مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 493|ئىنكاس: 12

موھتاجلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

موھتاجلىق


رودىپايدەك يېپىشتىڭ پەشلىرىمگە  موھاجلىق ،
چاقماق يېقىپ ئۇلغايتىپ غەشلىرىمگە موھتاجلىق ،
كوتۇلدىدىڭ توختىماي كەچلىرىمگە موھتاجلىق ،
قېرىشقاندەك سۇ تۆكتۇڭ مەشلىرىمگە موھتاجلىق ،
يامان كۆزدە يېپىشتىڭ چەشلىرىمگە موھتاجلىق .

تاھارەتتە سۇ بولدى ئۇچى تۆشۈك پايپىقىم ،
يەر شارىدەك تەرلىسەم ، ماي بولمىدى ساپلىقىم ،
ئۇسسىغاندا قېرىشىپ ،تەم بەرمىدى تاتلىقىم ،
ئىنجىقلىسام ئۈمۈدسىز، سەت ئالايدى ئاپپىقىم ،
ئەجەپ تەگدى كاشىلاڭ ، گەپلىرىمگە موھتاجلىق .


تىزىم پاكىز بولمىدى ئائلىنىڭ غېمىدە ،
مەغلوپ بولدى ئىسلاھات ،مەن ھەيدىگەن كېمىدە ،
ئۇشتۇپ – ئۇشتۇپ ئاق ناننى ،چىلالمىدىم چىنىگە ،
ساقايتمىدى ئادەتنى خەق تەڭلىگەن دېمىدە ،
راھەت دىمەي چاپلاشتىڭ ، سەپلىرىمگە موھتاجلىق .

ئۇن خالتىسى يىرتىلدى ، گۆش- ماي كىردى چۈشۈمگە ،
قوۋۇرغام دەر ۋېتامىن ،ماي قونمىدى گۆشۈمگە ،
توقوپ ئەللىك يالغاننى ،پالچى سۆزلەر تۆشۈمگە ،
ھارام دەيمەن ئامالسىز ، لىكىن ماڭدىم ئۆسۈمگە ،
چېچىپ ساختا راھەتنى تەنلىرىمگە موھتاجلىق .

دەرۋازامغا توختىماي چاپلىنىدۇ بارغاقلار ،
چىشلىرىدىن ئايرىلدى چاچتىن رەنجىپ تارغاقلار ،
مال باھاسى بولماقتا نەپسى يامان تىمساقلار ،
دات يىمىكتە پوستىمنى ، بۇ پەسىلدە كىم ئاقلار ؟
رەنجىمەستىن گۇۋاھ بول ، يەللىرىمگە موھتاجلىق .

شەيتانچاققا ئارتىلسام ، خەق لېۋىنى پۈرۈشتى ،
يىقىنلاشسام لېگەنگە ، يانپىشىنى سۈرۈشتى ،
سەل ھودۇقۇپ قول بەرسەم ،سوغۇق نۇردا كۆرۈشتى ،
نىسى قىلسام دۇكاندار چىرايىنى تۈرۈشتى ،
بولدى تىكەن سانجىما ، رەڭلىرىمگە موھتاجلىق .

ئەر ئاتالماق تەس ئىكەن كەسىر تامنىڭ ئىچىدە ،
كوت- كوت پاراڭ قىلماقتا قوۋۇرغىنى تىككىدە ،
ئامەتلىرىم چۈشەرمۇ غايىپ شاختىن توككىدە ،
ھاردۇقلىرىم چىقارمۇ ھايات سۆيسە چوككىدە ،
شالتىقىڭىنى تەككۈزمە،  يەڭلىرىمگە موھتاجلىق .

باغرىمدىكى تېلىفۇن زاڭلىق قىلىپ تاقالدى ،
چىقىملارنىڭ دەستىدىن قاناتلىرىم چاتالدى ،
مەيۈسلەنگەن تەقدىرىم بىر لەقەمدە ئاتالدى ،
مۇكاپىتى چەكچەيگەن لاتارىيەنى يات ئالدى ،
لوڭقا قويغىن خالىساڭ،  بەللىرىمگە موھتاجلىق .

