لەنىتى ئوغۇل
( ھىكايە )
ت.ئا. قوشماق
بېشىغا تو رومال ئارىتقان، ئۇزۇن چىت كۆينەك كۆيگەن، قولىغا قارا ھاسا تۇتۋالغان، يېشى يەتمىشلەردىن ھالقىغان بىر موماي پۇتىغا چوڭ كەلگەن كونا كالاچنى شىپىلدىتىپ ئاستا ماڭغانچە، باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ قويىشى بىلەن مەينەت، رەڭگى ئۆڭئۈپ كەتكەن كۆك پەردىنى قايرىپ « پاتەك سەتەڭ» نىڭ مەيخانىسىغا كىرىپ كەلدى. تارغىنا كەلگەن مەيخانىدىن ھاراقنىڭ بەدبۇي ، سېسىق پۇرىقى پۇراپ تۇراتتى. سىرىتتىن قاراڭغۇغا كىرگەچكە موماي مەيخانىنىڭ بوسۇغۇسىدىلا توختاپ نۇرسىز، خۈنۈك كۆزلىرى بلىەن مەيخانا ئىچىگە قاراپ ھېچنىمنى ئىلغا قىلالمايۋاتاتتى. ئالدىدىكى شىرەدە ئىككى ھاراقكەش ، كەينىدىكى شىرەدە ئۈچ ھاراقكەش ھاراق ئىچۋاتاتتى.ئالدىنىقى شىرە ئولتۇرغان ئىككىسى مومايدىن نومۇس قىلىپ، بېشىنى شىرەگە قويۋالدى. كەينىدىكى شىرەدىكى ئۈچى بۇ ئايالغا قاراپ،
— تۆۋە جاھان نىمە بولۇپ كەتتى، بىزغۇ ئىچەيلى، ئاتمىش يەتمىشكە كىرگەن ئاياللارمۇ ئىچىدىغان بوپ كەتتىمۇ نىمە؟
— ئۇنداق گەپ قىلما، خاتا كىرىپقالدىمۇ نىمە؟
— شۇنداق بىلمەي كىرىپ قالغان ئوخشايدۇ.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆك شەپكە كىيۋالغان بىرسى ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ،
— ئۇ مىنىڭ ئانام، — دىدى تىلىنى چايناپ.
موماي كۆك شەپكە كىيۋالغان بالىسىنى تونىدى. ئۇ ئاستا بارغانچە بالىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ،
— بالام يۈرە، ئۆيگە كىتەيلى، سەن بۇنداق ئۆزەڭنى يوقىتۋەتسەڭ بولمايدۇ . — دىدى.
— ئانا سەن كىتىۋەر، مەن كىيىن بارىمەن، مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن — دىدى ئوغۇل قولىنى تارتىپ.
ئانا ئوغلىنىڭ قولىنى قويۇپ بەرمىدى. پۈتۈن كۈچىنى بالىسنىڭ قولىنى تۇتقان ئوڭ قولىغا يىغىپ كۇچاپ تارىتتى. ئۇلار بىر- بىرىنى تارىتقىنىچە مەيخانىدىن چىقتى. ئوغلى ئېغىر كەيىپلىكتە دەلدۈگۈنۈپ ئاران ماڭئاتتى، قويۇپ بەرسە ھازىرلا يىقىلپ كىتىدىغاندەك. ئانىمۇ ئاران ماڭاتتى قېرىلىقتىن ،پۇت قولىدىكى ماغدۇرنىڭ يوقلۇقىدىن. ئىككىسنىڭ ھازىرقى تۇرقى بىر- بىرسىدىن قولى ئاجراپ كەتسىلا يىقىلپ كىتىدىغاندەك. يولدىن ئۆتۈپ كىتۋاتقان كىشلەر ئانىغا ئىچ ئاغرىتاتتى،ئوغۇلغا لەنەت ئوقۇيتى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە چوڭ يولغا قاراپ مېڭىشتى، مەيخانا يولدىن ئىگىز ئىدى. ئۇلار يولغا چۈشۈشتە خېلى قىينالدى، ئىككىلىسى سەللا تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتسا يىقىلىپ چۈشەتتى. ياشقىنا كەلگەن بىر جۇپ ئەر – خوتۇن ئەمدىلا يېشىغا توشمىغان بالىسىنى ئەركىلتىپ، يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى. ياش ئانا بۇ مەنزىرنى كۆرۈپ قەدىمىنى توختۇتۇپ، بالىنى ئېرىگە بېرىپ، يۈگۈرگەن پېتى ئانىنىڭ قولىنى تۇتۇپ پەسكە ، يولنىڭ بويىغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئاندىن يەنە چاققانلىق ئېرىنىڭ قولىدىن يۈرەك پارىسى بولغان بالىسىنى ئېلىپ يولىغا راۋان بولۇشتى.
— ئۆيگە بارايلى بالام، مەن ئاتايىتەن ساڭا كۆك چۆچىرىسى ئەتتىم بالام، يالغۇز يەي دىسەم گېلىمدىن ئۆتمىدى، ئۆيگە بېرىپ ئىسسىقىدا يىۋال.
— سەن كىتىۋەر، مەن مەن دوسلۇرۇمدىن، سورۇندىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ.— دىدى ئوغۇل تىلىنى چايناپ.
ئانا ھەرقانچە يالۋۇرغان بولسىمۇ، ئوغلىنى گەپكە كىرگۈزەلمىدى. ئانىنىڭ ئوغۇلنى ئۆيگە ئېلىپ كەتكۈسى بارتى، ئوغۇلنىڭ ئانىسىنى كەتكۈزۋەتكۈسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدىن بىر ئشەك ھارۋۇسى ئۆتىۋېدى، ئانا ئىشەك ھارۋۇسىنى توسۇپ ئۆيگە ئاپپىرىپ قويۇشنى ئېيىتتى. ئانا ئىشەك ھارۋيسىغا چىقتى. بالىسىنى ھەرقانچە تارىتسىمۇ چىققىلى ئۇنىمدى. ئوغۇل ئىشەك ھارۋۇسى ھەيدەيدىغان بالىغا ئانامنى ئۆيگە ئاپپىرىپ قوي دەپ زورلاپ يولغا سېلىپ قويۇپ، ئۆزى مەيخانىغا دەلدەڭشىپ كىرىپ كەتتى.
ئانا ئۆيگە كىلىپ، ئاران بالالىقتا مىڭ بىر جاپادا ئەجىر قىلىپ ئەتكەن كۆك چۆچىرىسىدىن ئىككىنى يىدى.ئۈچۈنچىسى گېلىدىن ئۆتمىدى. بالىسنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ كۆزلىردىن ياشلار سەلدەك ئېقىشقا باشلىدى.
ئوغۇل 10 ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى ۋاپات بولدى. ئانا بالىسىغا ھەم ئانا، ھەم دادا بولدى. بالىنى ئوقۇتۇش، ياراملىق ئادەم قىلىش ئۈچۈن بارلىقىنى سەرىپ قىلدى. لىكىن بالا ئوقۇشقا پەقەتلا كۆڭئۈل بۆلمىدى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىرىنى ۋاي دات دىگۈزۋەتتى. خۇددى ئانا گۇناھكاردەك مۇئەللىملەرنىڭ، زىيانلانغۇچلارنىڭ سەت گېپى، تاپا - تەنىسىنى لېۋىنى چىشلەپ ئاڭلىدى ئۇلاردىن ئەپۇ سورايتى. « بالام كىچىك » دەپ ئويلايتى ئانا «چوقۇم ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا تۈزۈلۈپ كىتىدۇ، ئەقىل كىرىپ ئۆزىنى توختۇتىدۇ» لىكىن تولۇقسىز ئىككىنجى يىللىققا چىققاندا ، جەميەتتىكىى ئاغىنىللىرى بىلەن تاكسى بۇلاپ، بەش يىللىق كىسىلىپ كەتتى. ئانا ھەريان چاپتى، كۆزلىردىن ياش ئەمەس قان ئاققۇزۇپ يىغلىدى پايدىسى بولمىدى. ھەر يىلى نەچچە قېتىم تۈرمىگە بېرىپ يوقلاپ تۇردى. مانا بەش يىل ئۆتۈپ بالا تۇرمىدىن چىقتى، ئۇ ئەمدى بالا ئەمەس، چوڭلا يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى. تۈرمىدىن چىقىپ بالا ھەپتە ئون كۈن تىنىچ يۈردى، ئانا بەكلا خوش ئىدى. ئۇنىڭغا ھەر كۈن ئۈچ ۋاق تاماق ئىتىپ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدى. ئوغۇل تۈرمىدە قىمار ئويناشنى ئۆگۈنۋالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن جەميەتتىكى سالپا –ساياق كىشلەر بىلەن ئارلىشىپ، قىمارغا بېشىچە كىرىپ كەتتى. ئىچەتتى ،چىكەتتى. ئانىسدىن نومۇس قىلماي مەس كىرەتتى. قەرزگە كانايغىچە بوغۇلۇپ قالغاندا، ئانىنى پۇل بىرىشكە قىستايتى. بىچارە ئانىدا نەدىمۇ پۇل بولسۇن. ئانىنىڭ تىقىپ قويغان، كىيىن بالامنىڭ موھىم ئىشىدا ئىشلىتەمەن دەپ يوشۇرۇپ قويغان ھېچنىمسى قالمىدى. قەرز ئىگىلىرى سۈيلەپ كىلىۋەرگەندە، ئانا نومۇستىن ئىشىكنى سىرىتتىن قۇلۇپلاپ قوياتتى، خەقنىڭ ئالدىدا نەچچە قېتىم ئوسال بولدى. ئانا ھەر ۋاقلىق نامىزىدا بالىغا ئىنساپ تەۋپىق تىلەپ دۇئا قىلاتتى. لىكىن بالىسى بۇ دۇنياغا مەخسۇس يامان ئىشلارنى قىلشقا ئاپرىدە بولغاندەك، تۈزەلمەكتە يوق، بارغانسىرى بۇزۇلۇپ تاپتىن چىقىپ كىتىپ باراتتى. ئانا كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا بالامنىڭ پەرزىنى ئادا قىلۋالاي دەپ بارمىغان ئۆي قالمىدى. ھەممىسى ئانىنى ئۈمۈدسىز يولغا سېلىشتى. ھەممىسىنىڭ گېپى پۈتۈشۋالغاندەكلا بىرلا،« قىمارۋاز، ھاراقكەشكە قىز بەرگەندىن، ئۆمۈر بويى يېنىمىزدا ئۆتكىنى ياخشى». شۇنداق بولسىمۇ، ئانا يىراق سەھرادىن بىرسىگە چىقىپ، بىر يىتىم قىزنى ئېلىپ بەردى. لىكىن خوتۇننىڭ مىھرى مۇھەببىتى ئۇنى يامان يولدىن تۇسۇپ قالالمىدى. توي بولۇپ، ھەپتىدىن كىيىن، مىھمانخانىدا ئىشلەيدىغان بىر كۈتكۈچىگە چېقىلىپ قويۇپ، يەنە تۈرمىگە كىرىپ كەتتى. ئانا تۇل قالغاندا نۇرغۇن يەردىن ئەلچىلەر كەلگەندى، ئەمما مۇشۇ بالامغا مەن يىتىمنىڭ ئېشىنى يىگۈزمەيمەن، يېتىمنىڭ كىيىمىنى كەيگۈزمەيمەن، ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىدا بوينىنى قىسىپ قالمىسۇن دەپ رەت قىلغان ئىدى. شۇ ئىشقا ئانا پۇشايمان قىلدى. لىكىن پۇشايماننى ئالدىغان قاچدا يوق ئىدى.ئانا يەنە تۈرمىگە بېرىپ بالىسىنى يوقلاپ تۇردى.
دەسلەپتە ئۇلارنىڭ قورۇ جايى بار ئىدى. تۆت تام ، تۆت كۇلۇڭدىن ھېچنىمە چىقمىغاندىن كىيىن، بارلىقىنى سېتىپ تۈگەتتى. ئانىنىڭ قىلمىغان ئىشى قالمىدى. ھاجەتخانىدا قەغەز ساتتى، ئاشخانىدا قاچا يۇيىدى، كوچىدا تازلىق ئىشچىسى بولدى، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە بالا باققۇچى، ئائىلە خىزمەتكارى بولدى. ئەخلەتخانىلاردىن يەشىك، قەغەز پارچىسى ،ئىچىملىك بوتۇلكىسى يىغىپ ساتتى.لىكىن ئانا نومۇسىنى ساتمىدى، تىلەمچىلىك قىلمىدى.ئىككىسىنىڭ ياشىشى ئۈچۈن پۇل بولمىسا بولمايتى.
تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن ئانا يالۋۇرۇپ باقتى، نەسىھەت قىلىپ باقتى. لىكىن،ئوغۇل قېتىغا ئالمىدى، ئەمدى ھاراققا بېشى بىلەن كىرىپ كىتىپ، ھاراق ئىچىش، مەس يۈرۈش بىلەنلا كۈنى ئۆتەتتى. ئانىنىمۇ جەميەتتە ھېچكىم كۆزگە ئىلمايتى. خەقنىڭ نەزىرىدە بىچارە ئانا ئوغرىنىڭ ئانىسى، قىمارۋازنىڭ ئانىسى، ھاراقكەشنىڭ ئانىسى، ئاق ساتىدىغان ۋە ئاق چىكىدىغان دەيۈزنىڭ ئانىسى دەپ قارىلىپ نۇرمال مۇئامىلىگە ئېرشەلمەيتى.
