مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3595|ئىنكاس: 23

پۇل تاپقۇچە ، يول تاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 02:51:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسىرىمنى تۇرمۇشنىڭ ئەگرى توقاي يوللىرىدا ھەر قەدەمدە بىر پۇتلىشىپ يۈرگەن دوسلۇرۇمغا سۇنىمەن.
ئابلىكىمنىڭ بۇ يىل خىزمەتكە چىققىنىغا بەش ئالتە يىلدەك بولۇپ قالغانىدى . ئۇ تەستە ئىرىشكەن بۇ خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ مائارىپ سېپىگە بىر كىشلىك تۆھپە قۇشۇپ كىلىۋاتاتتى . ئۇنۇڭ سەبى ئاپئاق كۆڭلى ھەممە ئادەمنى ئۆزىدەك سەمىمى ،ئىنسانپەرۋەر دەپ ھىس قىلاتتى .ئۇ خىزمەت شارائىتىنىڭ ناچار بازار ئىچىگە يىراق بولىشى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرماي ئون كۈندە ئۈچ ،تۆت قېتىم قۇم بوران بىلەن جەڭلىشىپ ھەقىقى يۈرۈكى بىلەن مىللىتىم دەپ دەرس مۇنبىرىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى .

نىمىشقىدۇ ئۇنۇڭغا بۇ بىريىلدىن  بۇيان جىن چاپلىشىۋالغاندەك خاپىچىلىقنىڭ ھەممىسى يۈكلەندى . باشتا چوڭ ئانىسى يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلى بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى . كىيىن ئىنىسى ئالى مەكتەپكە ئىنتاھان بىرىپ ئۆتەلمىدى . چوڭ  ئانىسنى داۋالىتىش يۈكى ئابلىكىم بىلەن دادىسىغا قالغانىدى . دوختۇرخانىغا ھەپتىدە تۆلەيدىغان ئىككى ئۈچ مىڭ يۈەن بىر ئايدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنى خېلىلا ھالسىزلاندۇرۇپ قويدى . ئۇنۇڭ ئۈستىگە ئىنىسىنىڭ كىيىنلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش غېمى ئۇنۇڭ بېشىنى ئاغرىتىۋەتكەن ئىدى . كۈنلەر شۇنداق مەنىسز ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەقدىرنىڭ چاقى يەنە تەتۈر چۆرگىلەپ ئابلىكىمنىڭ ئانىسىمۇ ئېغىر كىسەل بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ ئۈلگۈردى . ئاھ خۇدا بۇنىمە كۆرگۈلۈك ئابلىكىم دەرت غەم ئەندىشە چۇلۋۇرىنى بىراقلا يۈكلىدى . ئۈچ تەرەپتىن قىستىغان بۇ كەلگۈلۈك بىلەن ئابلىكىم نىمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدى .
ئۇنۇڭغا شۇ تاپتا بۇجاھان رەھىمىسىز ، شۇنچە زۇلمەت شۇنچە قاراڭغۇ بىلنىۋاتاتتى . ئۇزۇن مەزگىل يىراق يەردە ئىشلەپ تويىنى قىلالمىغان ، خىزمىتىم ، ئىنىم سىڭلىم دەپ بار يوقىنى ئائىلىسىگە تۆككەن ئابلىكىمغا ئەمدىلەتتىن پۇل غېمى چۈشۈشكە باشلىدى . قانداق قىلىش كىرەك . ئۇرۇق تۇققانلىرىمۇ ئۇنۇڭ يېنىدا بولالمىدى . پۇل غېمى ئۇنۇڭ مىڭىسىنى قوچىۋەتكەن ئىدى . ئويلا - ئويلا ئاخىرى مائاش كارتىسىغا بانكىدىن قەرز ئېلىش يولىنى تاللاپ مۇناسىۋەتلىك يەرلەر بىلەن كۈرۈشتى . ئۇيان - بۇيان بېرىپمۇ ھېچ بىر قەرز ئىشى ھەل بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . دوختۇرخانىدا بولسا چوڭ ئانىسى بىلەن ئانىسى ئۇنۇڭ قولىغا قاراشلىق دادىسى بولسا بىر قۇل بەندە ئۇ شۇنداق دەرت -ھەسرەت بىلەن يەنە   بانكا ئىچىگە كىردى . ئۇيان ئۈسۈپ .بۇيان ئۈسۈپ ئالغان جاۋابى بىر ئىككى ئاي ساقلاڭ دىگەن جاۋاپ بولدى . ئابلىكىم ئېغىرلىشپ كەتكەن پۇت قوللىرىنى مىڭ تەستە سۆرەپ بانكا ئالدىدىكى بىر ماشىنىغا يۈلۈنۈپ ئولتۇردى . كاللىسى بىر خىل قۇيۇن ئىچىدە قالغاندەك چۆرگىلەيتتى . تۈگۈمەس خىيال ئۇنى ھالسىزلاندۇرۇپ قويغانىدى .
<ئەسسالام - ئۇكا قانداق ئەھۋالىڭ >دىگەن بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ ئابلىكىمنىڭ خىيالى ئۈزۈلدى .
< قانداق بۇيەردە ئولتۇرۇپسەنغۇ ،ماشىناڭ بۇزۇلۇپ قالمىغاندۇ >دەپ قول ئۇزارتتى بىرسى .
ئابلىكىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا كىشىلەرنىڭ ئېغزىدا <ھەممە ئىشتا ،ئېپى بار. يەرنىڭ تىگىدە ماڭغان يىلاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ >دەپ تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان ئەسقەر دەپ  ئوتتۇرا ياش بىرسى  تۇراتتى .
ئابلىكىم ئورنىدىن قوپۇپلا < ۋە ئەلەيكۇم ئەسقەر ئاكا ، قانداق ئەھۋالىڭىز > دەپ تىنجىلىق سورىدى .
قانداق بولاتتى ئۇكام پۇت قوللۇرۇم ساق ئۆيۈمدىن كۆڭلۈم خاتىرجەم ، شۇ خوتۇننى ئىككى قىلايمىكىن دەپ باش ئاغرىقى تېپىۋالدىمغۇ ئۆزۈمگە ، دەپ قاقاپلاپ كۈلۈپ كەتتى . ئابلىكىممۇ كۆڭلىگە كەلمىسۇن دەپ ئۈنسىزلا كۈلۈپ قويدى . < قانداق ئۇكا ، بۇيەردە ئولتۇرۇپسەنغۇ > دەپ قايتىلاپ سورىدى ئەسقەر .
شۇ بانكىدىن قەرز ئالاي دىگەن . ھېچ بىر يولىنى تاپالماي ئاۋارە ،دىدى ئابلىكىم ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ .
< شۇ ئىشمىتى ئۇكا ، مىنى ئىزدىسەڭ بولمامتى بىر ھەپتىدىلا پۇلنى قولۇڭغا تۇتقۇزمامتىم >دىدى ئەسقەر ئۆزىنى بۆلەكچىلا چوڭ تۇتۇپ .
ئابلىكىم تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ سادادىن ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بۇلۇپ بىلمەپتىمەن ئاكا ، بولمىسا ئىزدەيتتم دەپ سەل جانلىق ئاۋازدا سۆزلەپ كەتتى .
ھە قانچىلىك ئالىسەن ؟ دەپ سورىدى ئەسقەر .
<يەتمىش مىڭ بولسا بولاتتى > دىدى ئابلىكىم يىتتىكلا .
<ھە ئۇنداق بولسا كەچكىچە ئازراق تەييارلىق قىلىپ مىنى ئىزدە> ! دىدى ئەسقەر بوغۇق ئاۋازدا .
<قانداق تەييارلىق ئۇ ئاكا > گاڭگىراپ سورىدى ئابلىكىم .
<ماۋۇ بالىنى كىچىك بالا دىگەننى زە ، نىمە بولاتتى ئۇكا پۇل تەييارلىقى كەچكىچە بەش مىڭنى تەييارلا .ئىشىڭنى ئۆزۈم بىتەرەپ قىلىمەن . ھازىرقى زاماندا پۇل بولمىسا ئالدىغا بىر قەدەم سالمايدىغان بوپ كەتتى ئادەملەر >.
ئابلىكىمنىڭ كۆزئالدىغا چوڭ ئانىسى بىلەن ئانىسى كىلىپ بولۇدۇ ئاكا ! بولسا مۇشۇ ئىشىمنى بىر . ......
دىدى ئابلىكىم دۇدۇقلاپ < ھە ئۇنداق بولسىچۇ ئۇكا كەچتە ماڭا تېلفۇن قىل > دەپ نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ بەرگەندىن كىيىن كەچتە كۆرشىلى دەپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى .
ئابلىكىم ئەمدى قانداق قىلاي قەر ئالمىسام ئانام، ئالاي دىسەم بەش مىڭ  ئابلىكىم بىر دەم خىيال سۈرگەندىن كىيىن كۆز ئالدىغا بىر يىل بۇرۇن سەككىزمىڭغا ئالغان موتوسىنى كۆزئالدىغا كەلتۇرۇپ بىر دىنلا جانلىنىپ كەتتى .
ئۇ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئۆيۈگە كىرىپ موتوسىنى سۈرتۈپ مىنگەن پېتى بازارغا ئەكىردى . بازار ئىچى ھەرخىل موتو ئادەملەر بىلەن تولغانىدى . ئابلىكىم موتوسىنى بىر بۈرجەككە ئاپىرىپ يۆلەپ قويۇپ خىرىدار ساقلاپ ئولتۇردى. بىردەمدىن كىيىن ئۇنۇڭ يېنىنى موتو بىدىكلىرى ئورۇۋېلىپ تۆت مىڭغا ساتەمسەن ، بەشمىڭغىچۇ دەپ دەپ پۇل ساناشقا باشلىدى . ئابلىكىم سەكىكىزمىڭلىق موتونى بەش مىڭغا ساتسام قانداق بولار دەپ ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلاۋاتاتتى . ئۇنۇڭ ئۈچۈن ھازىر بىردىنبىر چىقىش يولى مۇشۇلا بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئامالسىز بولۇدۇ ، ئەكەل پۇلۇڭنى دەي دەپ تۇرۇشىغا بىرسى بەش يېرىممىڭغىچۇ ؟ دەپ سورىدى .
ئابلىكىممۇ يىتتىكلا ماقۇل دەۋەتتى .
شۇنۇڭ بىلەن سودا ئاخىرلىشىپ ئابلىكىم پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ بازاردىن چىقتى . سائەتمۇ بەش بولغانىدى . ئابلىكىم خۇداغا شۈكرى دەپ ئۆز -ئۆزىگە ئاتا -ئانام ھايات بولسا ئېلىۋالىمەنغۇ دەپ ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ . ئەسقەرگە تېلاۇن قىلدى .
<  ھە ئۇكا پۇلنى تەييار قىلدىڭمۇ >دەپ سورىدى ئەسقەر تېلفۇننى ئېلىپلا .
<ھە ئاكا تەييار بولدى نەدە كۈرشىمىز >
<ئەمسە مىنى قەدىمى جاڭگال كاۋاپخانىسى ئالدىدا ساقلا > دەپلا تېلفۇننى قويۇۋەتتى ئەسقەر .
ئەمدى بۇ نىمە ئىشتۇ ؟ ئابلىكىم ئۆزىگە سوئال قۇيۇۋەتكەندىن كىيىن قەدىمىنى تىزلىتىپ كاۋاپخانا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى .
ھاۋا سەل سۇغۇق ، ھەممە ئادەم ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش . تۇرمۇش ھەممە ئادەمنى ئالدىغا سېلىۋالغان ئىدى .
ئابلكىم كاۋاپخانا ئالدىدا بىر تۇرغاندىن كىيىن ئالدىغا بىرئاق ماشىنا توختاپ ماشىنىدىن ئەسقەر ۋە 15 ياش ئەتراپىدىكى بىر بالا چۈشۈپ ئابلىكىمنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كىيىن < مۇنداق گەپ ئۇكام ،ئەمدى خەقنىڭ ئۆيىگە كىرىپلا پۇلنى قويۇپ ،قويۇپ چىكەتكىلى بولمايدۇ . شۇڭا ماۋۇ كاۋاپتىن بەش يۈز كويلۇق ئېلىپ كىرەيلى >دەپ كاۋاپچى ئالدىغا كىلىپ كاۋاپچىغا <بەش يۈز يۈەنلىك كاۋاپ ئۈچ يۈز كويلىقىنى ئايرىم ئىككى يۈز كويلىقىنى ئايرىم قاچىلاپ بىرىڭلا > دەپ بۇيرۇتۇپ قويۇپ ئابلىكىمنىڭ يېنىغا كىلىپ < پۇل قېنى ئۇكام >دەپ سورىدى.
ئابلىكىم موتۇ سېتىپ ئايرىپ قويغان بەشمىڭ يۈەننى ئەسقەرگە سۇندى .
كاۋاپچى ئىككى خالتاكاۋاپنى ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن ئەسقەر < پۇلنى تۆلىۋىتە ئۇكام > دەم ئابلىكىمغا قارىدى . ئابلىكىم ئۈنسىز يانچۇقىدا بار يوقى بەش يۈەننى كاۋاپچى ئۇستامغا سۇندى .
ئۇلار ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن ئەسقەر يېنىدىكى كىچىك بالىغا < بۇنى ئېلىپ ئۆيگە بارغىن > دەپ بىر خالتىدىكى كاۋاپنى بىرىپ ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ قويدى .
ئۇلار ماشىنىدا  بىر مەھەل ماڭغاندىن كىيىن ئەسقەر ئابلىكىمغا < سەن ماشىنىدا   تۇرۇپ تۇر مەن بۇنى بانكا باشلىقىغا ئەكىرىپ ئىشىڭنى توغرۇلاپ چىقاي   > دەپ ئابلىكىمغا قارىدى .
بولۇدۇ ئاكا ! دىدى ئابلىكىم .
ئەسقەر ماشىنىدىن چۈشۈپ يانچۇقىدىكى پۇلنى ساناپ ئۈچ مىڭنى ئايرىم قىلىپ بىر دانا كونۋىرتقا سېلىپ   كىرىپ كەتتى .
ئابلىكىم ماشىنا ئىچىدە تۇرۇپ بۇئىشنى كۆرگەندىن كىيىن ئېغىر ئۇھسىنىپ دۇنيانىڭ رەھىمسىزلىكى توغرۇلۇق خىيالغا پېتىپ ئولتۇردى .
ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئەسقەر قايتىپ كىلىپ   ماشىنىغا چىقتى .
ئابلىكىم قانداق بولدى ئاكا ! دەپ سورىدى ئالدىراپ .
ئەسقەر < مۇبارەك بولسۇن ئۇكام ، ئىشىڭ پۇتتى ئەتە بانكىغا كىرسەك ھەممە ئىشلار ھەل بۇلۇدۇ > دەپ كۈلكە ئارلاش جاۋاپ بەردى .
ئابلىكىم ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەتىسى كۈرۈشىدىغان بۇلۇپ خوشلاشتى .
سۈزۈك ئاي قاراڭغۇلۇقنى ئۆزى   بىلەن ئېلىپ كىتىپ ئىنتايىن تەسلىكتە تاڭ ئاتتى . ئابلىكىم ئورنىدىن تۇرۇپ تاماقمۇ يىمەي بانكىغا چىقتى . قارىسا بانكىا ئالدىدا ئەسقەر تىت-تىت بولۇپ تۇراتتى . ئۇ ئابلىكىمنى كۆرۈپلا <ئۇكامموي نىمانداق تەستە چىقىسە ،ئالدىراش ئىشىم باتتى مىنىڭ >دەپ ئابلىكىمغا چالۋاقىغاندىن كىيىن < ھە كىتەرلىك نەرسىلەرنى ئاچىقتىڭمۇ >دىدى.
ئابلىكىم يانچۇقىدىن بىر قاتار ھۆججەتلەرنى سۇندى .
ئەسقەر ئۇنەرسىلەرنى ئېلىپ ئۇدۇل بانكا ئىچىگە كىرىپ بانكا باشلىقى بىلەن كۈرۈشتى . باشلىقمۇ ئۈن تىنسىزلا تامغۇرىنى قويۇپ بەردى . شۇنداق قىلىپ ئابلىكىم ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھەل قىلالمىغان ئىشلار بەش يېرىممىڭ يۈەننىڭ خاسىيتى بىلەن بىر سائەتتىلا پۈتۈپ پۇل كارتىغا كىرگۈچە ئابلىكىم بىر ھەپتە ساقلايدىغان بولدى .
بۇ بىرھەپتىنى ئابلىكىم ئۈمۈت ھەم غېرىپلىق ئىچىدە دوختۇرخانا ۋە ئۆي ئارلىقىدا ئىنتايىن تەسلىكتە ئۆتكۈزدى . ئۇنۇڭ كاللىسىغا ھەر خىل خىياللا كىرەتتى . بەزىدە خىياللىرىدىن قورقايتتى . بەزىدە ئۈمۈتلىنەتتى . شۇنداق قىلىپ بىرھەپتە تۇشۇپ ئابلىكىمغا  بانكىدىن   تېلفۇن كىلىپ بانكىغا چىقىشنى ئېيتتى .ئابلىكىمنىڭ يۈرۈكى توختىماي سوقاتتى ، ئۇ شۇنداق تىز ماڭاتتىكى بۇ مېڭىشى بىلەن ئولۇمپىكقا مۇسابىقىسىگە بارسىمۇ بىرىنچىلىكنى ئالالايتتى . ئۇ بانكا ئالدىغا كىلىپ بىردەم تىنىۋالغاندىن كىيىن ئىچىگە كىرىپ تېلفۇن قىلغانلار بىلەن كۈرۈشتى . بانكا خادىملىرى قەرز ئىشىنىڭ بولۇپ كارتىغا پۇل كىرگەنلىكىنى ئېيتتى .
<ئابلىكىم ، پىشانەڭ ئوڭ كەلدى، چوڭ ئاناڭ ھەم ئاناڭ ئەمدى دوختۇرخانىدا خاتىرجەم داۋالىنالايدۇ > دەپ ھاياجان ئىچىدە ئۆزىگە سۆزلەپ كەتىتى ئابلىكىم .
شۇنداق قىلىپ ئابلىكىم پۇلنى قولىغا ئالدى .<بۇ پۇلنى دوختۇرخانا خىراجىتى ۋە ئۆيى ئۈچۈن قىسقىسى ئاتا- ئانىسىنڭ ، چوڭ ئانىسنىڭ بىر تۇققانلىرىنىڭ رەھمەتلىك دۇئاسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ . ئېي ئابلىكىم سەن نىمانچە بەخىتلىك باشقا ئىنسانلار ئاتا - ئانىسىنى قاقشىتىپ تۇرۇپ پۇل ئېلىپ ھاراق ئۈچۈن ، قىزلار ئۈچۈن خەجلەيدۇ ، ئەمما سەن بولساڭ  دۇئا ئۈچۈن ،ئاتا -ئاناڭنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خەجلەيسەن ، سەندىن ئاتا - ئاناڭ رازى بولسۇن ، مەجبۇرىيىتىڭنى ئادا قىلدىڭ ، ئاتا - ئاناڭنىڭ تېرىقچىلىق بولسىمۇ ئەجرىنى قايتۇردۇڭ . بۇسىنىڭ ھەرگىزمۇ بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئاناڭنى داۋالاتماقچى بولغۇنىڭ  ئۈچۈن ئېيتىلغان سۆز ئەمەس . بەلكى نۇرغۇن ۋىجدانسىز ، ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەنلەردىن پەرىقلىنىدىغان كۆڭلۈڭ ئۈچۈن >.......................

تۇرمۇشتىن قىسقارتىپ ئېلىندى . ئىملا خاتالىقى ياكى سۆز خاتالىقى بولسا تۈزۈتۈشۈپ بەرگەيسىلەر .


مەنبە -قەلىمىم
2013يىلى 8-ئاينىڭ 15كۈنى  

شاھ زاد
dawir111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 12:43:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
anatil004 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 01:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
anatil004 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 01:06:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەركىنلىك، ئىتقاد،غورۇر،ئۆزلۇك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55283
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5467
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 888 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 01:14:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ئوقۇپ بولغىچە كۆڭلىمگە ھەرخىل خىياللار كەلگەن.ئەسقەر پۇلنى ئۆزىنىڭ كارتىسىغا ئۇردۇرۇپ ئابلىكىمنى قويىۋەتمەسمىتى دەپ. ئىش ياخشىغا تارتتى ئاخىردا....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 01:22:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
asrar729 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-16 01:14 PM
ئاخىرىنى ئوقۇپ بولغىچە كۆڭلىمگە ھەرخىل خىياللار كەلگە ...

ئاللا ئىىگەم ئىشىنى ئاسان قىلدى دوستۇم .

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96558
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 01:33:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇش    دىگەن مۇشۇنداخ بۇلىدىكەن                      ئامال يوق.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 01:35:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەتتىگەندە، غەربىي ئازادلىق يولىدا بىر قىزغا جىنسىي پاراكەنچىلىك سالغان چەتئەللىك ئەر تۈنۈگۈن فۇرۇڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوراق قىلىندى. بۇ چەتئەللىك ئەرنىڭ خەنزۇچە ئىسمى سۇ شىياۋبەي (ئىنگلىزچە ئاھاڭ تەرجىمىسى: Azubah Badr Fahd) بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى، باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماق جازاسى ۋە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى. ئىگىنىلىنىشچە، بۇ دىلو 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ يېڭى جىنايى ئىشلار قانۇنى يولغان قويۇلغاندىن بۇيان ئۆلكىلىك سوت مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلغان تۇنجى چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دىلوسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، جاۋابكار سۇ شىياۋبەي 1991-يىلى تۇغۇلغان، مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا مائارىپ ئىنىستىتۇتى ھازىرقى زامان خەنزۇتىلى كەسپىنىڭ 2012-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالتىلەردە سۇ شىياۋبەي ھاراق ئىچىپ غەربىي ئازادلىق يولىدىكى ۋەندا سودا مەيدانىدىكى كىنتاكىيغا كېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياڭ ** نىڭ ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ گېزىت كۆرىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئەدەبسىزلىك قىلىدۇ. ئۇ ياڭ ** نىڭ ياردەم تەلەپ قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالىدۇ ھەم مەيداننىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا يېتىشىۋىلىپ، ئۇنىڭغا داۋاملىق ئەدەبسىزلىك قىلىدۇ. سۇ شىياۋبەي ياڭ ** نىڭ قارشىلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىشتىنىنى سېلىپ، ياڭ ** نىڭ ئىشتىنىنى مەجبۇرىي سالغۇزۇپ باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولىدۇ. يەرگە يۈكۈنۇپ قالغان ياڭ ** يەردە ئۆمۈلەپ ئۆزىنى قاچۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەچكە ھەم يولدىن ئۆتكۈچىلەر بۇ ئەھۋالنىڭ بىنورماللىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنى توسۇپ ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئىشقا ئاشمىغان.

سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار سۇ شىياۋبەي ئاممىۋى سورۇندا ئاياللار بىلەن مەجبۇرىي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى باسقۇنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ. جاۋاپكار سۇ شىياۋبەي ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلمىغان، روشەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە بولمىغان، جاۋابكارنىڭ جىنايىتى جىنايەت شەكىللەندۈرمەيدۇ، دىگەن ئاقلاش سۆزى قوبۇل قىلىنمايدۇ؛ ئاقلىغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان سۇ شىياۋبەينىڭ قىلمىشى «ئاممىۋى سورۇندا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا باسقۇنچىلىق قىلىش» قا كىرمەيدۇ، دىگەن ئاقلاش سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. جاۋابكار سۇ شىياۋبەي باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، قارشى تەرەپنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرلىغانلىقى ئۈچۈن، مەقسىتىگە يېتەلمەي، جىنايىتى ئىشقا ئاشمىغان، قانۇن بويىچە جىنايىتى يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
سوت مەھكىمىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 23-، 35-، 236-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقاردى.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5403
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2250 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 02:05:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-8-16 01:35 PM
بۇ يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەتتىگەندە، غەربىي ئازادلىق يول ...

مۇشۇ ئەرەپلەردىمۇ شۇنداق ناچار ئادەم جىق . مۇنبىرمىزدىكى بەزىلەر چوڭ بىلىپ كەتكىنى بىلەن .
بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ نۇرغۇن ئەرەپلەر باشقا قىزلارغا كۆز تاشلاپ يۈرىدۇ يالغاندىن سىلەرنىڭ تىلىڭلارنى ئۆگۈنمىز ۋە مەدىنيىتىڭلارغا قىززىقمىز دەپ قۇيۇپ..
زادى مۇشۇنداقلارغا دىققەت قىلىپ قويمىساق بولمايدۇ ... ئاسان ئىشەنمەسلىك كېرەك..

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 02:05:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-8-16 01:35 PM
بۇ يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەتتىگەندە، غەربىي ئازادلىق يول ...

ئۇنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆتكۈزۈپ بىرەر ھەرقاچان

شاھ زاد
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش