ساراڭ بولغان روھىم سەن بىلەن بىللە
(رىشات ئەخمەت)
ـــ سىزنى تەبرىكلەيمەن، كىسىلىڭىز ياخشى بولۇپ قالدى. دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ،-دېدى دوختۇر. بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىز خۇشاللىقىدىن ئاغزى قولىقىغا يەتتى.
ـــ رەھمەت دوختۇر، سىزگە قانداق رەھمەت دېيىشنى بىلەلمىدىم،- دېدى قىز رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن. دوختۇر ئۇلۇغ بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن:
ـــ رەھمەتنى ماڭا ئەمەس، بەلكى سىزگە بۆرەك تەغدىم قىلغان يىگىتكە دەڭ،-دېدى. قىزنىڭ ئاپىسى ۋە توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ئوغۇل دوستى تەڭلا:
ـــ ئۇ يىگىتنىڭ ئىسمى نىمە؟ ئۇ ھازىر نەدە؟-دەپ سوراشتى. دوختۇر قىزنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى ۋە ئۆيىدىكىلىرىنى ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپلا، قىزنى جەسەت ساقلاش ئۈيىگە باشلىدى. قىز ئەجەبلەنگەندەك دوختۇرغا قارىدى. دوختۇر قىزنى بىر جەسەتنىڭ ئالدىغا باشلىدى ۋە قىزغا قاراپ:
ـــ ھەرگىزمۇ قورقماڭ،-دەپلا جەسەتنىڭ يۈزىنى ئاچتى. قىز جەسەتنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قالدى ۋە كۆزىگە ئىختىيارسىز ياش ئالدى. دوختۇر قىزغا قاراپ:
ـــ بۇ يىگىت چىگرا تۇقۇنۇشىدا ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ، مەركوز دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىلىندى لىكىن زەمبىرەكنىڭ TNT تەركىبىدىكى يادرو ئىلمىنتلار يىگىتنىڭ كۆزىنى كاردىن چىقارغاندىن سېرىت، نېرۋا تۇقۇلما ھۈجەيرىلىرىنى راكقا ئايلاندۇرغاچقا، داۋالاش ئۈنۈم بەرمىدى. يىگىت ئۆزىنىڭ ساقىيالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئەزالىرىنى تەغدىم قىلماقچى بولغان ھەم سىزنى ئالاھىدە تىلغا ئىلىپ، ئىككى بۆرىكىنى تەغدىم قىلدى. ئۇ ھايات چېغىدا، سىزنى ساقىيىپ قالسا، ماڭا سىزنى جەسىتىمنىڭ ئالدىغا باشلاپ كېرىشىنى ئېيتتى،-دېدى. قىز يىگىتكە قاراپ تۇرۇپ كەتتى. يىگىتنىڭ كۆرگىسىز بولۇپ كەتگەن يۈزلىرىدىن بىرخىل جاسارەت ۋە باتۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى. قىز يىگىتنىڭ قۇلىدا بىر باغاقچە بىلەن بىر پارچە رەسىمنى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى ۋە قۇلىدىكى باغاقچى بىلەن رەسىمنى ئالدى. قىز رەسىمنى كۆرۈپلا، ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتى. بۇ يىگىت بولسا، قىزنىڭ بۇرۇنقى يىگىتى ئىدى. قىز يىغلاپ تۇرۇپ خەتنى ئىچىپ ئۇقۇشقا باشلىدى. خەت مۇنداق يېزىلغانىدى:
ـــ قەدىرلىكىم، ياخشىمۇسەن. قىسىمدا سېنىڭ دۇختۇرخانىدا يىتىپ قالغىنىڭنى ئاڭلاپ، قىسىمدىن قېچىپ، قىشىڭغا بارغۇدەك بولدۇم. بىراق ھەربىي تۈزۈم بۇنىڭغا يول قويمىدى. سېنى ئويلاپ، نەچچە كىچە كېرپىك قاقمىدىم. قىشىڭغا بېرىش ئۈچۈن، نەچچە قېتىم قاچتىم. بىراق يەنە تۇتۇلۇپ قالدىم. ئامالسىز لېۋىمنى چىشلەپ تۇردۇم. سېغىنىش ئوتى مىنى تىرىك پىتى كۆيدۈرۋاتاتتى. چۈنكى ساڭا نەچچە قېتىم خەت يازساممۇ، سەندىن جاۋاب خەت كەلمىگەچكە، ئۆز بىشىمنى ئۆزۈم يارغۇدەك بولدۇم. دوختۇرخانىدا ياتقان خەۋرىڭ بىلەن مەندىكى ساراڭلىق باشقىچە، ئۈنۈم ۋە شىجائەت بەردى. تۇيۇقسىز خۇشنا دۆلەت بىلەن كىچىك ئىشتا، چىگرا ئىچىدە تۇقۇنۇشۇپ قالدۇق. بۇ مەن سېنى كۆرۈش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىدى، شۇڭا خۇشنا دۆلەتنىڭ زەمبىرىكى ئالدىغا قەستەن ئۈزۈمنى ئاتتىم. مانا ھازىر ئالدىڭدا تۇرۇپتىمەن. بۇ ساراڭلىغىم ئۈچۈن مىنى تىللىغىن ياكى ئۇرغىن، مەن قول ياندۇرمايمەن. ئەمدى مەن سېنىڭ قېشىڭدىن ئايرىلمايمەن. ئۆلسەم روھىم سەن بىلەن بىللە....
قىز بۇ خەتنى ئوقۇپلا، يىگىتنىڭ جەسىتىنى قۇچاقلاپ، ئىچىنىشلىق يىغلاپ كەتتى. قىزنىڭ بۇ يىغىسى پۈتۈن دوختۇرخانىنى تىتىرىتىۋەتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghostuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-20 01:45 PM