يېقىندا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشرىياتى بىرلىشىپ تونۇلىۋاتقان ئاتاقلىق ياش يازغۇچى ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ ‹‹سەمەندەرنىڭ ئوتى›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى.بۇ توپلامغا ئۇنىڭ يىللاردىن بۇيان دىيارىمىزدىكى ‹‹تارىم››،‹‹تەڭرىتاغ››،‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى››،‹‹يېڭى قاشتېشى››، ‹‹قەشقەر››،‹‹ئىلى دەرياسى››،‹‹تۇرپان››،‹‹قۇمۇل ئەدەبىياتى››قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەدەبى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ۋە يېڭىدىن يېزىلغان،‹‹كۆك كۆزلۈك ئۈزۈك››، ‹‹سەۋدالىق››، ‹‹مامۇت سەپرا››،‹‹مۇزلىغان يۈرەك››، ‹‹بەخت ئىزدەش››، ‹‹پىۋاخۇمار›› ،‹‹تۈندىكى سايە››،‹‹سەمەندەرنىڭ ئوتى››‹‹بوۋاي ۋە تۇپراق››قاتارلىق بىر قىسىم ۋەكىل خاراكتىرلىق نادىر ھېكايىلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ كىتاپخۇمار ،ھېكايىخۇمار دوستلارنىڭ ئەڭ يېڭى تاللىشى بولۇپ قالغۇسى.
ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايى1972-يىلى12-ئايدا يوپۇرغا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان،1989-يىلى قەشقەر يېزا ئېگىلىك تېخنىكومىنىڭ ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپىنى،2000-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ تەرجىمانلىق كەسپى(تولۇق كۇرس)نى پۈتتۈرگەن.ھازىر يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتىكوم يېزا خىزمەت ئىشخانىسىدا ئىشلەيدۇ.قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەمەلىياتچانلىقى كۈچلۈك،تۇرمۇشقا يېقىن،ھېسىياتى قويۇق،تىلى ئاددىي، راۋان،چۈشىنىشلىك ۋە يېقىملىق.ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ھازىرقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنى، ئۇيغۇر يېزىلىرىنى،جۈملىدىن دېھقانلار تۇرمۇشىنى پەردازسىز چىن تەسۋىرلەپ پېرسۇناژلىرىنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرىنى ئىنچىكە قېزىپ ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ.
تۇنجىئىجادىيىتى 1995-يىلى ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››ژورنىلىغا بېسىلغان ‹‹قەبرىگە كۆمۈلگەن سىرلار››ناملىق ھېكديىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى نوپۇزلۇق گېزىت-ژورناللاردا ‹‹چاپان شال رېستۇرانى››، ‹‹ياقايۇرتتىكى ئىشلار››‹‹سىرلىق ئىلاھ››،‹‹مەڭگۈلۈك روھ››،سۇمبۇل چاچلىق قىز››،‹‹پىنھان سىرلار››،‹‹رەھمەت ساڭا دۇنيا›› قاتارلىق ئاتمىش پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست ۋە ھىكايە ئېلان قىلدۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلىب تارىنى چېكىپ ئەل سۆيگەن يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى بولۇپ قالغان.ئۇندىن باشقا 2010-يىلى ‹‹نىقاپلانغان سۆيگۈ›› ناملىق تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا،2012-يىلى ئىككى قىسىملىق تارىخى رومانى‹‹ئابىھايات›› شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان. ‹‹ياخشىدىن شانلىق ئىز قالىدۇ.ئەل قەلبىدە تېز قالىدۇ›› دېگەندەك ئۇنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى تېخى 20يىلغا يەتمىگەن بولسىمۇ لېكىن ھېكايە پوۋېستلىرىدىكى ياش قىز يىگىتلەر ئوبرازى مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغان ھىسسىياتچان قىز يىگىتلىرىمىزنىڭ غايىۋى ئوبرازىغا، پېرسۇناژلارنىڭ چوڭقۇر قېزىپچىقىلغان،ئەينەن ۋە تەسىرلىك ئىپادىلەنگەن،كۈچلۈك ۋە ساپ ھېسسىيات،قايناق مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن دىئالوگ –مونۇلۇگلىرى ياشلىرىمىزنىڭ ئېسىدىن ،مودا سۆزلىرىدىن ۋە ئەستىلىك خاتىرىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ ھېكايىلەرنى ئوقۇغان كىشى ۋەقەلىكلەر ئىچىگە كىرىپلا كېتىدۇ.ئىشلار ئەتراپىدىلا يۈز بېرىۋاتقاندەك،ئۆزىمۇ شۇپېرسۇناژلارنىڭ بىر قىسمىدەك،پېرسۇناژلار ئۆزىنىڭ قەلبىدە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يادلىنىپ كېلىۋاتقان لېكىن ئېغىزدىن چىقىرالمايۋاتقان قەلب سادالىرى،يۈرەك سىرلىرىنى ئاددىي ئەمما گۈزەل سۆز ئىبارىلەر بىلەن ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئىپادە قىلىپ بېرىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ تەڭ ھاياجانلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ قىممەتلىك ئەمگىگى كىتاپخانلارنىڭلا ئېتىراپ قىلىشىغا سازاۋەر بولۇپ قالماي يەنە ئاخبارات نەشرىيات،ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشى ۋە يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشىپ شەرەپ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.مەسىلەن‹‹ئەرنىڭ باغرى››ناملىق ھېكايىسى 2008-يىلى 17-نۆۋەتلىك‹‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى.‹‹ئابىھايات›› رومانى ‹‹شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت،خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز –ئارا تەرجىمە-نەشىر قىلىش قۇرۇلىشى››غا تاللىنىپ ئەڭ بازارلىق كىتاپلاردىن بىرى بولۇپ قالدى.ئۇندىن باشقا‹‹مامۇت سەپرا›› قاتارلىق بىرقىسىم ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ جوڭگۇ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئىگىسىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى بەرپا قىلىشقا باشلىدى. ‹‹سەمەندەر››گە ئىزاھات: سەمەندەر رىۋايەتلەردىكى ئوتتا ياشايدىغان ئەپسانىۋى مەخلۇق، ئوت چاشقىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ②زوئولوگىيەلىك ئېنىقلىمىسى:ئۇ قوش ماكانلىق ھايۋان، چوڭ سەمەندەر ۋە كىچىكسەمەندەر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئاۋازى بوۋاق بالىلارنىڭ يىغلىغان ۋاقتىدىكى ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. تاغ جىلغىلىرىدىكى ئېرىق سۇلىرىدا ياشايدۇ. گۆشى ئەتىۋارلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
تەرىپىمىزنىڭئىسپاتى سۈپىتىدە ئاپتۇرنىڭ يېڭى توپلىمىدىكى ماۋزۇ ھېكايە قوشۇپ يوللاندى. سەمەندەرنىڭ ئوتى
كۆزلىرىڭدىننۇر كۆرگۈم بار، ياش ئەمەس، چىرايىڭدىن گۈل كۆرگۈم بار ،غەم ئەمەس. ئۆمۈر بويىسەن ئۈچۈن سۆيگۈ،مېھرىم بار، يۈرىكىڭدىنچوغ كۆرگۈم بار،كۈل ئەمەس. — ئاپتۇر خاتىرسىدىن ئىككىمىزنىڭ قاچانلاردا تۇنۇشۇپ،قاچانلاردىن باشلاپ بىر-بىرىمىزگە مۇشۇنداقئامراق بۇلۇپ قالغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئېھتىمال بۇنىڭغا بەش يىل بولغاندۇ ۋە ياكىئون يىل،ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغاندۇ. لېكىن ئۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس. مەن ئۈچۈنئەڭ مۇھىم بولغىنى بىزنىڭ شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتلارنى پەقەت بىر كۈندەك، تېخى بۈگۈنلا بىر-بىرىگە ئوتلۇقۋەدىلەرنى بېرىشكەن شاش قىز-يىگىتلەردەك ئوتتەك قىزغىنلىق،ئوتتەك سىرلىق ھېس-ھاياجان، ئوتتەككۆيۈم،ۋاپا،ئوتتەك مېھىر-مۇھەببەت بىلەن دۇنيادىكى،ھاياتلىقتىكى،ئەڭ شېرىن لەزىز-لەززەتلەرنىقانغۇچە سۈرۈپ سېھرىي مەستخۇشلۇق بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىمىزدە ئىدى!... راسىت دەۋاتىمەن. مەنسەن بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن، بۇلۇپمۇ بۇنىڭدىن نەچچە يىللار ئىلگىرىكى تۇمۇزنىڭ ئوتتەكلاۋۇلداپ يېنىپ تۇرۇۋاتقان ئاشۇ كۈنى سېنىڭ ئوتتەك تىكىلىشلىرىڭگە،ئىللىق شىۋىرلاشلىرىڭغا،پۈتۈنتۇرقىدىن چا راسلاپ يېنىپ تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس سۆيگۈ گۈلخانلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي،تىلىم تۇتۇلۇپ، كۆزۈم كور بۇلۇپ،پۇت-قوللىرىم دىرىلداپ تىتىرەپ،خۇددى قىزىق قازانغا سالغانقوي مېيىدەك بۇژۇلداپ ئېرىپ،پۈتۈن بەدىنىم گويا جېنى،روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەكبوشىشىپ،ھالسىزلى- نىپ،جانسىزلىنىپ،ئۆزۈممۇ سەزمەيلا سېنىڭ ئوتتەك يېنىپ تۇرغان باغرىڭغا شۇڭغۇغان. تېخى شۇ يېشىمغىچە ئانامنىڭ بۇدرۇق كۆكسىدىن،نان،سۇدىن باشقا ھېچنەرسىگە تېگىپ باقمىغان،نېپىز، نازۇك لەۋلىرىمگە چوغدەك قىزىق،پاختىدەك يۇمشاق، ھەسەلدەك شېرىن لەۋلىرىڭنىچىڭ-چىڭ مەھكەم باسقان ئاشۇ دەقىقلەردىن باشلاپ مەن ئۈچۈن ۋاقىت ئۇقۇمىيوقالغانىدى.قۇمۇشتەك يىرىك ،چىمدەك قۇيۇق بۇرۇتلىرىڭ يۇمران يۈزلىرىمگە،ئوماق زىناقلىرىمغا،ھەربىر قېتىمسانچىلغاندا تاتلىق ،سىرلىق،شېرىن،ھېس-سىزىمدىن يىلاندەك تولغىنىپ كېتەتتىم!... پۈتۈن دۇنيانىئۇنتۇپ،بەخ- ىت،ھاياجان ياشلىرى سىرغىپ چىقىۋاتقان كۆزلىرىمنى مەھكەم يۇمۇپ،كۆكرىكىڭگەبېشىمنى قۇي- ۇپ،ئۈن-تىنسىز يېتىپ كىتەتتىم...! مەنساڭا بەك ئامراق ئىدىم. ساڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەن- لىكىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايىتتى. شۇنداق بولغاچقا،سېنى جاھاندىكىجىمىكى ئايال جىنىسلارنىڭ ھەممىسىدىن قىزغىناتتىم.ساڭاھەرقانداق بىر ئايال جىنىسنىڭ گەپ قىلىشىغا، تىكىلىپ قارىشىغا ھەتتاكى يېنىڭدا بىللەتۇرۇشىغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيىتتىم. ئادەم بىر ئادەمنى ھەددىدىن زىيادە ياخشىكۆرۈپ قالسا گۇمان،كۈندەشلىك سەزگۈسى شۇنچىلىك ئېشىپ كېتەمد- ىكىن-تاڭ،سېنى داۋاملىق باشقىلاردىن كۈنلەپلاتۇراتتىم. گەرچە بۇ گەپلەرنى ساڭا ئېغىز ئېچىپ دېمىگىنىم بىلەن ھەممە دەردىمنى ئۆزۈمبىلەتتىىم.سېنى بىرەر كۈن ئەمەس،بىرەر سائەت ككرەلمەي قالساممۇ، سەندىنگۇمانلىنىشقا باشلايىتتىم.‹‹ئۇ چۇقۇم ھازىر باشقا قىزلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بۇلۇشى...ھەتتاكى...››خىيالىمنىڭ ئاخىرىنىئويلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيىتتىم. ئىچ-ئىچىم گۈرۈلدەپ كۆيۈپ قانلىرىم ئېقىشتىنتوختاپ،پۇت-قوللىرىم قولىشىپ قالاتتى.كۆزۈمدىن تاراملاپ ياش ئاقاتتى. تۇتقان-قويغىنىمنى بىلمەي،ئالدىمغاكىملا ئۇچرىسا تىللاپ ۋارقىراپ،قولۇمغا نېمە چىقىپ قالسا ئېتىپسۇندۇراتتىم!...‹‹خەپ،ئىككىنجىلەپ يۈزۈڭگە قارىمايمەن،سەندىن ئايرىلىپ قالغانغا ئۆلۈپ قالامتىم؟...›› لېكىن سېنى،سېنىڭئاشۇ داۋاملىق بىر خىل مۇڭ يېغىپ تۇرىدىغان سۈرلۈك چىرايىڭنى،ئوتلۇق كۆزلىرىڭنى كۆرگەندەبولسا،يەنە ھەممىنى ئۇنتۇيىتتىم.پۈتۈن ئىچكى ھەسرىتىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ،تارام-تارام ياشتۆككىنىمچە سېنىڭ ھارارەتلىك قوينۇڭغا شۇڭغۇيى- تتىم...شۇنداق تۇرۇپمۇ،سېنىڭ قوينۇڭدا يېتىپتۇرۇپمۇ يەنە ئازاپلىق خىياللاردىن قۇتۇلالمايىتتىم. ‹‹ئۇ باشقا قىزلارنىمۇ مۇشۇنداق باغرىغاباسامدىغاندۇ؟ ئۇ باشقا قىزلارغىمۇ ماڭا دىگەن گەپلىرىنى دەمدىغاندۇ؟!›› مەن ساڭا شۇ دەرىجىدە ئامراق تۇرۇپ،مەن ساڭا شۇدەرىجىدە ئاشىق تۇرۇپ كۆڭلۈمدىكى ئىچكى ھېسسىياتىمنى پىنھان سىرلىرىمنى ساڭا قىلچىلىكبىلىندۈرمەسلىككە تىرىشاتتىم.ئىچىمدە گۈرۈلدەپ ئوت كۆيۈۋاتسىمۇ تېشىمدا شىۋىرغانئۇچۇرۇپ ،چىرايىمدىن قار- مۇز ياغدۇرۇپ تۇراتتىم. -سىز مڭا ئامراقمۇ سۈبھى،ماڭا ئامراقمۇ؟ كۆزلىرىڭدىن چاچراۋاتقان نۇرغا،يۈرىكىڭدىنچىقىۋاتقان ئوتقا بەرداشلىق بېرەلمەيتتىم.سېنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزۈڭدىمۇ ،ھەر بىرتىنغان ھىد تىنىقىڭدىمۇ ئادەمنى كۆدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتەلەيدىغان يالقۇن-ئوت بارئېدى.‹‹ئامراق،مەن سىزگە ئامراق...››دېگۈم كېلەتتى.لېكىن بۇ گەپنى دېيەلمەيتتىمھەم دېمەيتتىم.ئىچىم گۈرۈلدەپ كۆيۈپ،كۆزلىرىڭدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈلىۋاتسىمۇ بۇگەپنى ھەرگىز دېمەيتتىم.سەندەك چىدىماسقا،سەندەك تاش يۈرەك،سەندەك ۋاپاسىزغا بۇگەپنى دەپ ئىچكى ھېسسىياتىمنى پىنھان سىرلىرىمنى،ئوت پىراقىمنى بىلدۈرۈپ قويسامھەرگىز ۋە ھەرگىز بولمايدۇ! مېنىڭخىيالىمچە ساڭا بۇ گەپلەرنى دېسەم سەن مېنىڭ سەن ئۈچۈن ئوت لاۋا بولۇۋاتقان ئەڭپىنھان،ئەڭ نازۇك،سىرلىرىمنى ئىشىق ھەسرىتىمنى بىلىۋالساڭ سەن تېخىمۇ ھەددىڭدىن ئېشىپ كېتەتتىڭ! مەن سېنىڭ ئالدىڭدا تېخىمۇ بىچارە،تېخىمۇ ئامالسىز،ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتىم.شۇڭا ساڭا قارىماي تۇرۇپ بوشلا شىۋىرلايتتىم: -مەنسىزگە ئۇنچىمۇ ئامراق ئەمەس.بىراق سىز ماڭا بەك ئامراق دەپ تۇرۇۋالغاچقا ئامالسىز... گەپنى دەپ بولۇپلا كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا چىرايىڭغا ئوغۇرلۇقچە قارايتتىم.
داۋامى ئىنكاس ئارقىلىق يوللۇنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-16 01:04 AM
|