مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5917|ئىنكاس: 17

ئىنسان پەزىلىتىگە دائىر 272ھىكمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8995
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 04:19:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنسان پەزىلىتىگە دائىر272 ھىكمەت

گۆھەرقىز ئىبرايىم(تەسەللى)

1.پۇشايمان-  قىلغان ئىشنىڭ  ئىبرەتلىك نەتىجىسىدۇر؛

2. پۇشايماننىڭ دورىسى _ چىن ئىخلاس بىلەن توۋۋا قىلىشتۇر؛

3. راسچىللىق -خاتىرجەملىكتۇر، يالغانچىلىق دىلغۇللق ۋە پاراكەندىچىلىكتۇر؛

4.باشقىلارنىڭ ئەيىۋىنى يىپىش- گۇزەل ئەخلاقنىڭ نامايەندىسىدۇر؛

5 .ھاياتنىڭ زىننىتى- دىيانەت، ھايا ۋە ئەخلاقتۇر؛

6.شۇكرى قانائەت - بەختنىڭ بوسۇغىسىدۇر؛
    7.ياخشىلىقنىڭ ياخشىسى- رەھىم شەپقەتتۇر؛
   8.نۇمۇسنى بىلىش-دىيانەتنىڭ مۇقەددىمىسى؛
   9.ئاچكۆزلۈك -ئاللادىن
  باشقا ھىچكىم تويغۇزالماس يالماۋۇزنىڭ خىسلىتى؛
   10.ياخشى ئاقىۋەت - سەۋرىچان تەقۋالارغا مەنسۇپ سوغا؛
   11.تەكەببۇرلۇق ۋە ھاكاۋۇرلۇق- ئىنسان تۇتقان غەپلەت ۋە ھارام يولدۇر؛
   12.گۈزەل ئەخلاق- ئىنساننى مۇكەممەللەللەشتۇردىغان
  شىپايى زەم-زەمدۇر؛

13. سەمىمىيەت-ئىنساننى ئىنسان كۆرسىتىدىغان پەخرلىك خىسلەت؛

14.ۋىجدان ئازابى تارتقان ئادەم- گۇناھىغا تۆۋە قىلغان ئادەمدۇر؛

15.مىھرى- شەپقەت- سۆيىنىشنىڭ ئاچقۇچى؛
   16.شاپائەت قىلىش-ئىنسانىي بۇيۈك ئىسىللىقتۇر؛
   17.ئۈمىت -ئارزۇنى بىخلىتىدۇ، ئىشەنچىسىنى يوقىتىش ئىنساننىڭ روھىنى قۇرىتىدۇ؛
   18.قورقۇش-ئىنسان روھىنى ئازاپلايدىغان روھىي بىسىمدۇر؛
   19. قانائەتچانلىق- خۇشال يۈرۈش ۋە كۈلۈپ ياشاشنىڭ ئاچقۇچى؛
   20. ئەپۇ قىلىش- كەڭ قوساقلىقنىڭ
  ئەمىلىيىتتىكى نامايەندىسى؛
   21.بۆلگۈنچىلىك-نەپرەت پەيدا قىلىدىغان شەيتاننىڭ قىلمىشى؛
   22. بىخىللىق-ئىنساننىڭ ئۆزىگىمۇ يىگۈزمەيدىغان، ئۆزگىدىنمۇ قىزغاندۇردىغان خسلىتى؛
   23.شۈكرى قىلغۇچى- كۈلۈپ ياشاشنى ھەمراھ قىلغۇچىدۇر؛
   24.تەمكىنلىك-ئىنساننىڭ ئىغىر بىسىقلىقىنى نامايەن قىلىدىغان ئىسىل خىسلىتى؛
   25. نادانلىق- ئازاپ ئوتىنىڭ يىلىنجىشى؛
   26.كەچۈرۈمچان بولۇش-ئۆزىنى ئاسراشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى؛
   27. ھاقارەت-غورۇرغا قىلىنغان تاجاۋۇز؛
   28.ھايا-گۇزەل ئەخلاقنىڭ ھەركەتتىكى ئىپادىسى؛
   29. ۋاپا-ھەممىلا ئادەم قىلالمايدىغان، مەرت-نامەرنى سىنايدىغان ئەھىد؛
   30.مۇناپىقلىق-يالغانچىلىق، خىيانەت ۋە ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىشنى ئەمىلىيەتتە كۆرسىتىشتۇر؛
   31.ئاق كۆڭۈللۈك- ئىساننى پەرىشتە كۆرسىتىدىغان ئىسىل خىسلەت؛
   32. غەيۋەت-كۆرەلمەسلەر توقۇيدىغان يالغان ياۋداقتۇر؛
   33. چىقىمچىلىق- ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سىلىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى؛
   34. يالغانچىلىق-پايدا مەنپەت ئۈچۈن، ئۆزىنى ئەيىپتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن توقۇلغان نەيرەڭ؛
   35.ئۆچمەنلىك-جەننەتنى دوزاققا ئايلاندۇردىغان خىسلەت؛
   36. ھەسەتخورلۇق- ئىنسان روھىنى ئازاپلايدىغان جاھالەت؛
   37 . مىننەتخورلۇق- قىلغان ئەجىر ۋە ياخشىلىقنى سۈپۇرۋىتىدىغان ئۆچۈرگۈچ؛
   38. گۇمانخورلۇق- دوسنى دۇشمەنگە ئايلاندۇردىغان، ئىشەچنى يوققا چىقىردىغان كارامەت؛
   39.ھىلىگەرلىك-
  ئىنسان ئۈگىنىۋالغان شەيتاننىڭ خىسلىتى؛

40. ئالدامچىلىق- ئىنسان ئارىسىدىكى ئىشەچنى يوقىتىدىغان شەخسىيەتچىلىكنىڭ بۇيۇك نامايىنىدۇر؛