خوراز بىلسەم ئۆزۈمنى، دۇنيا قىلدى مەدىكار ،
كىم توموزدا تۆكتى تەر ، كىم قىلىۋاتىدۇ شىكار ؟
رىئاللىقىم ئايرىسۇن، كىم ئىشلەمچى كىم بىكار ؟
ئىكەن ئەسلى بۇنىڭغا كەچمىشلىرىم سەۋەپكار ،
غەيۋەت تەرمە بولدى بەس ! غەشلىرىمگە موھتاجلىق .

ئېتىقادىم يېرىلدى، شاخلىرىدىن ئۆزىچە ،
رەڭسىزلىكىم سىغماپتۇ ، خامىليۇننىڭ كۆزىچە ،
ئىناقلىقىم خام ئىكەن،  ئۆزگىلەرنىڭ سۆزىچە ،
سېنڭ ئالەم ئىكەنۇ ، خەلقىممىكەن زەرىچە ؟
ئەمدى ئاپەت باشلىما،  دەشتلىرىمگە موھتاجلىق .


كېسەل بولدى قېرىشىپ ،باغلىرىمدا مىۋىلەر ،
سېرىق سۇنى ئۇلغايتىپ ،ئالۋۇن بولدى جىلۋىلەر ،
تادان قورساق ياش تۆكۈپ ، سامان قورساق كېرىلەر ،
تۆكتۈم شۇڭا پارتىلاپ ، ھاياتىمدىن تەرمىلەر ،
خائىن چىللاپ ئەكەلمە ، < پەش > لىرىمگە موھتاجلىق !





تىك سىزىقتا ئۆرلىدى ، بالىلارنىڭ چىقىمى ،
بارماق بىلەن سانىلار قوشنىلارنىڭ يېقىنى ،
تۇرۇپ –تۇرۇپ مۇجۇيدۇ ئايالىمنىڭ بىقىنى ،
نىمانچىلا تۈگۈلگەن بۇ تۇرمۇشنىڭ سىقىمى ؟
جىنىس رىكوت بېرەمسەن < ئەڭ > لىرىمگە موھاجلىق .


ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xajarim + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىل ،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14014
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1268 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا، ياخشى چىقىپتۇ…

ئېتقادنى يېگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئېتقادى يوق ئادەم ھەممىنى يەيدۇ.
www.bildur.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 614 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ياخشى يېزىپسىز

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3533
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10856
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1513 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەب   بىر  يەردە   ئوقۇغاندەك  قىلمەنيا  ؟

مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىش  ، مەن  توغۇلۇش  بىلەنلا  خۇدانىڭ
ماڭا   يۈكلىگەن   مەسئۇلىيىتىدۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
boraoghli يوللىغان ۋاقتى  2013-8-17 08:46 PM
بارىكاللا، ياخشى چىقىپتۇ…

ئۇزۇن بولدى مۇنبەردىن يوقاپ كەتتىڭىزغۇ تۇرغۇنجان ؟ ..سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدىن مۇنبەردە تەڭ بەھىرلەنسەك بولاتتى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 397 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئىر بولا ماشتاق بولا.ئەمما لىكىن راس يارىدى ماۋۇ شىئىر.قوللىرىڭىز تالمىغاي.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9529
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ياخشى چىقىپتۇ ماۋۇ شىئىر ، كۈڭۈل ئارامىنى ئاغۇدەك

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3824
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەن قاق سەھەردە مۇشۇنداق ياخشى شىېئرنى ئوقۇغىنمىدىن خۇرسەنمەن.....  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.....

ئاللاھتىن ھەممىزگە ھىدايەت ،تەۋپىق، مەغفىرەت ،ئىنساپ ۋە ئىمان تىلەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخىشى يېزىلپتۇ رەھمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alenur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-18 05:11 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش