فىلىمنىڭ تەپسىلاتى :
فىلىم ئىسمى : ئالاھىدە قىسىم : ئۇمۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم
دۆلەت / رايون : ئامېرىكا
فىلىم تۈرى : ھەرىكەتلىك / فانتازىيىلىك / خەتەرلىك
فىلىم ئۇزۇنلىقى : 110 مىنۇت
دىئالوگ تىلى : ئىنگىلىزچە
فىلىم ئىشلىگەن / تارقاتقان شىركەت : Paramount Pictures
رېژىسسور : Jon Chu
سېنارىيىلەشتۈرگۈچى : Rhett Reese
باش روللاردا : Dwayne Johnson / Byung-hun Lee / Adrianne Palicki
كىنو ئىشلەشكە كەتكەن مەبلەغ : تەخمىنەن 130,000,000 دوللار
فىلىم سىنغا ئېلىنغان ۋاقىت : 2011 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ 2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە سىنغا ئېلىنغان .
فىلىمنىڭ خەنزۇچە ئىسىملىرى : 特种部队:全面反击
قىسقىچە مەزمۇنى: نامى قۇرتى ۋەقەسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئالاھىدە قىسىمغا دۇك باش بولۇپ، زارتان ۋە ئۇنىڭ قول چۇماقچىلىرىنى ئىزدەيدۇ. لېكىن ئۇلار زارتاننىڭ ئامېرىكا پرېزدېنتىنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى. بىر قېتىملىق يادرو بومبىسىنى قايتۇرۋېلىش ۋەزىپىسىدە دۇك قاتارلىق ئالاھىدە قىسىمدىكىلەرنى زارتان ئادەم ئەۋەتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. پەقەت بلوك، جېي ۋە فېلىنتلار قالىدۇ. بۇلار ئىشنىڭ بۇنداق بولۇش سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا باشلايدۇ. يىلان كۆز ۋە ئاق ئەرۋاھنىڭ نەۋرە سىڭلىسىمۇ بىللە بۇ ئىشقا ئاتلىنىدۇ. يىلان كۆز بىلەن ئاق ئەرۋاھنىڭ سىڭلىسى جىنىكس ئاق ئەرۋاھنى تۇتۇشقا ئاتلىنىدۇ. قالغان ئۈچەيلەن پرېزدېنتنىڭ پېيىغا چۈشىدۇ. نەتىجىدە بۇلار ئالاھىدە قىسىمنى قۇرغان قوماندان گالتوننى ئىزدەپ ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى دەيدۇ. ھەممەيلەن ھەر تەرەپتىن كۈچەپ يالغان پرېزدېنت ۋە كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىدۇ. كۆزەينەكلىك يىلان يەنە قېچىپ كېتىدۇ. فىلىم تەپسىلاتىغا قىزىسىڭىز دىققىتىڭىز فىلىمدە بولسۇن.
تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچىلەر تەرجىمە قىلغۇچى: Elkuyer
مۇھەررىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى: Kulke
مۇقاۋا ئىشلىگۈچى: Kulke
ھۆسنىخەت يازغۇچى: Kokyar