|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر، مەنكى مۇسىىلىنەدىن ھەممىڭلارغا ئېگىلىپ تۇرۇپ سالام،گەرچە تەتىل مەزگىلى بولسىمۇ بىراق كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە،شۇڭا تۈزۈكرەك تېمىمۇ يازالماي قالدىم،ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەرگە مۇنبەرداشلارغا تېتىغىدەك تېما يوللاپ باقمىغىلى،گەرچە سىلەرگە يارىغۇدەك ئېسىل تېما ئەكىلەلمىسەممۇ،ئاز بولسىمۇ بۇ قوشاقلارنى ئالغاچ كەلدىم،بىردەم قوشاق توقۇپ مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرايلى دەپ...قېنى ئەمسە مەرھەمەت....
كاككۇك كېلىپ سايرايدۇ، ئىشىك ئالدى تېرەكتە. مۇنبەرداشلارغا مۇھاببەت، يالقۇنلايدۇ يۈرەكتە. گۈل تېرىسام ھويلامغا، رەڭگارەڭ چېچەكلىدى. مۇنبەردىكى بىلىملىكلەر ، بىزنى ئالغا يېتەكلىدى.
قۇۋۋەت ئالار زىمىندىن، زىرائەتنىڭ يىلتىزى. مىسرانىم مۇنبىرى مۇنبەرلەرنىڭ يۇلتۇزى.
بىلمەس ئىدۇق تېمىلارنى ، ئەگەر مۇنبەر بولمىسا. يازالامدۇق تېمىلارنى، مۇنبەرداش ئىلھامى بولمىسا.
بىلىم سورۇنى راستلاپ، مىسرانىم بولدى باش پاناھ. ئىلگىرلىدى داۋاملىق، باش ئەگمەستىن جاپاغا.
مىسرانىمدىن ھەر كۈنى ، ناخشا كېلەر يېقىملىق. سەر خىل بىلىم بار ئۇندا، مۇنبەرداشلار ئەقىللىق.
مىسرانىم دوستلۇقنى، تاراتتى ئۆي –ئۆيلەرگە. مۇنبەرداشلار خوش بولۇپ، قاتتۇق ناخشا –كۈيلەرگە.
مەنبە :خەلق قوشاقلىرىدىن ئۆزگەرتىلگەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-17 10:29 PM
|
|
|
|
|
|