مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1951|ئىنكاس: 15

كۆچمەن ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 01:07:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى

     ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغاندىن كېيىن، توققۇز ياشلىق ئوغلۇمنى ئۆيگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئەكىرىپ بەرگىنىمدە، خۇددى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمنى ئىشەنچسىز بىر ئادەمنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرغاندەك، كۈندە دەككە – دۈككىدە يۈردۈم. بۇ قانداق مەكتەپ؟ ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا ئۈنلۈك ئاۋازادا كۈلۈشىدىكەن، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلار ئاز دېگەندىمۇ ئىككى سائەت ئويۇن ئوينايدىكەن، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ بولمايلا مەكتەپتىن قويۇۋېتىدىكەن، مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى دەرسلىك كىتابىمۇ يوق ئىكەن.
    ھېلىقى سېرىق چاچ، كۆك كۆز ئايال ئوقۇتقۇچى ئوغلۇم ئېلىپ بارغان جۇڭگودىكى باشلانغۇچ تۆتىنچى يىللىقنىڭ دەرسلىك كىتابىنى كۆرۈپ، ئەدەب بىلەن: ‹‹ئالتىنچى يىللىقتىن ئىلگىرى ئۇ ماتېماتىكىنى ئۆگەنمىسىمۇ بولىدۇ›› دېدى، ئۇنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشىدىن قاتتىق توقماق يېگەندەك، ئۈنۈمنى چىقىرالماي قالدىم، تۇيۇقسىزلا ئوغلۇمنى ئامېرىكىغا ئەكەلگىنىم ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىشتەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
كۈنلەر ئۆتمەكتە، ئوغلۇمنىڭ قۇپقۇرۇق سومكىنى ئېسىپ، شاد – خۇرام مەكتەپكە كېتىۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە، قەلبىم بىر خىل ئېيتقۇسىز ئازاب ئىچىدە قالاتتى. جۇڭگودا بولسا ئۇنىڭ سومكىسى بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپلا لېق تولغانىدى، بىرىنچى يىللىقتىن تۆتىنچى يىللىققىچە بىر – بىرىدىن چوڭ ئۈچ سومكىنى ئالماشتۇرۇپ بولغان، سومكىلىرى بارغانسىېرى يوغىناپ، ئېغىرلاپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەۋاتقانلىقىنى، بىلىمىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. ھالبۇكى ئامېرىكىدا ئۇنىڭ سومكىسى قۇپقۇرۇق، بۇنى قانداقمۇ ئوقۇۋاتىدۇ دېگىلى بولسۇن؟ بىر مەۋسۇم ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئوغلۇمدىن ئامېرىكىدىكى مەكتەپنىڭ ئۇنىڭغا قالدۇرغان ئەڭ چوڭ تەسىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ‹‹ئەركىنلىك›› دېدى، بۇ گەپ خۇددى بىر پارچە تاشتەك ئۇدۇل مېڭەمگىلا تەگدى.
   بىلىپ – بىلمەي بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئوغلۇمنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەسى ھەقىقەتەن ئۆسۈپ كەتتى. مەكتەپتىن قايتقاندا ئۇدۇل ئۆيگە كەلمەي، كۇتۇپخانىغا بارىدىغان، ئارىلاپ – ئارىلاپ بىر دۆۋە كىتابلارنى كۆتۈرۈپ كېلىدىغان بولۇپ قالدى. بىر قېتىم ئۇنىڭدىن بۇنچە كۆپ كىتاب ئارىيەت ئېلىپ نېمە قىلىسەن دەپ سورىسام، ئۇ بىرياقتىن كىتابلىرىنى كۆرگەچ، بىر ياقتىن كومپيۇتېرغا قارىغاچ: ‹‹تاپشۇرۇق›› دەپلا جاۋاب بەردى. بۇ تاپشۇرۇقمىكەن؟ بالامنىڭ كومپيۇتېردا ئۇرۇۋاتقان خەتلىرىگە قاراپ نېمە قىلارىمنى بىلمەي، قېتىپلا قالدىم، ‹‹جۇڭگونىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى››، بۇنداق چوڭ تېمىنى ھەتتا دوكتورلارمۇ ئالدىراپ يېزىشقا پېتىنالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن جىددىي ھالدا ‹‹بۇ كىمنىڭ تاپقان ئەقلى›› دەپ سورىدىم. ئوغلۇم ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن: ‹‹مۇئەللىم بىزگە، ئامېرىكا كۆچمەنلەر دۆلىتى، شۇڭا ھەر بىرىڭلار ئاتا – بوۋاڭلار ياشىغان دۆلەتنى تونۇشتۇرۇپ بىر پارچىدىن ماقالە يېزىڭلار، دەپ تاپشۇردى، ماقالىدە شۇ دۆلەتنىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيىتى، ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆز قارىشىمىزنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك ئىكەن››، بۇنى ئاڭلاپ، دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتتى. مەن ئون ياشلىق بىر بالىنىڭ چوڭ ئادەممۇ يازالمايدىغان بۇنداق ماقالىگە تۇتۇش قىلسا، نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەنمۇ بىلەلمىدىم، پەقەت ئون ياشلىق بىر بالىنى بۇنداق ئۆزىنى چاغلىمايدىغان قىلىپ تەربىيەلىسە، كېيىنلىكتە نېنىنى تېپىپ يېيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم.
     نەچچە كۈندىن كېيىن، ئوغلۇم بۇ ماقالىنى پۈتكۈزدى، بېسىپ چىققاندىن كېيىن قارىسام، يىگىرمە نەچچە بەتلىك بىر كىچىك كىتابچە بوپتۇ، خۇاڭخې دەرياسىدىن تەسۋىرىي يېزىققىچە، يىپەك يولىدىن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققىچە... ناھايىتى قىزغىن تەسۋىرلەپتۇ. يەنە كېلىپ بۇ ماقالىنى باب – بۆلەكلەرگە ئىنتايىن مۇۋاپىق بۆلۈپتۇ ۋە ئاخىرىدا پايدىلانغان كىتاب – ماتېرىياللارنى بىرمۇ بىر تىزىپتۇ. بۇ مەن ئوتتۇز يېشىمدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن قوللىنىشنى بىلگەن يېزىقچىلىق ئۇسۇلى ئىدى. شۇڭا ماختاشقىمۇ، تەنقىدلەشكىمۇ تىلىم بارماي، ھاڭۋېقىپ قالدىم.
    ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇغلۇم ‹‹مەن ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە قانداق قارايمەن›› دېگەن تېمىدا يەنە بىر ماقالىنى پۈتكۈزدى. ئەگەردە ئالدىنقى ماقالىنى يېزىش دائىرىسى بار، كونكرېت ماقالە دېسەك، بۇ قېتىمقىنىڭ ھېچقانداق دائىرە، چەك – چېگراسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئوغلۇم مەندىن ئەستايىدىللىق بىلەن ‹‹تۈگرە مەدەنىيەتكە كىرەمدۇ؟›› دەپ سورىدى، كېيىنكى ئەۋلادلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، مەن ئوغلۇم بىلەن بىللە نوپۇزلۇق پايدىلىنىش كىتابلىرىدىن ماتېرىيال ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ئوغلۇم يەنە كومپيۇتېر ئالدىدا نەچچە ئاخشام ئولتۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ ماقالە يازدى. ئۇنىڭ بۇنداق قېتىرقىنىپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ، ئىچىمدە كۈلگۈم كەلدى. بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قانداقمۇ ‹‹مەدەنىيەت›› دېگەن بۇنداق بىر مەنىسى چوڭقۇر، ئېنىق چەك – چېگراسى يوق، ئابستراكىت ئۇقۇمنى چۈشىنىپ يەتسۇن؟ ئامېرىكىچە مائارىپ تەربىيەسىدە ئەركىن پىكىر قىلىشقا يۈزلەنگەن ئوغلۇم بۇ ماقالىنىمۇ يېزىپ تۈگەتتى. كېيىن بالام مۇئەللىمى تەكشۈرۈپ بولغان تاپشۇرۇقلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى، ئۈستىگە مۇئەللىمى باھاسىنى يېزىپ قويغانىدى: ‹‹مېنىڭ بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇش. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقى مېنى مەن بالىلارنىڭ كىرىشىنى ئۈمىد قىلغان دۇنياغا باشلاپ كىردى››. مەن ئوغلۇمدىن بۇ باھانىڭ مەنىسى نېمە دەپ سورىسام، ئۇ مۇئەللىم بىزدىن پەخىرلەنگىنى يوق، ئەمما ئۇ بىزدىن ھەيران قالدى، شۇنداقمۇ؟ دەپ قايتۇرۇپ مەندىن سورىدى.
مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم، بالام نېمىشقا تۇيۇقسىزلا بۇنداق ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ قالغاندۇ؟ ئويلاپ باقسام، ھەيران قالغۇدەك يېرىمۇ يوقكەن.
    مەكتەپ ۋە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك قارىشىنى سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەپ، بالىلارغا چوڭ مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدىكەن، بۇنداق سوئاللارنىڭ دەرسخانىدا ئۆلچەملىك جاۋابى يوق بولۇپ، بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ جاۋابى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئىزدىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
     ئوغلۇم باشلانغۇچنى پۈتكۈزگەن ۋاقتىدا، كۇتۇپخانىدىكى كومپيۇتېر ۋە مىكرو ئېكراندىن بىمالال پايدىلىنىپ، ئۆزىگە كېرەكلىك ماتېرىيال ۋە سۈرەتلەرنى تاپالايدىغان بولدى. بىر كۈنى ئىككىمىز شىر بىلەن قاپلاننىڭ يېمەكلىك ئىزدەش ئادىتى توغرىلىق تالىشىپ قالدۇق، ئىككىنچى كۈنى ئۇ كۇتۇپخانىدىن ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى تارتقان، ھايۋاناتلارنى تونۇشتۇرغان سىنئالغۇ لىنتىسىنى ئارىيەت ئېلىپ كېلىپ، ماڭا كۆرسەتكەچ، مۇنازىرلىشىپ كەتتى. بالام ئۆزى بىلمىگەن سوئاللارنىڭ جاۋابىنى نەدىن تېپىشنى ئۆگىنىۋالغانىدى.
    ئوغلۇمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر مېنى ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىغا قايتىدىن باھا بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. مەن، ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئەزەلدىن دەرسخانىدا بالىلارنىڭ كاللىسىغا زور مىقداردا بىلىم ۋە فورمۇلا قۇيمايدىغانلىقىنى، ئامالنىڭ بارىچە بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى دەرسخانىنىڭ سىرتىدىكى چەكسىز بىلىم دۇنياسىغا باشلايدىغانلىقىنى، بالىلارغا تۇرمۇشتىكى بارلىق ماكان ۋە زاماننىڭ بىلىم ئالىدىغان دەرسخانا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق بالىلارغا مەسىلىلەر ئۈستىدە قانداق پىكىر يۈرگۈزۈشنى، ناتونۇش مۇھىتتا قانداق قىلىش ۋە جاۋاب ئىزدەش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئۇلار ھېچقاچان ئىمتىھان ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە بۆلمەيدىكەن، ئەكسىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بالىلار ئۆزلىرى پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق چىقارغان بارلىق خۇلاسە – نەتىجىلەرنى ئالقىشلاپ، بالىلارنىڭ ھەرقانداق ئىجادىيەت ۋە ئىنتىلىشىنى قوغدايدىكەن ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدىكەن.

غۇنچەم ئەخمەت تەرجىمىسى
مەنبە:2013-يىل19-ئاۋغۇست« شىنجاڭ گېزىتى»



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hasalharisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-20 01:10 PM  


ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 03:22:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگونىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى بىلەن ئامىرىكىنىڭ مائارىپىدا ئاسمان-زىمىن پەرق با دىگىنى راست ئىكەن دە

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .
dawir111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 03:34:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 03:54:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇئىككى دۆلەتنىڭ ماڭغان يولىمۇ ئوخشاش ئەمەس .  ئەلۋەتتە مائارىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ،  . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XAHZAD تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-20 03:54 PM  


شاھ زاد

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3024
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2531 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 04:10:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس، مۇشۇنداق يازمىلاردا مۇلاھىزە ئېلىپ بارمايمىز دېسە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-20 08:11 PM  


باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 04:38:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇللۇق ئوتتۇردا ۋاقتىمىزدا باللىنى  مانۋىر ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن  دەرىجىگە تىزىپ چاپلاپ قۇيۇپتىكەن مالىم . مەن غۇرۇرۇم تۇتۇپ كىتىپ يىرتىۋىتىپ دەككەمنى خېلى يىگەن . بولمىسىغۇ مەن ئۇ دەرىجىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە ئىدىم .

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 04:40:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىنى ئوقۇۋېتىپ، 1- سىنىپنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن ئوغلۇمنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاپ كەتكەن بوخچىسى، كېچە سائەت 11- 12- لەرگىچە مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەشلىرى، پت- پاتلا «دادوي، تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدىغان مەكتەپتە ئوقۇسام بولمامدۇ» دىيىشلرى يادىمغا كەچتى...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!
anatil005 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 04:41:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 908
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 578 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 04:47:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بىزدىكى مائارىپ مېتۇتى نەدە قالدى !


   تىما ئىگىسىگە رەھمەت !

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10414
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 04:50:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دگەن ئككى خل؛ تۈزۈمدىكى دۆلەت تۇرسا     

شاھزاد
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش