مۇمكىن ئەمەس؛ بارلىق جەھەتلەردە ئىلگىرىلىشى ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار كەڭ ياشلارغا ئاكتىپ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاتا قىلالمايدۇ. ئۇلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە موھتاج، ئورتاق تىل ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسى ياۋروپانىڭكىدىن تېخىمۇ ياخشىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مىسىردا، غەرب ئۈچ چوڭ سىياسىي ئەمەلىي كۈچلەر بىلەن، يەنى ئارمىيە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ۋە شەھەر ياشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك، چۈنكى قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا يەككە كۆز قاراشقا ئىگە ھەل قىلىش لايىھىسى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ يامان ئەھۋال بولسا يەنە بىر قېتىم چەتلەشتۈرۈش، ھەتتا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا، ھەتتا ئىسلام سىياسىي كۈچلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىشتۇر.
تېخىمۇ كەڭرى قىلىپ ئېيتقاندا، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى لىۋاننى تەۋرەتمەكتە ھەم ئىئوردانىيەگە تەھدىت سالماقتا، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىراقمۇ ئوخشاش مەزھەپ زوراۋانلىقىنىڭ نابۇت قىلىشىغا ئۇچرىماقتا، شۇڭا مىسىر ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشى ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىكى بېشارەت، ھېچ بولمىغاندا نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا شۇنداق. بارلىق جايلاردىكى سىگناللار ئەكسى يۆلىنىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە.
ئەمما بىزمۇ ئالدانغانلىقىمىزنى بىلدۇق. ھوقۇق كۈرىشى ئىكەنلىكى ئاللاقاچان جەزىملەشتى، ئەمما بۇ ئىلگىرىكى ئەھۋالغا قايتىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز بۈگۈنكى كۈندە 1948-يىلدىكى ياۋروپا ئىنقىلابى بىر يىلدىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرگەندە بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۇق. پادىشاھلىق تۈزۈم نەچچە ئون يىللىق ھوقۇقنى داۋاملىق كونترول قىلدى، ئەمما سانائەت ئىنقىلابى ۋە دېموكراتىيەنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋەزىيەتنى توسۇپ قالالمىدى.
ئەمما، بىزمۇ بۇنىڭ ياۋروپاغا كەلگۈسىدە بىر ئازمۇ خاتىرجەملىك ئاتا قىلمىغانلىقىنى بىلدۇق. ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئۇچرىشى مۇمكىن بولغان تەسىر ئۇنچە چوڭقۇر بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما يېقىنقى كەلگۈسىدە ئېنىقلا تىنچ ۋە مۇقىم بولالمايدۇ.
مەنبە: ئوكيان تورى؛ ئاپتور جېشكا فىچېر گېرمانىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە دېپلوماتىيە مىنىستىرى (1998-2005) بولغان.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش