جۇڭگودا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خەنزۇچە تور بېكەت باشلامچىسى بولغان Hao123 يىقىندا ئاندىرويىد يانفون نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا توربېكەت ئۇلىنىشى، ئەپ چۈشۈرۈش باشلامچىسى، بەيدۇ ئىزدەش ماتورى، ھاۋارايى مەلۇماتى ۋە تۇرمۇش ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەش قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلغان. مەزكۇر ئەپنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت چوڭ يارقىن نۇقتىسى بار:
1. يانفون ئەپلىرىنى ئاپتوماتىك ئۇسۇلدا رەتلەش
يانفونغا قاچىلانغان ئەپلەرنى ئەقلىي ھالدا تۈرلەرگە ئايرىپ، ئىزدەشكە قولايلىق ھالدا رەتلەپ بىرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ رەتلىك ۋە پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
2. نادىر ئەپلەرنى تەۋسىيە قىلىش كۆزنىكى
Hao123 جۇڭگودىكى داڭلىق بېكەت باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىز ئۈچۈن تور دۇنياسىدىكى ئەڭ نادىر، ئەڭ مودا ۋە ئەڭ قوللىنىشچان ئەپلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ، نادىر ئەپلەرنى ئۇچرىتالماي قىلىشتىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3.ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق ئۇسۇلدا ئىزدەش
ئاۋازلىق بۇيرۇق بىرىش ئارقىلىق ئىزدەش مەشغۇلاتى ئىلىپ بىرىش ئەمەلگە ئاشقان، خەت يېزىپ يۈرۈش ھاجەتسىز!
4. ئاۋازلىق ئۇسۇلدا تور بېكەتلەرنى ئېچىش
مەلۇم بىر تور بېكەتنى زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلاش ئارقىلىقلا مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز، مەسىلەن، سىنا تورىنىڭ ئىسمىنى دىسىڭىز، ئۇ ھالدا
www.sina.com.cn تورى ئاپتوماتىك ھالدا ئېچىلىدۇ.
قىسقىسى بۇ ئەپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئىقتىدارى كۈچلۈك، قولايلىق شۇنداقلا قوللىنىشچان. تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدىلىكلەرنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز، بۇ ئەپنى يانفونىڭىزغا چۈشۈرۈپ سىناپ بىقىڭ!
چۈشۈرۈش مەنزىلى
1.
بەيدۇ تورىدىن چۈشۈرۈش
2. ئىككى ئۆلچەملىك كود ئارقىلىق يانفونغا چۈشۈرۈش
ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى: