شياڭگاڭدادورا باھاسى نېمە ئۈچۈن ئەرزان؟
فېڭ چىڭياڭ
دولان تەرجىمىسى
يېقىندامال باھاسى سەۋەبىدىن، ئىچكىردىكى نۇرغۇن كىشىلەر شياڭگاڭغا بېرىپ دوراسېتىۋالغان، بىر قۇتا خېسەيتىڭ < 赫塞汀 > ( سۈت بېزى راكىنى داۋالايدىغان دورا. تەرجىماندىن ) نىڭ شياڭگاڭدىكى باھاسى 18400 يۈەن، ئەكسىچە شېنجېندىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا 24500يۈەن بولۇپ، باھا پەرقى 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. جېڭ خانقىز سۈت بېزى راكىغا گىرىپتاربولغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىپ راك ئۆسمىسىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، چۇقىم بىرتەرەپتىن خىمىيىلىك داۋالاپ يەنە بىرتەرەپتىن ھەر ئايدا بىر قۇتا خېسەيتىڭ <赫塞汀> نى ئىچىشكى توغرا كەلگەن. بىر يىل بورۇن ئۇ شياڭگاڭغا بېرىپ خېسەيتىڭ < 赫塞汀 > سېتىۋالغان، شۇنداق قىلىپ بىر يىلدا 12 مىڭ يۈەنلىك دورا پولىنى تېجەپ قالغان. بۇ ئىشقا قارىتا بەزى تورداشلار « قارىغاندا شياڭگاڭغا بېرىپ سۈت پاراشوكىدىن باشقا كۆپرەك دورا سېتىۋالساق بولغۇدەك » دەپ مازاق قىلماقتا.
ئىچكىردىكى دورا باھاسى نېمە ئۈچۈن قىممەت؟
تورداتەكشۈرگەندىمۇ ئىچكىر بىلەن شياڭگاڭنىڭ دورا باھاسى ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىدۇ،ئالايلۇق ئۇچەي راكىغا ئىشلىتىدىغان ئەيبىتاۋ < 爱必妥 > نىڭ ئىچكىردىكى باھاسى 4698 يۈەن، شياڭگاڭدىكى باھاسى 3200يۈەن؛ جىگەر راكىغا ئىشلىتىدىغان دوجىمېي < 多吉美 > نىڭ ئىچكىردىكى باھاسى 24267 يۈەن، شياڭگاڭدىكى باھاسى 17600يۈەن؛ ئاققان كېسىلىگە ئىشلىتىدىغان گېلىۋېي < 格列卫 > نىڭ ئىچكىردىكى باھاسى 25500 يۈەن، شياڭگاڭدىكى باھاسى 17760يۈەن؛ سۈت بېزى راكىغا ئىشلىتىدىغان خېسەيتىڭ < 赫塞汀 > نىڭ ئىچكىردىكى باھاسى 24500 يۈەن، شياڭگاڭدىكى باھاسى 15200يۈەن. شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، بەزى دورىلارنىڭ باھا پەرقى 10 مىڭ يۈەن گەيىتىدۇ.
« شياڭگاڭغابېرىپ سۈت پاراشۇكى سېتۋېلىش » دىن « شياڭگاڭغا بېرىپ دورا سېتىۋېلىش » قىچە،ئىچكىردىكى كىشىلەر شياڭگاڭغا بېرىپ يەنە نۇرغۇن نەرسىنى سېتىۋېلىش لازىملىقىنى بايقىغان، بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت بىر « ئەرزان » « بىخەتەر ».قارىغاندا شياڭگاڭدىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ مەرۋايىت پەقەت ئالتۇن سېتىۋېلىشتىكى كۆڭىلدىكىدەك جاي بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەرزان مال سېتىۋېلىشنىڭ جەننىتىگە ئايلانغان. ئەمەلىيەتتەئىچكىردىكىلەرنىڭ شياڭگاڭنى ساياھەت قىلىشى نامدا كۆڭىل ئىچىش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتەمال سېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئوخشاشبىر توۋارنىڭ ئىچكىردىكى باھاسى بىلەن زورجەھەتتە پەرقلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىچكىردىكىلەرگە نىسبەتەن قانچە كۆپ سېتىۋالساشۇنچە پايدا ئالىدۇ، بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان كىراسى ۋە ياتاق پۇلىنىمۇتىرىلدۈرۋالىدۇ.
