قاقشىما
(رىشات ئەخمەت)
جاھان لەنىتى دەپ قاقشىما دوستۇم،
ئىنسان قىلدى مەينەت ۋە جاھالەت.
دۇنيا رەھىمسىز دەپ قاقشىما دوستۇم،
رەببىمىز دەردىمىزگە بەرسۇن ھالاۋەت.
تۈگەشتى قىزلار دەپ قاقشىما دوستۇم،
ئوغۇللارمۇ بۇلارنىڭ جىنايەت پىلتىسى.
مۇھەببەت ساختا دەپ قاقشىما دوستۇم،
ھىسياتقا يۆگەلگەن يالغاننىڭ جىلتىسى.
ئاجىز ۋە بىچارىمەن دەپ قاقشىما دوستۇم،
بۇ جاھاندىكى ئىنساننىڭ ھەممىسى ئاجىز.
تەغدىرىم كاج دەپ قاقشىما دوستۇم،
شۈكرى قىلىپ ياشىغىن بولمىغىن نىجس.
پىشانەم بىتەلەي دەپ قاقشىما دوستۇم،
تەدبىرىڭ بىلەن تەغدىرىڭنى ئۆزگەرىت سەن ھامان.
تەلەي بىلەن ئاسماندىن تىلىمە بەخىت،
بۇ جاھاندا تىرىشقانلار ھەممىدىن يامان.
ئۇ كىم مەن كىم دەپ قاقشىما دوستۇم،
سەنمۇ بەندە ئۇمۇ بەندە ئوخشاش بىر بەندە.
قايىل بول قوللىغىن ئەتراپتىكلەرنى،
سەنمۇ ئالارسەن مۇل-ھوسۇلنى شۇنداق بىر كۈندە.
بولمىدۇق مۇسۇلمان دەپ قاقشىما ھەرگىز،
تىلىگىن شۇلارنىڭ ئىنساب بەختىنى.
يا رەببىمىم دەپ قولۇڭنى دۇئاغا كۆتۈر،
رەببىمىز كەچۈرسۇن ئازغان ئەھلىنى.
كاپىرسەن دوزىقى دەپ قاقشىما قاۋاپ،
ئۇلار ئىمان ئېيتقاندا قالىسەن قاراپ.
سەنمۇ بىر چاغدا ئازغان بەندىغۇ،
قويمامسەن ئۆزۈڭگە سوئال ۋە جاۋاب.
شىر-يولۋاسنى يەڭگەن شۇنداق باتۇرمەن،
نىمە ئۈچۈن ئالدىڭدا تۇرىمەن قاراپ.
خار بولدۇم دەپ ھەرگىزمۇ قاقشىما دوستۇم،
شىلتىڭنى ئاز ئاتساڭ قالمايسەن خاراب.
ۋاپاغا جاپا قىلدىڭ دەپ قاقشىما دوستۇم،
قىلغۇسى كەلگەندۇ ۋاپاغا جاپا.
تۇرغىن سۈكۈتتە قىلما ئاداۋەت،
قىلار ھامان پۇشايمان كۆرمەي راۋا.
ياغلىقى يوق ئەخلاقسىز قىز،
ئىمانى يوق شەيتان قىز.
نىمە كارىڭ جىنىم دوستۇم،
ئاغزىڭنى يۇم قوڭاڭنى قىس.
بۇ قىز ھىجابلىق قىز،
نىمىدېگەن ئىسىل قىز.
ھىجابنى ئالدى ئاللا كاللا،
شۇڭا ھامان قوڭاڭنى قىس.
كېيىم بىلەن ئۆلچەنمەس ئادەم زىننىتى،
ئەدەب-ئەخلاق كىشىنىڭ ئېسىل خىسلىتى.
ئۈرپ-ئادەت ئۇيغۇرنىڭ ئۆچمەس بەلگىسى،
قالدۇرغان ئەجدادىمىز شۇنداق ھېكمەتنى.
ئادەم تىللاش ھاقارەتلەش ئەڭ چوڭ جىنايەت،
ھەم بىلگىن بۇ جىنايەت ئەڭ چوڭ خىيانەت.
ئىنسان ئۆزى ئەمەستۇر يۈزدە يۈز دىيانەت،
ئادەم تىللاپ بۇ جاھاندا چەكمىگىن رىيازەت.
جاھان قارا دەپ قاقشىما دوستۇم،
بۇ جاھان بىزلەرگە ئەمەستۇر باقى.
قاقشىما دوستۇم قاقشىما ھەرگىز،
ساق بولسۇن تىنىمىز قاقشاشتىن خالى.
2013-يىلى 12-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghostuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-20 01:53 PM