كىتىمەن قەلبىمنى تاڭمايمەن ساڭا
كىتىمەن قەلبىمنى تاڭمايمەن ساڭا،
ئالدىڭدا ئۆزۈمنى خارلىغۇممۇ يوق.
باشقىغا مەنسۇپسەن مەنمۇ ئۆزگىگە،
رىسىقنىڭ ئىشىدا بىزدە ئامال يوق.
كىتىمەن قەلبىمنى تاڭمايمەن ساڭا،
بەختىڭنى تىلەپمۇ يۈرمەيمەن لىكىن.
بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى،
چىدايمەن ئايرىلىش بولسىمۇ قىيىن.
كىتىمەن قەلبىمنى تاڭمايمەن ساڭا،
ئىزدىمە سەن ئەمدى مىنى مەڭگۈگە.
زەپ شىرىن ئەسلىمە بەرگەنتىڭ ماڭا،
ھىكايە تۆگىمەي توشتى خاتىرە.
كىتىمەن قەلبىمنى تاڭمايمەن ساڭا،
كۈزۈمدىن يۈتكەندەك قەلبىمدىن كۆچكىن،
نە ئازاپ بۇ ماڭا ۋىسالسىز سۆيگۈ،
ئەمدى شۇ يارىڭغا ۋاپادار بولغىن.
كىتىمەن قەلبىمنى تاڭمايمەن ساڭا،
خوشلىشاي كىتىمەن، كەتتىم بىۋاپا.
تەلەپمۇ قىلمايمەن سەندىن ھېچنىمە،
ئەسلەپ قوي گاھىدا مىنى ئۇنتۇما.
2013.8.19
ۋاقىت ئۇ ئازاپنىڭ ياخشى دورىسى
ۋاقىت ئۇ ئازاپنىڭ ياخشى دورىسى،
ھەر ئىشلار ئۇنتۇلار ۋاقىت ئۆتكەنچە.
ئۆزۈڭنى چارچىتىپ قويمىغىن دوستۇم،
كۆپ ئىشنى كۆرىمىز تېخى ئۆلگىچە.
ۋاقىت ئۇ ئازاپنىڭ ياخشى دورىسى،
ئەسلىمە بولىدۇ ھەرئىشلار بىزگە.
جان بىلەن قوغلىشىپ يۈرگەن شۇ ئىشلار،
مەنىسىز بىلىنەر بىزگە بىر كۈندە.
ۋاقىت ئۇ ئازاپنىڭ ياخشى دورىسى،
ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ھەرخىل قىسمەتلەر.
خار بولغان ئەزىزمۇ بولار بىر كۈنى،
خوشالمۇ يۈرىدۇ ئازاپ چەككەنلەر.
ۋاقىت ئۇ ئەڭ ياخشى ئادىل تاراز،
ھەممىگە ئوخشاشلا تەقسىم بولىدۇ.
قەدىرلەپ ئۆتكۈزسەڭ ھەربىر مىنۇتنى،
ھاياتىڭ مەنىلىك ئۆتكەن بولىدۇ.
2013.8.20
-شاتيار-