شياڭگاڭدادورا باھاسى نېمە ئۈچۈن ئەرزان؟
ئەمەلىيەتتەشياڭگاڭدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تۇۋارلار جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان، نېمە ئۈچۈن چېگراسىرتىدا باھاسى تۆۋەن؟ بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە ئاساسلىق سەۋەب باج ئېلىش ۋە ئوبورۇت ھالقىسىدىكى تەننەرخ مەسىلىسى ئىكەن. شياڭگاڭدىكى دورا باھاسىنىڭ ئەرزانبولىشىدىكى سەۋەب، دورا زاۋۇتى بىلەن بىمارلار ئوتتۇرىسىدىكى سېتىش ھالقىسىنى قىسقارتقان بولۇپ، ئوتتۇرىدا نەپ ئالىدىغانلار يوق ئىكەن، ھۆكۈمەت باشقورۇشىدىكى دوختۇرخانىلار دورا باشقورۇش ئىدارىسىدىن دورا سېتىۋالىدىغان بولۇپ، شېرىنكانەئېلىش مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخاننىڭ دورا ئىشلىتىش تەننەرقىنى ھۆكۈمەت ئۇستىگە ئالغان بولۇپ، دورا ئەسلى باھاسى بويىچە سېتىلىدۇ.ئەكسىچە ئىچكىردىكى دورا دۇكانلىرى ياكى دوختۇرخانىلاردا باھا قوشۇش ئەھۋالى ئومۇمىيۈزلىك مەۋجۇت بولۇپلا قالماي بەلكى دوختۇرلارنىڭ شېرىنكانە ئېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دورا باھاسىغا قوشۇلۇپ پۇقرالار پۇل تۆلەيدۇ.
ئىچكىردىكى دورا باھاسىنىڭ يوقىرى بۇلىشى « دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىنى بېقىش » تۈزۈلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى دورا كەسپىگەھۆكۈمەتنىڭ ئارلىشىشى ۋە بۇ ساھەدىكى ئېغىر پارىخورلۇق ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. مەسىلەن يېقىندا گېلەنسۇشىكى « 葛兰素史克» قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان دورا كارخانىسىدىكى پارىخورلۇقنى تاراتقۇلارمۇ خەۋەرقىلدى، دۆلەت ئىچىدىكى دورا كارخانىسىنىڭ ئەزالىق تەننەرقىمۇ غايەت زور ئىكەن،مۇشۇنداق ھەرخىل پارا، شېرىنكانە قاتارلىق ھەقلەرنىڭ ھەممىسى دورىغا قۇشۇلۇپ ئاخىردا بىمارلار تۆلىگەن.
شياڭگاڭدادوختۇرلارنى باشقۇرۇش ئىنتايىن قاتتىق، دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىسى بولۇپ، كېرىمىمۇ يوقىرى، ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئەخلاق مىزانىغا خىلاپلىق قىلىشقاپېتىنالمايدۇ، بايقىلىپ قالسا جىنايى جازاغا تارتىلىدۇ، پاكلىق مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ قالسا، دوختۇرنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىستىقبالى بەربات بولىدۇ. خۇلاسىلىغاندا بىرىنچى دوختۇر بىلەن دورا ئايرىۋېتىلگەن، ئىككىنچى دوختۇرلارنى باشقۇرۇشى قاتتىق بولغان.
شاڭگاڭغا بېرىپ دورا سېتىۋېلىشتىن تۇغۇلغان ئويلار
شياڭگاڭغابېرىپ « تالىشىپ سۈت پاراشۇكى » سېتىۋېلىشتىن « دورا سېتىۋېلىش » قىچە بولغان جەريان، بىر دۆلەت ئاستىدىكى ئىككى جاينىڭ ئەھۋالى، ئىچكىردىكىلەرنىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ سۈت پاراشۇكى سېتىۋېلىشى «بىخەتەرلىك » نى چىقىش قىلغان، دىمىسىمۇ شياڭگاڭدا سېتىلغان سۈت پاراشۇكى ھەقىقەتەن بىخەتەر، بۇنىڭ سەۋەبى شياڭگاڭدا مۇكەممەل بولغان يىمەكلىكنى نازارەتقىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ بولغانلىقىدا، شۇنداقلا بۇ تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مۇستەقىل ئاخبارات ئورنى ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ ئاممىغا ئاشكارىلاش ھوقۇقىنىڭ بولغانلىقىدا، بۇخىل ئەۋزەللىك كىچىككىنە ئارالنى يىمەكلىك بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى « سەلتەنەتلىك » ئورۇنغا ئىگە قىلغان.
شياڭگاڭنىڭ كېرىمى ئىچكىرىدىن يوقىرى بولسىمۇ دورا باھاسى ئەرزان؛ ئىچكىردىكىلەرنىڭ كېرىمى تۆۋەن بولۇپلا قالماي دورا باھاسى ۋە داۋالىنىش ھەققى قىممەت، بۇنىڭغا قارىتا بەزى تورداشلار « ھەممە نەرسە سرتقى جايدىن قىممەت، پەقەت مائاشلا سرتقى جايدىن تۆۋەن،ئەجەبا < بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم > دېگىنى مۇشۇمۇ؟ » دەپ ھەسرەتلەنمەكتە. دورا دېگەن پۇقرانىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدىغان نەرسە تۇرسا، نېمە ئۈچۈن يوقىرى-تۆۋەننىڭ يونىشى ۋە قاتلاممۇ-قاتلام باھا قوشۇش تۇگىمەيدۇ؟ بۇ بارلىق كىشىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بىز ئىستېمال قىلغان دورا باھاسى يوقىرى، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇشى كېرەكمۇ؟ بىز ئىستېمال قىلغان دورا باھاسى قاچان شياڭگاڭ بىلەن تەڭلىشىدۇ؟
http://www.21ccom.net/articles/gsbh/article_2013081689933.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-21 06:22 PM