ئوخشىماي قالدى
(ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)
قالپاقلار يوغان، لايىق ئاتاق يوق،
شەرەپكە چۇشلۇق قولدا قاداق يوق،
تۆھپىلەر نىسىي،لېكىن «چاتاق يوق»
شۇنچە ئاختۇرسام تۈزۈك قاپاق يوق،
باراڭ باراڭغا ئوخشىماي قالدى.
زىيالىي بەك كۆپ،ئەمما ساپا يوق،
شۆھرەتلەر ئەرزان،قىلچە جاپا يوق،
غاجاشلار تۆكمە،ئادىل باھا يوق،
ھىچكىم لەۋزىدە ئەھدى ۋاپا يوق،
پاراڭ پاراڭغا ئوخشىماي قالدى.
مەنپەئەت باشچى،ھەركىم سۆزىگە،
ساختا جىلۋىلەر تېپىپ يۈزىگە،
ئىشەنمەس بولدى ھەتتا ئۆزىگە،
تاما ئوت ياقتى كۆڭۈل كۆزىگە،
سالام سالامغا ئوخشىماي قالدى.
ساختا سۆيگۈنىڭ چىقتى بازارى،
ۋاپادىن كۈلمەس ئاشىق باھارى،
تۇيۇلمايدۇ يات، دىللار ئازارى،
ئۆزگۈرۈپ تۇرار يارنىڭ قارارى،
جانان جانانغا ئوخشىماي قالدى.
ئىدىغۇ قۇرئان ئىلاھىي يېزىق،
ئىدۇق ئىسلامدا ئەسلى بىر تىزىق،
ئەمدى بەك تولا، چېگرا ۋە سىزىق،
مېھراپتىن چايان چىققىنى قىززىق،
پالان پالانغا ئوخشىماي قالدى.
نادان يولباشچى،قېنى نەگە بار،
«قەدرىمىز قېنى!» دەيدۇ ھەننىۋا،
قاپاقلار پەستە، باراڭ ئەتىۋا،
دەلدۈش تۇرۇپمۇ بېرەر پەتىۋا،
ساراڭ ساراڭغا ئوخشىماي قالدى.
پەرزەنتلەر داۋام ، زېھنىڭنى يەيدۇ،
ئادەملىكىڭدە كېمىڭنى يەيدۇ،
تىلەپ ئۆلۈمىڭ،«غېمىڭ»نى يەيدۇ،
ئېشىڭنى يەپمۇ بېشىڭنى يەيدۇ،
بالاڭ بالاڭغا ئوخشىماي قالدى.
(ھەربىر كۇپلىتنىڭ ئاخىرقى 2مىسراسى ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ)
مەنبە: ئۆزۈم.