 |
بىر ساياھەتچى يېزا يۇلىدا كېتىۋىتىپ بىر يول بەلگىسىنى كۈرۈپتۇ.
ئۇنىڭغا: « بۇ يول ئىتىۋىتىلگەن مېڭىۋىرىشكە بولمايدۇ» دەپ يېزىلغان ئىكەن.
ئۇ ئالدىدا ھىچقانداق تۇسالغۇنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ, ئۆزىنىڭ ساياھەتتىكى تەجىربىسىنىڭ موللىقىغا ئىشىنىپ ئالدىغا مېڭىۋىرىپتۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي, ئۇ ئالدىدىكى كۆۋرۈكنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ ۋە قايتىشقا مەجبۇر بوپتۇ.
ئۇ قايتىپ ھېلىقى يول بەلگىسى بار يەرگە كەلگەندە, ھېلىقى بەلگىنىڭ كەينى تەرپىگە « قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز, ئەخمەق» دەپ يىزىلغانلىقىنى كۈرۈپتۇ.
كەسپى كىسەل
بىر ياش ئەسكەر دەم ئىلىش ئۈچۈن يۇرتىغا كەپتۇ.ئۇ ئاتا ئانىسىغا خۇشال ھالدا ھەربى تۇرمۇشىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ,بىردىنلا كوچىدا قاتارلىشىپ كىتۋاتقان تۆت قىزنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە,گىپىنى توختىتىپ,ئۇلارغا قاراشقا باشلاپتۇ.
-قاراڭ,-دەپ پىچىرلاپتۇ ئانىسى دادىسىغا,-
ئوغلىمىز چوڭ بولۇپ قاپتۇ.ھەربىيگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن قىزلارغا دىققەت قىلمايتتى.
ئەسكەر قىزلارنىڭ قارىسى يوقالغىچەزەن سېلىپ,ئاندىن يەنە ئاتا-ئانىسىغا قاراپ دەپتۇ:
ئۇ قىزلارنىڭ بىرى قەدىمىنى توغرا ئالمىدى.
قوي ھارام بولغاندا
بىر دېھقان شەھەرلىك دوست - بۇرادەرلىرىنى پەتىگە چاقىرغىلى شەھەرگە كىرىپ چىققۇچە , ھويلىغا باغلاپ باققان قويى تانىدا بۇغۇلۇپ ئۆلۈپ قاپتۇ , ئۆيدە قالغان بەش - ئالتە ئادەمنىڭ بىپەرۋالىقىدىن نارازى بولغان دېھقان :
- « ئادەم كۆپ يەردە ئېشەك ھارام بوپتۇ » دېگەن شۇدە , - دەپتىكەن , شەھەردىن چىققان بىرەيلەن مۇنداق دەپتۇ:
- بىز ئېشەك يېمىگەندىن كېيىن ئۇ نېمە بولسا مەيلى , لېكىن ماۋۇ قوينىڭ ھارام بولۇپ قالغىنى بەك چاتاق بوپتۇ .
بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات
- كاپىتان نېمىشقا كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەس؟نېمە بولدى؟
- تېلېۋىزوردا تارقىتىلغان بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىگە بولدۇم
- ۋۇي ياخشى گەپقۇ!
-نېمىگە ياخشى! ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلار- پۇل, بىرىنچىسى بولسا بىزنىڭ كېمىدە ھەقسىز ساياھەتكە چىقىشكەن ئەمەسمۇ.
ھەقىقى كالا تېزىكى
بىر ئادەم چوڭ شەھەردىن كەڭ يېزىغا كېلىپتۇ. ئۇ شۇنچىلىك ئازادىلىك , ھېس قىلىپ,كۈندە سەھەر تۇرۇپ كوچىلارنى ئايلىنىدىكەن.
ئۇ بىر كۈنى سەھەر كېتىپ بىرىپ ,يىراقتىن يەردىن بىرنەرسىنى كۆرۈپ قاپتۇ,ھەم ئۆز ئۆزىگە" ھەي يىراقتىن قارىسام ,كالا تېزىكىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ"دەپتۇ, ئۇ بىرئاز يىقىنلاشقاندا يەنە ئۆزىگە"ھەي بىرئاز يىقىنلاشساممۇ يەنىلا كالا تېزىكىگە ئوخشاپ تۇرىدۇغۇ"دەپتۇ.
ئۇ يولدىكى نەرسىنىڭ قىشىغا كېىلىپ ئۆزئۆزىگە"ھەي يىقىن كېلىپ قارىسام يەنە شۇ كالا تىزىكىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ جۇمۇ!"دەپ ھەيران بولۇپتۇ, ئۇ ئىڭىشىپ پۇراپ بېقىپ "ھەي پۇراپ باقسام يەنىلا شۇ كالا تىزىكىگە ئوپمۇ ئوخشاش تۇرىدۇ "دەپتۇ. ئۇ قولى بىلەن تۇتۇپ بېىقىپ"ھەي تۇتۇپ باقسام يەنىلا شۇ كالا تىزىكىدەكلا قىلىدۇ"دەپتۇ.
ئۇ ئاخىرى چىدىماي ,باشمالتىقىنى ئۇ نەرسىگە پاتتۇرۇپ ,ئاندىن ئاغىزىغا سېلىپ تېتىپ بېقىپ :
_ پاھ ھەقىقەتەن كالا تېزىكى ئىكەن شۇ !...ياپىر !!! تاس قاپتىمەن دەسسىۋالغىلى!!!
ئاشىق مەشۇقلارنىڭ مۇھاببەت خېتى
بىر ياش باشقا شەھەرگە ئاشپەزلىكنى ئۈگەنگىلى بېرىپتۇ . ئۇ يۇرتىدىكى قىز دوستىنى ئىنتايىن سېغىنىپ , ئۇنىڭغا مۇھەببەت خېتى ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ خەت يېزىپتۇ . خېتىدە مۇنداق دەپ يېزىپتۇ :
قەدىرلىكىم : مەيلى كۆكتات ئاقلاۋاتقان ياكى قورۇما قورۇۋاتقاندا بولسۇن دائىم خىيالىمدىن كەتمەيسىز . مەن سىزنى ئىنتايىن سېغىندىم ماڭا نىسبەتەن سىز تۇزغا ئوخشايسىز ھاياتىمدا كەم بولسا بولمايدىغان تۇزنى بىلەمسىز ؟ !
ھەر كېتىم موگونى كۆرگەندە كۈزىڭىزنى كۆرگەندەك , سۇڭپىيازنى كۆرگەندە نازۇك قۇللىرىڭىزنى , پەمىدۇرنى كۆرگەندە يۈزىڭىزنى , يېسى پۇرچاقنى كۆرگەندە ئەۋرىشىم بۇيىڭىزنى كۆرگەندەك بولىمەن . مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن ماڭا تېگىڭ . مەن سىزنى ئېيىق تاپىنىدەك قەدىرلەيمەن ! ........
ئۇزۇن ئۆتمەي قىز دوستىدىن خەت كەپتۇ . قىز خېتىدە : مەنمۇ سىزنىڭ < غاز پېيىدەك قېشىڭىزنى > , پەمىدۇردەك كۆزىڭىزنى , سامساق بېشىغا ئوخشاش بۇرنىڭىزنى , ياڭيۇغا ئوخشاش ئاغزىڭىزنى ئىنتايىن سېغىندىم . سىزنىڭ كاۋىغا ئوخشاش بوي - بەستىڭىزنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن . لېكىن مەن بامبۇك نوتىسىدەك نازۇك بولغۇنۇم ئۈچۈن , تالالىق بولۇشۇمغا تېخى بالدۇر يەنە كېلىپ ئىككىمىز سۇ بىلەن مايدەك بىر يەرگە كېلەلمەيمىز . مېنىڭ دىمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەنگەنسىز ؟!!! ..........
ھەقسىز غىزالىنىش مۇكاپاتى
خېرىدار مەلۇم بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ بىر كىشىلىك كالا گۆشى قورۇمىسى بۇيرۇتۇپتۇ. ئۇ تاماقنى يەپ بولاي دېگەندە قورۇمىدىن بىر تال چىۋىن چىقىپتۇ, شۇنىڭ بىلەن خېرىدار مۇلازىمغا كايىپ:
— قاراڭە تاماقتىن چىۋىن چىقتى, بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ — دەپتۇ.
مۇلازىم قىلچە ھودۇقماي جاۋاب بېرىپتۇ:
— مۇبارەك بولسۇن ئەپەندىم, سىز ئاشپۇزۇلىمىزنىڭ يەنە بىر كىشىلىك ھەقسىز غىزالىنىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىڭىز.
پىخسىق قاسساپنىڭ ھىساۋاتى
بىر پىخسىق قاسساپ دوختۇرخاننىڭ داۋالاش ھەققنىڭ يۇقىرلىقىغا ئاچچقتىن يىرلىغۇدەك بوۇپ دوختۇرلارغا قاقشاپ مۇنداق دەپتۇ :
نىمىدىگەن ئۇچىغا چىققان ساراڭلىق بۇ ! تۇغۇت بۆلۈمدىكى دوختۇرلاغا تۆلىگەن پۇل , ئايالمنىڭ دوختۇرخاندا ياتقان پۇلى , داۋالىنىش ھەققى , كۆتۈنۈش پۇلى , ئۇ پۇل بۇ پۇل بۇلاپ ھەممنى قوشقاندا جىڭلاپ باقساق بىر كىلوگىراممۇ كەلمەيدىغان بۇ بالام 5000 يىۋەنگە تۇختدىمۇ.
بەدىنىڭىزنىڭ قايسى ئەزاسى
بىر كۈنى, بىر ئەر بېرىلىپ كىتاپ كۆرۈپتۇ, ئايالى تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا, ئېكراندا بىر جۈپ ئاشىق-مەشىق پەيدا بوپتۇ, يىگىت قىزغا: «سۆيۈملۈكۈم, مەن ئەزەلدىن سىزنى ئۆز بەدىنىمنىڭ بىر ئەزاسى, دەپ قاراپ كەلدىم» دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەنگەن ئايال ئېرىگە:
ـ ھەي, سىز مېنى قاچان ئۆز بەدىنىڭىزنىڭ بىر ئەزاسى, دەپ قاراپ باققان؟ - دەپتۇ.
ئەر ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا دەخلى قىلغانلىقىغا خاپا بولغان بولسىمۇ, ئۈندىمەي يەنە كىتابىغا قاراپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ.
ـ ھەي, مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن! سىز مېنى بەدىنىڭىزنىڭ قايسى ئەزاسى, دەپ بىلىسىز؟
ئەر ئەمدى تاقەت قىلالماپتۇ:
ـ سوقۇر ئۈچىيىم!
ئەسلى سەن سىيىپتىكەنسەن دە...
ئۇكاڭنى كېچىدە بىرەر قېتىم ئويغىتىپ , تالاغا ئېلىپ چىققان بولساڭ , كۆرپە ھۆل بولمايتى , بۇنىڭدىن كېين ھوشيارراق بولغىن , - دەپتۇ ئانىسى بىرمۇنچە كايىپ .
ئانىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن , ئۇكىسى ئاكىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ :
- كۆرپىگە مەن سىيدىممىكىن دېسەم , ئەسلىي سەن سىيىپتىكەنسەن - دە - دەپتۇ .
چىرايلىق ئانا
بىر ئانا ئاي-كۈنى تولۇپ قىز پەرزەنىتلىك بوپتۇ ,قىزىغا ‹‹چىرايلىق›› دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.يوقلاپ كەلگەنلەر قىزىغا بۇ ئىسىمنى قويۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغانىكەن,ئۇ مۇنداق دەپتۇ؛
-قىزىم مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ,مەكتەپكە بارىدۇ.ھەر قېتىم ئاتا –ئانىلار يىغىنلىرىدا, بۇ خانىم كىمنىڭ ئانىسى دەپ سورىسا , باشقىلار ‹‹چىرايلىق››نىڭ ئانىسى دېيىشسە ,ۋاھ, بۇ نېمە دېگەن ياخشى؟!
ئاپتۇبۇس ساقلاش
كۈنى كېچە ,ئەر ئۆيىگە تۇيۇقسىز قايتىپ كېلىپ ,كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى يەردە ئەر كىشىنىڭ كىيىم -كېچەكلىرى تاشلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
_ كارىۋات ئۈستىدە كىم بار ؟ _سورىدى ئۇ خوتۇنىدىن ,_بۇ كىيىملەر نەدىن كېلىپ قالدى؟
_ئۆزىڭىزنىڭ كىيىملىرى ,_دېدى ئايال ,_كىيىم يۇيۇش دۇككىنغا ئاچىقىپ بېرەي دەپ تەييارلاپ قويغان .
ئەر چاپىنىىنى ئسىپ قويۇش ئۈچۈن كىيىم ئشكابىنى ئچىپ, بىر ئەرنىڭ ئانىدىن تۇغما ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆردى.
_بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىىلىۋاتىسەن ؟ _سورىدى ئايالنىڭ ئېرى.
_سەن خوتۇنىڭنىڭ بايىقى گېپىگە ئىشەندىڭمۇ ؟ _سورىدى ئۇ ئەر .
_ئشەندىم !_دېدى ئايالنىڭ ئېرى.
_ئۇنداقتا ياخشى ,_دېدى ئۇ ئەر ,_مەن ئاپتوبۇس ساقلاۋاتىمەن.
پاكىزلىقتا ئۇچىغا چىقىش
بىر چىرايلىق قىز ئالدىراپ تېنەپ ئاممىۋى ئاپتۇبۇسىقا چىقىپ بىر بوش ئورۇننىڭ بارلىغىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خوش بولدى. ئارقىدىن ئۇ قىز سومكسىدىن بىر تال قەغەزنى چقىرىپ ئولتۇرماقچى بولغان ئورۇندىقىنى ئاۋۋال پاك پاكىز سۈرتىۋەتتى. ئاندىن كېيىن ئەمدىلا ئولتۇرۇشنى بىلەر , ئۇقمايلا قالدى ھەممەيلەن ئاڭلىغدەك دەرجىدە " كوتتىدە" بىرنى ئوسۇرپ سالدى .
بۇ ۋاقتىدا دەل بۇ قىزنىڭ كەينىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇرغان يىگىت : " پاكىزلقنىغۇ ھەققەت سۆيدىكەنسىز , لىكىن ئۇرۇندۇقنى سۈرتىپ بۇلغاندىن كېيىن ئارقىدىن پۈۋلەشنىڭ ئورنى يوق تە !"
قىز : " ...."
گىلۇبۇس نىمىشقا قىيسىق؟
نازارەتچى مەلۇم بىر مەكتەپكە تەكشۈرۈشكە بېرىپتۇ. ئۇ سىنىپتىكى گلوبۇسنى كۆرۈپ, بىر ئوقۇغۇچىغا سۇئال قويۇپتۇ:
-- دەپپاققىنە, بۇ گلوبۇس نىمە ئۈچۈن 23.5ºقىيسىق تۇرىدۇ؟
--- بۇنى مەن قىلمىدىم! --- ھېلىقى ئوقۇغۇچى ئالاقزادە بولۇپ ئۆزىنى ئاقلاپتۇ.
نازارەتچى بېشىنى چايقاپ قويۇپ, باشقا بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراپتىكەن, ئۇمۇ ئۆزىنى تارتىپ:
--- سىزمۇ كۆردىڭىز, مەن بۇ يەرگە ھازىرلا كىرگەن تۇرسام, نازارەتچى ئەھۋالدىن ئۈمۈتسىزلىنىپ, ئوقۇتقۇچىغا قاراپتۇ.
ئوقۇتقۇچى بولسا ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
--- بۇنى ئۇلاردىن كۆرگىلى بولمايدۇ, بۇ گلوبۇس سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدىلا مۇشۇنداقكەن, --- دەپتۇ.
بۇ چاغدا مەكتەپ مۇدىرى نازارەتچىنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ, چۈشەندۈرۈشكە كىرىشىپتۇ:
--- بۇنى تىلغا ئالساق بەك خىجىلمىز, مەكتىپىمىزنىڭ مەبلىغى چەكلىك بولغاچقا, يايمىدىنلا سېتىۋالغانىدۇق.
دۇنيادا ئەڭ تىز نەرسە نىمە؟
جېك, جون, جېم, جورجىدىن ئىبارەت تۆت يىگىت بىر داڭلىق شىركەتكە ئىنتىھان بەرگىلى بېرىپتۇ. شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى باھالاشقا قاتنىشىپتۇ.
- كەچلىك تاماقتىن كېيىن ياخشى ئارام ئېلىڭلار , ئەتە ھەممىڭلاردىن بىر سوئال سورايمەن , قايسىڭلارنىڭ جاۋابىغا قايىل بولسام بۇ ئورۇنغا شۇ تاللىنىدۇ.. دەپتۇ باش دىرېكتور ئىمتىھاندىن كېيىن.
ئەتىسى ئەتىگەندە جېك تۇنجى بولۇپ باش دىرېكتورنىڭ ئالدىغا كىرىپ سوئاللارغا جاۋاپ بەرمەكچى بولۇپتۇ.
- دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوراپتۇ, دىرېكتور.
ـ دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە خىيال- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ جېك ئىككىلەنمەيلا
- بۇ ئوبدان جاۋاپ بولدى -دەپتۇ باش دىرېكتور.
ئىككىنچى بولۇپ جون كىرىپتۇ.
- دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوراپتۇ, دىرېكتور.
- كۆز يۇمۇپ ئېچىش دەپتۇ - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ جون ئويلانمايلا-چۈنكى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە دىگەن سۆزدىنمۇ تېزلىكنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولمايدۇ.
- دىگىنىڭ خاتا ئەمەس دەپتۇ دىرىكتور.
ئۈچىنچى بولۇپ جىم كىرىپتۇ,
- دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوئالىنى تەكرارلاپتۇ, دىرېكتور.
- توك- دەپتۇ جېم, مەن مەۋھۇم جاۋاپلارنى ياقتۇرمايمەن, توك ئەمەلى سۈرئەتكە ئىگە نەرسە, سىز ئۈزچاتنى بېسىشىڭىز بىلەنلا يىراق جايلاردىكى چىراقمۇ دەرھاللا يانىدۇ.
- قالتىس ئەمە لى جاۋاپ بولدى- دەپ خوشال بوپتۇ دىرېكتور.
ئەڭ ئاخىرىدا جورجى جاۋاپ بەرگىلى كىرىپتۇ.
- دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوئالىنى تەكرارلاپتۇ, دىرېكتور.
- ئىچ سۈرۈش- دەپتۇ جورجى بشىنى تاتلاپ, چۈنكى مەن ئاخشام تاماق يەپ بولۇپلا كارۋاتقا چىققان, تۇيۇقسىز قورسىقىمنىڭ بىئارام بولغىنىنى ھىس قىلدىم ئەمما , مەن خىيال قىلىشقىمۇ, كۆزۈمنى چىمچىقلىتىشقىمۇ, ئۈزچاتنى بېسىپ چىراقنى ياندۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا ئۇ كېلىپ بولدى...
|
 |