بۇنىڭ ئالامىتى تۆتتۇر.
1.ئىبادەتتىن ھۇزۇر ئالالماسلىق. 2. ئاللاھ قورقۇسى ئىسىگە كەلمەسلىك. 3. كۆرگەنلىرىدىن ، ئاڭلىغانلىرىدىن ئىبرەت ئالماسلىق. 4. ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەنلىرىنىڭ مەنىسىنى بىلەلمەسلىك.
مۇھەممەد ڧادىل رەھىماللاھۇ ئەلەيھى مۇنداق دېگەن:
قەلبنىڭ قاساۋەتلىشىپ كېتىشىگە مۇنداق تۆت نەرسە سەۋەپ بولىدۇ.
1 ئۆگەنگەن نەرسىسىگە ئەمەل قىلمىغاندا. 2 بىر ئىشنى بىلمەي تۇرۇپ قىلغاندا. 3 . بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەنمىگەندە. 4. باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن توسالغۇ بولغاندا.
نەپىسنى پاكلاشتا ئۇچرايدىغان توسالغۇلار
1 مال دۇنيا سۆيگۈسى. 2. مەرتىۋە ئورۇن، سۆيگۈسى. 3. ئاللاھتىن باشقا نەرسىلەرنىڭ سۆيگىسى.
4. گۇناھلار.
بۇ تۆت توسالغۇنى يېڭىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.
1 .كۆپ يەپ- ئىچمەسلىك، ھالالدىن يېيىش.
ھارام ئارىلاشتۇرماستىن 40 كۈن ھالالدىن يىگەن ئادەمنىڭ قەلبى نۇر بىلەن تولىدۇ. قەلبىدە ھېكمەتلەر دەريا بولۇپ ئاقىدۇ. دۇنيا مۇھابىتى قەلبىدىن چىققىپ كېتىدۇ.
2. كۆپ ئۇخلىماسلىق. كۆپ يىگەن كۆپ سۇ ئىچىدۇ ۋە كۆپ ئۇخلايدۇ. ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تەئالا كۆپ يەپ – ئىچىدىغان ۋە كۆپ ئۇخلىغان ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ، دېگەن.
3. كۆپ سۆز قىلماسلىق. ھەدىس شەرىپتە؛ "كۆپ گەپ قىلغان ئادەم ، كۆپ خاتالىشىدۇ. كۆپ گۇناھ ئىش قىلىدۇ. گۇناھنى كۆپ قىلغان ئادەم دوزاخقا كېتىدۇ" دېگەن.
4. يامانلىقلاردىن ۋە يامان ئىنسانلاردىن يىراق تۇرۇش. ھەدىس شەرىپتە :" كىشىنىڭ دىنى دوستىنىڭ دىنى ئۈستۈدە دۇر.كىم بىلەن دوست بولغانلىقىڭغا قارىغىن" دېگەن.
ھازىرلاپ سۇنغۇچى: مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر