بىناۋامەن، بىناۋا
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
بىناۋامەن، تۈندىكى خلۋەتلىرىڭدە بىناۋا،
قاپقارا سېھراتلىرىڭ-ھەيرەتلىرىڭدە بىناۋا.
كۆزدىكى گۈلخانلىرىڭدا ئاي كۆيەر، يۇلتۇز كۆيەر،
ئۆرتىنەرمەن شەۋقى ناز، سۈلكەتلىرىڭدە بىناۋا.
لەۋلىرىڭ مەيزاپلىرىدىن يۇتمۇدۇم قان يۇتقىچە،
چايقىلارمەن مەرگىمۇش ھەسرەتلىرىڭدە بىناۋا.
چاچلىرىڭ يايغان باياۋان كەربالالاردىن كېلۇر،
ئاندا يۈرگەيمەن تېنەپ پۇرقەتلىرىڭدە بىناۋا.
قاشلىرىڭ ئاتقان ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىگە نېمە دەي،
يارىدار بولغان يۈرەك رىغبەتلىرىڭدە بىناۋا.
يۇلقىنارمەن غارلىرىڭنىڭ يامرىغان ئاۋازىدىن،
سۆزلىرىم جىمجىت، تىلىم سۆھبەتلىرىڭدە بىناۋا.
تۆكۈلەر يادىمغا لەپ-لەپ ئاسمىنى ئۆڭگەن خىيال،
جان قۇشۇم پەر توزغۇتار قىسمەتلىرىڭدە بىناۋا....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-17 10:44 PM