ئانا شۇ ئىككى چۆچىرىنى يىگەنچە كىچىچە يىغلاپ ئاخىرى يىغىسى توختاپ قالدى. ئانا تىنىقتىن قالغان ئىدى. ئۈچ كۈنگىچە ھېچكىم كىرمىدى. خوشنىسنىڭ يەتتە ياشلىق ئوغلىنىڭ توپى ھويلىغا چۈشۈپ كىتىپ، شۇنى ئەپچىققىلى كىرمىگەن بولسا يەنە نەچچە كۈن تۇرۇپ قالاتتىكەن.
مەھەللىدىكىلەر مىيىتنى يۇيۇپ تاراپ، كىپەنگە ئالدى. ئەمما لەنىتى ئوغۇلنى ھېچيەردىن تاپالمىدى. بىر چاغدا ئۇنىڭ ئەتراپتىكى مەيخانىنىڭ ئالدىدىكى چىملىقتا غەرق مەست ھالەتتە ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇنى ئىزدەپ بارغان يىگىت ئۇنى نوقۇپ،
— ھەي، ئاناڭ تۈگەپ كەتتى، قوپە، — دىدى.
— تۈگەپ كەتتى، ئۇ داۋاملىق ھەممە ئىشلىرىمغا پۇتلىشۋالاتتى، ھەجەپ ئوبدان بوپتۇ، — دىدى ئۇ تىلىنى چايناپ.
ھېلىقى يىگىت ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە تىپىپ، يۈزلىرگە تۈكۈرۈپ، «ھايۋان، جويۇت » دەپ تىللاپ كىتىپ قالدى. بىچارە ئانىنىڭ مىيىتىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ ماڭدىغان ئادەم چىقمىدى. مەھەللىدىكلەر ئانىنى يەرلىككە قويدى. ئانىنىڭ ئۆيىدىن بىر پارچە خەت بىلەن بەش مىڭ سوم پۇل چىقتى. جامائەت بۇ پۇلنى قانداق قىلىش توغرىسىدا باش قاتۇردى. بەرمەيلى دىسە شۇ پۇل، ئانىدىن ئاشۇ ھايۋانغا مىراس قالغان ئىدى. بىرەيلى دىسە ئۇنىڭ يەنە ئىشەك سۈيدىكى ئىچىپ، ئىككى كۈندىلا ئۇ پۇلنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىشى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ ئانامنىدىن قالغان پۇل جىقتى دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ پۇلنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەردى.
ئۇ پۇلغا ئىچتى، چەكتى. ئازلا قالغاندا ئۇ لاتارىيە بېلىتى ئېلۋىدى. ئەڭ چوڭ مۇكاپات ئۇنىڭغا چىقىپ قالدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇ كاتتا بايغا ئايلاندى.ئايالىنىڭ قېشىغا بېرىۋىدى ئاللىقاچان باشقا ئەرگە تىگىپ ئۈچ بالىلىق بولغانلىقىنى ئۇقتى. مەھەلىدىكىلەر ئۇنىڭدىن خۇددى ۋابادىن قاچقاندەك قاچاتتى. ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نۇرغۇن سوغا سالاملارنى ئالدىغا قويىۋېدى، لالما ئىتنى قوغلاپ چىقرغاندەك قوغلاپ، ئەككەلگەن نەرسىللىرىنى يۈزىگە ئاتتى. ئۇنى ھېچكىم قارشى ئالمىدى، شۇ چاغدىلا بىر ئانىسى بارلىقى ئىسىگە كىلىپ ئۆيگە كىردى، ئانىسى يوق ئىدى. ئۇ ئانىسىنى بار ئاۋازى بىلەن توۋلىدى. لىكىن ھېچقانداق يەردىن سادا كەلمىدى.بىر چاغدا ئانىسنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى يادىغا كىلىپ، ۋاي ئانا جېنىم ئانا دەپ چاچلىرىنى يۇلدى، ئۆزى كاچاتلىدى، پۇشايمان ياشلىرى سەلدەك ئېقىشقا باشلىدى، لىىكن ئۇنىڭ نەچچە مىليون پۇلى، مىڭ پاتمان پۇشايمىنى ئانىسىنى تىرىلدۈرۈپ بىرەلمەيتى.