مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5963|ئىنكاس: 43

ئاسىي مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەسەن-ھۈسەن ياش تۆكتى.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95907
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2013-7-14
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 02:29:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                         ئاسىي مۇھەببەت

1318423yn8yr8ubkn4u2tr.gif

    ئۇ يەنە سىنىپتا يىغلاپ ئولتۇرۋاتاتتى. سۇبات بىلەن گۈلچىھرە بولسا ئۇنى مازاق ئەتكەندەك كۇلۈشۈپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرغىلى خېلى بولغان ئەزىمەت كېلىپ: <<نادىرە، بولدى كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەن گەرچە ئاراڭلاردا نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما سۇباتنىڭ خاتا قىلغىنىنى بىلىمەن، ئۇمۇ ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىدۇ، بۇنداق يىغلاپ ئولتۇرسىڭىز بولمايدۇ، ئوزىڭىزنى ئۇنداق تاشلىۋەتمەڭ......>> دېگىنىچە ئورنىغا كېتىپ قالدى.     نادىرە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى.

  ئەسلىي ئىش مۇنداق ئىدى. سۇبات بىلەن نادىرە باشلانغۇچتىن تارتىپ بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن ئىدى. سۇبات نادىرەنى باشلانغۇچتىن تارتىپ ياخشى كۆرەتتى. نادىرەمۇ بۇ پاك، غۇبارسىز قەلبىنىڭ قاچاندىن بېرى سۇبات تەرىپىدىن ئوغۇرلانغانلىقىنى بىلىپ-بىلمەيلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرسىگە كۆڭلى بارلىقىنى بىلەتتى. ھەمدە ئۇ ئىككىسىنى خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر دەپ تەرىپلىشەتتى. ئەمما نادىرە دائىم سۇباتنى رەت قىلاتتى، چۈكى ئۇ بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلكىنى، بالدۇر مۇھەببەتلەشسە ئۆزىنىڭ مىزانىغا خىلاپ بولىدىغىنىنى ئوبدانلا بىلەتتى. ھەمدە بالدۇر مۇھەببەتلەشسە ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەكلا ئويلايتتى. سۇباتمۇ نادىرەنىڭ ئۇياتچان، ئەخلاقلىق قىز ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە نادىرەنى زورلىمايتتى.

  كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى.كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،ئۇ ئىككى پاك، غۇبارسىز تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى،خېلى ئاق-قارىنى پەرىق ئېتىدىغان تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئايلاندى. ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھاببىتىمۇ سۇسلىشىپ قالماي ئۆتىۋاتاتتى.

  ئۇ ئىككەيلەننىڭ تۇلۇق ئوتتۇرغا چىقىشىغا ئەگىشىپ يېنىدا ئارىلىشىدىغان بالىلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. بەلكىم سۇبات مۇشۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا كېرەك، نادىرەگە سوغۇق تېگىدىغان، جىق گەپ قىلمايدىغان بولىۋالدى. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ نادىرەنىڭ كۆڭلى يېرىم تۇراتتى. بىر كۈنى قەتئىي تاقەت قىلالمىغان سۇبات  نادىرەنىڭ يېنىغاباردى-دە: <<نادىرە، مەن بىلەن ئارىلىشامسىز يا ئارىلاشمامسىز، مەن ھېلىمۇ ئۇزۇن ساقلىدىم، مېنى يەنە قاچانغىچە ساقلىسۇن دەيسىز، مەنمۇ ھە دەپ بەسەم تولا ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ جۇمۇ، مېنىڭمۇ سەۋىر تاقىتىمنىڭ چېكى بار، دەپ قوياي>> دېگىنىچە كېتىپ قالدى. نادىرە سۇباتنى ھەرگىز ئۇنداق دەيدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغانتى. ئۇ باشقا ئوغۇللار شۇنداق قىلسىمۇ سۇباتنى ئۇنداق قىلمايدۇ دەپ ئويلايتتى. شۇڭىلاشقا ئۇ جايىدا قاققان قۇزۇقتەك ئولتۇرۇپ قالدى. شۇ كۈندىن باشلاپ كۈندە يىغلاش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك نادىرەنىڭ دەرس نەتىجىسىنۇ بىراقلاتۆۋەنلەپ كەتكەنىدى. ئۇ بۇرۇنقى شوخ، خۇشال ھالىتىدىن جىمغۇر، گەپ قىلمايدىغان ھالەتكە كەپ قالغانىدى. ساۋاقداشلىرى، ھەتتا مۇئەللىملىرىمۇ ئۇنى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ دېيىشتى.  ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەبچى بولغىنى باشقا ئادەم ئەمەس، دەل نادىرەنىڭ سۇباتقا باغلىغان چىن ئەقىدىسى، سۇباتقا بولغان مۇشۇ ئاسىي مۇھاببەت ئىدى.
كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋاتاتتى.نادىرەنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا دائىم ئەزىمەت بېرىپ تەسەللىي بېرتتى.بارا-بارا نادىرەنىڭ چىرايىدىن كۈلكىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى.ھەمدە دەرستىكى نەتىجىسىمۇ بارا-بارا يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.مۇشۇنداق قىلىپ ئىككىسى يېقىن دوستەكلا يۈرۈيدىغان بولدى.
  كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەزىمەت ئۆزىنى نادىرەنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ھىس قىلدى.ئەمما نادىرەگە دېيىشكە زادىلا پېتىنالمايتتى.چۈنكى ئۇ نادىرەنىڭ بىردىنلا ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىشىدىن قورقاتتى.
  بىر كۈنى نادىرە بىلەن ئەزىمەت سىنىپتا بىرگە دەرس تەكرارلاۋاتاتتى.شۇنىڭ بىلەن ئەزىمەت چاقچاق قىلىپ:<<نادىرە،ھەممەيلەننىڭ مۇھاببىتى باكە،سىزنىڭ مېنىڭلا يوقكە،ئككىمىز ئارىلىشامدۇق يا؟>>دېدى.نادىرە بۇنىڭ چاقچاق ئكەنلىكىنى بىلەتتى.شۇڭا دەرھاللا:<<ۋىيەي،سىز ئارىلىشاي دېسىڭىز قىزلار ئۆچ رەت تۇرۇشۇپ كېتىدۇ جۇمۇ،سىز شۇنچە ئەدەبلىك ھەم قاملاشقان ،يەنە تېخى دەرسكە كاللىڭىز ئىشلەيدۇ،ھەي  ماڭا ئۆچ رەت كەلمەسمىكىن>> دېۋىدى،ئەزىمەتنىڭ ئاغىزىدىن:<<سىز خالىسىڭىزلا>> دېگەن گەپ چىقىپ كەتتى.ئەزىمەت بۇ گەپنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن دېگەنىدى.بۇ گەپنى ئاڭلىغان نادىرەنىڭ كۆزىگە دەرھاللا ياش كەلدى.بۇنى كۆرگەن ئەزىمەت :<<ھېي،يىغلاڭغۇ مۈشۈك،دەپ قويسام راس دەپ قاپسىزدە،ئاكىڭىزنىڭ سىزدەك يىغلاڭغۇ قىزلارغا كۆزى چۈشمەيدۇ بىلىپ قېلىڭ جۇمۇ>>. بۇ گەپنى ئاڭلىغان نادىرە بىردەمنىڭ ئىچىدىلا يەنە كۈلۈپ كەتتى.ئەمما نادىرە بۇ چاقچاقنىڭ ئارقىسىغا قانچىلىك راست چىن سۆزلەرنىڭ يۇشۇرىنغىنىنى بىلمەيۋاتاتتى.
  مانا تۇلۇقنىڭ3يىللىقىغىمۇ چىقتى.ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىسىغىمۇ بىر يىل قالغانىدى.نادىرە ئەزىمەت ھەر ئككىلىسى ئۆگىنىش ھېلەكچىكىدە ئىدى.بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن نادىرە سىنىپتا تەكرار قىلىۋاتاتتى.شۇنىڭ بىلەن سۇبات كىرىپ قالدى.نادىرە بىلەن سۇبات گەپ قىلىشمىغىلى ئىنتايىن ئۇزۇن بولغانىدى.ھېلىقى ئىش چىققاندىن تارتىپ گەپ قىلىشمىغانىدى.سۇبات دەرس تەكرارلاۋاتقان نادىرەگە قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:<<پاسكىنا>> دېدى.بۇنى ئاڭلىغان نادىرە:<<مېنى دېدىڭىزما>>دېدى.سۇبات تەپ تارتمايلا:<<ھە،سېنى دېدىم قانداق قىلالايتتىڭ،ھۇ پاسكىنا......>>.نادىرەنىڭ ئەمدى ئۇنداق بوزەك بولغۇسى يوق ئىدى.شۇنىڭ بىلەن:<<مېنى پاسكىنا دېگۈدەك نىمە ھوقۇقۇڭ با،پاسكىنا بوپ نىمە قىلدىم مەن دەپ باقە،نۇمۇسسىز ئىش قىلىپ قويۇپ پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئالدىدا باش كۆتۈرەلمىسەممۇ سېنىڭ ئالدىڭدا تىك،مەغرۇر يۇرگىدەك جۇرئەت با مەندە....>>.بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇبات ئاچچىقىدا بىر مۇش كۆتۇرمەسمىدى،خېلى تاقات قىلىپ تۇرغان ئەزىمەت كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدىدە،بىر مۇش قايتۇرۇپ:<<ھېي،نەرى پاسكىنا بۇ قىزنىڭ،پاسكىنا بوسا مەن ئەزىمەت ياخشى كۆرەمتىم دەپ باقە،بىرە قېتىم ئوغۇللار بىلەن تىلىفۇن سوزلەشكىنىنى،تالاغا چىقىپ ئوغۇللار بىلەن ئۇچراشقىنىنى،تار ،قىسقا كىيىم كەيگىنىنى،ياغلىقنى باشتىن چۈشۈرگىنىنى كۆرگەنمىتىڭ سەن،پاسكىنىلقنى ئا مۇھاببىتىڭ گۈلچىھرەدىن سورا،قايسى كۈنى بىر كۈنى بىر ئوغۇل بالا بىلەن باغچىغا كىرىپ كېتىپ بارىدۇ،نڭمە قىلغىنىنى بىر ئۇلۇغ خۇدا ئۆزى بىلىدۇ،بۇنىڭدىن كېيىن نادىرەنى تىللىغۇچى بولما ئۇختىڭمۇ ......>>.بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان سۇبات بىر ئېغىز گەپ قىلماي جايىدا تۇرۇپ قالدى.
قۇرۇق بوپ قالغانىدى.شۇ كۈندىن باشلاپ نادىرە ئەزىمەتتىن دائىم ئۆزىن قاچۇرىدىغان بولىۋالدى.قەتئىيلا گەپ قىلغۇدەكمۇ پۇرسەت بەمەيتتى.
  بىر كۈنى نادىرە دەرس تەكرار قىلىۋاتاتتى.شۇنىڭ بىلەن ئەزىمەت بىرىپ يېنىدا ئولتۇرۋالدى.نادىرە قاچاي دەپ تۇرىشىغا،ئەزىمەت:<<نادىرە،ئۆزىڭىزنى مەندىن قاچۇرماڭ بولامدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ مەن گېپىمنى دەپ بولۇپلا كېتىمەن>>.نادىرەمۇ ئامالسىز جايىدا ئولتۇردى.ئەزىمەت گېپىنى باشلىغانىدى،:<<نادىرە،مەن سىزنى ياخشى كۆرگىلى ئىنتايىن ئۇزۇن بولدى،ئەمما سىزگە دېيىشتىن قورقتۇم،سىزگە دېسەم مەندىن يىراقلىشىپ كېتەمدىكىن دەپ قوقتۇم،ئەسلىي مەن سىزگە بۇ گەپلەرنى ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىنى بېرىپ بوپ دەي دېگەن،لېكىن مەن سۇباتنىڭ سىزنى ئۇنداق ھاقارەتلىشىگە چىداپ تۇرالمىدىم.مەن بىلىمەن،سىز ھازىر بىرسىگە كۆڭۈل بېرىشتىن قورقىسىز،خاتىرجەم بولۇڭ مەن سىزنى مەن بىلەن ئارىلىشىڭ دەپ زورلىمايمەن،مېنىڭ سىزنى ساقلاشقا ئىشەنچىم بار،سىزنى ماڭا كۆڭلىڭىزنى بەرگۈچە ساقلايمەن،سىزنىڭ پەقەت ئەزىمەت ئىسىملىك بىر بالىنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىنى،سىزنى شۇ جايىدا تۇرۇپ ساقلايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا بولىدۇ>>.ئەزىمەت گېپىنى قىلىپ بولۇپ كېتىپ قالدى. راس گەپنى قىلغاندا نادىرە بەكلا تەسىرلەنگەنىدى.قايسى بىر قىز ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسا تەسىرلەنمەيدۇ دەيسىز.ئەمما ھازىر بۇنى ئويلاش مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى.چۇنكى ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىغا ساناقلىقلا كۈن قالغانىدى.ھەر ئىككەيلەن ئارزۇيىدەك مەكتەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى.بۇ ئارىلىقتىكى كۈنلەر شۇنچىلىك تېز،ئالدىراشچىلىقتا ئۆتتى.......
  مانا ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانى تۈگەپ نەتىجىمۇ چىقىپ بولدى.ئەزىمەت بىلەن نادىرە ئوخشاش بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى.ئالىي مەكتەپ ھاياتى باشلانغان كۈندىن تارتىپ ئەزىمەت نادىرەگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۈلەتتى،ھەم نادىرەنى ئاسرايتتى.بارا-بارا نادىرە ئۆزىنى تېخىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىدىغان بولدى.
  مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە نادىرەنىڭ تىلىفۇنىغا ناتۇنۇش بىر نۇمۇردىن تىلىفۇن كەلدى.نادىرە سەل غەلىتىلىك ھىس قىلدى،شۇنداقتىمۇ تىلى
فۇننى ئالدى،:<<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز؟>>،<<ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،مەن...>>.تىلىفۇن ئىچىدىن ئىنتايىن تۇنۇش،ئەمما قەتئىي ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىر ئاۋاز چىقىۋاتاتتى.بۇ باشقا بىرسىنىڭ ئەمەس دەل سۇباتنىڭ ئاۋازى ئىدى.نادىرە شۇنىڭ بىلەننىمە ئىش بارلىقىنى سورىدى.سۇبات:<<نادىرە،بىلەمسىز،مەن يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن،مەن گۈلچىھنى ياخشى كۆرمەيمەن،شۇ سىزگە كۆسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن ئارىلاشقان،مېنى كەچۈرۋېتىڭ،بىز يارىشىۋالايلى بولامدۇ؟بىلىمەن مەن ھازىرمۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە بار....>>نادىرە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقاندا كۆڭلىدە بىرسىنى ئويلىدى،ئۇ بولسىمۇ ئەزىمەت ئىدى.دەل مۇشۇ پەيىتتە نادىرە ئۆزىنىڭ ئەزىمەتنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۇباتقا:<<كەچۈرۈڭ،مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن،مەن سىزنى ئۇنتۇپ كەتكىلى خېلە بولدى.بۇرۇن ھىچكىمگە بەرمىگەن كۆڭلۈمنى سىزگە بەرسەم خارلىدىڭىز،مېنىڭ ئەمدى بۇ كۆڭلۈمنى خارلىققا ئۇچراتقىم يوق.ھازىر بۇ كۆڭلۈمنى،قەدىرلەيدىغان بىرسى بار،ئۇ ماڭا نىمىنىڭ ھەقىقىي سۆيۈلۈش ئىكەنلىكىنى،نىمىنىڭ ھەقىقىي مۇھاببەت،نىمنىنىڭ ھەقىقىي بەخىت ئىكەنلىىنى تۇنۇتقۇزدى.مەن ھەرگىز بۇ قەلىبنى خارا قىلمايمەن.سىزگە بەخىت تىلەيمەن>>.نادىرە مۇشۇلارنى دەپ بولۇپ تىلىفۇننى قويۇۋەتتى.ئۇ تىلىفۇننى قويۇپ بولۇپ ئەمدى ئەزىمەت تەلەپ قويسا ماقۇل دېيىش قارارىغا كېلىپ تاتتلىق ئۇيقۇغا كەتتى.
  مانا ئۇلار ئالىي مەكتەپكە بارغاندىكى تۇنجى قۇربان ھېيىت يېتىپ كەلدى.نادىرە ئەتىگىنى قوپۇپ تۇرۇشىغىلا ئەزىمەتتىن ئۇچۇر كەلدى.ئۇچۇر مەزمۇنى:<<نادىرە،قۇربان ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!!!سىزنى سۆيۈپ ئەزىمەتتىن>>.ھېيىت كۈنى بىرىنچى بولۇپ ئەزىمەتنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان نادىرە ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇرۇپ بولۇپ ئاتا-ئانىسىغا تىلىفۇن قىلىدى.ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۇپ تىلىفۇننى قويۇپ تۇرۇشىغا ئەزىمەتتىن تىلىفۇن كەلدى.ئەزىمەت:<<نادىرە،ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،پەسكە چۈشۈڭ،مەن پەستىلا،سىزگە دەيدىغان گەپ بار>>.نادىرە ئەزىمەتنىڭ نىمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى پەملاپ بولغانىدى.شۇڭىلاشقا چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ پەسكە چۈشتى.ئۇ پەسكە چۈشۇپ كۆرگەن تۇنجى مەنزەرە ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ تالقان قىلىۋەتتى.ئەزىمەت قولىدا نادىرە ئەڭ ئامراق گۈلىنى تۇتۇپ باشقا بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. تېخى ئىنتايىن قىزغىن ھالدا.شۇنىڭ بىلەن نادىرە ئارقىسىغا قايرىلىپ كېتىشكە تەمشەلدى.نادىرەنىڭ ئارقىسىغا قايرىلغىنىنى كۆرگەن ئەزىمەت ھېلىقى قىز بىلەن خوشلىشىپ نادىرەنىڭ كەينىدىن يېتىشىۋالدى-دە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.نادىرەگە قارىغۇدەك بولسا نادىرەنىڭ كۆزىدىن ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشىۋاتاتتى.ئەزىمەت نادىرەدىن نىمە بولغانلىقىنى سورىسا نادىرە دېگىلى ئۇنىمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئەزىمەت نادىرەنىڭ يىغىسىنىڭ توختىشىنى كۈتۈپ تۇردى.بىردەمدىن كېيىن نادىرە يىغىدىن توختىدى.شۇنىڭ بىلەن ئەزىمەت قولىدىكى ئەتىرگۈلنى نادىرەگە سۇنۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا:<<ئارىلىشايلى>>دېدى.نادىرە ئاچچاقىدا:<<ئارىلىشىدىغىنىڭىز بىلەن ئارىلىشىڭ>>دېدى.بۇ گەپنڭ ئاڭلاپ ئەزىمەت كۈلۈپ كەتتى.نادىرە:<<نىمىگە كۈلىسىز؟>>دېسە ئەزىمەت:<<ھا ھا ھا ھا.....  نادىرە كۈنلەپ قاپسىزدە،ئابىياقىسى مېنىڭ ئاتا بىر ئاپا باشقا ئاچام،ئۇ ئاچاممۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.ئاتا-ئانام بىزنى جىق كۆرۈشكىلى قويمىغاچقا،شۇڭا مەكتەپتە كۆرۈشۈپ قالساق گەپ قىلىشىمىز شۇ!!خاتا چۈشىنىپ قالماڭ......>>دېدى.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ نادىرەنىڭ چىرايىغا دەرھاللا كۈلكە يۈگۈردى.ئاندن ئەزىمەت:<<ئەمدىغۇ سوئالىمغا جاۋب بېرەرسىز،ماقۇلمۇ ياقمۇ؟>>نادىرە ئىنتايىن پەس ئاۋازدا<<ھەئە>>دېدى.بۇ سۆز ئىنتايىن پەس ئاۋازدا چىققان بولسىمۇ ئەزىمەتكە شۇنچىلىك ئۈنلۇك ئاڭلاندى.ئۇ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم ھىسابلايتتى.مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئككەيلەن بەخىتلىك ھاياتىنى باشلىدى......
  ئەگەر ئاشۇ ئاسىي مۇھاببەت بولمڭغان بولسا نادىرەمۇ بۇ بەخىتكە ئېرىشەلمىگەن بولارىدى ھە........ئىككەيلىنىڭ كىيىنكى ھاياتى قانداق بولىدۇ،بۇ بىر ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەنگە ئايان.ئەمما ئۇلارغا چىن دىلىمدىن بەخىت تىلەيمەن!!!!!!
خاتىمە
  باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ھەرگىز خارلىماڭ،بولمىسا ھامان بىر كۈنى سىزگىمۇ يېنىپ سىز نىڭ قەلبىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن خارلىنىشى مۇمكىن.
   قىيىنچىلىققا،بەخىتسىزلىككە ئۇچرۇدۇم دەپ بەل قويۇۋەتمەڭ.بەلكىم بۇ قىيىچىلىق،بەخىتسىزلىكنىڭ كەينىدە سىز ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىق ۋە بەخىت يۇشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.........
     تۈگىدى.


ئاغرىدى بۇ يۈرەك دەرتلەرگە تولۇپ،
بىلمىدىم،نە قىلاي زەيپان قەلىبنى.
ھىجران مېنىڭ ئەڭ سىرداش دوستۇم،
ئۆزۈم  بىر تىرىك جەسەتلا بولۇپ.

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14591
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 08:39:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستەغفىرۇللاھ…

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 894
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 507 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 08:47:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدىگەن ياخشىھىكاايە بۇ  پاكمۇھەببەت ياشاپ كەت ھايا يوق قەلىپ  تە ھەرگىزمۇپاك مۇھەببەت بولمايدۇ

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12534
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32320
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4566 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 08:55:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى ھېسياتى خېلى ياخشى ئىپادىلىنپىتۇ،مەزمۇن بېيىتىشقا،روھىي -ھالەت تەسۋىرلىرىگە يەنىمۇ ئىشلىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەندۇق...

تەكلىپ: سۇبات بىلەن نادىرەنىڭ مۇھاببىتىنى باشلانغۇچتىلا باشلاپ قويۇپسىز،باشلانغۇچ ۋاقتىدا ھەقىقىي مۇھاببەت،ياخشى كۆرۈش  ھېسياتى بولمايدۇ مېنىڭچە،پەقەت باشلانغۇچنىڭ ئالتىنچى يىللىقىلىرىغا چىقىپ قالغاندا بىر -بىرىگە قىزىقىش شەكىللىنىدۇ دەپ قارايمەن.....

ئارتۇقچە گەپ قىپ قويغان بولسام كەچۈرىسىز....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96419
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 09:01:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستەغفىرۇللاھ

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4231
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1675 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 09:54:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە دېسەم بولا~

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 10:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنى ئوقۇپ بەك كۆپ ئىشلارنى ئويلاپ كەتتىم،كاللامنى قالايمىقان قىپ؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6047
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 11:24:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھالالنى دەپسەندە قىلىپ،ھارامغا يول ئاچقان ئاشۇ مۇھەببەتلەرنىڭ نەتىجىسى قانداق بولار؟ھەييييييي!
ئىشقىلىپ مەن.............

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2014-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 11:39:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇن بىلەن ماۋزۇ تازا ماسلاشمىغاندەك تۇرامدۇ  نىمە.....

ئالتۇن ئەزا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88446
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 361
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-12-11
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 10:16:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ مۇھەببەتتە كەچۈمىشىم بولمىغاندىكىن نىم دىيشىمنى بىلمىدىم جۇمۇ ..................!~

ئېسىڭدە بولسۇن جېنىم قەلبىمنىڭ ئىشىكىنى چەكسەڭ مەيلى،
                                      لېكىن ئېھتىيات قىل غورۇرۇمنىڭ دەرىزىسىنى چېكىپ سالما ..................... ! ! !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش