مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1165|ئىنكاس: 12

نەۋرۇزئاي تەرجىمە ئەسەرلىرى(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30224
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7555
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 2270 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 08:51:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                مۇھەببەت بىلەن تىڭشاش  
       ياراتقۇچى بىزگە بىر جۈپ قۇلاق ئاتا قىلدى،بىزنى قۇلاق ئارقىلىق كائىناتتىكى يېقىملىق مۇزىكىدىن تارتىپ يېقىمسىز شاۋقۇن-سۈرەنلەرگىچە بولغان بارچە ئاۋازنى ئاڭلىيالايدىغان قىلدى.مەن ئويلايمەن،ئەگەر ئىنسان ئەتراپىدىكى ئاۋازلارنى پەقەت مېھر-مۇھەببىتى بىلەن تىڭشاپ باقسىلا،دۇنيادىكى تەرتىپسىز شاۋقۇن-سۈرەنلەرنى گۈزەل مىلودىيەگە ئايلاندۇرالايدۇ.

      ئەينى ۋاقىتتا مەن ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى قوشنىلىرىمنىڭ سەۋەبىدىن ساراڭ بولايلا دەپ قالغان ئىدىم.مەن 2-قەۋەتتە تۇراتتىم،ئاستىمدىكى ئۆيدە خىزمەتتىن قالدۇرۇلغان ئەر-ئاياللار تۇراتتى.ئۇلارئۈچ چاقلىق موتۇسىكىلىت بىلەن كىراكەشلىك قىلىپ  تۇرمۇشىنى قامدايتتى.ھەركۈنى سەھەردە چىقىپ كېتىپ يېرىم كېچىلەردە قايتىپ كېلەتتى،ئۇلارنىڭ ئۈچ چاقلىق موتۇسىكىلىتى بەكلا ئەبجەق بولۇپ،ئۇنىڭ كېىچدىكى«دوت-دوت-دوت»قىلغان ئاۋازى قۇلاق-مېڭەمنى يەپ،مېنى ئاجايىپ بىئارام قىلاتتى.ئەمدىلا كۆزۈم ئۇيقۇغا بارغان ۋاقىتتا ئەبجەق موتۇسىكىلىت سەت ئاۋازى بىلەن ئالەمنى مالەم قىلىپ قايتىپ كېلەتتى،بۇ ئاۋاز دەرىزىلىرىمدىن،ھەتتاكى تېمىمنىڭ ئاراشلىرىدىن ئۆيۈمگە سىڭىپ كىرىپ ئۇيقۇمنى بۇزاتتى.
     ئۈستۈنكى قوشنامغا قانداق جىن تەگدىكىن-تاڭ،تۇرۇپلا قىزىغا نەي چېلىشنى مەشىق قىلدۇرىدىغان بولىۋالدى،ھەر كۈنى تاڭ يوراي دېگەندە،قوشنام قىزىنى ۋارقىراپ ئويغىتىپ نەي چالدۇراتتى،بۇ نەينىڭ ئاۋازى ئازراقمۇ يېقىملىق ئەمەس بولۇپ،ماڭا گويا بۆرىنىڭ ھۇۋلىشى بولۇپ تۇيۇلاتتى.
     مەن ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە ئەبجەق موتۇسىكىلىتنىڭ،تاڭ يورىغاندا بولسا قاملاشمىغان نەينىڭ ساداسىنىڭ دەخلى قىلىشى بىلەن ئويغىنىپ كېتەتتىم.بۇنداق بولىۋەرگەنسىرى مەن جىلىخور،دىققىتىمنى يىغالماس بولۇپ قالدىم،مەن ئىككى قوشنام بىلەن بىر پاراڭلىشىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم-يۇ،يەنە تېڭىرقاپ قالدىم.نېمە دەيمەن؟! 1-قەۋەتتىكى ئىشتىن قالدۇرۇلغان ئەر-ئايالغا:«جېنىڭنى جان ئېتەلمىسەڭ كارىم يوق،موتۇسىكىلىتنى يوقىتىش!»دەمدىم؟!3-قەۋەتتىكى قوشنامغىچۇ؟ «بۇ بالىڭىزدا مۇزىكا تالانتىدىن ئەسەر يوقكەن،نەي ئۆگىتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ!»دەمدىم؟!ئەلۋەتتە بۇنداق دېيىشكە ھەرگىز چىدىمايتتىم.بۇنداق دېگىنىم ئۇلارنىڭ بىرىنى تاماق قاچىسىدىن،يەنە بىرىنى پەرزەنتىگە بولغان ئۈمىدىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغانلىقىم ئەمەسمۇ؟!
    قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئۆي كۆچۈش قارارىغا كەلدىم،مەن جىمجىت ۋە پاكىزە تۇرالغۇ تېپىشىم كېرەك ئىدى،بۇنداق بولغاندا سالامەتلىكىمگە ھەمدە يېزىقچىلىق قىلىشىمغا پايدىلىق بولاتتى.مەن بىر دوستۇمغا دەردىمنى ئېيتىپ  ئۇنىڭ ماڭا جىمجىت پاكىز تۇرالغۇ تېپىپ بېرىشىنى ئۆتۈندۈم.
  _سېنىڭچە مېنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنۇم قانداقراق؟!_دېدى دوستۇم كۈلۈپ تۇرۇپ.
  _بەكلا ياخشى!شۇڭا بۇ ئىشىمنى ساڭا ھاۋالە قىلىۋاتىمەن_دېدىم مەن.
_ئۇنداق ئويلىغان بولساڭ مەيلى ئەمسە!شۇنداق بولسىمۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە يەنە بىر  بېرىپ ئولتۇرۇپ باققىن!_مەن ماقۇل بولدۇم.
   بۇ يەر ھەقىقەتەن تىنىچ ئىدى،بىرەر سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن كىشىلەر ئىشتىن قايتىپ كېلىشكەن چېغى،مەھەللىدە شاۋقۇن-سۈرەنلەر پەيدا بولدى.بولۇپمۇ ياندىكى بالكوندىن كېلىۋاتقان،ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنىڭ چىرقىراشلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئاۋاز مېنى ئارامسىزلاندۇرۇشقا باشلىدى،دوستۇمدىن نېمە ئاۋازلىقىنى سورىدىم.
  _9ياشلىق بىر ئوغۇل بالا گەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ،دىققىتىڭنى قويۇپ ئاڭلاپ باققىنە!ئۇ نېمە دەۋاتىدىكىن؟!_دېدى دوستۇم.
  مەن پۈتۈن دىققىتىم بىلەن تىڭشىدىم،ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى ئۇقالمىدىم،شۇنداقتىمۇ پەرەز قىلىپلا:
_قۇيات زىمىتكا نۇ تاتتى دەۋاتامدۇ-نېمە؟!_دېدىم،دوستۇم قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:
_خاتا ئاڭلىۋاپسەن.ئۇ ‹قۇياش زېمىنغا نۇر چاچتى› دەۋاتىدۇ!_دېدى دوستۇم.ئۇ شۇنداق دېگەچ بېرىپ دەرىزىنى ئېچىۋەتتى،مەن شۇندىلا بىر خانىمنىڭ ئۇنىڭغا سۆزلەرنى توغرىلاپ ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم،خانىم قانچە قېتىم توغرىلاپ بېرىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ پەقەت ‹قۇيات زىمىتكا نۇ تاتتى› دەيتتى.
  _قانداق؟بۇ خىل مۇھىتتا تۇرالىغۇدەكسەنمۇ؟!_دوستۇمنىڭ بۇ سۇئالىغا مەن دەرھال بېشىمنى چايقىدىم ۋە راستىنى ئېيتتىم:
_تۇرالىشىم مۇمكىن ئەمەس!بۇ ئاۋاز يۇقىرى بولۇپلا  قالماستىن بەلكى يەنە ماۋۇ بالىمۇ تەكرا-تەكرار ئۆگەتسە،يەنە ئۆگىنەلمەيدىكەن،ئادەمنى تولىمۇ جىلە قىلىدىكەن!
_بىراق بۇ ئاۋاز ماڭا ۋە بۇ بىنادىكى ھەممىمىزگە ئەڭ گۈزەل مىلودىيەلىك مۇزىكىدىنمۇ يېقىشلىق بولۇپ ئاڭلىنىدۇ_دېدى دوستۇم.
  ئۇ مېنڭ قاتتىق ھەيران قالغىنىمنى كۆرۈپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:«بۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن بىر يېتىم بالا،تۇغۇلىشىدىنلا گاس-گاچا ئىكەن،شۇ سەۋەپلىك ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپتىكەن.مېنىڭ قوشنام ئۇنى بېقىۋىلىپ ئۆز تەربىيىسىگە ئالدى ھەمدە ھەر تەرەپتىن دوختۇر ئىزدەپ ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرسەتتى.ئۇ تۆت ياشقا كىرگەن يىلىدىن باشلاپ قوشنام ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنى ئۆگەتتى،بىز ھەممىمىز ئۇنى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشقا كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتۇق،ئەمما قوشنام زادىلا بەل قويۇۋەتمىدى،ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بىر كۈنى بالا تۇيۇقسىز قوشنامنى«ئاپا» دەپ چاقىرىپ قالدى،گەرچە بۇ ئاۋاز بەك ئوچۇق ھەمدە سۈزۈك بولمىسىمۇ ھەمممىز ئېنىق ئاڭلىدۇق،ھەممىمىزنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى.قوشنامنىڭ شۇنچە جاپاسىغا تۇشلۇق،بالا ئاخىرى گەپ قىلدى،بۇنداق كۆرىنىش ئەلۋەتتە ھەممىمىزنى خۇشال قىلىۋىتىدۇ!شۇنىڭدىن كىيىن قوشنام تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭغا يەنە گەپ قىلىشنى مەشىق قىلدۇرىۋاتىدۇ.»دوستۇمىنىڭ ئۆيىدىن كېتىش ئالدىدا ئۇ ماڭا:«بىلىمەن،بۇ بالىنىڭ ئاۋازى ساڭا ھەقىقەتەن يېقىمسىز بىلىندى،چۈنكى سەن ئۇنى پەقەت قۇلىقىڭ بىلەنلا تىڭشىدىڭ.ئەكسىچە بۇ ئاۋاز بىزنى شادلاندۇرىدۇ،خۇشال قىلىدۇ،چۈنكى بىز بۇ ئاۋازنى مۇھەببەتكە تولغان قەلىبلىرىمىز بىلەن تىڭشىدۇق!سەن پەقەت مۇھەببىتىڭ بىلەن تىڭشىساڭ ئەتراپىڭغا ئاجايىپ گۈزەل ئەمما نوتىسىز مىلودىيەلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقايسەن،گەپ سېنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭدا»دېدى.
   دوستۇمنىڭ سۆزى قەلبىمنى لەرزىگە سالدى،شۇنداق،كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەرخىل ئاۋازلار بار،ھەممىسىدىن ئىۋەن ئىزدەپ كېلىدىغان بولساق،ئۆزىمىز قىينىلىپ قالىمىز،نۇرغۇن گۈزەللىكلەردىن مەھرۇم قالىمىز.مۇھەببەتلىك قەلىبكە ئىگە بولساق،بىز ئۈچۈن ھەممە ئاۋاز ياخشىلىقنىڭ ،ئىللىقلىقنىڭ ساداسى بولۇپ تۇيۇلىدۇ.
    مەن ئۆي كۆچۈش قارارىمدىن يېنىۋالدىم.غەلىتە يېرى شۇكى،ھازىر ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنامنىڭ موتۇسىكىلىتىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسام،بۇرۇنقىدەك بىزار بولمايمەن ئەكسىچە‹قوشنام بۈگۈن پۇل تاپالىغان ئوخشايدۇ!›دەپ ئۇلار ئۈچۈن شادلىنىدىغان بولۇپ قالدىم.ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى نەي ئاۋازىنى ئاڭلىسام‹بۇ قىزچاقتا ئىلگىرلەش زور،كۈندىن كۈنگە ياخشى چېلىۋاتىدىغۇ؟!›دەپ ئويلاپ ھوزۇر ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
        ياراتقۇچى بىزگە بىر جۈپ قۇلاق ئاتا قىلدى،بىزنى قۇلاق ئارقىلىق كائىناتتىكى يېقىملىق مۇزىكىدىن تارتىپ يېقىمسىز شاۋقۇن-سۈرەنلەرگىچە بولغان بارچە ئاۋازنى ئاڭلىيالايدىغان قىلدى.مەن ئويلايمەن،ئەگەر ئىنسان ئەتراپىدىكى ئاۋازلارنى پەقەت مېھر-مۇھەببىتى بىلەن تىڭشاپ باقسىلا،دۇنيادىكى تەرتىپسىز شاۋقۇن-سۈرەنلەرنى گۈزەل مىلودىيەگە ئايلاندۇرالايدۇ.
                                                                                 
                                             
            ھېكايە تۈگەپ قالدى ئەزىزلەر!سىلەرگە قانداق تەسىر بەردى بىلمىدىم،ئەمما مەن ھەقىقەتەن ئەتراپىمدىكى ھەممە ئاۋازنى مۇھەببەت بىلەن تىڭشاپ باقتىم،ئاپامنىڭ ئارتۇقچە قاقشاشلىرى،ئەيىپلەشلىرى ماڭا ئاجايىپ سۆيۈملۈك بىلىندى،مۇئەللىمىمىزنىڭ قاپىقىنى تۈرۈپ قاراشلىرى،ئۆتنى يارىدىغان سېسق گەپلىرى ماڭا ئالەمچە مېھىر بولۇپ تۇيۇلدى.ئۆگىنىش قىلىۋاتقان چېغىمدا يېنىمدا چىرقىراپ دىققىتىمنى چېچىۋاتقان كىچىڭ سىڭلىمنىڭ يىغىسىمۇ ماڭا بەخىت ساداسى بولۇپ ئاڭلاندى! سىزچۇ؟! ئەلۋەتتە مەن سىزنىمۇ سىناپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمەن!ئاللاھ ھەممىمىزگە مۇھەببەتلىك قەلپ ئاتا قىلسۇن!                                                                     
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-16 07:25 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sargarda + 111 ئەھمىيەتلىك تېما !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 111   باھا خاتىرىسى

يولىمىز يىراق،يۈكىمىز ئېغىر،ئېتىمىز ئورۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5289
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7875
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 10:46:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىسخىكىلىق  جەھەتتە   تەربىيۋى  ئەھمىيتى  بار  ئەسەركەن ،  ئەجرىڭىزگە رەھمەت ...توۋا  دەيمەن  مەنمۇ  بىر  چاغدا  مۇشۇنداق  بولغان  ،  بىر  ئۆيدە  ئاكام  يا  
دوسىتلىرىم بىلەن  يېتىش  توغرا كىلىپ  قالسا  ئۇلارنىڭ  پۇشۇلداپ  يىنىك  تىنىشىمۇ
مىنى بېئارام قىلاتتى  .
خورەك  تارىتسىغۇ    بۇرنىنى  چىشلەپ  ئۈزۈۋالغۇم  كىلىپ  كىلەتتى .
بىر كىچە  ئۇخلىيالمايتتىم  .  چۇقۇم   يالغۇز  ،  تىنىچ  مۇھىتتا  ياتمىسا بىر  كىچە تاڭ
ئاتقۇچە  ئۇخلىيالمايتتىم  .  ھەتتا   سائەتنىڭ  چىكىلداشلىرىدىنمۇ بىزار بولاتتىم .
ھازىر  ئىلگىرىكىگە  قارىغاندا  خېلى  ياخشى  ، شەيئىي  ۋە ئادەملەرگە  نەپرەت بىلەن
ئەمەس  ، مۇھەببەت  بىلەن  قارىسا   تۇرمۇشى  باشقىچە  خۇشال  ئۆتىدىغانلىقىنى تۇنۇپ
يەتتىم  .   


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-16 10:56 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 11:54:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خەنچە دەرسلىكىمىزدە بار ئىدى ، تېمىسى «用爱倾听“غۇ ، دەيمەن ھە.

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 11:58:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىمىمىزنىڭ قاپىقىنى تۈرۈپ قاراشلىرى،ئۆتنى يارىدىغان سېسق گەپلىرى ماڭا ئالەمچە مېھىر بولۇپ تۇيۇلدى.

‹مۇئەللىمنىڭ ئۆتنى يارىدىغان سېسىق گەپلىرى›گە بىر مىسال كەلتۈرۈپ باققان بولسىڭىز بوپتىكەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 12:12:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىنىڭ ئاپتورى كىم؟ بەك ياخشى ھېكايە ئىكەن.
پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دېگەن: رەھىم قىلمىغۇچىغا رەھىم قىلىنمايدۇ.

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 02:13:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاۋۇ ھىكايىنى ئوقۇغاندەك نەدە ئوقۇغندىمەن؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10414
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 08:37:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوججو  يانا شۇ ئۆتمۈش

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30224
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7555
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 2270 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 09:52:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-17 02:13 AM
مەن ئاۋۇ ھىكايىنى ئوقۇغاندەك نەدە ئوقۇغندىمەن؛


ئەلكىنگە يوللاپ بولغانىدىم لەيلى ھەدە!شۇ يەردە كۆرۈپ ئىنكاسمۇ يېزىپ بولغان ئىدىڭىز... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nawruzay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-17 09:52 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 ھا ھا ھا ھا يامانلىقىن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

يولىمىز يىراق،يۈكىمىز ئېغىر،ئېتىمىز ئورۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30224
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7555
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 2270 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 09:53:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0999uyghurkizi يوللىغان ۋاقتى  2013-8-16 11:54 PM
بۇ خەنچە دەرسلىكىمىزدە بار ئىدى ، تېمىسى «用爱倾听“غۇ ، دە ...

ھەئە شۇ!  قانداق تەرجىمىسىمۇ ئېسىل چىققاندەك قىلامدۇ يا؟!

يولىمىز يىراق،يۈكىمىز ئېغىر،ئېتىمىز ئورۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 10:59:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەرجىمە ئەسەرنىڭ ئاخىرىمۇ بارمۇ يا؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش