يېڭى پەن: تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى
بىلىمخۇمار
تۈنۈگۈن، يەنى 2013-يىلى 15-ئاۋغۇست كۈنى، ۋولت دىسنېي شىركىتى (Walt Disney) نىڭ لاھىيىلەش ۋە قۇرۇلۇش پۈتتۈرۈشكە مەسئۇل بىرىنچى قول باشلىقى كرېگ (Craig Russel, Chief design and project delivery executive at Walt Disney Imagineering) بىزنىڭ ئىدارىگە كېلىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى بىلەن ناسا ئىشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ئۈستىدە بىر ئىلمىي دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى» دېگەن بىر پەن ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتتى. بۇ پەننىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «imagineering» بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «imagine» (تەسەۋۋۇر، قىياس، پەرەز قىلماق، ئويلىماق) دېگەن سۆز بىلەن «engineering» (ئىنژېنېرلىق ئىلمى، قۇرۇلۇش) دېگەن سۆزنىڭ بىرىكمىسىدىن ياسالغان. شۇنىڭغا ماس ھالدا «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىرى» (imagineer) دېگەن سۆزمۇ ۋۇجۇتقا كەلگەن. بۇ پەننى دىسنېي شىركىتى كەشىپ قىلغانمۇ ياكى باشقىلار كەشىپ قىلغانمۇ، مەن ئۇنى ئاڭقىرتالمىدىم. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ پەن دىسنېي شىركىتى قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ كەتكەنلىكى كرېگنىڭ دوكلاتىدىن ئېنىق بولدى. تاكى بۈگۈنگىچە مەن بۇ پەننى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇپ، ماڭا ئۇ بىر يېڭى پەن بولۇپ تۇيۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن مەزكۇر يازما ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ۋەتەندىكى بۇ پەندىن تېخىچە خەۋىرى يوق ياشلارنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويۇش قارارىغا كەلدىم.
تورداشلارنىڭمۇ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، دىسنېي شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چوڭ كۆلەملىك شىركەتلەرنىڭ بىرى. بۇ شىركەت ئائىلە كىنولىرى (ئاتا-ئانىلار بىلەن كىچىك بالىلار بىللە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان كىنولار)، بالىلار كىنولىرى، قورچاق كىنولار، كارتون كىنولىرى، ۋە فانتازىيە كىنولىرى قاتارلىق ھەر خىل كىنولارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ دىسنېي باغچىسىغا ئوخشاش چوڭ كۆلەملىك باغچىلىرى بار. ھەمدە ئۇ مېھمانخانا، سودا سارىيى، ۋە ساياھەت پاراخودلىرى قاتارلىق ئىگىلىكلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.
دىسنېي شىركىتى گەرچە كۆڭۈل ئېچىش سانائىتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، ئۇ ئامېرىكىدىكى ناسا ۋە گېرمانىيىدىكى شىمىنز (Siemens) گە ئوخشاش يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىققا پۇختا ئورۇنلار بىلەنمۇ ناھايىتى يېقىندىن ھەمكارلىشىدىكەن.
تۆۋەندىكى تور بېتىدە، دىسنېي شىركىتىدىكى تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىرى قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىر قىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىنگلىزچە بىلىدىغان تورداشلارنىڭ ئاشۇ تور بېتىنى بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەن ئىنژېنېرلىققا تەڭلا قىزىقىدىغان ياشلار ئۈچۈن، بۇ بىر غايىۋى كەسپ ئىكەن. ياپونىيە نوپۇسىنىڭ 10 دىن بىر قىسمى ئاپتوموبىل سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىسرائىلىيە نوپۇسىنىڭ 4 تىن بىر قىسمى ئىنژېنېر بولۇپ، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ نىسبەت گېرمانىيىدە تېخىمۇ يۇقىرى. مەن ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا، ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ۋە ئىسرائىلغا ئوخشاش ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشتە ماتېماتىكا، ماتېماتىكىدىن باشقا تەبىئىي-پەنلەر، ئىنژېنېرلىق، ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيە دىن ئىبارەت 4 نەرسىگە تايانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنى چوقۇم ئاشۇ 4 ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بۇ چۈشەنچە «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى» دىمۇ ئىنتايىن روشەن نامايان بولغان.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-17 09:20 AM