41.  ۋاپا، سېخىلىق ،تەقۋالىق ۋەئالىجاناپلىق چىرايىغا نۇر ياغدۇرىدىغان خىسلەتتۇر؛

42. تەكەببۇرلۇق،چېقىمچىلىق،يالغانچىلىق   ۋەھەسەتخورلۇق ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدىغان ئىللەتتۇر؛

43.   يالغانچىلىق ئۇياتسىزلىق ،گۇناھنى كۆپ قىلىش يۇزىنى قۇرۇتۇپ ، چىراينىڭ نۇرىنى كەتكۇزىدىغان ئىللەتتۇر؛

44 . كۆڭۇل خاتىرجەملىگى زىھنىنى كۇچلەندۇرىدىغان قۇرالدۇر؛

45.ھوزۇرلىنىش  ئۆلگەنلەرنىڭ ھوقۇقى، ئازاپ بولسا تىرىكلىكنىڭ ئەھمىيىتى؛

46.ھەقىقى ساغلام كىشى دەل قەلبى ساپ بولغان كىشىدۇر؛

47.ساغلام  قەلب، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ يادرۇسى؛

48.مۇھتاجلىقتا ياردەمدە بولغان، دەرت ئەلەم ۋە ئازاپلىغا سەبىر قىلغان ھەمراھ سادىق ھەمراھتۇر؛

49.ئاچچىقلاش _ ئوزىنى ئۆزى ئازاپلاش ئۈچۈن ئىچىلگەن زەھەردۇر؛باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر؛

50.ئاچچىقلىنىش ۋە غەزەبلىنىشتىن ئۈزىنى لەنەتكە دۇچار قىلىدىغان قىلمىشتۇر؛

51.يالغان سۆز گويا كېسەل، راست سۆز شىپادۇر؛

52.يامانلىق قىلغۇچىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئاخىرەتلىك ساۋاپقا يىقىلغان شامدۇر؛

53.ئىشەنچ بارلىق غەلبە ۋە سائادەتنىڭ ئاچقۇچى؛

54.كۈنلەمچىلىك ۋە گۇمانخورلۇقنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش- ئىنساننىڭ روھىنى دوزاققا تۇترۇق قىلغان بىلەن باراۋەر قىيناش؛

54. قانائەتسىز -  سۇ قۇيسا تولمايدىغان تىگى يوق ئۆڭكۇر ؛

55. روھىي ھالەتنى تەڭپۇڭ تۇتۇش ئازاپنى يىڭىشتىكى ئاچقۇچ ؛

56. ۋاقىت ئازاپنى يىڭىشتىكى ياخشى دورا؛

57. ناچار كەيپىيات _ ئازاپنىڭ بۇلىغى؛

58.ئۆزىنى ئالداش _بەختنى رەت قىلغان بىلەن باراۋەر؛

59. ئەپۇ قىلىش_ئازاپتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى؛

60.قانائەتچانلىق _ بەختنى ھىس قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى؛

61.ئەخلاق _ مۇھاببەتنىڭ ئىپادىسى،مۇھاببەت ئەخلاقنىڭ كاپالىتى؛

62.ۋاپادارلىق _ مۇھاببەتنى دائىملىق ئارزۇسى؛

63.ئەڭ كۇچلۇك نەپرەت _ ئەڭ كۈچلۈك مۇھاببەتنىڭ مەھسۇلىدۇر؛

64.چۇشىنىش ۋە ئىشىنىش _ مۇھاببەتنىڭ ئۇل تىشى؛

65. كۇنلەش _ مۇھاببەتكە قارىغاندا ئاداۋەتكە يىقىن بولۇپ، دىتسىز ئەقىلنىڭ ئىللىتىدۇر؛

66.كۈنلەش _ ئاشىق ئۈچۈن ئازاپ- ئوقۇبەت،مەشۇق ئۈچۈن _ رەنجىش ۋە ئەلەم مەنبەسى؛

67.مۇھاببەت _ ئازاپ چىكىدىغان بىيىش؛يالقۇنى كۆرۇلمەس گۇلخان، مۇھاببەت _ ئاغرىغى بىلىنمەس يارا؛

68. گۇمان _ مۇھاببەت گۈلىگە چۈشكەن قۇرۇت؛

69.ياسالمىلىق _ مۇھاببەت دەرياسىدىكى توسالغۇ؛

70. ئەخلاق _ھاياتنىڭ ئەڭگۇشتۇرى؛

71.مۇھاببەت _ بارلىق ياخشىلىق، يۈكسەكلىك، قۇدرەتلىك، يىقىملىق ۋە يارقىن پەزىلەتلەرنىڭ ئجاتچىسىدۇر؛

72.ئاچكۆزلۈك ــــ ئەڭ ھەقىقىي نامراتلىق. قانائەت ئەڭ ھەقىقىي بايلىقدۇر؛

73. خاتالىقىنى تونۇغانلىق ــــ خاتالىقنى يېرىم تۈزەتكەنلىك؛
    74. بارلىق ئالداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ ئۆزىنى ئالداش؛

75.بارلىق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ توختىماستىن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەش؛

75.يەككە - يىگانىلىق ۋە ئەلنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىش ـــ ئەڭ قورقۇنچلۇق نامراتلىقتۇر؛

76.مىننىەتخۇرلۇقنى تاشلاپ، مىننەتدار بولۇشنى ئۈگىنىۋىلىش، كەڭ قورساق بولۇش ياخشى پەزىلەتنى يىتىلدۇرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى؛

77.ئاجىزنى بوزەك قىلىش - دەيۇزنىڭ ئىشى. كۇچلۇككە بىقىنىش _ نامەرتنىڭ يولى؛

78.قىلغىنىغا تۆۋبە قىلىش _قىلىۋاتقان خاتا ئىشتىن يىنىش،گۇنايىغا پۇشمان قىلىش،قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،تۆۋبە قىلىش بەختكە ئىرشىشنىڭ بوسۇغىسى؛

79 .راسچىل سەمىمى لەۋزىدە تۇرۇش،كەمچىلىگىنى ئىتىراپ قىلىپ ۋە تۈزىتىپ، يالغان سۆزلىمەسلىككى جۇرئەت قىلىش- گۇزەل پەزىلەت؛

80.نادانغا سەۋىرچان كەڭ قۇساق مۇلايىم مۇئامىلە قىلىش_ تەربىيە كۆرگەنلەرنىڭ خىسلىتى؛

81.ئەقىدە يولىدا تارتقان ئەرزىيەت-ئازاپلارغا سەۋر قىلىشنى ئۈگىتىدىغان گۇزەل پەزىلەت؛

82.ئازاپ_جىسمانىي،پىسخىكىق ۋە ئىجدىمائى زىياننىڭ نامايەندىسى؛

83.شۇكرى قىلىش قەلب كۆزىنى رۇشەنلەشتۈرىدۇ.شۇكرى قىلىش _ ئازاپتىن نىجاتلىق تىپىش يولى؛

84. قانائەتسىزلىك ۋەھىمە خاتىرجەمسىزلىكنىڭ ئۇلى؛

85. شەرمى -ھايا پەزىلەتنىڭ ئىشىگى.گۇزەل قەلب روھىيەتنىڭ تۇۋرىگى؛

86.سەدىقە بىرىش، ئاجىزلارنى يۆلەش _ئىنسانپەرۋەرلىك؛

87.يامان ئىشلارنى توسماستىن سۈكۈت قىلىش _ئەمىلىيەتتە ئۇنى قوللاشتۇر؛

88.ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق _ئىنسانىي ئۇلۇغلۇقتۇر؛

89. مەنىۋىي زۇلۇم _ نامەرتنىڭ ئىشى،ماددى زۇلۇم _ نەپرەتنىڭ بىشى؛

90.خىيانەت قىلىش_ ئاچكۆزنىڭ ئىشى،چۈشەر بىشىڭغا لەنەتنىڭ تىشى؛

91.ھارام_ كىشىگە بەرمەيدۇ ئارام، قىلغاننى بىلسە تىللايدۇ ئاۋام؛

92.غەلبىلەرنىڭ ئاساسى _ ئىتىپاقلىق ،ھەمكارلىق. شەيتىنىڭنى كۈلدۇرگەن _ سۇخەنچىلىك ،بولگۇنچىلىك؛

93.مىھرى شەپقەت ۋە كۆيىنىش_سۆيىنىشنىڭ ئاساسى؛

94.ھەسەتخورلۇقنىڭ باشلىنىشى _ دوزاق ئوتىنىڭ يىقىلىشى؛

95.باشقىلارنىڭ ئەيىۋىنى يىپىش _ئىسىل خىسلەتنىڭ ئىشىگىنى ئىچىشتۇر؛

96.باشقىلارنىڭ ئەيىۋىنى ئىچىش _ ھارامنىڭ پاسىلىنى بۇزۇشتۇر؛

97.قاغاش ۋە يامان دۇئا _ شەيتانغا قىلىنغان ياردەم؛

98.شاپائەت قىلىش _كەڭ قوساقلقنىڭ نامايەندىسى؛

99.ياراشتۇرۇش - مەنىۋىييەتتىكى ئىسىل خسلەت؛

100.ئاجزنى كەمسىتىش _ شەيتاننىڭ ئىشى؛

101. شۆھرەتكە بىرلىش _ گۇنانىڭ شىخى؛

102.مىسكىنگە ياردەم _ ساۋاپنىڭ بىشى؛

103.ئىنسان قەدىر قىممىتى _ ئۇنىڭ پەزىلىتىدە؛

104.خۇشنىلارنى ھۆرمەتلەش،دۇستانە ئۆتۇش،زىيان يەتكۇزۇشتىن ساقلاش،ئاغرىغاندا يوقلاش،خۇشاللىغىدا تەربىكلەش،مۇسىبەت تەزەيىسىدە تۇرۇش_گۇزەل كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ جەۋىرى؛

105.ئاتا-ئانىغا ۋاپاسىزلىق قىلىش،تىللاش ،قاخشىتىش ۋە خارلاش _ ئىنسانىڭ ھايۋانغا خاس ئالاھىدىلىگى بولۇپ لەنەتنىڭ مۇقەددىمىسى؛

106 . ئاتا -ئانىنىڭ دۇئاسىنى ئىلىش _ دۇزاق ئىشكىنى يىپىپ، جەننەت ئىشىگىنى ئاچقان بىلەن باراۋەر؛

107. رەھىم قىلىش _ روھىي جاھەتتە خاتىرجەملىك،چىرايدا كۈلكە، قەلىپتە سۆيىنىش پەيدا قىلىدىغان ساۋاپتۇر؛

108.ئۇرۇق تۇققانلارغا مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش _ ھەممە ئادەم قىلىشقا تىگىشلىك ئەقەللى ئىسىل خىسلەت؛

109 .ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى كۆرگەن،ھۆرمەتلىگەن ۋە كۆڭۈل بولگەن كىشى _سۆيىنىشتىن گۈل ئوستۇرگەن باغۋەندۇر؛

110.ئەقىدە قىلىش _ ئىشەچ تىمىنى تۇرغۇزۇشقا ئۇل سالغانلىقتۇر؛

111.ياخشى ئادەمنى رەنجىتىش _ كىشى قەلبىدىكى ئۆز ئوبرازىنى سۈپۈرۇپ، ئاللانىڭ غەزىۋىنى، كىشىنىڭ نەپرىتىنى قۇزغاشتۇر؛

112.ئۇمىتۋارلىق _ئۈمىتسىزلىك قاراڭغۇ ئۆڭكۈرىگەيىقىلغان چىراقتۇر؛

113.ئاسىلىق _ لەنەتتىن كولانغان قاراڭغۇ گۆردۇر؛

114.قورقۇش _ ئازاپ بىلەن ۋەھىمە ئارىسىكى پىسخىكىلىق توساق؛

115.ئاچكۆزلۈك _ شۈكرى قانائەتنى بىلمەيدىغان قاباھەت؛

116.گۈزەل ئەخلاق ۋە پەزىلەت _ئىنسان ساپاسىنىڭ گۇۋاھچىسى.كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئابى كەۋسەردۇر؛

117.شۇكرى قانائەت _ ھەقىقى بەخت بايلىقتۇر؛

118.چىن سۆيگۇ _ ھەممىلا ئادەم ئۈزۈشنى ئۈمىت قىلىدىغان بەخت دەرياسى؛

119.گۇمان _ ئىشەنچكە قىلىنغان خىيانەت؛

120.نۇمۇسچان بولۇش _ھاياغا خىسلەت، ھاياسىزغا ئىللەت؛

121.ئاددا ساددا تىجەشچان بولۇش _ ئاللانىڭ خىتابى، بەدخەجنىڭ كۈشەندىسى؛

122.سىخىلىق -ئاللا بەرگە بايلىق ۋە خۇشاللىق. بىخىللىق ئاللاھ ئۇرغان چۈپەيلىك؛

123.تەمەخورلۇق _ باينى كەمبىغەلنىمۇ شۈلۈشقا ئۈندەيدىغان يامان ئىللەت؛

124.ھەسەت _ خەتەرلىك ئىجدىمائى كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەش ۋە يىراق تۇرۇش كىرەكتۇر؛

125.غەمخورلۇق _ ئىنسان قەلبىنى ئىللىتىدىغان باھار؛

126.كەڭ قوساق ئەپۇچان بولۇش _ ئىنساننىڭ ئىنساندىن پەرقلىنىدىغان بۈيۈكلىگى؛

127.تەمكىنلىك ، ئىغىر بىسىقلىق _ پىسخكىلىق ساپانىڭ يۇقۇر پەللىسى؛ ئالدىراڭغۇلۇق _ تەنتەكلىكنىڭ ئالامىتى؛

128.كىچىك پىېللىق _ ھورمەتكە سىلىنغان داستۇرخان؛

129.ھەقىقى كۈچلۈكلۇك _ ئەخلاق جەھەتتە تاكامۇللىشىش؛

130.سەمىمى بولۇش ، لەۋزىدە تۇرۇش _يۇقۇر ساپانىڭ گۇۋاھچىسى.ھۇرمەتكە ئىرشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى؛

131.ھايا _ ئىنسانىي كامىللىق،ئەلا ئىسىل سۈپەت، شۇنداقلا ئۇ بۈيۈك ئەخلاق پەزىلەت؛ ھاياسىزلىق _ قىيامەت؛

132.پىتنە -پاسات _ ئىنسان روھىنى چىرتىدىغان كۈشەندە؛

133.غەيۋەت _ دۇشمىنىڭنىڭ ساڭا تابىل تۇرۇشتىكى ئەپلىك قۇرالى؛

134.چىقىمچىلىق ۋە سۈخەنچىلىك _ ئادىمىي پاسىقنىڭ ، خائىننىڭ ئىشى؛

135.ئالدامچىلىق ۋە مەككارلىق _ شەيتاننىڭ ئادەم قۇلى بىلەن قىلغان گۇنايى؛

136.نادان توغرا-خاتانى، ياخشى-ياماننى، ھەق-ناھەقنى بىلمەيدۇ تۈپ-تۈز ھەم قورقۇنچاقتۇر؛

137. ئاچكۆزلۈك ــــ ئەڭ ھەقىقىي نامراتلىق. قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقىي بايلىق؛

138.گۇنا ئوتۇن، توۋۋا ئوتتۇر؛

139.ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئىمان جەننەتكە مەنسۇپتۇر، ئەدەبسىز سۆز قوپاللىقتۇر، قوپاللىق دوزاخقا مەنسۇپتۇر؛

140.مەسلىك ــــ نەسلىك، ئاقىۋىتى ــــ پەسلىك؛

141.ياخشىلىق __ گۈزەل ئەخلاقتۇر، گۇناھ __ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىنى ياقتۇرمىغان قىلمىشتۇر؛

142.ئۈمىدسىزلىنىش، ئىچى تارلىق،ھەسەتخورلۇق،گۇمانخورلۇق، ھۇرۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق، شۆھرەتپەرەسلىك، مىننەتخورلۇق، كەمچىللىكنى يوشۇرۇپ تۈزىتىشنى خالىماسلىق، ناچار كەيپىيات، يەككە-يېگانە قېلىش ۋە زىيادە چارچاش __ھاياتلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان ئاپەتتۇر؛

143.خارلانماسلىقنىڭ يولى ـ خارلىماسلىق؛

144.راسچىللىقك__ خاتىرجەملىك يالغانچىلىق__ دىلغۇللۇق؛

145.سەۋرى__ ئەڭ گۇزەل ئەخلاق،ئەڭ چىن ئەقىدە؛

146.ئامانەتكەخىيانەت قىلىش__ مەككارنىڭ ئىشى؛

147. لەۋزىدە تۇرۇش_ھالالغا ھىساپ، ھارامغا ئازاپ؛

148.شەيتانغا ھامىي بولۇش__ نىجاسەتكە باشچىلاپ چۈشۈشتۇر؛

149.ئىنسان سەمىمى ساداقەت ۋە ئىنسانىي ۋاپاسى بىلەن ئۇلۇغدۇر؛

150.ئىشەنچ__ بارلىق غەلبە ۋە سائادەتنىڭ ئاچقۇچى؛

151.خاپىلىق__ قەلىبتە زەرداپ پەيدا قىلىپ، قورساقنى كۆپتۈرىدىغان بىر خىل ناچار پىسخىك ھالەت؛

152.بەختنىڭ ئۆلچىمى: ئىسىل ئۆي كاتتا ماشىنا ۋە ئەيشى ئىشرەت بولماستىن، ئاددى تۇرمۇشنىڭ ھۇجەيرىسىگە سىڭگەن تاتلىق كۈلكە ۋە شىۇكرى قانائەت ئىچىدىكى رازىمەنلىكتۇر؛

153.تەكەببۇرلۇق__ شەيتاننىڭ ئىشى،مەنمەنلىك__ ناداننىڭ ئىشى؛

154.كەمتەرلىك ئۇرۇقىنى چاچقان كىشى__چاچقان دان ھېسابىغا گۆھەردىن ھوسۇل ئالىدىغان كىشى؛

155.ئۆزىنى ئەدەپ بىلەن زىننەتلىمەسلىك__دوسلىرىنى يىغلىتىپ، دۈشمەنلىنى خوشال قىلىدىغان قىلمىشتۇر؛

156. ئەدەپ__ ئەقىلگە نۇر بېغىشلىغۇچى ۋە سالامەتلىكنىڭ سەرمايىسىدۇر؛

157.  يالغان سۆزلەش__ ئالدامچىلىقنىڭ تۇنجى قەدىمى؛

158. سەۋىر __ ئىككىنچى ئەقىلدۇر؛

159.بىلىمسىزلىك __خۇراپاتلىقنىڭ ئانىسى؛

160.ئىنسانلار__ ھاكاۋۇرلۇق ياراشمايدىغان تەغدىرداش، تۇپراقداش بولۇپ،قەبرى ئالدىدائوخشاش سەپەرداشتۇر؛

161.ئاغزىغا كەلگەننى دېمەك __ ناداننىڭ ئىشى،ئالدىغا كەلگەننى يېمەك__ ھايۋاننىڭ ئىشى؛

162.ئاچچىق تىل __ زەھەر ئارىلاشقان نەشتەردۇر؛

163.كىشىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئەيىبتۇر،كىشىنىڭ ئەيىبىنى سۆزلەپ يۈرۈش پەسلىكتۇر؛

164.نەرسىنىڭ ئەينىنى كۆرگۈچىلەر ۋە ئارتۇقچىلىقىنى كۆرگۈچىلەر –راست كۆرگۈچىلەردۇر؛

165. تاماخورلۇق__ ئىنساننى ھاقارەت قامچىسى بىلەن ئۇرۇپ خار قىلغۇچىدۇر؛

166.يامان پەرزەنت __ ئالتىنچى بارماققا ئوخشايدۇ ، كەسسە ئاغرىيدۇ، كەسمىسە ئەيىپ؛

167.ئەخمەقلىق  ۋە ئەبلەخلىق __تىۋىپ ئىلاجىنى  قىلىشقا  ئاجىز كەلگەن كېسەل؛

168.تىرىكلىكتىن ياخشىراق نەرسە _ياخشى نامدۇر، ئۆلۈمدىن يامانراق نەرسە _ بەتنامدۇر؛

169.دۇنيانىڭ ئېگىز -پەسلىكىدىن كۆڭلىنى  يېرىم قىلمايدىغان كىشى _ ئاقىل كىشى؛

170. ئەيبىڭنى يۇشۇرۇپ  ئارتۇقچىلىقىڭنى  ئاشكارىلىغان كىشى _ دوستۇڭدۇر؛

171. باشقىلارغا ھەسەت قىلىپلا ياشاش _ خۇشاللىق ۋە بەختتىن يىراقلاپ كىتىنىڭ باشلىنىشىدۇر؛

172.ھەسەتخورلۇق _ كىچىرگىلى بولمايدىغان جىنايەت؛

173.نادانلىقنىڭ ئىپادىسى:ھەممە ئىشتىن ئاغرىنىپ يۈرۈش؛ سىنالمىغان ئادەمگە ئىشىنىش؛ دوست - دۇشمەننى پەرق ئەتمەسلىك؛ سىرىنى ھەممە ئادەمەە ئىيتىش؛ پايدىسىز سۆزنى كۆپ سۆزلەش؛

174.ئىككى يۈزلىمىچىلەرنىڭ بەش قولى قارا بەش قولى ئاق؛

175.قەلىبنى ئەڭ نۇرلاندۇردىغان نەرسە _سىنى غەزەپلەندۇردىغان كىشىنىڭ ياخشىلىغىغا دۇئا قىلىشتۇر؛

176.مەرتلىك _ ئۆزىنى ياخشى كۆرمىگەن كىشىگە ئىھسان قىلىش، ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن كىشى بىلەن تاتلىق تىلدا سۆزلىشىتۇر؛

177.تەقۋادارلىق ئەقىل بىلەن قىلغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، ئاسىلىق ئەخمىقانىلىق بىلەن قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ قەبىھىدۇر؛

178.كىبىر ۋە ئاچچىقلىنىش _ ئىنسان بىشىغا نۇرغۇن بالالارنى كەلتۈردىغان قىلمىشتۇر؛

179.يىغلاپ قايغۇرۇپ كۈن بويى دۇشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك چىراي بىلەن يۇرۇش  _چىراينى قارايتىدىغان خىسلەتتۇر؛

180.چۈشەندۇرمەكلىك _ بوياپ كۆرسىتىپ، ھىكايە توقۇپ ئالداش دىمەكتۇر؛

181.قىلغان ئىشىغا توۋۋا قىلىپ يىغلىغانلىق _ ئازغۇنلۇقتىن توغرا يولغا قايتقانلىقتۇر؛

182.زىيادە گۇمانخورلۇق _ ئۆزگە دۇشمەن، كۈندەشلىك ئۆيگە دۇشمەن ؛

183. ئەڭ چوڭ بەخت-تىجلىق ۋە خاتىرجەملىك، ئەڭ چوڭ ئارتۇقچۇلۇق-پەدەشەپ،ئەڭ چوڭ ئۇلۇغلۇق ئۇنتۇلماس تىما-پاك ئىنسانىي سۆيگۈ،ئەڭ چوڭ كىسەل-دىل يارىسى،ئەڭ ياخشى ھەمراھ-ياخشى تىلەك،ئەڭ چوڭ ئىش لەۋزىدە تۇرۇش،ئەڭ چوڭ نەتىجە- سەۋرىچانلىق،ئەڭ ئىسىل ئەخلاق-ئەپۇچانلىق،ئەڭ ئىسىل خىسلەت-سەمىمىلىك ۋە راستچىللىقتۇر؛

184.ھەر نەرسىگە ئاچچىقلىنىش، سىنالمىغان ئادەمگە ئىشىنىش، دوست دۇشمەننى پەرق ئەتمەسلىك، سىرىنى ھەر كىمگە ئىيتىش،نادانلارنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سىلىش،پايدىسىز سۆزلەرنى كۆپ قىلىش، نالايىق ئادەمگە ھەمكارلىشىش _ بىلىمسىزلەرنىڭ ئادىتى؛

185. نادان،ھىلە مىكىرلىك مۇناپىق ۋە يالغانچىگە ئىشىنىش _ ئاخماقنىڭ ئىشى؛

186.چۈشكۈنلۈك _ ئىرادىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قەدىر قىممەتنى دەپسەندە قىلىدىغان گۆردۇر؛

187.قەدىر قىممىتىدىن ۋاز كىچىش _ قۇلچىلىق ئىدىيىسى چىرماپ كەتكىنىڭ نامايەندىسىدۇر؛

188.تۇرمۇشنىڭ ئۆزى _ نۇرغۇنلىغان ئىلاجىسىز تاللاشلاردىن تۈزۈلگەن قىسمەتتۇر؛

189.ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش _ بەخت؛ زارلاش، قاقشاش، مىننەت قىلىش،ئاغرىنىش، بەسلىشىش ۋە ھەسەتخورلۇق _ بەختنىڭ دۇشمىنى؛

190.دۇنيادا ئەڭ قورقۇنۇچلىغى _ ئۆچمەنلىك؛

191. ئۆزىنى كۆرسىتىش، غورۇرىغا تىگىش، بەسلىشىش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق، پۇرسەتپەرەسلىك، پىخسىقلىق، سۇخەنچىلىك ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىش _ دوستلۇقنى ئاجىزلاشتۇردىغان ئادەتلەردۇر؛

192. يۈكسەك دەرجىدىكى پەزىلەت ۋە ئالىجاناپلىق _ قەدىر قىممەتنىڭ بوسۇغىسىدۇر؛

193. ئوغۇللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىغى: ئىمان- ۋاپا؛

194.قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىغى: ئىمان -ھايا؛

195. ھايا- ئىمانسىز ئىنساندا _ باشقىلارنى چۈشىنىش، نومۇس قىلىش ياكى ئوڭايسىزلىنىش تۇيغۇسى بولمايدۇ؛

196.قەلبى ساغلام كىشىلەر ھەقىقەتنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ؛

197.قەلبى كىسەل كىشىلەر _ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈپ، غەپلەت ئىچىدە ياشايدۇ؛

198.  يوقسۇل ۋە مۇھتاج ۋاقتتا بىرگە ياشىغان ھەمراھ ۋاپادار ۋە قانائەتچان ھەمراھدۇر؛

199.كۆڭلى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولىدۇ؛

200.كۆڭلى قارا كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ھەممە نەرسە قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ. ئاغزىدىن ھىيلە-نەيرەڭ  تېمىپ تۇرىدۇ؛

201.ۋاپاسىزدا ھايا يوق، ھاياسىزدا ۋاپا يوق؛

202.ئىنسان سەمىمى ساداقەت ۋە ئىنسانىي ۋاپاسى بىلەن ئۇلۇغدۇر؛

203.گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىپ، كەڭ قوساق ئەپۇچان بولۇش، تۇرمۇشىنى ئاددىي ئەركىن ئورۇنلاشتۇرۇش خۇشال ياشاشنىڭ سىرى؛

204.ئادەم ھاياتى چەكلىك بولغاچقىلا خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر؛

205.شۈكرى-قانائەتنى بىلمەي رەنجىشتىلا يىنىدىكى ئادەمنى چارچىتىپ قويىدۇ؛

206.جىددىلىك ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش_ئىشەنچنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ؛

207.ئازاپلىنىشنى بىلمىگەن قەلب _ ھەقىقى مۇھاببەتنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيدىغان قەلب؛

208. ساداقەتلىك قەلب _ مۇھاببەتنىڭ بىخەتەر مەنزىلى؛

209.ۋاپاسىز قىزدىن _ تىزگىنسىز ئايال چىقىدۇ؛

210. بەختكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى ــــ ئىلكىدە بارىنى قەدىرلەش، ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش؛
   211. خۇشاللىق ئېرىشكەنلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ھېسابلاشقانلىرىنىڭ ئازلىقىدىندۇر؛
   212.ئۈمىدلىك ئادەم ئازابنى خۇشاللىققا، «دوزاخ» نى «جەننەت» كە ئايلاندۇرالايدۇ؛

213.باتۇرلۇق قورقۇنچنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى قورقۇنچقا توغرا مۇئامىلە قىلالىغانلىق ۋە قورقۇنچنى يېڭەلىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ؛

214.باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاسرىغانلىق؛

215.مەخسەتسىز قىلىنغان خاتالىق ئۇ دۇشمەنلىك ئەمەس؛

216.سەۋر كىشىگە گۇزەل ئەخلاق ئىسىل خۇلۇق ئاتا قىلىدۇ؛

217.راسچىلىق -ياخشىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر، ياللغانچىلىق يامانلىقنىڭ مەنبەسى.يالغانچىلىق بەركەتنى توزىتىدۇ؛

218.چىن دىل بىلەن سەمىمى بولۇش- ئىنساننى ئارزۇسىغا يەتكۈزىدىغان نۇرلۇق يول؛

219.تەقۋادارلىقنى دوس تۇتۇش_ ئىنسانغا ھۆرمەت ئاتا قىلىدىغان خىسلەتتۇر؛

220.كامىل ئىشەچ بىلەن كەلگۇسىگە يۈزلىنىش- غايە ئۈچۈن تەۋەككۇل قىلىشتۇر؛

221.خەۋىپ خەتەر ۋە ئازاپ ئالدىدا باتۇر بولۇش- ئىشەنچنى يوقاتماي، كەڭ قوساق ئەپۇچانلىق قىلىپ ،ياخشى تاكتىكىنى قۇرال قىلىپ،ھەممىنى يىڭىپ، پارلاق ئەتىگە يۈزلىنىشتىكى تاكتىكىدۇر؛

222. ئىشىنى توغرا قىلغۇچىلار_ھەممىنى قايىل قىلغۇچىلاردۇر؛

223.قىيىنچىلىق،بالايى قازا_ ىلا ئۆتۈپ كىتىدىغان ئاللانىڭ سىناقلىرى؛

224 . شەيتاننىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرى ئۇستىدىن غالىپ كىلىش _ يۇكسەك غەيرەت تەلەپ قىلىدىغان ئىسىللىقتۇر؛

225.تەقدىرگە تەن بىرىپ،يۇز بىرىپ بولغان رىياللىققا يۇزلىنىپ، غەم _قايغۇغا چۆكۇپ ئولتۇرماي كەلگۈسىگى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش - دانالىقتۇر؛

226.چىن دىلىدىن قىلغان تەۋبە-ئىستىغپار گۇنانى يۇيىدۇ؛

227.ئۆچ ئاداۋەت_ ئىنساننىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىدۇ؛

228.ئەۋرەتتىن زىنا چقىىدۇ، ئىغىزدىن بالا؛

229.پىسخىكىلىق ساپا روھايەتنىڭ ساپاسى؛ ئەخلاق ساپا ئىنسانىيەتنىڭ ساپاسى؛

230.كەمتەرلىك كىشىلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممەتنى ئاشۇرىدۇ،تەكەببۇرلۇق چۈشىرىدۇ، ھاكاۋۇرلۇق ئوبرازىنى خۇنۇكالشتۇرىدۇ؛

231.يىۋالغىنىڭ سىنىڭ، كىيىۋالغىنىڭ سىنىڭ، بىرىۋالغىنىڭ سىنىڭ، قالغىنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ؛

232.ساختىپەز، ھىلىگەر كىشى- سەمىمىيەتسىز، يالغانچى ،مەنمەنچى،  مىننەتخور،ئىشەچىسىز، سەۋىيەسى بولغان بىلەن ساپاسى يوق كىشىلەردۇر؛

233.سەمىمىي ئادەم مەسئۇلىيەتچان،تىرىشچان،لەۋزىدە تۇرىدىغان ، راسچىل بولۇپ  ياخشى دوست ياخشى ھەمراھ بولالايدۇ؛

234.نادانلار سۆيگۈنى ھەقىقى قەدىرلەشنى بىلمىگۈچىلەردۇر؛

235. سۆيگۈ-مۇھەببەتتە ئىزچىل تەربىيىلىنىش بولمىسا ئۈمىدسىزلىنىش، نەپرەتلىنىش كېلىپ چىقىدۇ؛

236. مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشكىلى ، ئۆچمەنلىك بىلەن پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغىلى بولىدۇ؛
    237. ھۇرۇنلۇق، ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىق ئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ؛

238.ئاللاغا ئىخلاس بىلەن، خەلققە ئىنساپ بىلەن، چوڭلارغا خىزمەت،كىچىكلەرگە شەپقەت ، دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت، دوست- يارانلەرگە نەسىھەت ، دۈشمەنلىگە سىلىق مۇئامىلە، جاھىللارغا سۈكۈت ، بىلىملىككە ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشاش كىرەكتۇر؛

239.بىر بەندە يەنە بىر بەندىنىڭ ئەيىبىنى ياپسىلا قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ؛

240.تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر؛

241.كىم تىرىشسا ، ئىخلاس قىلسا اللاھ نەتىجىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ؛

242.ساڭا يامانلىق قىلغان كىشىنى ئەپۇ قىلالىساڭ مانا بۇ سىنىڭ ئىسىللىغىڭ؛

243. چوڭلار سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلا،سۈكۈت گۆھەردىن قىممەتلىك؛

244.ساڭا باشقىلار ئاشكارىلىغان سىرنى سەن باشقىلارغا ئاشكارىلىما،كىشىلەر ئارىسىغا سوغاقچىلىق سالما؛

245. ھەقىقى بەخت-ئەقىل نۇرى؛ پەزىلەت؛ ئىسىل ئەخلاق؛ قانائەت ۋە رازىمەنلىك بىلەن جۇلالىنىدۇ؛

246.ئوغۇرلۇق قىلما ، جاھانغا ئىبرەت بولۇپ قالىسەن؛

247.ئادىللىقنى بىلمەيدىغانلارنىڭ توغرا-خاتالىقنى، پايدا-زىياننى، سەۋەب-نەتىجىنى چۈشۈنۈش سەۋىيەسى ساپاسى تۆۋەن ، ئەخلاقى ناچار بولۇپ  ئاجىزلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىمۇ، باشقىلاردىن ئادىللىق تەلەپ قىلىشنىمۇ ئويلاپ يېتەلمەيدۇ؛

248. ھەر قانداق نەرسە كۆپەيگەنسېرى باھاسى ئەرزان بولسىمۇ ئەدەپ - ئەخلاق كۆپەيگەنسېرى قىممىتى ئېشىپ بارىدۇ ؛

249.باشقىلارنى بىر قېتىم ئالدىغۇچى- ئۆزىنى ئۆمۈر بويى ئالدىغۇچىدۇر؛

250.  سەمىمىيلىككە سۆز ، گۈزەللىككە پەرداز ھاجەتسىز؛

251. ئىشەنچىگە ئېرىشىشتە سادىقلىققا تايىنىش ، خاتالىقىنى تۈزىتىشتە سەمىمىيلىككە تايىنىش دانالىقتۇر ؛

252. ھەسەتخور ئادەم چايان ، ئۇنىڭ نەشتىرى ئاخىر ئۆزىگە سانجىلىدۇ؛

253.كۆپ دېمەك بىلەن بولمىغىل نادان،كۆپ يېمەك بىلەن بولمىغىن ھايۋان؛

254.تىل  ئوقىنىڭ كۆڭۈلدىكى يارىسى ساقايماس،ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە داۋا بولالماس؛

255.ئەقىل ئىگىسى بولاي دېسەڭ نەپسىڭگە قۇل بولما؛

256.باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش بەزىدە ئەينەككە ئوخشاش ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشىنىمۇ  كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؛

257.كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش قولۇڭدىن كەلمىسە ،زەررىچە  يامانلىق ئويلىما؛

258.مېھرى –ۋاپاسى يوق كىشى قۇياش بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىن نېمە پايدا؛

259.كىشى بىلىم –پەزىلەت،ياخشى خۇلق ۋە قىلىقنى ئۆگەنسە ،ئاندىن يۈرۈش –تۇرۇشى  تۈزىلىدۇ؛

260.ھەممە كىشىنى ئۆزۈڭگە سىرداش دەپ بىلمە،چۈنكى ھەقىقىي سىرداش دۇنيادا ئاز نەرسىدۇر؛

261.  ئالدىراپ قىلغان ئىشنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇر؛

262. ئارزۇ - تىلەكلىرى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر؛

263. كۆپنى بىلگۈچىلەر ئەمەس ، بىلىمى مەنپەئەت بەرگۈچىلەر دانادۇر؛

264.ھايات تەدبىرى: گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما؛

265. مۇۋاپىق رەقىپ ۋە سادىق دوستنى  كۆرۈش- قايغۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسىدۇر؛

266.سادىق دوستنىڭ ئالامىتى : دوستقا يار -يۆلەك بولماقلىق، ئۆز دوستىنى يامانلىقتىن ياندۇرماقلىق ۋە توسماقلىقتۇر؛

267.ئوڭۇشسىزلىق ۋە كۈلپەتلەر بىخۇتلۇق،بىلىمسىزلىك، سەل قاراش ۋە بىپەرۋالىتىن كەلسىمۇ-ئوڭۈشسىزلىق تەجرىبە ساۋاقنى قوبۇل قىلغۇدەك پۇرسەت يارىتىپ بىرىدۇ؛

268.تىلدىن تەككەن جاراھەت قىلىچتىن تەككەن جاراھەتتىن ئىغىرراق؛

269.ھەقىقى گۈزەللىك:خۇلۇق مىجەز؛ ئەخلاق پەزىلەت ۋە تاشقى قىياپەتتىن تەركىپ تاپىدۇ؛

270.يامانلىق قىلغان ئادەمنى ئازاپلايدىغان ئىش -ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش؛

271. ئۇزۇن ياشىماقچى بولغانلار: ئىستەكلىرىگە قانمىغان،ئارزۇسىغا ئىرشەلمىگەن،پۇل دۇنياغا تويمىغان،ئاخىرىتى ئۈچۈن يىتەرلىك تەييارلىق قىلالمايدىغانلاردۇر؛

272.نادانلىق ئوتىنى چىدام سەۋرى سۈيى بىلەن ئۆچۈرۈپ،قەھرى غەزەپ تىكەنلىرىنى ئەخلاق ئوتى بىلەن كۆيدۈرۈپ،ھەسەت تۇتۇنلىرىنى  ئىسىل پەزىلەت شاماللىرى بىلەن يوقىتىپ، ئاداۋەت نەقىشلىرىنى كەڭ قوساق ئەپۇچانلىقتايۇيۇپ ھاياتنى كۈلكىگە پۇركەپ ياشاش - ئاقىللارنىڭ  دانالارنىڭ  ئىسىل خىسلىتى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-21 04:42 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
OMAR0998 + 16
qaraxani + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
زامانى + 111 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 137   باھا خاتىرىسى

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 57776
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2987 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 08:39:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏سەمىمىيلىك چاقناپ تۇرغان كۆزلەرئاللاھقا ئەڭ يېقىن كىشلەرنىڭ كۆزلىرىدۇر.

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن....

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1689 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 09:01:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 09:47:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن   ئامىن

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32306
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-21 11:27:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق كۆپ بىلىم بىلەن تەمىللىگىنىڭزگە رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92159
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2014-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 02:43:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھېكمەت مەن ئۈچۈن دائىم ھەمرا.

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 11:11:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سالامى ھەممەيلەنگە بولسۇن!!!مۇشۇنداق تېتىملىق تىمىلرىڭىز بىلەن  تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ  رەھمەت.بۇنى بەك  ياختۇردۇم  ھەقىقەتەن  توغرا  ئېيتىلىپتۇ،54.كۈنلەمچىلىك ۋە گۇمانخورلۇقنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش- ئىنساننىڭ روھىنى دوزاققا تۇترۇق قىلغان بىلەن باراۋەر قىيناش؛

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARZUY تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-22 11:12 AM  


ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2971
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16921
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2645 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 12:16:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ARZUY يوللىغان ۋاقتى  2013-8-22 11:11 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سالامى ھەممەيلەنگ ...

تۇرمۇش باياۋىنىدىن تېرىپ كەلگەن ھېكمەت تەمەچلىرىڭىزغا دىللارغا مىزان، تىللارغا داستان بولغۇسى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84051
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-8-17
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 12:53:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوپ ئەجىر قىپسىز بەركاللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1379
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 06:38:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچىقلىنىش --- ئۆزىنى ئازاپلاش ... دېگەن ھېكمەتكە مەن ئامراق . ھىممىتىڭىزگە ھەشقاللا ...

شىرئەلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش