مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5009|ئىنكاس: 37

ئالۋاستى چەككەن ئىشىك(قورقۇنۇشلۇق ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 09:30:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                        ئالۋاستى چەككەن ئىشىك

                                                              (قورقۇنۇشلۇق ھېكايە)


       تۇردى بىلەن ئۆمەر بالىلىقتىكى شادىمان دەقىقىلىرىنى گۈزەل سەھرانىڭ كەڭرى قوينىدا  باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئويناپ-كۈلۈپ،ئەركىن-ئازادە ئۆتكۈزەتتى.بۇلارنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى مېھرى ئىسسىق سەھرانىڭ توپا-ساڭغۇ يوللىرىدا بىللە مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشتىن باشقا مال-ۋارانلارنى بېقىشتا بولسۇن دائىم بىللە ئۆتەتتى.
  -ئاداش،سەن چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولىسەن؟-دېدى تۇردى سۆگەت شاخلىرى سۇغا چىلىشىپ تۇرىدىغان ،غەمسىز بالىلارنىڭ يازدىكى ئارامگاھى يىڭى  ئۆستەڭ بويىدىكى قۇمغا قاقلانغاچ.
  -مەن،مەن  چوڭ بولسام يېزىمىز بىلەن ناھىيە ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان بىر ماشىنا سېتىۋىلىپ،كىرا قىلىپ پۇل تاپىمەن.
  -ھەي ئاداش ئۆمەر،سېنىڭ چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ جىقراق پۇل تېپىپ،مەئىشەتلىك تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگۈڭ يوقما؟مەن  چوڭ بولسام ئىچكىرى ئۆلىكلەرگە ھېچ بولمىغاندا ئۈرۈمچىدەك بىرەر شەھەرگەبېرىپ راسا پۇل تېپىپ  كاتتا خوجايىنغا ئايلىنىمەن.
  -ياق،-دېدى ئۆمەر،-كونىلاردا «كىشى يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە،ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول»دەپتىكەن،مەن گۈزەل سەھرادىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن.نېمىلا بولمىسۇن مەن ئۈچۈن مۇشۇ سەھرا ياخشى،ئۆز يۇرتۇڭدا تاپالمىغان پۇلنى،كىشى يۇرتىدا كىم قويۇپتۇ ساڭا ئۇنداق جىق تاپالىغۇدەك.
  قۇمغا كۆمۈلگەچ قىلىنغان شاكىچىكلەرنىڭ بۇ مۇلاھىزىلىرى يىڭى ئۆستەڭ بويىدىكى ھىلىقى قۇملۇقتا شۇ پېتى كۆمۈلۈپ قالغانىدى.


