مودەنگۈل چېكىلگەن كۈنلۈك
رىشات ئەخمەت
(مىكرو ھېكايە)
ئالمىرەنى ئىزدەپ بارغان دىليار بۈگۈن قاتتىق ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
ــ يۈرۈڭە، ياخشىراق يەرگە بېرىپ تاماق يەپ كېلەيلى،-دېدى دىليار، ئالمىرە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا شۇنداق بىرنى قارىۋەتتى دە:
ــ ۋاقتىم يوق،-دەپ قىسقىلا جاۋاب بەردى. دىليار سەل ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى ۋە:
ــ تېخى باياتىن ۋاقتىم بار دېگەنتىڭىزغۇ جىنىم،-دەپ سورىدى، ئالمىرە شۇنداق سەت قارىۋەتتى ۋە :
ــ ئوھۇش، بولدى قېلىڭە، ۋاقتىم يوق دېگەندە تولا كۆزۈمگە كېرىۋالماڭە،-دېدى ئاچچىقلىنىپ، توساتتىن بىر ئاق رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلى ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى، ئىچىدىن قارا كۆزئەينەك تاقىغان، تار ئىشتان كىيگەن، مەيدىسىنىڭ تۈكىنى چىقىرىۋالغان كەكە ساقاللىق بىر يىگىت چۈشتى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى.
ــ سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟،-دېدى ئۇ يىگىت. دىليار ئۇ يىگىتنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ تۇرۇپ:
ــ سەن كىم؟ ،-دەپ سورىدى. بىراق ئالمىرە دىليارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى.
ــ ئۇ مىنىڭ تۇتۇق ئاكام، مىنىڭ دەردىمنى سىزدىن بەكرەك ئۇ بىلىدۇ،-دېدى ۋە ئۇ يىگىتنى قولتۇقلاپ ماشىنىسىغا چىقىۋالدى، كەكە ساقاللىق يىگىت دىليارنىڭ كۆز ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى ھەم ماشىنىسىغا چىقىپ ھەيدەپلا كېتىپ قالدى. دىليار جايىدا قېتىپلا قالدى.
ــ ئاكا نەگە بارىمىز؟،-دەپ سورىدى ئالمىرە. كەكە ساقاللىق يىگىت ئالمىرەنىڭ يۈزىنى سىيلاپ تۇرۇپ:
ــ «جامانىي» غا.... (ئۈرۈمچىدە بۇنداق قاۋاقخانا بەلكىم يوق بولۇشى مۇمكىن، بىراق بۇزۇقچىلىقتا تولغان بۇ شەھەرنىڭ بىرەر بولۇڭلىرىدا كېيىنكى بىر كۈنلەردە ئېچىلىپ قالار)،-دەپ جاۋاب بەردى.
ــ يەنە شۇ جامانىي، ۋايجان ئاكا ... باشقا يەرگە بارساق بولمامدۇ؟،-دېدى ئالمىرە سېسىق ئەركىلەپ تۇرۇپ:
ــ ئاۋۋال بارايلى، ئۇ يەردە بىردەم ئولتۇرۇپ، باشقا يەرگە بارايلى قانداق؟،-دېدى.
شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان قاپقاراڭغۇ بىر كوچىدا، ئەنسىز ئاۋاز ئاڭلانماقتا ئىدى. بۇ ئاۋاز دەل «جامانىي» قاۋاقخانىسىدىن چىققان بولۇپ، ئىچىدە ھەرخىل كىشىلەر دىسكو ئويناۋاتماقتا ئىدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ، بېشىغا يالتىرايدىغان رەڭلىك چىراغلارنى تاقىۋالغان، يوپكىسىنىڭ قىسقىلىقىدىن ئىچىگە كىيىۋالغىنى كۆرۈنۈپ تۇرغان كىچىك قىزلارمۇ بار ئىدى. چاچلىرى ھەرخىل بويالغان، ئىشتاننىڭ تارلىقىدىن بىرلا ئولتۇرسا، يىرتىلىپ كېتىدىغان دەرىجىدە، ساقىلى بار بۇرۇتى يوق ئوغۇللارمۇ بار ئىدى. ئالمىرە بىلەن كەكە ساقال يىگىت بۇ جايغا كېرىپ كەلدى. قاۋاقخانا ئىچى لىق ئادەم بىلەن تولغان بولۇپ، ئىچىدىن بىرخىل سېسىق پۇراق دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. قاۋاقخانىنىڭ تۆت تېمىغا ئاسما تېلېۋىزور ئورنىتىلغان بولۇپ، تېلېۋىزوردىن ئامېرىكىنىڭ يېرىم يالاڭغاچ قىزلىرى كاسىلىرىنى تولغاپ ئويناۋاتماقتا ئىدى. بىراق كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدىغىنى، خۇددى مايمۇندەك بىر تال تۆمۈر تاياقچىنى تۇتۇۋېلىپ، كاسىلىرىنى چىقىرىپ، تولغاپ ئويناۋاتقان ھېلىقى بىھايا قىزلارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا باغىرداق بىلەن قارا رەڭلىك كالتە ئىشتاندىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى. ئالمىرە بىلەن كەكە ساقال دەل شۇ قىزلارنىڭ سەھنىسىنىڭ قېشىدىكى بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. مۇلازىملار ئۇلارنىڭ ئالدىغا پىۋىلەرنى تىزدى ۋە بىر سېۋەت قوناق ئېتىلدۈرمىسىنى قويۇپ قويدى. كەكە ساقال ئاۋۋال بىر بوتۇلكا پىۋىنى ئېچىپلا گۈپلا قىلىپ ئىچتى. ئالمىرە پىۋا ئىچكىلى ئۇنىمىدى. ئۇ ھېلىقى قىزلارغا قاراپ تۇراتتى. گوم-گوم قىلغان دىسكو مۇزىكىسى ياق ئۇ مۇزىكا ئەمەس بەلكى ساراڭلارنىڭ ئاچچىق نادامىتى داۋاملىق قويۇلۇۋەردى. بىر چاغدا، كەكە ساقالنىڭ قېشىغا ئىككى قىز بالا كېلىپ ئولتۇردى ۋە كەكە ساقالنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى سىيلاپ ئولتۇردى، بۇ ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالمىرە دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، كەكە ساقال ئالمىرەنى كۆرۈپ، كۆز ئالدىدا سول تەرىپىدىكى قىزنىڭ كاسىسىنى مىجىقلاپ قويدى ۋە ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى. ئالمىرەنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئەگىپ كەتتى. بىچارە قىستا-قىستاڭچىلىق ئارىسىدىن كەكە ساقالغا خوش دېمەستىن سېرىتقا ئاران چىقىۋالدى. سېرىتتا بىرخىل سوغۇق شامال چىقىۋاتاتتى. ئالمىرە ئۆيىگە كەتمەكچى بولغاندا، تۇيۇقسىز چاقماق چىقىپ، يامغۇر شارىلداپ قويۇۋەتتى. ئۇ شۇنداق تەمتىرەپ كەتتى. كۆزلىرىدە ياشلار تاراملاپ چۈشۈۋاتاتتى. شۇ تۇرقىدا ئۇ سۆيگەن مۇھەببىتىدىن ئايرىلدى، كىچىككىنە ئويۇننى ۋە خۇشاللىقنى دەپ، جىنايەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ يەرگە كېلىپ، ئاياقلىرىنى بۇلغىدى. بىچارە قىزنىڭ قېشىدا ھېچكىم يوق ئىدى. بىر چاغدا يامغۇر توختىغاندەك بولدى، ئالمىرە خۇش بولۇپ كەتتى ۋە بېشىنى شۇنداق كۆتۈردى، ئالدىدا دىليار تۇراتتى، قۇلىدا مودەنگۈل چېكىلگەن كۈنلۈكنى ئالمىرەنى يامغۇردىن دالدا قىلىپ تۇرغانىدى . ئۇ دىليارنى كۆرۈپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى، بىراق دىليار خۇش تەبەسسۇمى بىلەن ئالمىرەنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇ ئالمىرەنىڭ قولىغا بىر ئاتكرىتكىنى تۇتقۇزدى ۋە ئىچىنى ئاچقۇزدى، ئىچىدە بىر پارچە خەت تۇراتتى. بۇ خەت دەل بىر قېتىملىق ئالمىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئالمىرەنىڭ دىليارغا يازغان جاۋاب خېتى ئىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى: «مودەنگۈللۈك كۈنلۈك بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولارمۇ؟ سىز ماڭا سوۋغا قىلغان بۇ كۈنلۈك بىزنى ناپاكلىقتىن توسۇپ قالارمۇ؟ سىز ماڭا سوۋغا قىلغان بۇ كۈنلۈكنىڭ مەنىسى نېمە ؟ مەن بۇ كۈنلۈكنى ياقتۇرمىدىم، سىزنىڭ ماڭا بولغان مۇھەبىبىتىڭىزگە قايىل ئەمەسمەن، شۇڭا ۋاقتىنچە، دوست بولۇپ ئۆتسەك، سىز ئاۋۋال پۇل تېپىڭ، ئۆي ئېلىڭ، ماشىنا ئېلىڭ، ئاندىن مېنى ئەمرىڭىزگە ئېلىڭ». بۇ خەتنى ئوقۇغان ئالمىرە دىليارنى چىڭ قۇچاقلاپ ھۆڭگىرەپ يىغلاپ كەتتى. چۈنكى ئۇ بۇ خەتتە يېزىلغان «ئاددىيغىنا مودەنگۈل چېكىلگەن كۈنلۈكتىن ھەققى مۇھەببەتنى، بۇ ھەققى مۇھەببەتنىڭ پۇلدىن، ئۆيدىن، ماشىنىدىن مال-دۇنيادىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقنى سادىر قىلغانلىقىغا تاس قالغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى. بىراق يېنىدا ئۇنى سۆيىدىغان دىليارى بار ئىدى. ئۇنىڭ باغرى شۇنچە ئىسسىق ئىدى، سوقۇۋاتقان يۈرەكلىرىدىن مۇھەببەتنىڭ لىرىك مىلودىيەسى ياڭراۋاتقاندەك بۇنى ئالمىرەنىڭ ئۆزىلا ئاڭلاۋاتقاندەك بىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghostuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-20 01:32 PM