NASA: ئامېرىكىدىكى «تاشقىي پلانېتلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي»
بىلىمخۇمار
ئامېرىكىدىكى چوڭ-چوڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى بۈگۈن (2013-يىلى 16-ئاۋغۇست) «51-رايون» دەپ ئاتالغان بىر يەر توغرۇسىدا خەۋەر بەردى. بۇ يەر ئامېرىكا نېۋادا (Nevada) شتاتى لاس ۋېگاس (Las Vegas) شەھىرىنىڭ 150 كىلومېتىر شىمالىدىكى بىر جايدا بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يەرگە 1955-يىلى «51-رايون» دېگەن نامنى بېرىپ، ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە مەخپىي ساقلاپ كەلگەن ئىكەن. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلەر بۇ يەردىن بىر خىل غەلىتە ئۇشقۇرىلارنىڭ ئۇچۇپ چىقىۋاتقانلىقى ۋە بۇ يەرگە ئاسماندىن ئۇچۇپ چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يەرگە «تاشقىي پلانېتلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي» دەپ نام بېرىپ كەلگەن ئىكەن. نېۋادا شتاتىنىڭ ھۆكۈمىتىمۇ ئاشۇ يەرگە بارىدىغان بىر يولغا «تاشقىي پلانېتا تېز سۈرئەتلىك يولى» دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان ئىكەن. بۇ يەرگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن «ئۇچار تەخسە» نى كۆرمەكچى بولغانلارمۇ ساياھەت قىلىپ كېلىپ تۇرغان ئىكەن. يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «51-رايون» نىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپتۇ: 1950-يىللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يەردە «U-2» ناملىق جاسۇسلۇق ئايروپىلانلىرىنى سىناق قىلغان ۋە ئىشلەپ چىقارغان. سوۋىئېت ئىتتىپاقىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھېچ قانداق ئىنسان قەدەم باسمايدىغان مۇشۇ جاينى تاللىغان ئىكەن. بۇ ئايروپىلان باشقا ئايروپىلانلاردىن كۆپ ئىگىزلىكتە ئۇچىدىغان بولۇپ، كۈن ئولتۇرۇپ، باشقا ئايروپىلانلار قاراڭغۇدا ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان ۋاقىتلاردا بۇ ئايروپىلان ئۇچسا، ئۇنىڭغا قۇياش نۇرى تېگىپ، قاراڭغۇدا بىر نەرسە ئاسماندا نۇر چاقنىتىپ ئۇچۇپ يۈرىۋاتقاندەك كۆرىنىدىكەن. شۇڭا كىشىلەر كېچىدە بۇ يەردىن ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كېتىۋاتقان، ۋە ئاسماندىن بۇ يەرگە ئۇچۇپ چۈشىۋاتقان بىر خىل نۇرنى كۆرۈپ، بۇ يەرگە «تاشقىي پلانېتلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي» دەپ نام بەرگەن ئىكەن. «51-رايون» دېگەن سۆز «مۇستەققىللىق كۈنى» گە ئوخشاش بەزى بىر فانتازىيە كىنولىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنىدىكەن.
مەن يېقىندا تور بەتلىرىگە «ئۇچار تەخسە» ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان ۋە ئۇنى تېخى كۆرمىگەن تورداشلار ئۇنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108442-1-1.html
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
http://www.washingtonpost.com/lifestyle/style/government-officially-acknowledges-existence-of-area-51-but-not-the-ufos/2013/08/16/ca4feaec-06be-11e3-a07f-49ddc7417125_story_1.html
http://www.google.com/hostednews/afp/article/ALeqM5iiBa7RHOBxTWVdA2rQ5YXv3TESpg?docId=CNG.ccc48fe9df0b33deb3a3dba5a2662c3e.21
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-17 11:44 AM