  ئەكىسچە تەقدىر ھەممىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى.ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى رېئاللىق ئۆمەرنى بولسا چوڭ شەھەردە ئۆي-مۈلۈك شېركىتىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرسا،كۆڭلىگە چوڭ ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن ھېلىقى تۇردىنى  ئاتا كەسپىنىڭ ھەقىقى مىراسخورى سۈپتىدە پىشقان بىر دېھقانغا ئايلاندۇرغانىدى.
  بىر كۈنى تۇردى ئۆزىنىڭمۇ باشقىلار كۆرگەن چوڭ سەھەرلەرنى بىر ساياھەت قىلىپ بېقىش نىيىتىدە،دوستى تۇرۋاتقان ھېلىقى چوڭ شەھەرگە كەلدى.ئەلۋەتتە تۇغۇلۇپ ناھىيە بازىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغان بۇ يىگىت كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ھەقەمسايىسى ئۆمەرگە خەۋەر قىلىپ قويۇشنى ئۇنتۇمىغانىدى.ئۇ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا دوستى ئۆمەرگە تېلفۇن قىلدى.
  ئالاھەزەل بىر ئاشپىشىم ئۆتۈپ،بىر دانە قارا پىكاپ ئىچىدىن كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيگەن سالاپەتلىك بىر ياش توختىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.
  -تىنىچلىقمۇ ئاداش كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،ئۆيدىكى بالا-چاقىلىرىڭ ساقمۇ؟....
  يۇقىردىكى دىئالوگلار سوئال-جاۋاپ شەكىلدە ئىككى قېتىمدىن تەكرارلىنىپ توختىغاندىن كىيىن،ھېلىقى قارا پىكاپ بۇ ئىككەيلەننى ئېلىپ نۇرغۇنلىغان پىكاپلار ئىچىدە كۆزدىن غايىپ بولدى.گەرچە ياش ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئانچە پەرىقلەنمىسىمۇ،تاشقى لىباس بىلەن دەۋىر ئالدىدىكى يۇقىرى-تۈۋەنلىك بۇ ئىككەيلەننى ئالاھىدە پەرىقلەندۈرۈپ تۇراتتى.
  -ھە،بۇ قېتىم شەھەرگە كىلىشتىكى مەقسىدىڭ نېمە؟-دېدى ئۆمەر تۇردىنىڭ توختىماي سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشتىن تۇيۇقسىز سوئال سوراشقا ئۆتۈپ.
  -ئە،مەن شۇ سېنىڭ بىلەن كۆرۈشكەچ  مۇنداقلا شەھەر كۆرۈپ ئايلىنىپ كىلەي دەپ شۇ-دېدى تۇردى ئېغىزىغا ئاپىراي دەپ قالغان بىر كاپام ئاشنى توختۇتۇپ.ئۆمەر دوستىنىڭ ئۆز نەزىرىدە مەتولارچە باش-ئايىغى يوق  بەرگەن  جاۋابىغا مەنسىتمىگەن ھالدا بىراۋدىن كەلگەن تېلفوننى ئېلىش بىلەن كۇپايىلەندى.
  -ۋەي،ماقۇل،ماقۇل ھازىرلا بارىدىكەن دەپ قويۇڭ مانا ھازىرلا يېتىپ بارىمەن.ئاداش مېنىڭ يەنە ئىشىم چىقىپ قالدى.سەن تامىقىڭنى يەپ بولۇپ ئاشخانا ئالدىدا ئولتۇرۇپ تۇر،مەن دىككىدە بېرىپ كىلەي.
  تۇردى دوستىنىڭ بۇ ئالدىراشلىقىنى توغرا چۈشىنەتتى.چۈنكى سەھرالىق ساددا بۇ دېھقان ناھايىتى ئېغىر-بېسىق ۋە قانائەتچان چوڭ بولغانىدى.ئۆمەر شۇ كەتكەنچە تۇردى ئاشخانا ئالدىدا قاق يېرىم كۈن ساقلىدى.بىر يەرگە كېتىپ قالسا دوستىنىڭ كېلىپ تاپالماسلىقىدىن ئەنسىرگەن بۇ ساددا دېھقان رېستۇراننىڭ بىر بۇلۇڭىدا سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرغان دوستىنىڭ ئالدىراشلىقىدىن خەۋرى يوق ئىدى.دوستىنىڭ قايتا-قايتا تېلفۇن ئۇرىۋىرىشىدىن زېرىككەن ئۆمەر ئاخىرى تۇردىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. دېمىسىمۇ تۇردىنىڭ ئاشخانا ئالدىدىكى بۇ ساقلاشلىرى خېرىدارلار ۋە ئاشخانا خۇجايىنىنىمۇ ئۇزىتىپ قويغانىدى.
  -ئاداش تېلفون ئۇرىۋىرىسەن،ئۇرىۋىرىسەن كەلدىمغۇ مانا دەپلا چۈشتى ئۆمەر پىكاپتىن.تۇردى دوستىنى رەنجىتىپ قويغانلىقىدىن سەل ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ،-ئۇغۇ شۇ ئاداش،بايام ئالدىراپلا كېتىپ قالدىڭ،ساڭا ئاتاپ سەھرادىن ئازىراق قوناق ئۇنى ئالغاچ كەلگەنتىم.ئالە ئامانىتىڭنى،سەھرانىڭ نازۇ-نېئمەتلىرىنى سېغىنىپمۇ قالغانسەن.
  -بولدى ئاداش،بۇ قوناق ئۇنىمۇ ئۆزۈڭدە قالسۇن،ئۆيگە ئاپارساممۇ يەڭگەڭ بار يەردە قورۇنۇپ قالىسەن.مەن ئۆي-مۈلۈك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندىكىن سېنى بىر ئۆيگە باشلاپ ئاپىراي كېچىچە شۇ يەردە قونغىن.ئەتە بىر گەپ بولار-دېدى دوستىنىڭ قولىدىكى خالتىغا قاراپمۇ قويماستىن.
  تۇردى ئۆمەرنىڭ ئۆزىنى ئۆيگە ئاپارمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئاستا ماشىنىغا چىقتى.ئەمەلىيەتتە تۇردىنىڭ مەقسىتى دوستى بىلەن بىرەر ئاخشام مۇڭدىشىپ ،ئۈچ-تۆت  كۈنگە قالمايلا يۇرتىغا كېتىش ئىدى.ئۆمەر پىكاپنى خېلى ئۇزۇن ھەيدەپ شەھەر ياقىسىدىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىغا ئەكىرىپ توختاتتى.
  -مانا بۇ بىنادا مېنىڭ ئىجارە بېرىدىغان بىر ئۆيۈم بار،بىر نەچچە كۈن كېتىدىغان چاققىچە مۇشۇ يەردە تۇرغىن.
  تۇردى دوستىنىڭ  ئۆزىنى ئۆيىگە بىرەر قېتىم بارىلىمۇ دەپ قويماستىن  بۇ كونا بىناغا ئەكىلىپ قويغانلىقىدىن سەل رەنجىگەن بولسىمۇ تالاي قېتىملاپ داق يەرلەردە يېتىپ كۆنگەن بۇ ياشقا نىسبەتەن بۇ ئىشلار ئانچە بېنورماللىق بېلىنمىدى.لىكىن ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىنى،بۇ بىنادا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى.
  -بۇ ئۆيدىكىلەر كۆچۈپ كەتكىلى خىلى ئۇزۇن بولدى ھەم بۇ بىنادىمۇ ئادەم ئاز،-ئۆمەر شۇنداق دېگەچ ئىشىكنى ئاچتى.ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۆي ئىچىدىن بىر خىل قانسىق پۇراق دىماققا ئۇرۇلدى.ئۆمەر ئۆيگە كىرىپلا ئۇيەر-بۇ يەرنى سىلاشتۇرۇپ بىردەم  ئىزدىگەندىن كىيىن،-ئاپلا ئاداش،توكنىڭ كارتىسىنى نەدە قويغانلىقىم ئېسىمدە يوق،بۇ ئۆيدە ئادەم ئولتۇرمىغاندىكىن دەپ توكمۇ ئېلىپ قويماپتىكەنمەن.بۇ كېچىدە توك ئىشلەتمىگەندىكىن  كۆزۈڭنى يۇمساڭلا ئۇخلاپ قالىسەن دېگىنە،بىرىنچى قەۋەت بولغاندىكىن سەل پۇراپ قاپتۇ.
  تۇردى دوستىنىڭ بۇ كېچىدە ئۆزىنى قانداق يەرگە ئەكىلىپ قويغانلىقىدىن سەل ئەجەپلىنىپ ئۆي ئىچىگە سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى.ئۆي ئىچىدىن چىقىۋاتقان بەدبۇي پۇراق ۋە ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئۆي جاھازلىرى بۇ ئۆينى تېخىمۇ سۈرلۈك قىلىۋەتكەنىدى.
  -ماقۇل ئاداش،مەن قايتاي ،ئەمىسە سەنمۇ ئارام ئال ،يولدا كەلگىچە چارچاپ كەتكەنسەن.
  -ماقۇل ئاداش خوش.
  ئۆمەرنىڭ تۈمۈر ئىشىكنى «گوپ» قىلىپ يېپىشى بىلەن تۇردى ئۆزىنى تۈرمىنىڭ كامىرىغا سولانغاندەك ھېس قىلىپ كەتتى.  ئۆمەر كېتىپ بىر ئازدىن كىيىن تۇردى دىماغنى ئېچىشتۇرغىدەك بۇ پۇراققا چىدىمىدىمۇ،دېرىزىنى ئاچماقچى بولۇپ پەردىنى ئۆرۈپلا چۈچۈپ كەتتى.دېرىزە تەكچىسىدە قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ غاجىلاپ تاشلىۋىتىلگەن بىر نەچچە پارچە سۆڭىكى تۇراتتى.
  -بۇ نېمىنىڭ سۆڭىكى بولغىيتى؟
  تۇردى كۆڭلىدىن  يالت قىلىپ ئۆتكەن بىر قورقۇنۇشلۇق خىيالدىن ئەندىكىپ كەينىگە قارىدى.ئۆي ئىچى شۇنداق تىمتاس.
   -بۇ ئۆيدە ئىلگىرى قانداق ئادەملەر ئولتۇرغان بولغىيتى؟
  سىرتتىمۇ چېكەتكىلەرنىڭ چۇرۇلداشقان ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق شەپىمۇ ھەتتا شامالمۇ يوق.كەڭرى سەھرانىڭ ياز كېچىلىرى گاھى خامانلاردا،گاھى ئېتىز باشلىرىدا يۇلتۇز ساناپ يېتىپ،قورقۇنچ دىگەن خىيالىغىمۇ كەلمەيدىغان بۇ يىگىت بۇ ئاخشام بۆلەكچىلا بوپ قالغانىدى.بۇلۇڭدىكى كىيىم ئاسقۇغا ئېسىپ قويۇلغان پەلتۇ ھېلىلا ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ كىلىدىغاندەك قىياپەتتە.ئۇ ئاستا تېلىۋىزۇر ئالدىغا كەلدى.تېلىۋىزۇر يىنىدىكى  بىر چاقماقنى كۆرۈپ،خۇددى ئۆزىگە يىڭى بىر ھەمراھ  پەيدا بولغاندەك خوش بوپ كەتتى.غۇۋا  بىر يورۇقلۇق ئىچىدە ئاشخانىغا كىردى.ئاشخانا شۇنچىلىك مەينەت ئىدىكى يۇيۇلمىغان قازان ۋە كۆكىرىپ پاختىلىشىپ كەتكەن تەخسىلەر شۇنداق رەتسىز تۇراتتى.ئۆي ئىچى ئاجايىپ سۈرلۈك.ئۇنى ئەمدى ھەقىقەتەن قورقۇنچ باستى.ئۇ يەنە ياندىكى  ئىككى ھوجرا ئۆيگە كىرىپ باقماقچى بولدىيۇ،يۈرىكىدىكى مۇدھىش بىر قورقۇنۇشنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ توختاپ قالدى.ئۇنىڭ خىيالدا ھوجرا ئۆيدە  ھېلىقى چاغدىكى چاچلىرى چۇۋۇق ،يۇز-كۆزلىرى بەدبەشىرە ئاشۇ موماي ئولتۇراتتى. ئۇ ھوجرا ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا موماي ئۇنى قورقىتىدۇ.
  -ئاھ خۇدا،بۇ ئۆيگە نېمىشقىمۇ كەلگەن بولغىيتىم.
  تۇردى قانچە ئويلىماي دېسىمۇ كىچىكىدە ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان،كۈندۈزلىرى ئويلىسىمۇ تېنى شۈركىنىدىغان قورقۇنۇشلۇق ھېلىقى كۆرنۈش كۆز ئالدىغا كېلىۋالدى.
  تۇردى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا چوڭ بولغان بولۇپ،تۇردىنىڭ ئۆگەي ئانىسى سارىخان سۈت سېغىپ ساتاتتى. ئالدىنقى كۈنى سېتىلغان سۈتنىڭ قاچىسىنى يىغىش كۈندۈزلىرى كالا بېقىپ ھېرىپ كەتكەن  بىچارە تۇردىنىڭ زىممىسىدىكى ئىش بولۇپ،ھەر كۈنى زاۋالدىن كىيىنلا قولۇم-قوشنا ،مەھەللە-كويلاردىن قاچا يىغاتتى.بىر كۈنى كەچ ئۆيىگە خېلى يىراق «ئەسكى بىنام»دەپ ئاتالغان ئۈچ-تۆت ئائىلىلا ئولتۇرىدىغان كىچىك مەھەللىگە ئالدىنقى كۈندىكى قېتىقنىڭ قاچىسىنى يىغققىلى باردى.«ئەسكى بىنام»غا بېرىش يولىدا بىر چوڭ قەبرىستانلىق بىلەن كونا بىر تۈگمەن بولۇپ،ئۇ ھەر قېتىم بۇ يەردىن ئۆتكەندە  يەرگە قاراپ يۈگۈرگەن پېتى ئۆتۈپ كېتەتتى.قايتىش يولىدا بۇ قېتىممۇ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭغا قەبرىستانلىق ئىچىدىن كۆيۋاتقان بىر ئوت كۆرۈندى. ئوتنىڭ يىنىدا بىر قېرى موماي قولىدا بىر سۆڭەكنى غاجىلاپ ئولتۇراتتى. يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالاي دەپ قالغان تۇردى ئەمدى قاچاي دەپ تۇرىشىغا ،موماي تۇيۇقسىزلا يانغا بۇرۇلۇپ،-توختا بالا،توختا.قېتىق ئېچىمەن .قېتىقىڭدىن ماڭىمۇ بەر،-دەپ توۋلاۋاتاتتى.تۇردى كەينىگىمۇ قارىماستىن جېنىنىڭ بارىچە قاچتى.كەينىدىن بىرسىنىڭ پالاقشىپ  قوغلىغان شەپىسى  ئۇنىڭغا نەچچە چامداملا يەردە كېلىۋاتىدۇ.«ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك »دېگەندەك كەينىدىن كېلىۋاتقان ئاياغ تېۋىشى كونا تۈگمەننىڭ قېشىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز يوقاپ،تۈگمەننىڭ ئىچىدىن بىر نەچچە كىچىك بالىنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
  -قېتىقىڭىزدىن بىزگىمۇ بەرمەمسىز .ھا ھا ھا!
  -توختاڭ بىزگىمۇ بېرىڭ قېتىق ئىچىمىز.ھا ھا ھا!
  قورققىنىدىن جان-پىنى چىقىپ كەتكەن تۇردىغا بۇ ئاۋاز خېلى يەرگىچە ئەگىشىىپ كەلدى.
  تاراق،تاراق،-تۇردىنىڭ قورقۇنۇشلۇق خىيالىنى ئەۋجىگە چىقىرىپ ،ئۆي ئىچىدىن چىققان بۇ ئاۋاز بىلەن ئۇ خىيالىدىن  ئېسىگە كىلىپ قارا تەرگە چۈمۈلۈپ كەتتى .ئەجىبا ئاشۇ قورقۇنۇشلۇق كۆرنۈش يەنە تەكرارلىنارمۇ؟ناۋادا ئاشۇنداق بولسا....
  تۇردى دەرھال بۇ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.چۈنكى ياز كۈنى بولغاندىكىن يول بويىدىكى كوچا چىرىقى ئاستىدا ئولتۇرۇپمۇ تاڭ ئاتقۇزغىلى بولاتتى. ئۇ ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى-دە،ئىشىك ئالدىغا كەلدى.
   تاك-تاك-تاك...
ئۇ ئەنسىرگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى.كىمدۇر بىرسى ئىشىك چېكىۋاتاتتى. ئۇ ئىشىكنىڭ مۈشۈك كۆزىدىن قاراپ باقماقچى بولدىيۇ،ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئېغىزلىرىدىن قان تامچىپ تۇرىدىغان،چېقىر كۆزلۈك بىر مەخلۇقنىڭ قورقۇنۇشلۇق تەلەتىنى كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى.خۇددى كەينىدىن بىر قول ئۇنىڭ مۆرىسىنى تۇتىدىغاندەك چۈچۈپ كەينىگە قارىدى ۋە قارا دىگەندەك ياتاق ئۆينىڭ كارۋىتىدا ئوڭدىسىغا ياتقان  چوڭ بىر يەكچەشمە قونچاقنى كۆرۈپ قىلىپ ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدى.
   تاك-تاك-تاك..
   ئىشىك يەنە چېكىلدى.بۇ قېتىمقىسى تېخىمۇ قاتتىق ھەم قورقۇنۇشلۇق ئىدى. ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا ئاستا جايىغا كىلىپ ئولتۇردى ۋە ئارقىدىنلا دېرىزىنى ياپماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى .ئۇنىڭ ئەمدى ماڭغۇدەكمۇ ماجالى قالمىغاندى.
  -ئۆمەر قايتىپ كەلگەنمىدۇ يا؟ياق،ئۇ كەلگەن بولسائىسمىمنى چاقىراتتى.ناۋادا بۇ ئادەم بولسا چاقىرىشى مۇمكىن.ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى خېلى داۋاملىشىپ ئەمدى توختاپ قالدى.تۇردىمۇ سەل ئېسىگە كىلىپ تۇرىشىغا يالت قىلىپ ئۆتكەن بىر كۆلەڭگە دېرىزە تۈۋىدە توختىدى-دە،ئەمدى بۇ قېتىم دېرىزە ئەينىكى چېكىلىشكە باشلىدى.بۇ چېكىلىش شۇنداق ئاستا ھەم سۈرلۈك ئىدى.تۇردىنىڭ شۇ تاپ كىچىكىدە ئۆگەنگەن سۈرىلەرنى ئوقۇغۇسى بولسىمۇ ھچقايسىسى ئېغىزىغا كەلمەيۋاتاتتى. چېكىلىش خېلى داۋاملاشقان  بولسىمۇ ئۆي ئىچىدىن  قاتتىق گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرەك تېۋىشىدىن باشقا ھېچقانداق سادا چىقمىدى .بەلكىم بۇ كۆلەڭگە ئۆي ئىچىدىكى ئاشۇ جۈپ تېۋىشلارنى ئاڭلاۋاتقاندۇ.قانچىلىك ئۆتكەنلىكى نامەلۇم،ئەمما كېچە سائەت دەل12:00.
   تاك-تاك-تاك...
  ئىشىك يەنە قايتا چېكىلدى.بۇ چېكىلىش دەم ئشىكتىن دەم دېرىزە ئەينىكىدىن ئاڭلىناتتى.ئۆي ئىچىدە ھازىر نېمىش بولغانلىقى نامەلۇم.ئەمما ئۆي ئىچى بىرسىنىڭ قاتتىق چىرقىرغان ئاۋازىنى ئەكىس سادا قايتۇرۇپ ئەسلىدىكى جىمجىتلىقىغا قايتتى......
  

تاڭ ئاتتى. تۇردىنىڭ بۇ كىچىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكنى،ئۇنىڭغا ھازىر نېمىش بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.بىر چاغدا ئىشىكتىن كۆزلىرى قىزارغان، چاچلىرى چۇۋۇق ،تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدىن بەئەينى بىر مۇردىغا ئايلىنىپ قالغان بىر ئىنسان كوھقاپتەك قورقۇنۇشلۇق بۇ ئۆيدىن  چىقىپ كەتتى.
  لىكىن ئۇ ئۆيدىن چىقىپ ئىشىكنى ياپقىنىدا،ئىشىككە چاپلاپ قويۇلغان«ئۆيىڭىزنى ئىجارە ئالماقچىتۇق.كۈندۈزى يوقمىكىن دەپ كەچتە كەلسەكمۇ يوقكەنسىز،ئۆيىڭىزنى ئىجارە بەرمەكچى بولسىڭىز *********** نومۇرغا تېلفۇن قىلىڭ»دىگەن خەتنى كۆرمىدى.....


   ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۇردى  يۇرتىغا قايتقاندىن كىيىن كېچىلىرى ھېلىقى كونا تۈگمەن بىلەن  قەبرىستانلىققا پات-پات بارىدىغان بوپ قاپتۇمىش.
                                                                                            تۈگىدى.
                                          2013-يىل 8-ئاينىڭ15-كۈنى.          ئۈرۈمچى.
  مەنبە :ئۆز تەسەۋۋۇرۇم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lokmanhakim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-15 09:51 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mirzadam + 126 ئانچە قورقمىدىغۇ . بەك.
hayat + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 426   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96951
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-8-13
ئاخىرقى: 2013-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 12:20:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنچە قورقۇنۇشلۇق ئەمەسكەنغۇ،،،قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96951
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-8-13
ئاخىرقى: 2013-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 12:20:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنچە قورقۇنۇشلۇق ئەمەسكەنغۇ،،،قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.......

dawir111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 12:29:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90383
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 01:30:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسەۋۋۇرغا بايكەنسىز يەنىمۇ تىرىشىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96576
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 160
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 01:55:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wah  kaligizga kandakmu kalgandu butima  uzigiz yazgiqa koruk midigiz ma

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3315
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10393
تۆھپە نۇمۇرى: 600
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 02:18:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن ھارماڭ !

گەزنىنىڭ  ئىككى يۈزى بار ،بىر يۈزىدە نان ياقىدۇ .ئادەمنىڭ بىر يۈزى بار  ئىككى يۈزىدە جان باقىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5340
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8045
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2093 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 02:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى   بىر  قىسىم   تورداشلارغا  جىن  چاپلىشىپ  قالدىمۇ  يا  ؟  ئەجەب  جىننىڭ ھىكايىللىرىنى   يازىدىغانلار  كۆپىيىپ  قالدى  .   چاخچاق  جۇمۇ  ؟  
تېخىمۇ  قورقۇنۇچلۇق   ،  تېترەپ  ،  سۈر  بېسىپ  تۇرۇپ  ئوقۇغۇدەك   جىن  ھىكايىللىرىنى كۆپرەك يېزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

غەلبە تىرىشچانل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11054
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 1186 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 02:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىڭغا بەخت قۇشى قونغاندا دوستۇڭ سىنى چۈشىنىدۇ، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە سەن دوستۇڭنى چۈشنىسەن.

مۇشۇنداق نامەرت دوستتىن خۇدايىم ساقلىسۇن!!!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
joda☠ + 59 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

مۇھەببەت ياخشى كۆرگەنلەرگە ئەمەس، قەدىرلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!!!

ئۈمۈدلىك كەلگۈسۈم ئۈچۈن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2483
يازما سانى: 613
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10794
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1442 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 04:37:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايە شۇنداق ياخشى يېزىلىتپتۇ، مەزمۇنىمۇ ئىخچام ، چۈشىنىشلىك ۋە جانلىقكەن.
ئاشۇنداق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆزگىرىپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا پەقەتلا ئېغىر كۈن كەلمەمدىغاندۇ بۇ ئۆمرىدە ...

ئائىلە پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جاي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش