|
|
|
|
ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻟﯘﻏﻪﺕ
ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻴﯩﺶ ,ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻴﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﮪﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ .
ﺋﺎﺧﭙﺎﺭﺍﺕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﮕﻰ
ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺧﻪﯞﯨﭙﻠﯩﻚ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ
ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍ
ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭ , ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﻳﻮﻕ ﭘﯘﻗﺮﺍ
ﺋﺎﺩﻭﻛﺎﺕ
ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺗﯘﺯﺍﻕ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﻣﺎﮪﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ
ﺋﺎﺷﭙﻪﺯ
ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺧﯘﺟﺎﻳﯩﻨﻰ , ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﭼﺎﻛﯩﺮﻯ
ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﺶ
ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺶ
ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ
1. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ _ ﺋﻪﺯﺭﺍﺋﯩﻞ ﺋﻪﯓ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ.
2. ﺭﯦﺘﺴﯩﭗ _ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯ.
3. ﺋﯚﭼﯜﺭﮔﯜﭺ _ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯜﺗﯜﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ.
4. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ _ ﺋﯩﻤﺘﺎﮪﺎﻥ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ.
5. ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﺵ _ ﻳﯧﯖﯩﺸﻜﻪ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ, ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭼﺎﺭﻩ.
6. ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ _ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳﯩﺰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﭙﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﮪﻨﻪ.
7. ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟﻯ ﺋﯘﻏﯘﺕ _ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ, ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ.
8. ﮔﺎﻝ _ ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﻨﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺴﺎ, ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﻣﺎﺭ.
9. ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ _ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ, ﭼﻪﺑﺪﻩﺳﻠﯩﻚ, ﮔﯘﺭﯗﮪﯟﺍﺯﻟﯩﻖ, ﻳﯘﺭﺗﯟﺍﺯﻟﯩﻖ, ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﭘﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻱ.
چاچ:ـــــــ ئاقارغاندا قارا بويىلىدىغان، قارا ۋاقىتىدا قىزىل بويىلىدىغان، بار ۋاقتىدا بوياۋىرىپ مىيىپ قىلىنىدىغان، ‹‹ ئۆلگەن››دىن كىيىن ‹‹ ياسىن›› ئوقۇپ، دىمىدە ئىچۈرىلىدىغان بىچارە.
باش:ـــــــــــــــــ ئىشلىگىنى گۆھەرگە، ئىشلىمىگىنى قاپاققا ئوخشايدىغان شەكىلداش نەرسە .
قاش:ــــــــــــــــ ئاياللار ھەر كۈنى قارايتىپ ھارمايدىغان، ئەرلەرنىڭ زادىلا كارى بولمايدىغان نەرسە.
كۆز:ـــــــــــــــ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ، ئۆزگىنىڭ ئەيبىنى كۆرىدىغان كۆڭۈل ئەينىكى.
يۈز:ـــــــــــــ ئەسلىدە ياراتقۇچى بىر قىلىپ ياراتقان بولسىمۇ، بەزىلەر جان بىقىش ئۈچۈن ئىككىگە كۆپەيتىۋالغان نامايەندە.
بۇرۇن:ــــــــــ مەيلى گۈللۈك، مەيلى ھاجەتخانىغا كىرسۇن، دەسلەپتە پۇراقنى توغرا سەزسىمۇ كىيىن، ئاستا-ئاستا سەزگۈسىنى يوقىتىپ، ئاسانلا كۆنۈپ كېتىدىغان بىچارە.
قۇلاق:ــــــــــــ ئەرلەر ئۈچۈن بىرلا تۈردە خىزمەت قىلسا ، ئاياللار ئۈچۈن ئىككى خىل خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ سادىق چاكار.
ئېغىز:ــــــــ تاللاپ كىرگۈزۈپ، ئويلىماي چىقىرىدىغان بىردىنبىر كۆچمە ئۆتكەل.
تىل:ــــــــــــــــ ئەگەر 32 تال قوزۇقنىڭ ئىچىگە بەنت قىلىۋىتىلمىگەن بولسا، ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ بىشىغا چىقىدىغان تەنتەك.
گال:ــــــــــــــ ئىسمى بىلەن جىسمى زادىلا بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغان، ئەگەر ماس كىلىپ قالسا، ئادەمنى يا ئاچلىقتىن، يا توقلىقتىن ئۆلتۈرىدىغان ئەزا.
قول:ـــــــــــــ پەقەت مايمۇن بىلەن ئادەمگىلا خاس بولغان ئونۋىرسال قورال.)
پۇت:ـــــــــــــ ئىشلىمىگەن باشنىڭ دەردىنى يېتىپ ئاشقۇچە تارتىپ، قاپىرىپ كېتىدىغان بىچارە.
ئادەم:ــــــــــــــــــــــــــ ‹‹ دەريا›› نىڭ ئۇ قىتىدىكى چاغدا، بۇ قاتقا ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان، بۇ قاتتا بولسا ئۇ قاتقا ئۆتۈشنىڭ كويىدا ھېرىپ ھالىدىن كىتىدىغان، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەندە بولسا ، پۇشايمان بىلەن بۇ دۇنيادىن كىتىدىغان ئەڭ ئەقىللىق ھەم ئەڭ دۆت بىر مەخلۇق. مەنبە:يىغىپ ساقلىۋالغانلىرىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sirdax998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-21 10:30 AM
|
|
|
|
|
|